ئىككىنچى دەرس ئۈچۈنچى پارگىراف
رىقابەتچىدىن بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ ياخشى تۈرلەرنى بايقاش كېرەك
بەزىلەر شۇنداق دىيىشىدۇ، ئەگەر مەبلەغ ۋە بايلىق مەنبەسىنى سانائەت جەمئىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم رىقابەت ئامىلى دەپ قارىساق،ئۇنداقتا، ۋاقىت ئەۋزەللىكى بولسا ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم رىقابەت ئىستىراتىگىيە قورالىدۇر. شۇنداق، ھازىرقى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەش سېپىگە قوشۇلۇۋاتقان كىشىلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئىگىلىك يارىتىش تۈرىڭىزنى تاللاپ بولۇپمۇ يەنە دەرھال ھەركەتكە كەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا رىقابەتچىڭىزنىڭ بىر قەدەم ئارقىدا قالىسىزدە – دە، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىڭىزمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.
سودا پۇرسىتىنى تۇتۇش ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، ئۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ غەلبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى. ئۇنداقتا، سودا پۇرسىتى قايسى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ؟ سودا پۇرسىتى ھەرگىزمۇ بارلىق كىشىلەر «يۈگۈرەشكە تەييارلىنىپ بولغان ۋاقىت» نى كۆرسەتمەيدۇ، مايۈن مۇنداق دىگەن: «ئەگەر پەيت پىشىپ يىتىلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىشنى قىلىش ماڭا نىسىپ بولمايدۇ!» ئەكسىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر «كۆرەلمىگەن»، «ئېنىق كۆرەلمەيۋاتقان» ۋە «چۈشەنمىگەن» ۋاقىتلا ئەڭ ياخشى سودا پۇرسىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مايۈن «ئەلى بابا» نى قۇرغان ۋاقىتتا،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر سەھنىنىڭ كىشىلەرگە پۇرسەت ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مايۈن «سەمىمىيەت راۋانلىقى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئەنسىرەۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونى يېپيېڭى بىر تور ئالاقە دەۋرىگە باشلاپ كىردى.
كىشىلەر دائىم ئاجىزلار پۇرسەت كۈتىدۇ،كۈچلۈكلەر پۇرسەت يارىتىدۇ دىيىشىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇنداق بىر ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرۋاتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ۋاقىت ۋە پەيت سودا پۇرسىتى دىمەكتۇر، سودا پۇرسىتى بولسا مۇۋەپپەقىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان «نوكىيا» نى ئېلىپ ئېيىتساق، ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى يانفون ساھەسىدىكى باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلىيالىشىدىكى سەۋەبنى ئۇنىڭ تىز سۈرئەتتىكى تېخنىكا يېڭىلاش ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. «نوكىيا» نىڭ قارىشىچە، كەسكىن بازار رىقابىتىدە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىش، مەڭگۈ باشقىلاردىن بىر قەدەمنى تىز ئېلىش كېرەك. شۇڭا «نوكىيا» توختىماستىن يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىش قەدىمىنى تىزلىتىپلا قالماستىن، يەنە ھەر يىللىق ئومۇمىي تىجارەت سوممىسىنىڭ توققۇز پىرسەنتىنى يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىش دەۋرىيلىكى ئارانلا 35 كۈن بولۇپ، يانفون كەسپىدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدە تۇرۇش ۋاقتى يېرىم يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئوزۇن بولغان.
ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو يانفون ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشمۇ بارغانسىرى تىزلەشمەكتە، ھەرقايسى چوڭ يانفون زاۋۇتى خوجايىنلىرى يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىش قەدىمىنى تىزلىتىۋاتقان ۋاقىتتا، «دوڭجى»يانفونىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىش قەدىمى ناھايىتى ئاستا بولغان، ھەمدە بۇ سۈرئەت ئاستىلىقى «دوڭجى» يانفونلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان بازار پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە «دوڭجى» جۇڭگودا ئەڭ ئاۋال تۆۋەن تېمپراتۇرىدا كىرىستاللاشتۇرۇلغان يانفون ئېكرانى، CCD كامېرا، يانفوننىڭ سۈرەت ئېلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەھسۇلاتلار كارخانىنىڭ ۋاقىت ئەۋزەللىكىنى يوقىتىشىدىن كېلىپ چىققان پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەچكە، ئاخىرىدا شاللىنىشقا مەجبۇر بولغان.
شۇنى بىلىش كېرەككى، بۈگۈنكى سودا قائىدىسى ھەرگىزمۇ «چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يېيىش» ئەمەس، بەلكى «تىز بېلىق ئاستا بېلىقنى يېيىش» تىن ئىبارەت. ئېنتېرنىت تورىنى ۋەكىل قىلغان يېڭىچە ئىقتىساد دەۋرىدە ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق. سودا پۇرسىتىنى تۇتۇۋېلىشتا چوقۇم ئىدىيە ۋە ھەركەت جەھەتتىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش كېرەك، بۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، ئاۋال قول سېلىشتەك ۋاقىت قارىشى بولۇش كېرەك.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا،ۋاقىت پۇل ۋە بايلىق دىمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم «ۋاقىت – سودا پۇرسىتى دىگەنلىكتۇر.» دىگەن قاراشنى تۇرغۇزۇش، تىزلىك ئارقىلىق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش،ۋاقىت ئۈنۈمى يارىتىش، ھەرقانداق پۇرسەتنى ئاسانلىقچە قولدىن بەرمەسلىك كېرەك، شۇندىلا ،ئاندىن بازاردىكى پۇرسەتنى ۋاقتىدا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك: «ئېنتېرنىت تورى بىلەن شۇغۇللىنىش دولقۇن تېيىلىشقا ئوخشايدۇ، پۇرسەت يېنىڭىزدىلا بولىدۇ. بىراق سىز ھەرگىزمۇ دولقۇن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا ئاندىن تېيلىسىڭىز بولمايدۇ، سىز چوقۇم دولقۇنغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلۈشىڭىز، شامالغا ئەگىشىپ ئۆزگىرەلىشىڭىز كېرەك.»ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق كەسىپتە شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە ئاۋۋال قول سېلىشتەك رىقابەت قىزغىنلىقى بولمىسا، ئاخىرىدا يەنىلا كەسكىن رىقابەتكە تولغان سودا قاينىمىدا شاللىنىپ كېتىدۇ. ھازىرقى دەۋردىكى كارخانىلار بازار
ئېھتىياجىنى يادرو قىلىدۇ، ئەمما بازار «72 خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.» شۇ سەۋەبتىن،پەقەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋاقىتتىن ئۇتالىغاندىلا ئاندىن ئەۋزەللىككە ئېرىشكىلى،خەتەردىن ساقلانغىلى، ھەمدە رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، ناھايىتى سەزگۈر بولغان ئۇچۇر قارىشىغا ئىگە بولۇش كېرەك.
كارخانا چوقۇم ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىش،ئۇچۇردىن يىتەرلىك پايدىلىنىشنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىش لازىم. بازار ئۇچۇرى بازارغا ئائىت ئۇچۇر ۋە ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان كارخانىلىرى بازار پائالىيىتى يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق بايلىق مەنبەسى.
كارخانىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى، يەنى ئىستىراتېگىيىلىك يۆلىنىشنىڭ بەلگىلىنىشىدىن تارتىپ نىشانلىق بازارنىڭ تاللىنىشىغىچە، مەھسۇلاتنىڭ لايىھىلىنىشىدىن تارتىپ مەھسۇلاتنىڭ سېتىپ چىقىرىلغاندىن كىيىنكى مۇلازىمەتكىچە ھەممىسىدە ئۇچۇرنى باشلامچى ۋە ئاساس قىلىشى كېرەك.
ئۇچۇرنىڭ بۇ خىل رولى شەك – شۈبھىسىز ھالدا ئۇچۇر قارىشىنىڭ مۇھىم ئورنىنى بەلگىلىگەن. ئۇچۇر – باشقۇرغۇچىنىڭ «كۆزى ۋە قۇلىقى»، بازار پۇرسىتىنى تۇتۇشتا چوقۇم ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش، ئۆزىنىمۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ بىلىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا غەلبە قازىنىش تەسكە چۈشمەيدۇ.
ئۈچىنچى، مۇۋاپىق بولغان ئۈنۈم قارىشىغا ئىگە بولۇش كېرەك.
ھازىرقى زامان بازار پائالىيىتى دەۋرىدە،«تىزلىك» بىر چوڭ ئالاھىدىلىك. بازار پۇرسىتى تىز كېلىپ، تىز كېتىپ قالىدۇ،ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ناھايىتى تىز، رىقابەتچىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىمۇ ناھايىتى تىز بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىدىن ئۇچۇرنىڭ تىز،تەدبىرنىڭ تىز، سېتىشنىڭ تىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇلارنى ياخشى قىلىش كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. يۇقىرى ئۈنۈم ئەمگەك چىقىمىنى ئازايتىپ،تەننەرخنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ – دە، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ. ئۈنۈم قارىشىنى تۇرغۇزۇشتا چوقۇم تىز ھەركەت، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى ئۈنۈم ئارقىلىق بازار رىقابىتىنى تۇتۇش، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگەللەش كېرەك.
تۆتىنچى، تىز پۈكمەيدىغان رىقابەت قارىشىغا ئىگە بولۇش لازىم.
بازار پۇرسىتىنى تۇتۇشتا چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن بازار رىقابىتىگە قاتنىشىش، بازاردىكى خېرىدار، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر. رىقابەت قانۇنىيىتى بازار ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى زۆرۈر قانۇنىيەت ۋە ئوبيېكتىپ تەلەپ.
بەشىنچى، خەتەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىكىلىق ساپاغا ئىگە بولۇش لازىم.
ئىگىلىك ياراتقۇچى چوقۇم خەتەرنى ئۆز –ئۈستىگە ئېلىشقا پېتىنالىشى، خەتەردىن ساقلىنىش، خەتەرنى ئازايتىش، خەتەرنى يوقىتىشقا ماھىر بولۇشى، ھەمدە خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىشى كېرەك، شۇندىلا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭغىلى، باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلغىلى بولىدۇ.
«سىك» نىڭ باش لېدىرى چەمبېر ئۆزىنىڭ«سۈرئەتكە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نەزىرىيىسى» دىگەن كىتابىدا مۇنداق دىگەن:«بىز ئاللىقاچان پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان رىقابەت دەۋرىگە كىردۇق. بۇ خىلدىكى يېڭى رىقابەت ئەندىزىسى ئاستىدا، چوڭ شىركەتلەرنىڭ كىچىك شىركەتلەرنى يېڭەلىشى ناتايىن،ئەمما سۈرئىتى تىز شىركەتلەر چوقۇم سۈرئىتى ئاستىلارنى يېڭەلەيدۇ، سىزنىڭ كۆپ مىقداردا مەبلەغقە ئېرىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى قەيەردە پۇرسەت بولسا مەبلەغ شۇ جايدا ناھايىتى تىزلا قايتىدىن توپلىنىدۇ. سۈرئەت ناھايىتى تىزلا بازار ئۈلۈشى،پايدا نىسبىتى ۋە تەجرىبىگە ئايلىنىدۇ.»
خۇددى چەمبىر ئېيىتقاندەك، ئېنتىرنىت تورىنىڭ توختىماستىن تەرەققىي قىلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بازار رىقابىتى ئاللىقاچان يېڭى بىر دەۋرگە كىردى. ئىلگىرى كارخانىلارنىڭ رىقابەتتە يېڭىپ چىقىشتا تايىندىغانلىرى تەننەرخ، سۈپەت، تېخنىكا ۋە ئۇسۇل ئىدى، بىراق ھازىر بۇلار ئاللىقاچان بىردىنبىر ئەۋزەللىك بولماي قالدى. ئىگىلىك ياراتقۇچىلار چوقۇم پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللىشى، سۈرئىتى تىز بولۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا غالىبلار قاتارىغا ئۆتەلەيدۇ.
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-9 09:54 PM