2. ئالى بابا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ
مايۈننىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بېرىدۇ: «ئەگەر بۇ ئادەم ئۈچ كۈنلا يېڭى ئىدىيە تاپالمىسا چوقۇم جىلە بولۇپ ئۆلىدۇ.» ھەتتا مايۈننىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق دېگەن: «ئەگەر يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەمدىن ئايرىلىپ قالسام، ئۇنداقتا مېنىڭ ھېچقانداق قىممىتىم قالمايدۇ.»
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مايۈن ئىزچىل يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بىز ئالى بابانىڭ تەرەققىيات جەريانىدىن مايۈننىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئالى بابا ئەمدىلا قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا، مايۈن باشچىلىقىدىكى ياشلاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن ئالتە ئاي بېكىنىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئالى بابانىڭ بۈگۈنكى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئالى بابا ھەر قانداق تەقلىد قىلىش ئوبيېكتى بولمىغان شارائىت ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن. ئالى بابانىڭ ئۆزىگە خاس بولغان سودا ئەندىزىسى ئامېرىكىدىكى ئون چوڭ مەكتەپنىڭ تەتقىقاتىغا كىرگۈزۈلگەن، ھەمدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش مىسالى قىلىنغان.
ئالى بابا تور بېكىتى يېڭى ئىش باشلىغان ۋاقىتتىلا ئەزالىق تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن. دەسلەپتە ئەزالارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، كېيىن EDI جۇڭگو تاۋار بازىرى تورىدىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئالى بابانىڭ نامىنى ئاڭلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئالى بابانىڭ ئەزا سانىمۇ ئېشىشقا باشلىغان.دەسلەپتە، مايۈن بىر يىل ئىچىدە 10 مىڭ ئەزا توپلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كۆپچىلىك بۇنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان. نەتىجىدە ئىككى ئايدىن كېيىنلا ئەزا سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەستىن، مايۈن ئالى بابا تورىدا بىر ھەقىقى مەنىدىكى BBS (سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە شەكلى) بېتىنى ئېچىپ، ئۇنى سودىگەرلەر مۇنبىرى دەپ ئاتىغان. دەسلەپتە بۇ مۇنبەردە ھېچكىم يوق بولۇپ، ئالىبابانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرى تىزىملىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا يازما-ئىنكاسلارنى يوللاپ، مۇنبەرنى قىزىتماقچى بولغان. يېرىم يىلدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ مۇنبەرگە قىزىققان. نەچچە يىلدىن كېيىن، بۇ مۇنبەر تەرەققىي قىلىپ جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ تۇنجى تور تاراتقۇسىغا ئايلانغان.
دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك تور بېكەتلەردە سودا قىلىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋە سودىدا پۈتۈشۈش سادالىرى ياڭراۋاتقان چاغدا، ئالىبابا يەنىلا ئەزالارغا ھەقسىز ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە مەھسۇلات ئورنى تەمىنلەپ كەلگەن.
ئالى بابا تور بېكىتىنىڭ ئەزالىرى توردىكى ئاددى مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە بولغان «ئەۋرىشكە ئۆيى» نى قۇرۇپ چىقالايىتتى، ئاندىن ئۆز ئەۋرىشكىسىنىڭ رەسىملىك ئۇچۇرلىرىنى يوللىيالايىتتى،ھەمدە ئۆزىگىلا تەۋە تور ئادرېسىغا ئىگە بولالايىتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئىدى؛ ھەر بىر ئۇچۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى تەرىپىدىن ئەستايىدىل رەتلىنىپ 12 سائەت ئىچىدە تورغا يوللىناتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزالار ئالى بابا تور بېكىتىدىن ئۆزىگە لازىملىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيىتتى. پەقەت تىزىملىتىپ ئەزا بولسىلا، ئالى بابا تور بېكىتىدىكى ئۇچۇر بايلىقىدىن ھەقسىز پايدىلىنالايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار يەر شارى مىقياسىدىكى 32 كەسپ، 700 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا دائىر سودا، ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرى ئىدى، ئىشلەتكۈچىلەر مەھسۇلاتنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزى،سودا شەكلى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدىيەلەيىتتى.
ھالبۇكى، يۇقىرىدىكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولغاچقا، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. ئەمما مايۈننىڭ پۇلنى قانداق تېپىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئۆزىگە خاس ئامالى بار ئىدى: «مەن ھەرگىزمۇ ئازغىنە خىزمەتنى پۈتتۈرۈپلا پۇل تېپىشنى ئويلىمايمەن، بۇ توغرا ئەمەس. مېنىڭچە ئالى بابا ئارقىلىق پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، ئەمما تېخى ۋاقتى كەلمىدى.بۇ تور بېكەتنىڭ 5 مىليون ئەزاسى بولغان ۋاقىتتا، بىز پۇل تېپىشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ!»
تاۋباۋ تور بېكىتىنى قۇرغاندا، مايۈن يەنىلا ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان، مايۈن مۇنداق دېگەن: «تاۋباۋ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۈچۈن بىر ئاز يېڭىلىق يارىتىش بولۇشى كېرەك، مېنىڭ قارىشىمچە،تەقلىد قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كۆلەڭگىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.گۇگىل شىركىتىنىڭ باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئارتۇق يۈكسەكلىككە يېتىشى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن بولغان، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەتكۈچىلەر تور بېكىتى ياخۇمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.»
2000-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، مايۈن شياڭگاڭغا كاماندروپكىغا چىقىدۇ، بىر مۇخبىر مايۈننىڭ جىنكاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياختۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، مايۈن ۋە جىنكاڭ ئىككەيلەننى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ، ئىككەيلەن ئۆمۈرلۈك دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدە بىرمەيدان «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» بولۇۋاتقان ئىدى. ھەر قايسى ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئۈچۈن مايۈن بىر ئامال ئويلاپ تاپقان: ئۇ جىنكاڭ ۋە شىنلاڭ، سوخۇ، ۋاڭيى ۋە 8848 قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان.
تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتە، ئۈچ چوڭ تور بېكەت ۋە ئۈچ چوڭ باشقۇرغۇچىنىڭ گېپى بىر يەردىن چىققان، بىراق قالغان ئىككەيلەن تېخىچە بىر يەرگە كېلەلمىگەن. مەزكۇر سۆھبەتتىن كېيىن، بەش چوڭ تور بېكەت ۋە بەش چوڭ خوجايىنمۇ تەبئىيلا جەمئىيەت ۋە كەسپداشلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا، ئالى بابانىڭ ئەمەلىي كۈچى يۇقارقى ئۈچ چوڭ تور بېكەتكە يەتمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ قاتارىدا پۇت دەسسەپ تۇرالىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، سۆھبەت نەتىجىسى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان.
2007-يىلى،جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدە تۇيۇقسىز «ئالى ماما» مەيدانغا كەلگەن. ئالى ماما تورغا چىقىرىلىپ 100 كۈن بولماستىنلا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور ئېلانى سۇپىسىغا ئايلىنىپ،كۆپ يىللىق رىقابەتچىلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاخىرى مايۈننىڭ نېمىشقا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن.ئىلگىرى «بوي-تۇرقى ۋە ئەقلى تەتۈر تاناسپلىق» دەپ لەقەم قويۇلغان مايۈننىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان پىلانى ئاخىرى ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىگە ئاساس سالغان.
يۇقىرىدىكى مىساللار ئارقىلىق، بىز مايۈننىڭ نېمىشقا ئىزچىل «ئىنتېرنېتنىڭ بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلالىشى تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ،تېخنىكا جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش بولمىغان ئىنتېرنېت قۇرۇق سۆزدۇر» دېگەن سۆزلىرنىڭ تېگىگە يېتەلەيمىز. مايۈن مۇنداق دېگەن: «ئالى بابا شىركىتىدە، بىز تېخنىك خادىملارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمايمىز، بىراق بىزنىڭ قەلبىمىزدە تېخنىك خادىملار شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقى. مەن بىر نۇقتىغا ئىشىنىمەن، كەلگۈسىدىكى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، جۇڭگو چوقۇم ئىنتېرنېت بازىرى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.»
مايۈننىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنتېرنېت شىركىتى چوقۇم كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارىشىدىن سىرت، ئالىبابانىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارى ۋۇتۇڭمۇ تېخنىكىنىڭ سودا شەكلىگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەممە نەرسىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. ئىلگىرى بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ ئىنتېرنېتقا بولغان كۆز-قارىشى ئەينى ۋاقىتتىكى يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىغا بەرگەن باھاسى بىلەن ئوخشاش ئىدى، كىشىلەر ئۆتكۈر تېخنىكلارنىڭ ئىنتېرنېتقا نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى يوق دەپ قارايىتتى. بىراق گۇگىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كىشىلەرگە ئىنتېرنېت كەسپىدە تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇپ قويدى.تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغاندا، ئىنتېرنېت كەسپىدە مۇستەھكەم تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە بولغىلى، ناھايىتى قىممەتلىك بولغان پايدا زەنجىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، تېخنىكا ئاللىقاچان ئەسلىدە بار بولغان كەسپلەر زەنجىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.»
ئۇچۇر ئوبوروتىدىن تارتىپ ئەشيا ئوبوروتى ۋە نەق پۇل ئوبوروتىغىچە، ئالى بابا مايۈن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ پاراسىتىگە تايىنىپ،بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۈكسەك چوققىلارغا قاراپ پەرۋاز قىلغان. ئالى بابا بانكىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىچىلار ۋە يەككە ئىگىلىكتىكىلەرگە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تەمىنلەشنى يولغا قويۇپ، مەبلەغ توپلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. تارىختا ئوخشىشى يوق بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇردۇر. ئۇ جۇڭگولۇق تورداشلارغا تور سەمىمىيىتىنى بانكا سەمىمىيلىكىگە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئىشەنچنىڭ ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇشىدىكى ئاساس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.
بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى بار، يېڭىچە ئىدىيەلەرمۇ بار، بىراق يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنەلمەسلىكى سەۋەبىدىن، ئۇلار تەۋەككۈل قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. ئەمما مايۈن بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېگەن:«ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام، مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم تەجرىبە، سىناپ بېقىشنىڭ ئۆزى غەلبە. ئەگەر مەن مەغلۇب بولسام، بۇمۇ بىر خىل غەلبە ھېسابلىنىدۇ. كېيىن مەن يەنە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولغان ۋاقىتتا، مەن بۇ تەجىربىلەردىن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بىرلىكتە بەھىرلىنىمەن. مەن غەلبە قىلىپ باققان، مەغلۇب بولۇپ باققان، بۇ مۇرەككەپ جەرياننى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرۈپ باققان، بۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك تەجىربىلەردۇر».
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام