ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 04:45 PM
ئۆتكەن ئىشنى قايتۇرۇشقا يوق ئامال،
خاتا قىلساق ئۆكۈن ...
ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ ؟ قالدىم گاڭگىراپ،
ھىجراننىڭ سايىسى چۈشكەندە باشقا.
ئاھ ،شىرىن دەقىقلەر سۆيۈپ مەڭزىمنى،
يېشىمغا چىلىشىپ ئاقماقتا ئاستا.
ئارزۇيۇم تەقدىرنىڭ پۈتمىشىگە زىت،
شۇڭىلاشقا يىغلايدۇ كېزىپ جاھاننى.
كۆزلىرىم يالغاندىن كۈلۈپ تۇسىمۇ،
يۈرىكىم يىغلايدۇ ئەسلەپ جاناننى.
بەختىڭنى تىلەيمەن... دېگىنىم يالغان،
يار سېنى ئامالسىز ئۇزاتقان چاغدا.
ئۈمۈدسىز كۆزلىرىم ئىزىڭدا قالغان،
كاج پەلەك بىزلەرنى قويغاندا داغدا.
لېكىن بۇ چۈش ئەمەس، كۆنمەي نە ئامال؟،
ھىجراننىڭ كۈيىگە قاتىمەن قوشاق.
بەختىمنى ئەتىكى قوياشتىن سوراي،
ئۈمۈدكە خۇشچىري ئېچىپ كەڭ قۇچاق.
.....................................................
مەن ھايات، مۇھاببەت يولىدا مەڭگۈ،
ھەممىگە ئۈمۈدتە كۈلۈپ ياشايمەن.
كۆڭلۈم ئۇ پايانسىز دېڭىزغا مىسال،
ئويناشماڭ، چۆكتۈرۈپ راۋرۇس ياسايمەن.
قاملاشتۇراممىدىميا داۋامىنى، پىكىرلىرىم ئوڭ-سول دەسسەپ پەقەت ئارامىمنى قويمىدى.