hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 03:24 AM
شارەكتەك يۇمىلاپ مۇنبەرلەر ئارا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان ب ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
ھۇرمەتلىك ھوكۇمران ئەپەندىم سىلى ئوزلىرىنىڭ رەددىيە شۇناسلىق ئالىم ئىكەنلىكىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم...
تىما يوللىغۇچىنى تىمىسىنى مارشال ئەپەندىم تەستىقلاپتۇ....
چۇنكى مىسرانىم مۇنبىرىدە تەستىقلايدىغان تىما بولمىغانلىقىدىن تەستىقلىغان تىما بولماستىن بەلكى ، مۇشۇ تىما دولىتىمىز ‹‹ پۇقرالارنىڭ قانۇنى ئىززەت ھورمىتىنى چۇشۇرىدىغان، قۇتراتقۇلىق قىلىپ، ئابرۇيىغا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان›› قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىش بولمىغانلىقى، بەلكى ، تىما ئىگىسى ئوز پىكرىنى ئوتتىرىغا قويغان ، شۇ ئۇمىد غەنى ئەپەندىمنىڭ خاتالىقىنى كورسىتىپ بەرگەنلىكى ئۇچۇن، ئىلمىيلىكى بار دەپ بىلگەن مارشال ئەپەندىم بۇ تىمىنى تەستىقلىغان...
ھوكۇمران ئەپەندىم.... بۇتىمىنىدا سىلىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ، بايانات ئىلان قىلغانلىقىدىن، ھەم بەكلا بالدۇر بايانات ئىلان قىلغانلىقدىن ، سىلىنىڭ تولىمۇ ئالدىراقسان ئىكەنلىنى ھىس قىلدىم...
ھازىر بۇتىمىدا ئىككى گورۇھ بولۇش، تور يۈزىدە بىر بىرسىگە خىرىس قىلىش شەكىللىنىپتۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى سىلى ئوزلىرى بولۇپلا؟ خاتامۇ يە؟
سىلى ئوزلىرى ‹‹ نىما ئۇچۇن تەكلىپشۇناس ئالىم›› دىگەن بۇيۇك ئاچچىق كىنايە بىلەن قىلىنغانمۇباراك سۆزلىرى بىلەن بالدۇرلا تىما ئىگىسىگە قىلىنغان قارشى سۆزنى قىلىلا؟
ئازراق ۋاقىت ساقلاپ تۇرۇپ، باشقۇرغۇچىلىق ئورۇنلىرىدا بىردەم سەۋىر تاقاتنى ئاساس قىلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغان بولسىلا... ئاۋۋال تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلااپ بىقىپ، ئۇلارمۇ سىلى دىگەندەك، تىما يوللىغىچىنىڭ خاتالىقى بولغان بولسا، شۇلارمۇ دىيەر بولغۇيتى؟
بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى .... تما يوللىغۇچى سىلىنىڭ، ھەم سىلىگە ئەگەشكەن، ھەمتىما يوللىغۇچى نىمە دەۋاتىدۇ، سىلى نىمە داۋاتىدۇ، شۇنى چۇشەنمەي، ئاڭقىرالماي، پەقەت سىلىگە ياخشىچاق بولۇش، ھەم سىلىنىڭ ماختاشلىرىگە سازاۋەر بولۇش ئۇچۇن قوللاۋاتقانلارغا، ھەم تىما يوللىغىچىنىڭ ئوزىنىڭ خاتالىقى بولغان بولسا، بۇينىغا ئالمىغانلىقى بىلىپ، نەپرەتلەندىم...
بەزىلەرنىڭ ئىسلامنى دەستەك قىلىپ، سۆزلىگەن سۆز ئويۇنلىرىغا ئورگىلەي!
ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار،ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر دىمەيمىز ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمان دىمەيمىز؟بەشۋاق نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، سەجدىگە ميڭ قىتىملاپ باشقۇيغان بىلەن ئۇنى ، ئالىم، ھاجىم، قارىم، ئولىماكەن دىمەيمىز .. بەلكى قۇرسىقىدىكى ئومۇچىغا قاراپ، ئەخلاق پەزىلىتىگە، ھەم ، باشقىلارغا بولغا ھورمىتىگە قاراپ، ھورمىتىمىز ئاشىدۇ ھەم شۇنى قاراپ باھا بىرىمىز دەيمىزغۇ دەيمەن...
شۇنىڭغا ئوخشاش، بىرسىمىزگە زىديەت خاراكتىلىق، بىر -بىرسىمىزنى ئاتالمىش ، ئالىم، سوپى، ئەگەشكۇچى، ھەم ئىدىيىسى قالاق خاراكتىرلىك پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلمىساقمۇ ئۇلگىرىمىزغۇ دەيمەن...
دىلنار ئابدۇللانىڭ رەسىمىنى ۋۇتۇشۇپ ئارقىلىق، تازنىڭ شەكلىگە ئەكىلىۋىلىپ، ياغلىق چەككەننى قارشى تۇرغانلىق ئۇچۇن ، تاز بولۇپ قاپتۇ دىگەندەك قۇتراتقۇلۇق سۆزلەرنى چچ توپلاردا ئىقىپ يۇرمەكتە....
داڭلىق ئىتۇتچىىمىز، ئەلسۆيگەن سەنئەتكارىمىز ئابدىرىھىم راھمان(رىيىم قان) كوپنىڭ كۇچى ئارقىلىق ناۋادىكى رىياسەتچىلىدىن قىلىپ، ئىتۇتقىمۇ چىقالماس بولۇپ قاپتۇ.
يەنە شەمسىيەنى ناۋادىن چىقرۋىتىپ، مۇنىرە غۇپپۇرنى ناۋاغا ماس كىلەتتى دىگندەك قۇتراتقۇلۇقلارغا ئۇلگۇردۇق... كاللىمىزدا، كىم قاياققا داپ چالسا، شۇياققا، قاراپ، مۇزىكا رىتىمىنى بىلمەي ، ساراڭلارچە ، ئوڭ تەتۇر دەسسەپ، ئوزىمىزنى ‹‹ ساماچى›› دەك ھىس قىلىپ كەتكەنلىكىمىزگە مىڭ نەلەت...
كىملەرنىڭ كەينىدىن ، ئاتالمىش ‹‹ خاتالىقنى بىلەلمىگەشكە ياردەم قىلىپ تۇزۇتۇپ بەردۇق›› دەپ سەرۋەۋىلىك ماقالە، تىما، ئىنكاسلارنى يوللايمىزيۇ، بىراق شۇكىشىگە شۇنچىلىك ئازاپ ئىكەنلىكىنى ھىش قىلالمايمىز...
ھايات بولساق توردا، ئولسەك گوردە تىللايمىز دىگەن ئىدىيە بىزگە سىڭىپ كەتكەن.
بىزدىكى .... مائارىپنى قوللىشىمىز قانداق بولىۋاتىدۇ...
بىزدىكى مىللەت ئىتتىپاقلىقىمىز قانداق بولاۋاتىدۇ...
بىزدىكى ئىلىم-پەن ئوگىنىشىمىز قانداق بولاۋاتىدۇ....
بىزدىكى ئاڭ سەۋىيە تەرەققيىتىمىز قانداق بولاۋاتىدۇ
بۇ توغرلىق ئويلاشتۇقمۇ؟
بىزنىڭ ئويلاشقىنىمىز، باشقىلارنىڭ خاتالىقى دىيىش، بەلكى ئوزىمىزدە بار خاتالىققا ئويلىشىمىزغا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجراتتۇقمۇ؟
ئاۋۋال ئوزۇڭنى تۇزەت ئاندىن ئوزگىنى ....دىگەن ئەقلىيە سۆززىمىزنى مىليۇن تىللاغا تىگەشكۇسىز ئەڭگۇشتەرىمىز با...
شۇڭا دەيمەن..... بۇ ‹‹ يۇرەك سۆزۇم›› بەلكى ھوكۇمران ئەپەندىگە نەقىل شەكلىگە ئىلىش ئارقىلىق باشقىلارغا قىلىنغان، غەزەپلىك بىلەن ئۇرۇلغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى.
مەن قاخشىغان بىلەن، ھوكۇمران ئەپەندى قاخشىغان بىلەن، كوڭلى تۇز ياخشى كىشلىرىمىزقاخشىغان بىلەن قانچىلىق كىشلىرىمىز ، خاتالىقىنى تۇزىتەلەيدۇ؟
ئوزى توغرىلىق ئويلىنالايدۇ؟
پەقەت بىزدىكى ئاتالمىش پەزىلەت.. باشقىلارنىڭ جاتالىقىنى ھاياجانلىنىش بىلەن ئىيتىش خالاس...
مەنمۇ يۇرەك سۆزۇمنى دىدىم خاتالىقىم بولسا، تۇزۇتۇپ ھەمسوھبەتتە بولغايمىز....
ھوكۇمران ئاپەندىم ئوزلىرىنى بوتوغرىلىق پكرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن... قىنى مەرھەمەت