ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 12:10 PM
ھەر ئاخشىمى تۈڭلۈككە بېقىپ،
تىۋىشلارغا سالىمەن قۇلاق ...
مەھەللەڭگە بارالمىدىم ئەزىزەم،
تۈڭلىكىڭگە يەنە چالما ئاتقىلى.
جۈرئىتىمنى قويىۋەتسەم مەيلىگە،
قويماس سىنى ئارامىڭدا ياتقىلى.
چۈشلىرىڭنى ھەيدەر بەلكىم سەھەرگە،
ئويلانمايلا ئاتقان ئاشۇ بىر چالما.
ھەر تىنىقتا سىنى مىڭ رەت سېغىندىم،
قاچان كىلىپ قوشۇلىسەن جېنىمغا.؟
چۈشلىرىڭنى يالغۇز كۆرۈپ ھارغانسەن،
مىنى بىر رەت كۆرۈپ قويغىن خالىساڭ.
سۈرىتىمنى تاشلىۋەتمە ئالدىراپ،
سېغىنغاندا سۆيۈپ قويغىن خالىساڭ.
تۈڭلۈكۈڭدىن ئەمدى چالما ئاتمايمەن،
ئۈندىدارغا خەت يازىمەن كەلدىم دەپ.
مەن كەلگىچە ئۆچۈرمىگىن چىراقنى،
ئاشىق دىلىم يىغلىمىسۇن ئازار يەپ.