ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 01:12 PM
سولاپ قويدى كىرەلمەس قىلىپ،
بىلەلمىدىم گۇناھىم نىمە؟
...
توستى كىملەر سېنىڭ يولۇڭنى،
كىرەلمەسكە توساقلار قۇرۇپ.
غەيرىتىڭدىن لال بولغان تاغلار،
تۇراتتىغۇ ساڭا باش ئۇرۇپ.
سېغىنىشىڭ بۇ بىر ھەقىقەت،
چۈنكى كۆڭۈل چۇلۋۇرۇڭ مەندە.
چىچەك ئاچقاي سۆيگۈ گۈلىمىز،
ساداقەتلىك باسقان قەدەمدە.
شەكلەنمىگىن جانان سۆيگۈمدىن،
ۋىسال بىزگە ئاچار كەڭ قۇچاق.
بەختىمىزنى يازايلى بىللە،
مۇھاببەتتىن پۈتۈپ مىڭ قوشاق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (شەيدا) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-31 12:29 PM