ئىككىنچى دەرس
سىزنىڭ مەبلەغ سېلىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان ياخشى تۈر زادى قايسى؟
ئىككىنچى دەرس بىرىنچى پارگىراف
پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپقىلى بولىدىغاننى ئەمەس، بەلكىسىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغاننى تاللاڭ
ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر دەسلەپتە قايسى تۈردە ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغاندا مۇنداق باش ئاغرىقىغا يولۇقىدۇ: قايسى كەسىپنى تاللاش كېرەك؟بەزى تۈرلەرگە ئەينى ۋاقىتتىكى كۆز بىلەن قارىغاندا ھەقىقەتەن پۇل تاپقىلى بولىدۇ،بىراق تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى بولۇشى ناتايىن؛ بەزى تۈرلەر ئېھتىمال كىشىلەر تەرىپىدىن ياخشى دەپ قارالماسلىقى مۇمكىن، بىراق بازار ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر بۇ ئىككى خىل قىيىن ئەھۋاللار ئوتتۇرىسىدا تەڭقىسلىقتا قالىدۇ.
ئومۇمەن ئېيىتقاندا، ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تاللاشتا ئاۋال ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بازار ئېھتىياجى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاش كېرەك. تۈر تەۋە بولغان كەسىپ، تۇرۋاتقان قاتلام، تەرەققىيات ئىستىقبالى، تۈر ئەۋزەللىكى،ساقلانغان خەتەر، رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش لازىم، يەنە تۈرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە قارىتا تەھلىل ئېلىپ بېرىش،قارىغۇلارچە ھەركەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى خەتەرنى ئازايىتقىلى بولىدۇ.
چېڭ جىچىيەن چاڭچۈندىكى بىر ۋاكالەتچىلىك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، ئۇ 2010 – يىلى «پىياۋلىيۇمۇ»كاناپلىرىغا ۋاكالەتچى بولۇشقا مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ سودىدىن خېلىلا پايدا ئېلىپ قالغان ئىدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، چېڭ جىچىيەن بىر ئادەتتىكى كارخانا خىزمەتچىسىدىن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك خوجايىنغا ئايلانغان.ئىگىلىك تىكلەپ باي بولماقچى بولغانلارنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئېنىقلا بىر قەدەر تەلەيلىك ھېسابلىناتتى. ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن؟ چېڭ جىچىيەن بىز بىلەن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
«پىياۋلىيۇمۇ» كاناپلىرىنى تۇتۇشتىن بۇرۇن، ئۇ باشقا نۇرغۇنلىغان تۈرلەر بىلەن ھەپىلىشىپ باققان، ئۇ ھەربىر تۈرگە نىسبەتەن ئەستايىدىل تەھلىل ۋە تاللاش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا نۇرغۇنلىغان تۈرلەر ئىچىدىن بەش تۈرنى تاللىۋالغان.
چېڭ جىچىيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ كاناپ بازىرىدا پەقەت بىر قىسىم ماركىسىز، سۈپەتسىز ماللار بولۇپ، ماركىلىق كاناپلار يوق دىيەرلىك ئىدى. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، «پىياۋلىيۇمۇ» كاناپلىرىنىڭ چىقىشى دۆلەت ئىچىدىكى كاناپ بازىرىنى مونوپول قىلىۋالغان. يەنە كېلىپ «پىياۋلىيۇمۇ» كاناپلىرى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېكىسپورت قىلىدىغان زاۋۇتتىن تەرەققىي قىلىپ چىققان بولغاچقا،لايىھەلەش كوللىكتىپىمۇ كۈچلۈك ئىدى، ۋاكالەتچى بولۇش ھەققىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، پايدا بوشلۇقى يۇقىرى ئىدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەقىقەتەن ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت ئاسىراش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ،كۆن – خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى يېڭىلىقنى قوغلىشىدىغان ئەر – ئاياللارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بولماي قالدى، مۇشۇنداق شارائىتتا كاناپ رەختلەر زامانغا ماسلاشقان،سىپتا، چىدامچان ۋە ئىشلىتىلىش يوللىرى كەڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. بولۇپمۇ «پىياۋلىيۇمۇ» كاناپلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە، خاسلىق پۇرىقى كۈچلۈك بولغاچقا، مودا قوغلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تەلپىگە ناھايىتى ماسلاشقان. شۇ سەۋەبتىن، كاناپ چوقۇم مودىغا ئايلىناتتى.
بازارئەھۋالىدىن قارىغاندا، «پىياۋلىيۇمۇ» كاناپلىرى چېڭ جىچىيەن ياختۇرغان بەش تۈر ئىچىدىكى پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپىدىغىنى ئەمەس، بىراق ئۇ بەش تۈر ئىچىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان تۈر ھېسابلىناتتى. شۇ سەۋەبتىن، چېڭ جىچىيەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن«پىياۋلىيۇمۇ» كاناپلىرىنى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش نىشانى قىلغان. ئۇ ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: «پۇل تېپىشقا ئالدىرىماي،تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆزلەش كېرەك.»
ئەمەلىيەت چېڭ جىچىيەننىڭ تاللىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. نۆۋەتتە، «پىياۋلىيۇمۇ»كاناپلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىك دۇكىنى 100 دىن ئاشقان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋەكالەتچى دۇكانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 700 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان. باش شىتاب ئۈچ يىل ئىچىدە ۋاكالەتچىلىك دۇكىنىنى 500 گە يەتكۈزۈپ، ساندۇق ۋە سومكا كەسپىدىكى سەردارغا ئايلىنىشنى پىلانلىغان.
يېڭى ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندا، ئاۋال ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بار –يوقلۇقىغا قاراش كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلىگۈچى شۇ جاينىڭ بازار ئەھۋالىنى كۆپرەك كۈزىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بارلىق تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ پايدا بوشلۇقى بار – يوقلىقىغىمۇ قاراش كېرەك. گەرچە بەزى تۈرلەرگە بولغان ئېھتىياج چوڭ بولسىمۇ، بىراق كېتىدىغان دەسمىي كۆپ، پايدا ئاز، ئۇزۇن ئاۋارىچىلىق تارتسىمۇ ئارانلا جاننى باققىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق تۈرلەر بولسا، چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىشىشىڭىز كېرەك. بىراق نۇرغۇنلىغان ئۈمىدۋار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دائىم ئۆزىنى زورلاپ، نىشاننى ئېنىق قىلماستىن، قارىغۇچلارچە ئۆزىنىڭ غايىسىنى قوغلىشىدۇ.
ئۇنداقتا، بىز بىرلىكتە مايۈننىڭ قانداق قىلىپ«ئەلى بابا» نى پۈتكۈل مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىكى ئېلېكترونلۇق سودا تور بەتلىرىنىڭ سەركىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقىغا قاراپ باقايلى.
1997 –يىلى، مايۈن ئىلگىرىكى تاشقى – ئىقتىساد سودا مېنىستىرلىكى قارمىقىدىكى جۇڭگو خەلقئارالىق ئېلېكترونلۇق سودا مەركىزىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان، ئۇ ۋاقىتتىكى خىزمەت سەرگۈزەشتىلىرى مايۈنگە مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى ھېس قىلدۇرغان: بۈگۈنكى كۈندىكى ئاسىيا، بولۇپمۇ جۇڭگو دۇنيانىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ياساش كەسپىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. گەرچە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلىرى مەركەزلەشكەن،سان جەھەتتىن ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار سودا ساھەسىدە ئىزچىل «ئاجىز توپ»بولۇپ كەلگەن.
گەرچە غايەت زور خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرى بولسىمۇ، بىراق كۆلەم، مەبلەغ، ئالاقە يولى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، بۇ ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار بازار كېڭەيتىشكە ئامالسىز قالغان. شۇ سەۋەبتىن، ئېكىسپورت يىتەكچىلىك قىلىنغان تىپتىكى ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان ئاسىيادا، كىچىك ئېكىسپورت سودىگەرلىرىنىڭ بازار ئاچمىقى ناھايىتى تەس،دۆلەت سىرتى بازىرىنى ئېچىشمۇ ناھايىتى قىيىن بولۇپ، ئاخىرىدا بىر قىسىم چوڭ سودا شىركەتلىرى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلاتتى.
مايۈن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ داۋاملىق «مۇھاسىرە» ئازابى تارتىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالماي، ئۇلار ئۈچۈن چىقىش يولى تاپماقچى بولغان. ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق، مايۈن ئېنتىرنىت تورىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغان. ئۇ بۇ ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئېنتىرنىت تورىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق دەپ ئويلىغان. ئەگەر ئېنتىرنىت تورىنى ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىسا، ئۇلار پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا خېرىدار ئىزدىيەلەيىتتى؛ پەقەت ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىقلا، بۇ ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە تونۇشتۇرالايىتتى... مايۈن ئۆزىنىڭ يۆلىنىشىنى تاپقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە خاڭجۇغا قايتىپ «ئەلى بابا» نىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى باشلىغان.
ئومۇمەن ئېيىتقاندا، كەسىپ تاللاشتا چوقۇم ئۆزىگە ماس كېلىدىغىنىنى ۋە ئۆزى تونۇشلۇق بولغاننى تاللاش كېرەك، مەسىلەن: ئۆزىنىڭ كەسپى، تەجرىبىسى، قىزىقىشى،ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىنىڭ خاراكتېرى قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى تاللاش كېرەك. ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى توغرا تونۇشى،ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يىتەرلىك جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، پەقەت ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تۈرنى تاللىغاندىلا ئاندىن كەسكىن رىقابەت قاينىمىدا پۇت دەسسەپ تۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، چوقۇم ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىماسلىق كېرەك.» مەسىلەن: مەلۇم بىر تۈرنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتتە كىرىشىش، ئەڭ ئاز مەبلەغ بىلەن بۇ تۈرنى چۈشىنىپ بېقىش، بازارنى تونۇش،پۇرسەتنى تۇتىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت كەلگەندە، مەبلەغنى كۆپەيتىپ بىراقلا ئاتلىنىش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا،يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان تۈرلەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش كېرەك. تۈر تاللىغاندا قارىغۇلارچە باشقىلارغا ئەگەشمەسلىك، ئەڭ مودا، پۇلنى ئەڭ كۆپ تاپىدىغان كەسىپلەرگە مەھلىيا بولماسلىق، ھەتتا ھىچقانداق تەكشۈرۈش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قارىغۇلارچە ھەركەت قىلماسلىق كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، مودا بولغان كەسىپلەر ئاللىقاچان تويۇنۇشقا باشلىغان، رىقابەتمۇ ناھايىتى كەسكىن بولغان بولىدۇ، بازاردىكى شاللىنىپ كېتىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، گەرچە يەنە تەرەققىيات بوشلۇقى بولسىمۇ،بىراق ئىستىقبالىنىڭ ياخشى بولۇشى ناتايىن.
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 08:27 PM