ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 06:20 PM
كۈندە ساقلاپ تالدى قاراقلار،
خەۋىرىڭنى بەرمىدىڭ نىچۈن ...
جانان ئىللىق مىھرىڭگە قانماي،
مەھەللەڭدە ئىزلىرىم قالدى.
ئۆتەرسەنمۇ مىنىڭدىن تانماي،
ئىشىق ئوتۇڭ ئەلەمگە سالدى.
خىياللىرىم ئەگىيدۇ سەندىن،
چۈشلىرىممۇ ساڭا باغلانغان.
مىنى ئازاد قىلساڭچۇ غەمدىن،
ئاشىق يۈرەك دەردتە داغلانغان.
مازاق قىلىپ كۈلىدۇ سايەم،
يوللىرىڭغا باقساڭ ئۈمۈدتە.
سەندە كۆكلەر ئۈمۈدۈم-غايەم،
جامالىڭنى كۈتتۈم سۈكۈتتە.
ئىككى كۈندىن كىيىن كىلەي دەپ،
تېلفۇنۇمغا يوللاپسەن ئۇچۇر.
ئىككى كۈنمۇ ئۇزۇنكەن ئەجەپ.
سەنسىز كۈندە نە بولسۇن ھۇزۇر.
ساق-سالامەت كەلگەيسەن گۈلۈم،
يوللىرىڭغا مىھرىم پايانداز.
........................................
ئاخىرى سىزگە قالدى ..........