(شەيدا) يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 12:23 PM
ئىشەنچنىڭ يىلتىزى بولغاچ ئىزىمدا،
پۇشايمان يوقلىماس ...
ئۆتكەن ئىشنى قايتۇرۇشقا يوق ئامال،
خاتا قىلساق ئۆكۈنمەيلى ياش تۆكۈپ.
ساۋاق ئىلىپ ئەتە توغرا قىلايلى،
گۈزەل ئارمان قەلبىمىزگە چىن پۈكۈپ.
بىر قىيىقنى ھەيدىگۈلۈك پەم بىلەن،
مۇھەببەتنىڭ دېڭىزدا يۈرگەندە.
ئىككى قېيىق ھەيدەش بەكمۇ قاراملىق.
تۇنجۇقىدۇ ،خاتالىقنى بىلگەندە.
تۈمەن ئوقتا يىقىلمايدۇ مەرت يىگىت،
ئارمانلارنىڭ مەنزىلىگە يەتمەستىن.
دەرت تۆكمەيدۇ،ياش تۆكمەيدۇ ئۆلسىمۇ،
دەرت ئەلەمگە غالپ قەددى ئەگمەستىن.
ۋىسال تىپىش يولى شۈنچە مۇشەققەت
مەس قىلىدۇ شۇڭا ۋىسال لەززىتى.
باغلاپ كەمەر،ئۈمۈت بىلەن ئاتلانسا...
مىڭ گەز ئاشار كۆيگەن ئاشىق ئىززىتى.
ۋىسالنىڭ پەيتىگە زارىققان يۈرەك،
كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلار كۆز يۇمماي.
دولقۇنلار قوينىدىن چىقسا بىر قۇياش،
ئوڭىمۇ ؟چۈشىمۇ؟قالار ئۇقالماي.