تۆتىنچى دەرس ئىككىنچى پارگىراف
سەمىمىيلىكنى پۇلغا، قۇرۇق گەپكە تېگىشمەسلىك كېرەك
بەزىلەر مۇنداق دىگەن: ئادەتتىكى مال ساتقۇچىلار مال ساتىدۇ، ئەقىللىق مال ساتقۇچىلار ئېھتىياج بەرپا قىلىدۇ، ئۇلۇغ مال ساتقۇچىلار سەمىمىيلىك ۋە مەسئۇليەتنى تىكلەيدۇ. مايۈن ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بولۇشقا مۇناسىپ. كىشىلەرگە «ئەلى بابا» نى تونۇتۇش ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇنلىغان سەييارە نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن. بىراق ھەربىر قېتىملىق نۇتۇقتا ئۆزگەرمەيدىغان بىر مەزمۇن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە توختىماستىن مۇنداق بىر قاراشنى تەشۋىق قىلغان:كارخانا قۇرۇشتا ئاۋال سەمىمىيلىك، مەسئۇليەتچانلىق بولۇشى كېرەك.
«جۇڭگودىكى غەلبە» پروگراممىسىدا، بىر ماھىر<< ئىناۋەت مۇلازىمىتى تورى قۇرۇپ،كارخانىچى – سودىگەرلەرنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇچۇر مەركىزى ئارقىلىق سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار تېپىشىغا ياردەم قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇچۇرغا نىسبەتەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، توردىكى مۇلازىمەتنى ھەر بىر سودىگەرگىچە يەتكۈزۈش >> تىن ئىبارەت بىر تۈرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان.
بۇنىڭغا نىسبەتەن مايۈن مۇنداق باھا بەرگەن: «سەمىمىيلىك بىر خىل تىجارەت ئەمەس، ئۇ بىر <ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق> نەزەرىيەمۇ ئەمەس، سەمىمىيلىك ئىش – ھەركەتتە بىردەك بولۇشنى، ھەر بىر ھالقىلارغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، سەمىمىيلىكنى پۇلغا،قۇرۇق گەپكە تېگىشىشكە بولمايدۇ.»
نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەر باركى، ئېغىزىدا سەمىمىي بولۇشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىددىيەتلىشىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرىغاندا، سەمىمىيلىكنى بىرتەرەپكە قايرىپ قويىدۇ.
يېقىندا توردا ناھايىتى كەڭ تۈردە تارقىلىپ كەتكەن «داۋىنچى» ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئېلىپ ئېيىتقاندا، «داۋىنچى» ئائىلە جابدۇقلىرى دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئائىلە جابدۇقلىرى ماركىسى بولۇپ، باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ فەنجۇڭ شىيۇخۇا تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، 11 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك ئائىلە جابدۇقلىرى ۋاكالەتچىلىك شىركىتىگە ئايلانغان، ھەمدە كۆپ قېتىم «خۇرۈن مىليونىرلار ژۇرنىلى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان«بايلارنىڭ ئەڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئائىلە جابدۇقلىرى ماركىسى مۇكاپاتى» غائېرىشكەن.
2011 –يىلىغىچە، باش شىركەت بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شىنجىن، چېڭدۇ، چوڭچىڭ، خاڭجۇ،شاڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا تارماق شىركەتلەرنى ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى تەسىس قىلغان، ۋاكالىتەن ساتىدىغان ئائىلە جابدۇقلىرىدىن «كابلىت»، «جېنباۋ»،«ھوللىنىي»، «ئامەن»، «فەنسىجى»، «فېند» ۋە «لەنبورگىن» قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ماركا بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە جابدۇقلىرى دۇنياسىدىكى «خەلقئارالىق داڭلىق ماركا» لار ھېسابلىنىدۇ.
دۆلەت ئىچىدە، «داۋىنچى» ئائىلە جابدۇقلىرىدىن بىر يالغۇز كىشىلىك كارۋات 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ، بىر يۈرۈش سافا 300 مىڭ يۈەنگە سېتىلىدىغان بولۇپ، سېتىلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاداسېتىلغانلىقى مەسىلىسىگە نىسبەتەن، «داۋىنچى» دىكى ساتقۇچى خادىملار بۇ ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىتالىيەدە ئىشلەنگەنلىكىنى، «خەلقئارالىق ماركا» ئىكەنلىكىنى،ئىشلەتكەن خام ئەشيالارنىڭمۇ ھېچقانداق بۇلغانمىغان «تەبئىي خام ئەشيا»ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ھالبۇكى،كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن، 2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «ھەر ھەپتىلىك باھا دوكلاتى» دا «(داۋىنچى) نىڭ قىممەت باھالىق ئائىلە جابدۇقلىرى (چەتئەل ماركىسى) دىگەن نامدا ئوخشىتىپ ياسالغان»دىگەن خەۋەر بېرىلدى.
خەۋەردىن قارىغاندا، «داۋىنچى» شىركىتى سېتىۋاتقان بۇ قىممەت باھالىق ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسىملىرى ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلمىغان ، ئىشلەتكەن خام ئەشيالارمۇ ئۇلاركۆككە ئۇچۇرغان قىممەت باھالىق، چىداملىق ماتېرىياللار ئەمەس ئىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەتتا بەزى «داۋىنچى» ئائىلە جابدۇقلىرى لاياقەتسىز بولۇپ باھالانغان.
دەل مۇشۇ سەۋەبلىك، «داۋىنچى» دىن ئىبارەت ئىلگىرى «ئائىلە جابدۇقلىرى بەيگىسىدە ئات چاپتۇرغان» چەۋەنداز يىقىلىپ چۈشكەن.
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،سەمىمىيلىك سىزگە نۇرغۇنلىغان ھوسۇل ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلالايدۇ؛ قارىنى ئاق قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىش پەقەت كارخانىنى يوقىلىشقا قاراپ يىتەكلەيدۇ، خالاس.
«بوشى» كۆزئەينەكلىرىنىڭ باش لېدىرى فەنچىن ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە مۇنداق دىگەن:«نۇرغۇنلىغان داڭلىق شىركەتلەردە سەمىمىيەتسىزلىك مەسىلىسى كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرگەندە،بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ناھايىتى ئازاب ھېس قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە كارخانىنىڭ ئۆسۈپ – يىتىلىشى ناھايىتى مۇشەققەتلىك، كارخانىچىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ كارخانىغا بولغان زەربىسى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئېھتىمال قايتا ئورنىدىن تۇرالماسلىقى مۇمكىن>>.
ھەقىقەتەن،ئەگەر بىر كارخانا سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە ئەقىدە قىلىپ تىكلىمىسە، ئېنىق بولغان ئوزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانى بولمىسا، پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلاشسا، بۇنداق كارخانىنىڭ مەغلۇب بولۇشى مۇقەررەر، ئۇ پەقەت ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى كارخانىچىنىڭ تارتقان جاپاسى ۋە پۇلىنى بېكار قىلغان بىلەن باراۋەر،خالاس.
«ئەلى بابا»دا مايۈن ئىزچىل سەمىمىيلىكنى ئۆزلىرىگە مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئۆزى خېرىدارلارغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە خېرىدارلارنى سەمىمىيەت بىلەن تىجارەت قىلىشقا ئۈندەپ كەلگەن، ھەمدە «ئەلى بابا» دا «سەمىمىيەت ئۆتىڭى»،«تاۋباۋ» دا «ھەمىيان» قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ ئىستىمالچىلارغا بولغان سەمىمىيەتنى كاپالەتلەندۈرگەن.
بۈگۈنكى كۈندە، «ھەمىيان» نۇرغۇنلىغان كەسىپلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.< 51666 شەھەر ساياھىتى تورى>دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىش سەھنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئاللىقاچان «ھەمىيان» بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان. مەبلەغ زەنجىرى ھاسىل قىلىش، بېلەت سېتىۋېلىشقا قولايلىق بولۇش، سودىگەرلەرنىڭ مەبلىغىنىڭ ئېقىپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 51666 شەھەر ساياھىتى تورى ساياھەتچىلەرنى«ھەمىيان» غا كىرىشكە يىتەكلىگەن؛ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور ئويۇنى سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان - «توققۇزىنچى شەھەر» مۇ ئاللىقاچان B2B,B2C ھەق تاپشۇرۇش كەسىپلىرىدە «ھەمىيان» ئىشلىتىشنى باشلىغان، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «غەلىتەدۇنيا» (بىر خىل ئويۇننىڭ ئىسمى) قاتارلىق كۆپلىگەن ئويۇنلارنىڭ ئوينىغۇچىلىرى«ھەمىيان» ئارقىلىق توردا قىممەت تولۇقلىسا بولىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ B2B كارتىسى سېتىش سەھنىسى بولغان «كايى» مۇ «ھەمىيان» نىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مال كىرگۈزۈش ۋە مال تەمىنلەش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
مۇناسىۋەتلىك تەرەپنىڭ ئاشكارلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2007 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 –كۈنىگىچە «ھەمىيان» غا تىزىملاتقان ئابونىتلارنىڭ سانى 62 مىليوندىن ئاشقان. پەقەت2007 – يىلىلا، «ھەمىيان» نىڭ پۇل تۆلەش مىقدارى 2006 – يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۈچىنچى تەرەپتىن پايدىلىنىپ ھەق تۆلىگەن كارخانا تورلىرىنىڭ ھەق تۆلەش يىغىندىسىغا تەڭ بولغان.
«ھەمىيان»جۇڭگودىكى ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش سۇپىسىدىكى سەركە بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئاللىقاچان ئۈچىنچى تەرەپ ئېلېكترونلۇق ھەق تۆلەش سۇپىسىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى،يەنە «ھەمىياندىن پايدىلىنىپ تاۋباۋدا مال سېتىۋېلىش» شەكلى ئاللىقاچان بىر قىسىم ھەق تۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندى.
«سەمىمىيەت بىر خىل تىجارەت ئەمەس، ئۇ ھەرگىز قۇرۇق گەپ ئەمەس، شۇڭا كىشىلەر چوقۇم ھەركىتى ئارقىلىق سەمىمىيلىكنى ئىسپاتلاش، ھەربىر ھالقىغا دىققەت قىلىش كېرەك!» بۇ مايۈننىڭ ئەقىليە سۆزى، يەنە بۈگۈنكى كۈندىكى بىر قىسىم كارخانىچىلارنىڭ تىجارەتتىكى ئۇل تېشى.
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-13 02:16 PM