ئالتىنچى دەرس ئونىنچى پارگىراف
بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ تاماملىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككىنچىسىنى باشلا.
مەلۇم بىر ساھەگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ياكى بىرەر ئىشنى قىلغىنىمىزدا ئۇنى چوڭ قىلىشنى ئويلايمىز. بۇ بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەت. مايۈن كارخانا باشقۇرۇشنى توشقان تۇتىشقا ئوخشىتىپ :«بىردەم ئۇ توشقاننى بىردەم بۇنى قوغلىساق ئاخىرىدا بىرنىمۇ تۇتالماسلىقىمىز مۇمكىن.CEO نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پۇرسەت ئىزدەش ئەمەس بەلكى پۇرسەتكە NO (ياق) دېيىش. پۇرسەت بەك كۆپ لېكىن مەن پەقەت بىر تاللا توشقان تۇتالايمەن، كۆپ تۇتىمەن دېسەم ھەممىنى قاچۇرۇپ قويۇشۇم مۇمكىن » دەيدۇ. ئۇ يەنە قەتئىلىك بىلەن:« مەن مەخسۇس بىرگىلا ئېسىلىمەن شۇڭا مەن كۈچلۈك» دەيدۇ.
بۇ خىل پوزىتسىيەگە تايىنىپ مايۈن ئىلىكتىرون سودىسىغا قەدەم قويغاندىن تارتىپ قەتئى تەۋرىنىپ باقمىغان. 1995-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئىرادىسىدە تەۋرەنمەي تۇردى،تەۋرەنمەس ئىرادە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلىكتىرون سودا تورىنى بارلىققا كەلتۈردى.
مايۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ ھازىرقى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولۇپمۇ ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئالدىراڭغىلىق بار دەپ قارايدۇ. ئۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ:« مۇھىم نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش، بارلىق دىققەتنى بىر نۇقتىغىلا يىغىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا سەرپ قىلىش كېرەك»
مايۈننىڭ تەكلىپىدە چوڭقۇر ئىگىلىك تىكلەش قائىدىسى يوشۇرۇنغان. ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغاندىن كېيىن پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىنى تولۇق سەرپ قىلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بىرلا ئىشنى پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن قىلسىڭىزلا سىزنى مەغلۇبىيەتچى دېگىلى بولمايدۇ.
«جوڭگودىكى رىقابەت» پىروگىراممىسىدىكى ماھىر خۇاڭ خانىم 1994-يىلى تۇنجى قېتىم موم نى كۆرگىنىدە بۇنىڭدىن شام ياسىسا چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئويلىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ قولدا ياسىغان شاملىرىنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتتى. نەتىجىدە بىر قېتىمدىلا 200يۈەن سودا قىلدى. خۇاڭ خانىمنىڭ شامچىلىق شىركىتى شۇنداق قىلىپ يۈننەندىكى بىر كىچىك بازاردا بارلىققا كەلدى.
ئۇنىڭ كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىنىڭ پايدىسى كىشىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ياخشى بولۇپ كەتتى.تۇنجى يىلىلا 80 مىڭ يۈەنلىك سودا بولدى.ئۇنىڭ شاملىرى شەھەرلەردە ئالقىشقا ئېرىشىپ بېيجىڭدىنمۇ خېلى كۆپ زاكاز كەلدى. شىركەت كۆلىمىمۇ سودا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ زورايدى. بىراق مەسىلىلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئالدى بىلەن توشۇش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ پايدىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. ئىككىنچىدىن ئۇ ياللىغان 40 نەچچە ئىشچىنىڭ ھەممىسى يەرلىك دېھقان ئاياللار بولۇپ ئۇلار ئىشچان بولغىنى بىلەن ئىلغار تېخنىكىنى بىلمەيتتى. بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى پەقەت ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى بولغان قول-ھۈنەر بويۇمىلا بولالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ باشقۇرغۇچى ياللىماقچى بولۇپ ياللىيالمىغان،ئىختىساس ئېگىلىرى بۇ يىراق تاغلىق رايونغا كېلىشنى خالىمايتتى.ھازىر بۇ شىركەتنىڭ ھەر يىللىق سېتىش مىقدارى 30مىليونغا يەتتى. بىراق بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش چېكى ئىكەنلىكى خۇاڭ خانىمغا ئايان ئىدى.
خۇاڭ خانىم چوڭ شەھەرگە كۆچۈپ كېتىشىم كېرەك دەپ ئويلىدى.بېيجىڭ تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فاڭشەن رايۇنى ناھايىتى ئىتىبار سىياسەت بىلەن ئۇنى كۈتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.خۇاڭ خانىم تېزلا كۆچۈش قارارىنى چىقاردى. بېيجىڭدا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قىممەت، خۇاڭ خانىم ئالدى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتۇماتلاشتۇرىشى كېرەك. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى باھالاپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن پەقەت ئىشلەپچىقىرىشنى ھەسەل تېرە ئاسراش مەھسۇلاتىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ قارار ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ باشقا يولغا ئاتلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
زادى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ- ياقمۇ؟ ئۇ بىر قارارغا كېلەلمىدى. بىرى بېيجىڭدا قېلىش. بۇنداق قىلغاندا شىركەت يۇقىرى بىر بالداق كۆتىرىلىدۇ. ئۇ تەكلىپ قىلغان ئىككى باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتىكى تەجىربىسى ئۇنىڭ سودا تەجىربىسىنىڭ كەمچىللىكىنى تامامەن تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ.
ئىككىنچىسى قايتىپ كېتىپ ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش. يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ باج سىياسىتىدە ئۇنىڭغا مۇئەييەن ئېتىبار بەرگەن بولۇپ بىراق ئۇ يەنە بۇرۇنقى مەسىلىلەرگە قايتا دۇچ كېلىدۇ، شىركەتنىڭ سېتىش مىقدارىمۇ مەڭگۈ 30 مىليونندىن ئاشالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
يەنە بىر تاللاش شىركەتنى سېتىۋىتىش. ئۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە نىشانىدىن ھالقىپ كەتتى دەپ قارىدى.
30مىليونلۇق بىر شىركەت باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئاسان تارتماسلىقى لازىم ئىدى.بىراق ئۇنىڭ ئانچە -مۇنچە نامى چىقىپ قالغان بولۇپ باشقىلارنى ھەر ھالدا جەلب قىلالايتتى.
خۇاڭ خانىمنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا مايۈن مۇنداق دەپ باھا بەردى:« ھەر بىر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كارخانا ھامان قېيىنچىلىققا يۇلىقىدۇ. ئاساسەن بارلىق سېتىشنى ۋاستە قىلغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە ھايات قېلىش، ئاندىن تەرەققىيات مەسىلىسىگە يولىقىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپلا كارخانىنى كېڭەيتىشنى ئويلايمىز، بىراق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىنكى بىرىنجى ۋەزىپىمىز ھازىرقى ئىشىمىزنىلا ياخشى قىلىش، ھەرگىزمۇ چوڭ قىلىش ئەمەس. بۇ مېنىڭ شۇنچە يىلدىن بېرى توپلىغان تەجىربەم» .
ئىگىلىك تىكلەش تاغقا چىقىشقا ئوخشايدۇ. مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى بىر نىشاننى كۆزلەپ توختىماستىن تاغقا ياماشسا ناھايىتى تېزلا تاغ چوقىسىغا چىقالايدۇ.ئەكسىچە مەغلۇبىيەتچىلەر بولسا تاغقا يامىشىش بىلەن بىللە يەنە چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈپ گۈل ئۈزگىلى، چىرايلىق تاشلارنى كۆرۈپ تاش تەرگىلى كېتىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ جىسمانى كۈچىنى خورىتىپلا قالماي يۈك ئېغىرلىشىپ، چىرايلىق گۈللەر تاغقا ياماشقۇچىنىڭ نېيىتىنى بۇزۇپ مەغلۇبىيەت مۇقەررەرلىشىپ قالىدۇ.
ئەلۋەتتە ئىگىلىك تىكلەش پەقەت بىرلا ئىشنى قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە پۈتۈن كۈچنى يىغىپ بىر ئىشنى قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئاندىن يەنە بىر ئىشنى قىلىش دېگەنلىكتۇر. بىر مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغاندا يەنە ئىككىنچى ، ئۈچىنچى ..مەسىلىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بىر مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالمىساق بەلكىم مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىپ قويىشىمىز مۇمىكن.
شىياڭگاڭدىكى بىرىنچى باي لىجاچىڭ كۆپ مەنبەلىك سودىدا نامى بار. بىراق ئۇ كۆپ مەنبەلىك سودىغا ئېنىقلىما بېرىپ :« بىردىن ئىككىگە كۆپەيگەن شىركەت مەڭگۈ پۇل تاپىدۇ، ئاندىن ئۈچۈنچىسىگە كۆچىدۇ» دېگەن.
بۇنىڭدىن سىرت بىز كۆزىمىزنى چوڭ ئېچىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 10 مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەتكە قاراپ باقايلى، قايسى بىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك سودىغا تايىنىپ قەد كۆتۈرگەن؟ جۇڭگودىكى 10 چوڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان شىركەتنىڭ ئىچىدە قانچىسى كۆپ تەرەپلىمىك سودىغا تايىنىدۇ؟ بۇنىڭدىن مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى پەقەت دىققەتنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئالدىن مۆلچەرلىگەن كۆلەم ۋە ئىقتىسادى ئاساسقا ئېرىشەلەيدۇ ھەم كارخانىنىڭ مەھسۇلات، مۇلازىمەتتە ئۆزگىچە رىقابەت ئالاھىدىلىكى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە ياردىمى بولىدۇ.
داڭلىق خەلقئارا ئىستىراتىگىيە ئۇستازى مايكول. بوت:« بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىدە تەۋرەنمەي تۇرالىغان كارخانا ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. » دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە مەغلۇبىيەتچى بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ مۇھىم پەرقى قىلغان ئىشىنىڭ سانىنىڭ ئاز-كۆپلىكىدىن ئىبارەت.
مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى دىققىتىنى پەقەت بىرلا ئىشقا قارىتىدۇ. ئىچكىرلەپ، باشتىن-ئاخىر، مەخسۇس، مۇكەممەل،ئاخىرىغا چىققۇچە ياخشى قىلىدۇ، پەللىسىگە يەتكۈچە ، ئىشنىڭ ئەھلى بولغۇچە قىلىدۇ.مەغلۇبىيەتچى بولسا شاختىن-شاخقا قۇنۇپ كۆپ ئىشنى قىلىدۇ.
بىردە تاپقان ۋەجىنى يەنە بىرىدە يوقىتىدۇ. ھېچقايسسىنى باشتىن ئاخىر، سىجىل قىلمايدۇ. نەتىجىدە ھېچ ئىشى راۋاج تاپماي، ھېچنىمىنى بىلمەي، قالايمىقان جۆيلۈپ، ھەممە ئىشنى قالايمىقان قىلىپ نەچچە ئون يىلغىچە ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ساقىلى يەرگە تەگكۈچە يەنە شۇ پۇل تېپىشنىڭ يولىنى ئېزدەپ يۈرىدۇ.
شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا مەيلى قانداق ئىش قىلىش ياكى قايسى ساھەنىڭ بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى بىرلا تۈرنى تاللاپ بارلىق كۈچىگە تايىنىپ شۇ بىر ئىشنى تۇتۇپ باشتىن -ئاخىر تەۋرەنمەي سىجىل قىلىشتىن ئىبارەت.
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام