ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 47قەۋەت yalghan كە 2011-03-23 03:01 PMئەۋەتىلدى :
قۇرئاننىڭ بىز ئۇيغۇرلاردا 12-ئەسىردىلا تەرجىمىسى بولۇپ بولغان .بۇ تەرجىمنىڭ ئالدىدا مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسى تولىمۇ بىچارە چىقىپ قالغان(اللا بۇ كىشىگە مەرھەممەت ئاتا قىلسۇ ن،بىراق شۇنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى ،مىلادى 12-ئەسىرىدا تەرجىمە قىلنغان قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئالدىدا بۇ تەرجىمە ئۇنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ )
بۇ كىتاب ھازىر تۈركىيە سۇلايمانيە كۈتۈپخانسىدا ئەڭ بىخەتەر ئورۇندا ساقلىنىۋاتىدۇ.ئىككى قېتىم دۇنيا قۇرئان كۆرگەزمىسىدە كۆزگەزمە قىلنىغان .چۈنكى بۇ كىتابتىكى خەتلەر ئالتۇندىن ھەل بېرىلىپ ۋە ئەينى زاماندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆسىن خەت ئۇستىسى تەرىپىدىن يېزىلغان بولغاچقا بېباھا گۆھەر ھېسابلىنىپ ساقلنىۋاتىدۇ ،شۇڭا بۇنىڭ كۆپەيتىلىگەن نۇسخسىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ .
شۇڭا بۇھەقتە بىلمىگەندىن كېين بەك بىلجىرلاپ كەتمەڭلار .
ئۇ قۇرئاننىڭ تەرجىمسنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېچقانداق تەرجىمە باسالمايدۇ .
يالغان يولداش! سىز يۇقۇردىكى يەكۈنلىرىڭىزنى قانداق چىقاردىڭىز؟تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا بىرنەرسىلەرنى دەپكەتتىڭىز،ھىچقانداق دەلىل ئىسپاتىڭىز يوق!تەھلىلىڭىز يوق!سىز دىگەن 12-ئەسىردىكى قۇرئاننى، سىز ئوقۇپ باققانمۇ؟ئۇنى ئوقۇپ چۈشۈنەلەمسىز؟دۇنيادا ئىككىلا قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىپ،مەخپى ساقلىنىۋاتقان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىدىن سىز قانداق خەۋەردار بولغان؟بۇرۇنقىنىڭ پاساھەتلىك،ھازىرقىنىڭ پاساھەتسىزلىگىنى سىز ئوتتۇرغا قويغانما؟بىچارە بولۇپ قېلىش،قولۇغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەسلىكنىڭ ئۆلچىمى نىمە؟
سۆزلىمەي دىسەممۇ،سىزنىڭ ئۆتۈنىشىڭىزگە باقماي بىلجىرلاپ سالدىم.يۇقۇردىكى بىزگە بەرگەن بىباھا خىتاپلىرىڭىزغا پەيلاسوپلارچە چۈشەنچە بېرىپ، بىزدەك بىر نادان،ھىچنىمىنى ئۇقماي دوقۇرۇپ يۈرگەن ئاجىزلارنىڭ كۆزىنى بىر ئېچىۋەتمەمسىز!دەبدەبىلىك زور بايقاشلىرىڭىز بىلەن ئالىمىمىز ھاجى مۇھەممەد سالىھ داموللامنى ئالدڭىزىدا سۆزلىرىڭىزگە سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغان ھالەتتە بىر خىجىل قىلىپ،بىچارە ھالغا چۈشۈرۋېتىڭە 《ئۇستاز》!!!