بەشىنچى دەرس بەشىنچى پارىگىراپ
كوللىكتىپنىڭ ئوزۇن مەزگىللىك قىزغىنلىقىنى قوزغىتىڭ
مايۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى مۇھىم، بىراق قىسقا مەزگىللىك قىزغىنلىقنىڭ پايدىسى يوق، ئوزۇن مەزگىللىك قىزغىنلىقنىڭلا ئاندىن قىممىتى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىنىڭلا پايدىسى يوق، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى بولغاندىلا ئاندىن پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىز قىزغىنلىققا تولۇپ، سىز تۇرۋاتقان كوللىكتىپنىڭ قىزغىنلىقى بولمىسا، ئۇ ھالدا يەنىلا پايدىسى يوق. كوللىكتىپنى قانداق قىلىپ قىزغىنلىق بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان قىلىش، خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئىش.» بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مايۈن كوللىكتىپنىڭ قىزغىنلىقىنى ساقلاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.
ئۇ مۇنداق دىگەن: «بىر ئادەم ۋە بىر شىركەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ خارۋاردنىڭ، سىتەنفوردنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىگە، ياكى شىركەتنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتىلارنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بارلىقىغا ئەمەس، ئەكسىچە بۇ ئادەملەر ئىش قىلغاندا ئەسەبىيلەرچە قىلامدۇ؟ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە خۇشاللىق بىلەن ئۆيگە قايتامدۇ؟ دىگەنلەرگە قاراش كېرەك.»
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بىر كوللىكتىپنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلەرچە خىزمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ كوللىكتىپقا رەھبەرلىك قىلغان كىشىدە، چۈنكى رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ ھەربىر سۆز – ھەركىتى پۈتكۈل كوللىكتىپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇنداق بىرجۈملە ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان: ‹‹گەر بولسا ئىتلارغا ئارسلانلار باش، ھەممە ئىتلار بولۇرئارسلانسىمان››. شۇنداق، ئەگەر رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسا،ئۇ يىتەكلەپ ماڭغان كوللىكتىپمۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ رەھبەرلىك قىلغۇچىغا ئوخشاش ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز يېڭىدىن ئىگىلىك يارىتىشقا كىرىشكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم بارلىق خىزمەتچىلىرىڭىز ۋە قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ ئالدىدا كۈلكىڭىز ۋە ھاياتىي كۈچىڭىزنى ساقلىيالىشىڭىز،ئۇلارغا سىز قىلالمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز كېرەك. سىزئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى ئىپادىلەپ چىقىشىڭىز، كۆپچىلىك نەتىجە قازانغاندا ئۇلارنى ماختىشىڭىز، قىيىنچىلىق بولغاندا ئۇلارغا ئىلھام بېرىشىڭىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بۇنداق روھى ھالەتنى ئەتراپتىكى سىزگە ئىشەنگەن كىشىلەرگە بەخشەندە قىلالىشىڭىز كېرەك. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىن كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ھەربىر ئادەم ۋۇجۇدىدىن قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان، ئوچۇق – يورۇق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياختۇرىدۇ.
ئەگەر سىزدە بىر مۇنەۋۋەركوللىكتىپ بار بولۇپ، ئاللىقاچان پايچېكلار بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن بولسىڭىز، ھەمدە ھەركەتتە كەسكىن بولۇپ، سىز تۇرۋاتقان كوللىكتىپ ئىتىپاق بولغان بولسا، سىزنىڭ سىجىل يۇقىرى ئۈنۈمنى ساقلايدىغان كوللىكتىپ قۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان نەرسە دەل ئىشەنچ.
بىر ئىشەنچىلىك شىركەتتە كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدۇ. بىراق، سىزگە ئىشەنگەن خىزمەتچىلەردە بىر خىل قارىغۇلۇق بولىدۇ، سىز بىر خىل «پەردىشەپ» قۇرۇش ئارقىلىق بۇنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل چەك – چېگىرادا كىشىلەر مۇئەييەن ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قارارى، تاللىشى، ئوي – خىياللىرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدۇ؛ يەنە مۇئەييەن مەسئۇلىيەت بولىدۇ، يەنى ھەقىقەتنى سۆزلەش، تەدبىر ئۈچۈن چۈشەنچە بېرىش، خاتالىق ئىچىدىن توغرىسىنى تېپىپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار. مۇۋاپىق بولغان چەك – چېگرا بەلگىلەش ناھايىتى زۆرۈرۋە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. خىزمەتچىلەر بۇ قائىدە تەرىپىدىن قوزغىتىلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن، بىراق چەك بەلگىلەشتىن بۇرۇنقى قالايمىقانچىلىق، ھەر قانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماسلىقتەك ئىشلارغاخاتىمە بېرىلىدۇ.
كىشىلەر ئۆزى قىلۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرگەندە،ھەمدە ئۆزى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھىرلىنەلىگەندە، ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن خىزمەتنى تاماملايدۇ. ئەگەرسىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنداقتا سىز جەزمەن جىددىيچىلىك ۋە ئارامبەخىشلىكنى مۇۋاپىق بىرىكتۈرسىڭىز بولىدۇ، بۇنداقتا مەسىلە ھەل قىلىشقا بولغان قىزغىنلىق دائىم سىزگە ياردەم بېرىدۇ. خۇددى سىز مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇنقى جىددى قوزغاتقۇچ كۈچكە ئوخشايدىغان كۈچنى سىز بىر مۇنەۋۋەر رەھبەرنىڭ ئالدىدىمۇ ھېس قىلالايسىز. سىز «ھەم جىددى ھەم تىنچ» كەيپىياتنى ھازىرلىغاندا، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ كوللىكتىپقا بەرگىنىڭىز بارلىق نەرسىلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە ئۆز – ئارا قوللاشتىن ئىبارەت، بۇنداقتا شىركەتمۇ ئىزچىل تەرەققىي قىلالايدۇ.
ئەمما بىز يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىزكېرەك، ۋاقىتلىق قىزغىنلىق پەقەتلا كۆپۈكلەشكەن ۋە ئەمەلىي بولمىغان ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ غايەت زور ئېنىرگىيە ھاسىل قىلالمايدۇ؛ ئەمما مەڭگۈلۈك قىزغىنلىق ئۆز – ئارا تەسىرلىشىپ تېخىمۇ قىزغىن بولغان مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ،بۇئارقىلىق تېخىمۇ ئىتىپاقلاشقان، ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان كوللىكتىپنى بەرپا قىلىدۇ.
مايۈن خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان رەھبەر. «ئەلى بابا» ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، مايۈن بىرئازادە مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، «ئەلى بابا» دا «كۆپكۆك ئاسمان»، «پۇت تىرەپ تۇردىغان يەر»، «ئۆركەشلەۋاتقان دېڭىز» ۋە «ياپيېشىل ئورمان» بولۇشى كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭ مەنىسى دەل تەدبىرنىڭ ئېنىق بولۇشى لازىملىقى، يەنى ھەربىر قارارنىڭ قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي بىخەتەرلىكى بولۇشى، ساھە ۋە بۆلۈملەرنى قاپلاپ ھەركەتلىنەلەيدىغان بولۇشى لازىم دىگەنلىكتۇر. بۇنىڭ نىشانى بولسا ھەربىرخىزمەتچىگە «ئەلى بابا» نى ئۆزلىرىگە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتى ۋەخۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان جاي دەپ ھېس قىلدۇرۇشتۇر.
مايۈن ئادەتتە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن. يەنە دائىم بىر خىل ئازادە مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى خۇش قىلىدۇ. شىركەتتە، ئۇ خۇددى ھېرىپ قالمايدىغان بالىغا ئوخشايدۇ،بەزىدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغاندا، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كەسپ توغرۇلۇق سۆزلىشىدۇ، خىزمەتچىلەرگە توختىماستىن مەدەت بېرىدۇ. مايۈن ئەينى ۋاقىتتا تېلفونىنىڭ قوڭغۇراقلىق مۇزىكىسىنى «بىز سوتسىيالىزم ئىزباسارلىرى»دىگەن ناخشىغا ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ خۇشاللىق پەيدا قىلىشقا قانچىلىك كۈچىگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇن قىزغىنلىق ئورناشقان، بىرەيلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى قىزغىنلىقنى قېزىپلا چىقىدىكەن، بۇۋاقىتتا ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر خىل يوشۇرۇن كۈچ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.بىركوللىكتىپنىڭ رەھبىرى دەل بۇ خىل قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتالايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات.«نۇرلۇق قېلىچ» ناملىق تېلېۋېزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن ئادەملەر بىلىدۇكى، ئەترەت باشلىقى لى يۈنلوڭ ۋۇجۇدى قىزغىنلىققا تولغان ئادەم، ئۇ باشلاپ ماڭغان ئەترەتمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان.
مايۈن دەل شۇنداق جەلپكار سەركە. ئەينى ۋاقىتتا، «ئەلى بابا» ئۈچ يىل ھېچقانداق كىرىمگە ئېرىشەلمىگەن،
خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرئايلىق مۇئاشى پەقەت 500 يۈەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ناھايىتى تىرىشىپ خىزمەت قىلغان. خاڭجۇ خۇبەن ئولتۇراق رايونىدىكى مايۈننىڭ ئۆيىدە دائىم چىراق يېنىقلىق تۇراتتى، خىزمەتچىلەر كىمنىڭ ئاز، كىمنىڭ كۆپ قىلغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، يەنە500 يۈەن مۇئاش ئالغانلىقىدىن قاخشىماي تىرىشىپ ئىشلەيىتتى. مايۈننىڭ «شىركىتىمىزمۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھامان بىزنىڭ پۇلدىن غەم قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.»دىگەن بىر جۈملە سۆزى خىزمەتچىلەرنى كەلگۈسىگە بولغان تەسەۋۋۇرنىڭ قوينىغا مەھكۇم قىلغان ئىدى.
بىر ئادەمدە قىزغىنلىق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، باشتىن – ئاخىر بىر خىل يۇقىرىغا يامىشىدىغان ھالىتىنى ساقلايدۇ؛ بىر ئەترات قىزغىنلىققا تولغان ئىكەن، ئۇلار ھېرىپ –چارچىغىنىغا قارىماستىن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدۇ. دەل ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىق بولغاچقا، «ئەلى بابا» ئۈچ يىللىق قىيىنچىلىقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تور سودىسىدىكى سەركىگە ئايلانغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر رەھبەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزدە باشقىلارغا تەسىر قىلالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئىشەنچكە تولغان، خۇشاللىقنى ساقلىيالايدىغان، قىزغىنلىققا تويۇنغان ۋە ھەربىر ئادەمگە تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەرگەن مۇھىت بەرپا قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا، سىز بىر داۋاملىشىشچان،يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللىكتىپ قۇرۇپ چىقالايسىز، بۇ جەرياندا سىز يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭى رەھبەرلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقالايسىز.
بىر ئادەمدە مەيلى قانچىلىك سەۋرچانلىق،قانچىلىك ئەقىللىق كاللا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كەسىپ تاللىغان ۋاقىتتا، ئەگەركاللىسىنى ھەممە ئىشقا چاچسا، بىردەم ئۇنى بىردەم بۇنى قىلسا، ياكى زېھنىنى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر نەچچە ئىشقا سەرپ قىلسا، ئاخىرقى نەتىجىنىڭ مەغلۇبىيەت بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ غەلبىلىك بولۇشى تېخىمۇ ناتايىن.
بىر ئادەمنىڭ زېھنى چەكلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگىلىك يارىتىشقا ئىرادە باغلىغان ئاشۇ كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ زېھنىنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. پەقەت بىر ئىشنى ئەستايىدىل قىلغان ئادەملا ئاندىن بىرئېنىق نىشانغا ئىگە بولىدۇ، ھەمدە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۇ نىشانغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. مەسىلەن: «ۋولۋىس» نىڭ نىشانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا«زەنجىرسىمان سېتىش دۇكانلىرى» نى بەرپا قىلىش ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى بۇ ئىشقا قارىتىپ، ئاخىرىدا بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغان، يەنەكېلىپ بۇ نىشان ئۇلارنى غايەت زور نەتىجىگە ئىگە قىلغان.
«خەيبو» تەرجىمانلىق ئورنىنى سېتىۋەتكەندىن كىيىن، «جۇڭگو ئۇچۇر بېتى» دىن ۋاز كەچكەن مايۈن ئىلگىرى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دىگەن: «بىر شاختىن يەنە بىر شاخقا قونۇپ تۇرىدىغان كېسىلىمنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى.» شۇنداق قىلىپ، ئۇ «ئەلى بابا» نى قۇرغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى قارار قىلغان، ھەمدە بۇ نىشاندا ئاداققىچە چىڭ تۇرغان.
2003 – يىلى، «ئەلى بابا» نىڭ پايچېكى سۈنجېڭيى ئۆزى مەبلەغ سالغان بارلىق شىركەتلەرنى يىغىپ يىغىن ئاچقان، ھەمدە ھەربىرئادەمگە ئۆز شىركىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا بەش مېنۇت ۋاقىت بەرگەن. مايۈن ئۆزىنىڭ بايانىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، سۈن جېڭيى ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن:«مايۈن، سىز ئۈچ يىل بۇرۇن ماڭا نېمە دىگەن بولسىڭىز، ھازىرمۇ شۇنداق دىگەن بىردىن بىر ئادەم.»
بۇ مايۈننىڭ 1999 – يىلى «ئەلى بابا»شىركىتىنى قۇرۇپ چىققاندىكى ئارزۇسىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. مايۈن مۇنداق دىگەن: «مەن كۆپچىلىككە شۇنداق دىمەكچى، ئىگىلىك يارىتىش ناھايىتى ئاسان، چوقۇم بىر كۈچلۈك ئارزۇ بولۇشى كېرەك، يەنە ئۆزىنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، نېمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىش كېرەك. سىز بۇلارنى ئويلىشىپ بولغاندىن كىيىن، مەڭگۈ شۇنىڭدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك.»
ئىگىلىك يارىتىشتىن بۇرۇن، مايۈن جۇڭگونىڭ«دۇنيا سودا تەشكىلاتى»غا كىرىشىنى ناھايىتى بۇرۇنلا پەرەر قىلغان، بۇ جۇڭگوكەسىپلىرىنىڭ چەتئەللەرگىچە كېڭىيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن،«ئەلى بابا» قۇرۇلغاندىن كىيىنكى بىرىنچى ئىش ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىق جۇڭگوكارخانىلىرىنىڭ ئېكىسپورتىغا ياردەم قىلىش، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىگە ياردەم قىلىش ئىدى. قايسى كارخانىلارنىڭ چەتئەل ئېكىپورتىغا ياردەم قىلىش كېرەك؟ مايۈن ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەسىلىنىمۇ ئېنىق ئويلىشىپ بولغان، ئۇنىڭ قارىشىچە ،جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولدىغىنى ئوتتۇرا –كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ۋە ۋە پۇقراۋى كارخانىلار ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەلى بابا»ياردەمگە ھەقىقىي ئېھتىياجلى بولغان ئاشۇ كارخانىلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى.بۇ مايۈننىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇرى ئىدى. مايۈننىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى نەچچە يىللىق ئېنتىرنىت كۆپۈكچىلىكىدىن كىيىن تەۋرەنمەيلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بۇ تەسەۋۋۇر مايۈننىڭ قىلماقچى بولغان بىردىن بىرئىشىنى ئايدىڭلاشتۇرغان، بۇمۇ «ئەلى بابا» نىڭ بۈگۈنگە قەدەر ماڭالىشىنىڭ،ماڭغانسىرى تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى.
2005 – يىلى 8 – ئايدا، «ئەلى بابا» «جۇڭگو ياخو» نى سېتىۋالغان، بۇ ۋاقىتتا توردىكى ئىنكاسلار ناھايىتى كۆپ بولغان. بەزىلەر«ئەلى بابا» نىڭ «جۇڭگو ياخو» نى سېتىۋېلىشىنى «بەيدۇ» نىڭ پايچەك قىممىتىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىزدەش ماتورىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان دەپ قارىغان. شۇنداق قىلىپ، مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ ئىقتىساد قانىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2005 – يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادى يىللىق شەخىسلەرنى باھالاش مۇنبېرىدە،مايۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزنىڭ نۇتۇق سۆزلەش تەكلىپنامىسىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە نۇتۇقىدا ئۆزىنىڭ «ئەلى بابا» نىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا بولغان كەسكىن ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بېرىپ كۆپچىلىكنىڭ ھەرخىل پەرەزلىرىگە جاۋاب بەرگەن.
ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قائىدىنى چۈشەنمەيدۇ، ھەمىشە قايسى سودىنى ياخشى قىلغىلى بولسا شۇ سودىنى قىلىدۇ – دە،نەتىجىدە ھېچنىمىنى قىلالمايدۇ؛ ئەكسىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قىلغان ئىشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ، ئۇلار ئىشنى ئەمدىلا باشلىغاندا ناھايىتى جانلىق بولىدۇ، سودىسىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ،ئۇلاردا بىر – بىردىن ئېنىق بولغان پىلانلار تۇغۇلىدۇ – دە، تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
بېيجىڭ «ۋۇفۇ» چايچىلىق سارىيىنىڭ باش مۇدىرى،بېيجىڭ «فېلىت» جۇڭگو چاي شەھەرچىسىنىڭ باش مەسئۇلى دۈەن يۈنسوڭ مۇنداق دىگەن:«بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئاخىرىدا ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. تاللاش ناھايىتى مۇھىم، ئەمما تاللاپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم شۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» دەل مۇشۇنداق ئىدىيىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان دۈەن يۈنسوڭ نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەتلەردىن كىيىن غەلبىنى كۈتىۋالغان.
بۇنىڭغا نىسبەتەن، جېڭتەي گورۇھىنىڭ باش لېدىرى نەن سۈنخۇي ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «مەخسۇس بىر ئىشنى قىلغاندا ياخشى قىلغىلى، تېخىمۇ كۈچلەنگىلى ۋە ئوزۇن مەزگىل قىلغىلى بولىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، جېڭتەي گورۇھى يىگىرمە يىللىق تەرەققىياتىدا قىزىقتۇرۇش ۋە زېرىكىشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن، باشتىن – ئاخىر توك بېسىمى ئۆزگەرتكۈچ، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى،ئاپتوماتلاشقان سايمانلار قاتارلىق ساھەلەردە بارغانسىرى چوڭىيىپ بارغان.
سىز ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشنى نۇرغۇنلىغان تارتمىلار ئارىسىدىكى بىر تارتما دەپ پەرەز قىلسىڭىز، سىز تارتمىلارنى بىر – بىرلەپ ئېچىپ باشقىلارنى قانائەتلەندۈرگەندىن كېيىن تارتمىلارنى يېپىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. مۇنداق شارائىتتا سىز ھەممە تارتمىنى ئويلىسىڭىزھەرگىزمۇ بولمايدۇ، سىز چوقۇم بارلىق زېھنىڭىزنى ئۆزىڭىز تاللاپ ئېچىپ بولغان تارتمىغا قارىتىشىڭىز كېرەك.سىز بىر تارتمىنى يېپىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنى قايتا ئويلىماڭ.
مەنبە:چېڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<<مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسخانىسى>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تور بەت ئادرېسى:WWW.UYHQT.COM
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن رەيھانگۈل نىزام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 07:58 PM