aqma يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 05:05 PM
‹‹ئىشەنچ بىلەن باسقان قەدەملەر،
يېرىم يولدا پۇتلاشتى ...
تەقدىرنىڭ پۈتمىشى بەندىگە مۆھۈر،
تەقدىرسىز قىلنىڭمۇ تەۋرىگىنى يوق.
بەلنى چىڭ باغلىدىم مۇھاببەت ئۈچۈن،
ئەپسۇسكى بۇ يولدا ياغدى ماڭا ئوق.
چىدىدىم چىدايمەن يەتكىچە بەرداش،
دوست-يارەن، تۇققانلار بەختىنى تىلەپ.
ۋە لىكىن كۆز قىسار ماڭا شۇم پەلەك،
زەھەرلىك چىشىنى ماڭىلا بىلەپ.
سورىماڭ نە ئۈچۈن پۇتلاشقانسەن دەپ،
گەپ تولا بىر ئېغىز سۆزدە تۈگىمەس.
«ياخشى كۈن ئالدىڭدا....» دىدى يۈرۈكۈم،
خوشال ئۆت، غەم-قايغۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس.
( ئابلەت يازدى)
قاملاشمىسىمۇ ياندىشىپ قويدىمغۇ......
قېنى ئەمىسە كىم ياندىشىدۇ؟؟؟؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (شەيدا) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 10:53 AM