مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qurighar

قۇرئانى كەرىمدىكى 45-ئايەتلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆزۈڭنى يۇم ! كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6219
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4869
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 5971 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 04:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
koznak يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 03:36 PM
ئەنە ئاشۇ گۇمباگۇمباڭڭڭڭڭڭڭ نىڭ يۈز بېرىشىگە ؛ ماڭا بې ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كۆزنەك ئەپەندىم ، سىزنىڭ مۇنچە يىلدىن كىيىن مۇنداق ئىش بولىشىغا كاپالەت بېرىمەن ، كىيىن مۇنداق بولىدۇ دېگەن گەپلىرىڭىز چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى . مەن باشقا گەپنى قىلماي پەقەت بىر سەھىھ  ھەدىستە ئىنسان بىلمەيدىغان پەقەت ئاللاھقىلا مەلۇم بولغان ئىشنىڭ بىرىدە : ‹‹ ئىنسان ئەتە ئۆزىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ›› دېيىلگەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن ، بۇنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز . ئۇنداقتا سىز بۇ ھەدىسنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ھېلىغۇ ئەتىكەن نەچچە يىل كىيىن بولىدىغان ئىشنى قانداق بىلدىڭىز ؟؟؟ مەن سىزنىڭ گەپنىڭ مېغىزىنىلا دىيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

بەس مۇنازىرە كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرېۋىتىدۇ . (جالالىددىن رۇمى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8505
تۆھپە نۇمۇرى: 680
توردا: 2242 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 04:27:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

koznak ئەپەندى،
سۆزلىرىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم، مۇمكىن بولسا تەپسىلىيرەك، چۈشىنىشلىك قىلىپ يازسىڭىز. «تەۋرات» سۆزىنىڭ مەنىسى «بەش كىتاپ» دىگەنلىك بولىدىكەن. بۇ «5 كىتاپ» دىگەن سۆز بىزگە ھازىرچە چۈشكەن 4 كىتاپ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟

سىز «شۇڭا ئاللاھ ئېيتىدۇ ‹‹ ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ كىتابلىرىدا بار ›› دەپ.» دەپسىز. ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا كىتاپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە بىرەر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن. قانداق كىتاپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ باقامسىز؟ بىلمىگەننى بىلۋالساق دەيمەن.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23112
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6767
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 04:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ  راخمەت سىزگە  جىق  بىلىم   ۇگۇنۇالدىم   ،قۇدايم  باركات  بەرسۇن    سىزگە  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 05:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Tabarak يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 04:32 PM
كوپ  راخمەت سىزگە  جىق  بىلىم   ۇگۇنۇالدىم   ،قۇدايم  بار ...

سىزنىڭ ساۋادىڭىز بارمۇ؟ دىمەكچى بولغنىڭىزنى ئىنىق يىزىىڭ.

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 05:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي قېرىندىشىم .

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4048
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 2664 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 05:59:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئەجىر قىپسىز ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەر سۇن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 830
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 08:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 03:14 PM
راسىت گەپ قىلغاندا قۇتادغۇ بىلىكتىنمۇ مۇشۇنداق «سىرلا ...


بۇ يەردە ھىچكىم كىرىشتۈرمە قىلىنمىدى تەتقىق قىلىپ سىرىنى ئىچىۋاتىدۇ،غەلىتە سۇئاللارنى قۇيۇپ بەزىلەرنى قايمۇقتۇرۇدىكەنسەن،بولسا سەن قۇتادغۇبىلىكتىن شۇنداق كىرىشتۈرمىلەرنى تىپىپ چىقىپ تورغا يوللا ،بۇرۇن كاپىرلار بىزمۇ قۇرئاندەك بىر ئىسىل ئەسەر يارىتمىز دەپ نۇرغۇنلىغان ئالىم ئۆلمالارنى يىغىپ ،قۇرئاندىكى قارىئە سۇرىسىگە تەقلىد قىلىپ بىرنىمە يىزىپتىكەن،قارىئە سۈرىسىدىكى قىيامەت،قىيامەت نىمىدۇ،قىيامەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن،دىگەن يىرىنى مۇنداق ئۆگەرتىپتىكەن،پىل،پىل نىمىدۇر،پىلنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن،پىل دىگىنىمىز بۇرىنى ئۇزۇن قۇيرىقى كالتە مەخلۇق پىل بۇلىدۇ دىگەن يەرگىچە قۇراشتۇرۇپ خەلقئالەمنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بوپتىكەن،چۈنكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىمىسىمۇ پىلنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بۈلىدىغان تۇرسا ،بىر تورداش سەن توغۇرلۇق بەزىبىر گەپنى قىلسا ھەيران قاپتىكەنمەن،چۈشۈنۈشلۈك بولدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەلىفە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 11:31 PM  


مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 10:40:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: قاسىم سىدىق:خەلقنىڭ ئىلىم-پەن ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىش لازىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كۆزنەك ئەپەندىم ، سىزنىڭ مۇنچە يىلدىن كىيىن مۇنداق ئىش بولىشىغا كاپالەت بېرىمەن ، كىيىن مۇنداق بولىدۇ دېگەن گەپلىرىڭىز چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى . مەن باشقا گەپنى قىلماي پەقەت بىر سەھىھ  ھەدىستە ئىنسان بىلمەيدىغان پەقەت ئاللاھقىلا مەلۇم بولغان ئىشنىڭ بىرىدە : ‹‹ ئىنسان ئەتە ئۆزىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ›› دېيىلگەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن ، بۇنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز . ئۇنداقتا سىز بۇ ھەدىسنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ھېلىغۇ ئەتىكەن نەچچە يىل كىيىن بولىدىغان ئىشنى قانداق بىلدىڭىز ؟؟؟ مەن سىزنىڭ گەپنىڭ مېغىزىنىلا دىيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

ج : ئاللاھ ئېيتىدۇ : >> بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر ( 58 ) ئال ئىمران
ئاللاھ بىر گە ئېيتىپ كۆپكە يەتكۈزدى . شۇ ۋەجىدىن قۇرئان ئاللاھ ئېيتقاندەك << ھېكمەت >> لىك ئۇسلۇبتا تۈزۈلدى . كىملەر قۇرئانغا خۇددى رۇسۇللاھ تۇتقا قىلغاندەك تۇتقا قىلسا ، قۇرئان ھەم شۇنىڭ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بىزلەرنى دىننى قۇچاقلاپ يېتىشقا ئەمەس بەلكى قۇرئانغا يۈزلىنىپ ئىسلامنى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان !
ئەلۋەتتە ئىنسان ئەتە ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ھىسسىي ئىلمىسى خۇددى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدەك نەچچە كۈنلۈك يەردىكى پۇراق ھىسسىسىنى سىزەلەيدىغان قىممەتكە يېتەلەيدۇ .
ئاللاھ يەنە ئېيتىدۇ : << رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى ، قۇرئان ئىنسانلارغا يىتەكچىدۇر ، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇركى ، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن ..........>> ( 185 ) بەقەر
ئاللاھ يەنە ئېيتىدۇكى : << ھا ، مىم ( 1 ) روشەن قۇرئان بىلەن قەسەمكى ( 2 ) بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە ( يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە ) نازىل قىلدۇق ، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ( قۇرئان بىلەن ) ئاگاھكاندۇرغۇچى بولدۇق ( 3 ) ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ( يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان ) ئىش ( يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى ، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋاللار ) ئايرىلىدۇ ( 4 ) ( شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر ، بىز ھەقىقەتەن ( قۇرئان ئايەتلىرىنى بايان قىلىدىغان كىشىلەرنى ) ئەۋەتكۈچى بولدۇق ( 5 ) ( شۇ ) پىرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر . ئۇ ھەقىقەتەن ( بۇ خىل يۈزلىنىشلەردىكى ئىشلاردا بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ، ( ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ( 6 ) ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار ، ( ئۇ ) ئاسمانلارنىڭ ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( 7 ) ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ، ئۇ ( ئەنە شۇ خىل ئىلىمنى خالىغان بەندىلىرىگە بىلدۈرۈش بىلەن گۇمراھلىقتىن - قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئۆلۈكلىكىدىن ) تىرىلدۈرەلەيدۇ ، ( شۇ خىل قىممەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار مەيلى قايسى جەمەت ، قايسى ھالەتتە بولمىسۇن ئۇنىڭدىن ئىماننى ، ھىدايەتنى ، قالبىدىكى نۇرنى كۆتىرىۋېتىش بىلەن شۇ خىل رەۋىشتە تىرىكنىڭ ) جېنىنى ئالالايدۇ ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ، ئىلگىركى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( 8 ) ( قۇرئانغا ئەگەشمىگەن ۋە قۇرئاننى تارىخ دەپلا چۈشىنىۋالغان كىشىلەر قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىلمىسىگە قارىتا ھەر نېمىلەرنى دەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ) ئۇنداق ئەمەس ، بەلكى ئۇلار ( قۇرئاننىڭ جىمى شەيئىلەرنىڭ ئىلمىسى يۇغۇرۇلغانلىقىغا قارىتا ) شەكتە بولۇپ ( دىننى تۇتقا قىلىۋېلىپ ، قۇرئاننى يادلىۋېلىپ ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىلىرى مەدەنلىرىنىڭ ئاتتۇرۇلۇپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئۈستىدىكى ئىلىمگە سەل قاراپ ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋاقىت ، ماددى - مەنىۋى جەھەتتىكى بارلىقلارغا بېرىلىپ ئىسلامغا قارىتا غاپىللىقىدا ) ئوينايدۇ ( 9 ) ( ئەممە ئى قۇرئانغا ئەگەشكۈچىلەر ! ) سەن ئاسمان ( ھەممە ئادەم ) ئوچۇق ( كۆرىدىغان ) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە ( زالىملارغا  ۋە قۇرئانغا شەكتە بولغۇچىلارغا يەتكۈزىلىدىغان ئازابنى ) كۈتكىن ( 10 ) ( ئۇ تۈتۈن ) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ ، ( بۇ ئورىۋېلىشتا ھەتتە زالىم بىر تاشنىڭ ئارقىغا ئۆتىۋالسا ، ئازاب شۇ يەرگە نازىل بولىدۇ ) بۇ قاتتىق ئازابتۇر ( 11 ) دۇخان  >>
شۇنىڭدەك ، زامان ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئالاھىدە ئىلىملەر ، يېڭىلىقلار ، كىشىلەر بارلىققا كەلتۈرىلىدۇ . شۇ زاماننىڭ ئادەملىرى ھەم ئىلگىركى نادانلىق ، ھاماقەتلىك ، گادايلىق قاپلاپ كەتكەن ۋەزىيەتتىن خالى ھاللاردا ھەم تەپەككۇرى ئېچىۋېتىلگەن ، جىمى ئىلىمنىڭ يوللىرى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ ، پەقەت دۇنيالىققا ئالدانغا ۋە ئاللاھقا زىكرىدە سۇسلىشىپ ھەتتە تىلىدا ئېيتىۋاتقان بىلەن ھېچ دىلىغا ئۆتمىگەن ئىبادەتچىلىككە ئۆتكەندە ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئۇمۇمىيۈزلۈككە ئائىت بەزى ئىشلار يۈز بېرىدۇ .
ئىلگىرىدىن كىشىلەرنى تەقدىر توغرىسىدا تەتقىق قىلىشتىن توسۇپ كەلگەن ، ئەمما ئىلگىركى نادانلىقتا چەكلەنگىنى توغرا ئىدى . ئەمما بۈگۈن ۋە ئەتىلەردە تەپەككۇر قىلىش يوللىرىنى يەنىلا ئېتىۋېلىش بولسا ، كىيىنكى شۇنىڭدەك تەپەككۇر ۋە ئىلىم - پەن جەھەتتىن ئاجىزلارنىڭ شۇنىڭدەك كۈنلەرگە يەمچۈك بولۇپ كېتىشىنى تىلىگەن بولىدۇ . بۇ خىل ئاقىۋەتنى تىلىگۈچىلەر زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ ئۆز نۆۋىتىدىكى دەۋىرلىك ھالىتىدىن غاپىلدۇر . كونىلار نېمە دىگەن بولسا شۇنى دەيدىغان ، ئەسلى دەيدىغان كىشىلەرگە دىمەستىن دىمەيدىغان كىشىلەرگە دەيدىغانلىقلىرىدىن پاساتلار ھېچ ئۈزۈلمەي چىققۇسىدۇر !
ئاللاھتائالا ئېيتقان : << يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلەر ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا ( يەنى ئاللاھنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىلىق ، ۋاقتى كېلىشتىىن ۋە ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بىلدۈرگەندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە سىر - غەيب ئىلىملەر ئارىسىغا ) يېزىلغان ، بۇ ( خىل تەقدىرلەرنى ئالدىن پۈتۈش ) ، شۈبھىسىزكى ، ئاللاھقا ئاساندۇر ( چۈنكى ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ھالى - ئەھۋاللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر . ئىنسانلىق ھاياتىدىكى پۈتۈن زامانىي تەقدىرلەرنى ئىزچىل ئەلمىساقتىلا پۈتىۋەتكەن زات بۈگۈنمۇ بىلمەمدۇ ؟ ) ( 22 ) ھەدىيد
ئاللاھنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزى ئۆزىگە خاس ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، قۇرئاننىڭ تىلاۋىتى - يەنى ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ، ئىچكى مەنىسى ئاللاھنىڭ يۇشۇرۇن ئىلمىسىدۇر . ئاللاھنىڭ شۇ خىل ئىلمىسى لەۋھۇلمەھپۇزدۇر ! شۇ خىل ئىلىمنى خالىغان زاماندا خالىغان بەندىلىرىگە بىلدۈرىدۇ . بۇ خىل قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسلانغاندىكى ئىلىمنى بىلىش ۋە بايان قىلىش غەيىبنى ، يەنى ھېچ كىشى بىلمەيدىغان ئىلىمنى دەۋا قىلغانلىق بولمايدۇ . چۈنكى ئىنسانىي ئالەم قۇرئانغا قارىتا دەۋر قىلىنىدۇ ! رۇسۇللاھمۇ ئۆز ئالدىغا كىيىنلىك توغرىسىدا ئۇ - بۇ دېگەن ئەمەس . بەلكى ئۇمۇ قۇرئاننىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا قارىتا تىلاۋېتىنىڭ نەتىجىسىنى سۆزلىگەندۇر . كىملەركى قۇرئاننىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەتسە ، ئۇ رۇسۇللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈك قىممىتىنى چۈشىنەلەيدۇ !
شۇنىڭ ئۈچۈن ئدللدھ قۇرئانىدا ئېيتىدۇكى : << ئۇلارغا كىتابنى ، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق ( يەنى قۇرئانغا يىتەكلىنىشتە ئاۋال كىتابىي ئىلىملەرنى ، ئاندىن ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقاندا ئاندىن پەيغەمبەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىنىڭ قىممىتىگە يېتەلەيدۇ - چۈشىنەلەيدۇ ، شۇنچىلىك ئىلىمگە ئىگە بولالايدۇ . ئەلۋەتتە ، بۇ مەلۇم زامان - ماكانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ، ئەگەر بۇ ( ھەقىقەتكە ، ئىلىملەرگە چىن ئىشەنمىگۈچى ۋە ئىمان ئېيتمىغۇچى ) مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا ، ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان ( شۇ خىل ئىلىمگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشقان ۋە لايىق بولغان ) باشقا بىر قەۋمگە تاپشۇرىمىز ( 89 ) ئەنە شۇ ( ئىلىملەر ئۆز زامانىدا بېرىلگەن ۋە تىگىشلىك مۇلاقات قىلىنغانلار ) ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر ، ( ئى شۇ ئىلىمنىڭ ئەھلى بولمىغان ، ئەمما شۇنىڭدەك ئىلىمنى چۈشەنگۈچى ۋە دەلىلى بىلەن تۇنىغۇچى بەندە ! ئېسىڭدە بولسۇنكى شۇنىڭدەك دەلىلى بىلەن كىملەر كېلىدىكەن ، ئەنە ) ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن ، ئېيتقىنكى ( يەنى شۇنىڭدەك ئىلىملەر بىرىلگەن كىشىلەر ۋە شۇ خىل ئىلىملەرنى يەتكۈزگۈچى كىشىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىدۇركى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ساھابىيلىرىدۇركى ) ، << قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن ، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر >> ( 90 ) ( ئەمەلىيەتتە قۇرئان ئاخىرقى كىتابتۇركى ، ئۇنىڭدىن كىيىن ھېچ ئاشكارا كىتاب نازىل قىلىنمايدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىلىرى ئاتتۇرۇلغان كىتابچىلار - سەھىپىلەر ئاللاھ خالىغان بەندىلىرى ئارقىلىق روياپقا چىقىرىلىدۇ . ئەمما بۇ خىل قىممەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆز نۆۋىتىدىكى زامانىدا مەۋقەسى شۇكى ) ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنىمىدى . ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا : << ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى ( يەنى بىلدۈرمىدى ) >> دېدى ................ ( 91 ) ئەنئام
شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ نۇرىغا ، ئالاھىدە رەھمىتىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ ئىسلام توغرىسىدا ئۇنى - بۇنى دىيىش ئۇ گۇماندۇر ! ھەتتە خۇدالىق دەۋاسى قىلغانلىقتۇر !
ئىلىم ۋە ئىمان ئەرەبچە ئەمەس ، ياكى ئەجەمچە ئەمەس ! ۋە ياكى ئېنگىلىزچە - روسچە ئەمەس ! بەلكى قەلىبچە ، دىلچە بولىدۇ . شۇڭا ئاللاھ بۇ توغرىسىدا ئېيتىدۇكى : ئۇلارنىڭ : << ئۇنىڭغا ( ......) قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ >> دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز ، ئۇلار كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس ، بۇ ( قۇرئان ) بولسا روشەن ئەرەب تىلىدىدۇر  >> ( 103 ) نەھل
رۇسۇللاھنىڭ تىلىمۇ ئەرەبچە ، جىبرىئىلنىڭ تىلىمۇ ئەرەبچە ، ئەمما قۇرئاندىن چىقىدىغان ۋە باشقا ئىلىملەر ئەرەبچە ئەمەس ! بۇ ئايەتتە ئالاھىدە بىر مىللەت ۋە ئالاھىدە بىر ئۈممىي تىلغا ئېلىنىدۇ . تەتقىقاتچىلار مەرھەمەت !
ئاللاھ ئېيتىدۇ : << بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق . ( ئەمما ھامان ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كەتكەن ) ئىنسان ( بۇ توغرىسىدا ) كۆپ دەتالاش قىلىدۇ >> ( 54 ) تاھا
كۆپىنچە كىشىلەر قۇرئانكى بايانلاردىن ، مىساللاردىن پەقەت ۋەپە تارىخنىلا ئوقۇيدۇ . ئەمما ئۇ پەقەت تارىخلا ئەمەس بەلكى تارىخنى تۇتقا قىلغان ئاساستا بۈگۈن ۋە ئەتىدۇر ! ئۇنىڭ ھېكمىتىدە جىمى مىساللار رېتىملىقتۇر ! چۈنكى ئاللاھ قۇرئاننى ھېپزى ئۈچۈن شۇنىڭدەك ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەندۇر ! بۇ توغرىسىدا ئاللاھ ئېيتىدۇ : << ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى ( قۇرئان كىشىلەرنى ھەققە يىتەكلەشتە ھېكمەتلىكتۇر . شۇ ۋەجىدىن ) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ ، ( ئەمەلىيەتتە ھەر بىر قايتىلانمىلارنىڭ تىگىشلىك رەۋىشتە ئورنى ، سۈپىتى ، ھېكمىتى بولغانلىقتىن سۈرە - ئايەتلەردە ) تەكرارلىنىدۇ ، پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ ( قۇرئان ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان ۋاقىتتا ) بەدەنلىرى تىتىرەيدۇ ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ ( جەھاللىقتىن ، تەرسالىقتىن ، شەپقەتسىزلىكتىن ، كۇفرىلىقلاردىن قايتىپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە تەييار تۇرىدۇ ) ، ئەنە شۇ ( قىسمەتلەرگە يولۇققان تەقدىرلىك ) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى ، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنى ( توغرىلىققا يىتەكلەپ ) ھىدايەت قىلىدۇ ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ ( 23 ) >> زۇمەر
يەنە ئېيتىدۇكى : << بىز كىشىلەرنى ( ھەر ۋاقىت ) ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن دەپ ، بۇ قۇرئاندا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق ( 27 )
قايسى قەۋم ئۆزلىرىنى ھالىتىنى مەيلى قايسى تەرەپكە ئۆزگەرتىدىكەن ۋە شۇنى تىلەيدىكەن ، ( ئەلۋەتتە ، كىشى ئۆزىنىڭ ھالىتىنى قايسى تەرەپكە ئۆزگەرتىدىكەن ، شۇ كىشى شۇ لىنىيەنى تىلىگەن بولىدۇ ) ، ئۇلار ھامان قۇرئاننىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇكى : << سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەك قۇرئانغا ئەگىشىڭلار >> ( 55 ) زۇمەر
بۇ ئايەتتىنمۇ دەلىلى شۇكى ، شۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭ قانداق ۋاقىتتىن كىيىن كىيىن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز ئېچىش گۇناھىي غەيىبنى دەۋا قىلغانلىق بولمايدۇ . ئىلىم ئەھلىلىرى مەيلى يەھۇدىي - ناسارا بولسۇن ، << ئەھۋال مۇشىنىڭدەكلا بولسا چوقۇم مۇشۇنداق ئاياغلىشىدۇ >> دىگەنكى ھۆكۈمدە مەزمۇت تۇرالايدۇ . ئەمەلىيەتتە شۇ خىل ئاقىۋەت نۇرغۇنلىغان ئىلىملەردە ئاشكارلىنىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ، يەنى تېخى كەلمىگەن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . توردىشىمىز قۇرىغار ھەر قانچە تىرىشسىمۇ ، تارىختىكى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى چىقىرالىغان بىلەن ئالدىمىزدىكى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى چىقىرالمايدۇ ، پەقەت ھىس قىلالايدۇ !
ئاللاھنىڭ قۇدقرقتق ۋە قۇرئاننىڭ ئىسلامغا مايىللاشتۇرۇلغىنى شۇكى ، ئاللاھ خالىغان بىر زامانلاردا قۇرئاننىڭ خېتىنى قويۇپ قۇيۇپ ئۇنىڭ تىلاۋاتىنى كۆتىرىۋېتىپ ، ۋە شۇ قىرائىتى خېتىنىڭ روياپقا چىقىرىلىغان مەلۇم بىر ۋاقىتتا خالىغان ئۇنىڭ تىلاۋىتى ، روياپقا چىققانكى قىممىتىنى ؛ خۇددى ، ئۆز ۋاقتىدىكى رۇسۇللارنىڭ زامانىغا ئوخشاش ، ئۆز زامانىنى سۆزلىتىپ يەنە جارى قىلدۇرالايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسۇللارنىڭ << مەريەم ئوغلى ئىسا ماڭا ھەممىدىن يېقىن >> دېگىنىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆز شەرىئىتى ئۈستىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز ئېچىشىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىن ! بۇ توغرىسىدا ئاللاھ ئېيتىدۇكى : << شۈبھىسىزكى ، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار ( قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدۇ ) ، شۈبھىسىزكى ، قۇرئان غالىب كىتابتۇر ( 41 ) ( گەرچە شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ۈستىدىن تالاي بۆھتان سۆزلەر تارقىتىلغان ، چاپلىنىلغان بولسىمۇ ، ھەقىقەتتە ) ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل يۈزلەنمەيدۇ ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر ( 42 ) فۇسسىلەت >>
يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇ :: << بۇ ( قۇرئان ) ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر ، ( كىمكى شۇ پاكىتلارغا ئەگىشىدىكەن ۋە ئىشىنىدىكەن ئەنە شۇ ) ھىدايەتتۇر ، ( بۇ كىتابتا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋە پۈتۈن شەيئىلىرگە جاۋاب بولىشى ئۈچۈن نازىل قىلىنغانلىقىغا ) جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر ( 20 ) جاسىيە >>
ئاللاھ يەنە ئېيتىدۇ : << روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنى ( ئۇنىڭ مەنىسىنى ) چۈشەنسۇن دەپ ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق ( 2 - 3 ) ھەقىقەتەن ئۇ ( قۇرئاننىڭ مەنىسى ) لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ( مۇقۇملاشقان ) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك ( تۈزۈتۈشلۈك كىتاب ) دۇر ( 4 ) زۇخرۇف >>
شۇنىڭدەك ، ئەگەر قۇرئاننىڭ ئەرەبچە تۈزىلىشىگىمۇ بەزى خاتالىقلار كىرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ ئىچكى لەۋھۇلمەھپۇزى قىممىتىدە تەپسىز - تىلاۋەت قىلىپ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ . چۈنكى بىر ئايەت ئالدىنقى ۋە كىيىنكى ، ۋە بىر پۈتۈن سۈرىدىكى ھە ۋەتتە باشقا بىر سۈرىدىكى چېتىشلىقى بىلەن كىرىشتۈرۈلگەندۇر ! شۇ ۋەجىدىن ئۇنى مەلۇم بىر زاماندا مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تەپسىر قىلىنىپ ئۆز زامانىغا قارىتا دەلىلگە قېتىپ كىيىنلىككە قەرىتا گۇمانى تۇيغۇسىنى كىرگۈزۈپ قويغان بولسا ، مەنا بېرىپ قويغان بولسا ، ئۆز مانىغا كەلگەندە ئۆز زامانىدىكى ئەسلى ۋە ئەھلى ئىش ئىگىلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەقىقىتى بايان قىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈننى ئىلگىركى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن كىتابچىلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى زامانغا خاس ئىلىم ئىگىلىرىگە ئاساسلىىمىز . بۈگۈنكى بەزى ھەقىقەتكە قارىتا ئىلگىركىلەرنىڭ كۆز قارىشى پەقەت بۇتتۇر خالاس ! ئەمما ھەدىس بۇنىڭدىن مۇستەسنا ! ھەدىسنىڭمۇ ھەم ئۆز نۆۋىتى بار . چوقۇم ئۇنىڭ ئۆز ئورنىغا قويغاندا ئۇنىڭ قىممىتى جارى بولىدۇ !
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئېيتىدۇكى : ( ئى مۇشرىكلار جامائىسى ! قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغۇچىلارنى ) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر ؟ ( 59 ) ( ئۇنى ئاڭلىغان ، ئوقۇغان چاغدا ) كۈلەمسىلەر ؟ يىغلىمامسىلەر ؟ ( 60 ) سىلەر ( ئى ھەقىقەت ئىلىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ يالغانغا ۋە باتىلغا چىقارغۇچىلار ! ئەمەلىيەتتە قۇرئاندىن ۋە دىندىن ھەتتە ئۆگەنگەن ، يادقا ئالغان بىلىمىڭلاردىن ) غاپىلدۇرسىلەر ( 61 ) نەجىم
يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇكى : ئۇلارغا ھەقىقەتەن ( قۇرئاندا ئىلگىركى ئۈممەتلەرنىڭ ) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىقنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى ( يەنى . مۇشىنىڭدەك قۇرىغار ئالىملار تەرىپىدىن ئالەمنىڭ قۇرئانغا بويسۇنغان ھاللاردا دەۋىر قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى كىتابچىلىرى روياپقا چىقىرىلدى ) ( 4 ) ( ۋە قايسىنى تاللاش يولىدا ) مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى ، ( ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلرىدىن ) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ ( 5 ) قەمەر
<< ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ھېپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق ، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ ؟ ( 17 ) قەمەر
( ئېسىمىزدە بولسۇنكى ) شەك - شۈبھىسىزكى ، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر ( 77) كىتابتا ( يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا - قۇرئاننىڭ تىلاۋىتى مەناسىدا ) ساقلانغاندۇر ( 78 ) ئۇنى پەقەت ( گۇناھ - مەئىسىيەتلەردىن ، كۇفرىلىقلاردىن ) پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ ( 79 ) ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگرى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر ( ئۇ پەرۋەردىگار بەندىلىرىنى پەقەت پاكلىققىلا ، ئادىللىق ۋە جىمى ياخشى سۈپەتلەرگىلا تەكلىپ قىلغان ۋە شۇنىڭغا بۇيرىغان ) ( 80 ) ( ئى بارلىق كۇفرىلىقلاردىن يانمىغۇچىلار جامائەسى ! ) بۇ قۇرئاننى ( شۇ ھالىتىڭلاردا ئوقۇشلۇق قىلىپ قويۇپلا ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ، تىلى - مەۋقەسىنى ) ئىنكار قىلامسىلەر ؟ ( 81 ) ( بۇ زور نېمەتكە ) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ، ( نادان ، ھاماقەت ۋە غاپىللىقلاردا يۈزەكى پىكىر قىلىپ قويۇپلا ئاددىغىنە ئەقلىڭلەر بىلەن گۇمانىي چۈشەنچەڭلەرگە بېرىلىپلا ) ئىنكار قىلامسىلەر ؟ ( 82 ) ۋاقىئە


داۋامىي بار !



سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 10:47:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنىڭ قىسمەن پايدىلىق تارىپى بولغانلىقى ئۈچۈن چولپانلار مۇنبرىدىن چاپلاپ ئەكەلدىم !

  


كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تۇنىشىدا غەيب دىگەن بۇ سۆز ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق . چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر غەيىبنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەستىن ‹‹ غەيىبنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ . كىمكى غەيبتىن خەۋەر بېرىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنى خۇدالىق ئورنىغا قويغان بولىدۇ ›› دەپ قورقۇتۇش ئاستىدا كىشىلەرنىڭ غەيبكە بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن سۇس ۋە ئىنتايىن زەئىبتۇر . ھەتتە كۆپىنچە كىشىلەر غەيب توغرىسىدا ھېچ ئويلىنىشقا پىكىر قىلىشتىن خۇددى يولۋاستىن قورققاندەك قورقىدۇ . چۈنكى ئىلگىركى غەيبىي ئىلىمنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەستىن پاسات تېرىغۇچىلار تەرىپىدىن پۇت - قوللىرى چۈشەپ قۇيۇلغانلىقتىن ھەم بەزى غەيرىي ئاڭلىنىدىغان سۆزلەرگە قارىتا ئۆزلىكىدىن ۋەسۋەسىگە چۈشىشىپ ھېچ تۇتۇرۇق بولمايدىغان بىر نىمىلەرگە باغلىنىۋېلىپ ؛ يىلاندىن بىر قورققان كىشى ئارغامچىنى كۆرسىمۇ چۆچىگەندەك ھەر ۋاقىت چۆچۈش ئىچىدە ئۆزلىرىگە ئەسلى پايدىلىق بولغان ئىلىمدارلارغا مۇلاقات بولسىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ بەزى غەيرىي ، يۇقىرى ئىلىملىك سۆزلىرىنى چۈشىنىپ بولالماستىن ئۇلاردىن قېچىشنى ئاساس قىلىشتا نۇرغۇنلىغان زىيانكارلىقتا بولۇشنى تىلەپ قالدى ۋە تېخىمۇ ھاماقەتلىك يولىنى تەيىن قىلىشىپ قالدى ۋە كۆپلىگەن جاھىللار ، قىززىق قانلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىشىلەر ئارىسىدا پاسات تېرىشتا كەڭ سەيناغا چىقتى . چۈنكى ھېچ كىشى بايان قىلالمىغان نەرسىنى بايان قىلىۋېلىش ياكى بىلسىدۇ - بىلمىسىدۇ بىر ھۆكۈمگە قارشى تۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە كۆرىنىش ئۇلارغا قارىتا ئالاھىدە قىممەتلىك تۇيىلىدىغان بولغاچقا ، ھەر ۋاقىت پۇرسەت تاپسىلا ئۆزىنىڭ نەپسىگە ياقمىغان جېمىكى نەرسىلەرگە قارشىلىق قىلىپ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشكە ئۆتتى . شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى جەمىيىتىمىز بىر قەۋم بىر قەۋمدىن ئەسلى ئۇلارنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەستىن يىرگىنىدىغان ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇلاردا بولمىغان سۈپەتلەرنى چاپلاش بىلەن بۆھتان قىلىدىغان ، بولسا ئۇنى شەھەردىن ، مۇنبەردىن يوقۇتىۋېتىشنى تىلەيدىغان مەۋقەگە سىڭىشىپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھلى پاساتچى ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ‹‹ مەن ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغدىدىم ›› دەپ ئۆزلىرىنى بەزلەشكە ئۆتتى ۋە پەقەت ئۆزلىرىنىلا توغرا دىيىشتى . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانى نەپسىنى قوغدايتتى ۋە شۇ بۇيىچە بولغاندا ئۆزلىرىنى قوللايدىغان بىر بۆلۈك پىرقە - قەۋمگە ئېرىشەتتى . سۆزلىسەك ئىنتايىن كۆپ بۇ ھەسەتتىن كېلىدىغان ئاقىۋېتى ئەڭ ئېغىر يىرگىنىشلىك قىسمەتلەر . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئەسلى قىممىتى بىلەن تۇنىماسلىق ، ئايەتلىرىنى توغرا رەۋىشتە ھەزىم قىلالماسلىق ، نادانلىق ۋە ھاماقەتلىكتىن ، ئىنسانىيەتلىكىدىن تانغاندىكى كىيىنكى پەيدا بولغان تەكەببۇرلۇق ، ھەسەتخورلۇق مىجەز - خارەكتىرلەردىن كېلىدىغان ۋە كەلگەن ئاقىۋەتلەردۇر .
گەپكە كەلسەك : ئاللاھتائالا قۇرئان بېشىدىلا ئېيتتىكى : [ ئەلىف ، لام ، مىم ( 1 ) بۇ كىتابتا ( يەنى قۇرئاندا ) ھېچ شەك يوق ، ( ئۇ ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر ( 2 ) ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدۇ ، نامازنى ئادا قىلىدۇ ، ئۇلار بىز بەرگەن مال - مۈلۈكتىن ( خۇدا يولىغا ) سەرپ قىلىدۇ ( 3 ) ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ، سەندىن ئىلگىرىكى ( پەيغەمبەرلەرگە ) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ ( 4 ) بەقەر ]
ئاللاھ بۇ ئايىتىدە ‹‹ ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ ›› دىيىش بىلەن تەقۋادارلارنىڭ بىر سۈپىتىنى بايان قىلدى . بۇ سۈپەت قايسى خىل غەيبىي قىممىتى ، قورغانى ئىچىدە بولىدۇ ؟ بۇنى بىز قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىگە ۋە رۇسۇللاھنىڭ شۇ خىل قىممەتنى توغرا رەۋىشتە ئايرىغانكى سۆزىگە قارىتا بۇنىڭ ئەسلى قىممىتىنى ئايرىپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . چۈنكى بۇ يەردىكى ‹‹ ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ ›› دېگەنكى سۆزنى مۇنداقلا ئاددى چۈشىنىپ قالساق بولمايدۇ . چۈنكى ‹‹ ئىشىنىش ›› دېگەن سۆزنىڭ ماھىيىتى - قىممىتى ئىنچە ئاددىي ئەمەس . ‹‹ ئىشىنىش ›› دېگەن شۇ كىشىنىڭ شۇ خىل قىممىتى قورغاندا تۇرىۋاتقان ۋە چىن تەستىقلىغان ۋە ئۇنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئاساستا شۇ خىل قىممەت ئۈستىدە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئاللاھ تەقدىر قىلىپ بولغان ، ئەمما كۆپ ياكى ئاز قىسىم كىشىلەر شۇ خىل تەقدىرنى چۈشەنمىگەن ، ھىس قىلمىغان بولسا ، ئۇ شۇ كىشىلەرگە يەنىلا غەيب ( يەنى يۇشۇرۇن ) بولغان بولىدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا ئېيتىپ چۈشەندۈرىدۇكى : [ سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا ( يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا ) سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرتلار خەۋەردار قىلدى . سۇلەيمان ( ھاسسىسىنى قۇرت يەپ ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى ، ئەگەر ئۇلار ( شۇنىڭدەك سۇلەيماننىڭ تۇرقىدىكى يۇشۇرۇن سىردىن ئىبارەت ) غەيىبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى ، ( ئۆزلىرىنى ) خار قىلغۇچى ئازابتا ( شۇنچە ئۇزاق ئېغىر ئەمگەكتە ) قالمىغان بولاتتى ( 14 سەبەئ ) ] شۇنىڭدەك ، بىر ئىلىم قايسى بىر كىشىلەرگە تېخى ئاشكارلانماي مەخپىي بولىۋاتقان بولسا ، ئۇ يەنىلا غەيبلەردىن بولۇپ ، مەخپىي سىرلار قاتارىدىن بولغۇسىدۇر . بۇ خىل سىرلارنى شۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ئىگە بولغۇچى ، ئاللاھ شۇ خىل ئىلىمنى شۇ خىل كىشىلەرگە بەرگەن ، بىلدۈرگەن بولسا ئۇلار غەيىبنى دەۋا قىلدى بولۇپ ھاقارەتلەنمەيدۇ . بۇ خىل قىممەتلەرگە مەيلى يۇلتۇز ئىلمىسى بولسۇن ياكى پەن - تېخنىكا تەرىپىدىن ئاشكارلانغان بولسۇن ، ھەقىقەت ئىلىم ، دىنغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان شەيئىلىك ئىلىم چەتكە قېقىلمايدۇ ، بىردەك ھاقارەتلەنمەيدۇ . ھەممىلەرنىڭ قىممىتى بار بولۇپ ، ئەسلى قىممىتىنى قۇرئاننىڭ ھۆكمىسى بويىچە ، سۈننەتنىڭ قورغانى بويىچە تەتبىقلاش لازىم بولىدۇ . دىندا دىنغا خاس قىممەتنى ئىنكار قىلىشقا ، ياكى دىنغا قارىتا يامانلىقنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھەر ئىلىمدە شۇ ئىلىمنىڭ ئەھلىگە قاراشقا ، ھەر شەيئىنى توغرا تەدبىقلاشقا توغرا كېلىدۇ .
ئاللاھ غەيىبنىڭ سۆزىنى ئاچتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ سەيئى قىلىشتىكى قورغانىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە قايسى خىل قورغانغا ئىشىنىش ( يەنى شۇ يولدا مېڭىش ) ۋە قايسى قورغاننى تاشلاش ياكى ئىزدىنىشتىن باش تارتىش توغرىسىدا ھەقىقەت ئىلمىسىنى بايان قىلدى ، بىزلەرگە ئەسلى قىممەتكە ئالاقىدار بولغان قورغانلارنى بىكىتىپ بەردى . ئاللاھ بىزنىڭ ئۆزىنىڭ غەيبىي قورغانى ئىچىدە ئەركىن سەيئى قىلىشىمىزغا كەڭچىلىك بېرىش بىلەن رۇسۇللاھنىڭ تىلى ئارقىلىق ئېيتتىكى : غەيىبنىڭ خەزىنىسى بەشتۇر ( يەنى ئاللاھ تەپەككۇر قىلىشتىن ، ئىزدىنىشتىن قەتئى توسقان ۋە شۇ خىل قىممەتنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ بەندە بىلمەيدىغان ، ئەمما بىلىمەن دەيدىكەن ، ئۇ كاززاپلاردىن يەنى يالغانچى ، گۇماندىلا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ بىكىتكەن ) . بىرى : ئىنسان ئەتە نېمە قىلىدىغانلىقىنى ، ئەتە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ( يەنى ، بەندە گەرچە كىيىن مۇنداق - مۇنداق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ كۆڭلىگە پۈككەن بولسا ۋە ئاللاھنىڭ كىيىنكى ۋەدىسىگە ئىشەنگەن بولسا ، ياكى بىر ئىشنىڭ ياخشى - يامان بولىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بولسا ئەمما ئەتە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ۋە پالچىلىقتىمۇ ،شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ساھەلەردىمۇ ئەتىدىكى كۈندە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەمما پەقەت پەرەز قىلىدۇ . بۇ خىل ئىلىمىي پەرەز يۈز پىرسەنت بولمايدۇ . ) . ئىككىنچىسى : قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ ( يەنى ، ئاللاھنىڭ چوڭ - كىچىك بولغان ، بىر ياكى بىر مىللەتكە ياكى بىر قەۋمگە بولغان ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدىكى يامانلىقتىن ئىبارەت پۈتۈلگەن ئازابنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . پەقەت شۇ خىل قىممەتنى ھىسسىي ۋە پەرەز قىلىش قىلالايدۇ ) . ئۈچىنچىسى : يامغۇرنىڭ قاچان ياغىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ ( ئەمما ، ئۇنىڭ يېغىشى ئالدىدا قەيەرگە ياغىدىغانلىق ئىلمىسىنى توغرىسىدا تەپەككۇر بولسۇن ياكى باشقا تەتقىقات ۋە مۇنەججىملىك ئىلىملىرىدە بولسۇن بۇ خىل ئەسلى پۈتۈلۈپ كەتكەن ، ياكى يۆلىنىشىدىن خەۋەر بەرگەن ئىشلار غەيىبنى دەۋا قىلغان بولمايدۇ . بۇ ئىلىم ئىنسانغا يۈز پىرسەنت مەخپىي ئەمەس ھە، يۈز پىرسەنت ئاشكارىمۇ ئەمەس . بۇ توغرىسىدا ئاستىدا يەنە توختىلىمىز ) تۆتىنچىسى : كىشى ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ( يەنى ، شۇ ئىنسان شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ياكى ئىنتايىن ئۈستۈنلۈك ئىلمىسىگە يېتىپ كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ قانچە ئۇزۇنغا بارالايدىغانلىق قىممىتى سىرىنى يىشىپ چىققۇدەك ئىلىمگە ئىگە بولۇپ ( بۇ توغرىسىدا ھەم تۆۋەندە تەپسىلى توختىلىمىز ) ، ئۇنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىنى شۇ ئىلىمگە ئاساسلىنىپ توغرا يەكۈنلەپ چىققان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق يەردە ئۆلىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . يولدا ئۆلەمدۇ ، ئۆيىدە ئۆلۈمدۇ ، دوختۇرخانىدا ئۆلەمدۇ ...........بۇلارنى بىلىش پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر ) بەشىنچىسى : قورساقتىكى بالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىنسان بىلمەيدۇ ( يەنى ئۇنىڭ بەخىتلىكمۇ ، بەخىتسىزمۇ ، سالامەت تۇغۇلامدۇ ياكى ئۆلۈك تۇغۇلامدۇ ۋە ياكى ئەيىبناك تۇغۇلامدۇ ؟ بۇنى بىلىش پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر . ئەمما ئۇنىڭ قىز - ئوغۇللىقى ئىلگىرىدىن بەزى ئالامەتلىرىگە قارىتا گۇمانىي نەتىجە بىلەن گەرچە يۈز پىرسەنت بولمىسىمۇ بۇ خىل نەتىجىلەر بۇرۇندىن بار بولغان ۋە بۈگۈنكى تېخنىكىلاردا ئۈسكۈنىلەردە كۆرىنىش قىممىتى بار . بۇ خىل كۆرىنىش بەزى ئادەملەردە ھەم مەۋجۇت بولۇپ قالىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن قورساقتىكى بالىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى بىلىش بۇ پەقەت ئاللاھقىلا خاس ئىلىم ئەمەس ) . مانا مۇشۇ ئاللاھ چەكلىگەن چىگرادىن چەتنەپ چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا كىملەركى ئىزدىنىش قىلىدىكەن ، ئۇ يۈز پىرسەنت چەكلەنمەيدۇ . بۇ خىل ئىلىملەر بار بولغان ئىلىم . ئەمما ئەڭ توغرىسى رۇسۇللاھ ئېلىپ كەلگەن شەرئىتى قىممەتتۇركى ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق دىندا قانداق بولۇش ۋە نېمىلەردىن يېنىش ، ئىبادەتتە ئاللاھقا قايسى خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولۇشتەك قىممەتتە بولۇشنى ئاساسلىق پىرىنسىپ قىلماقتۇر !
ئاللاھتائالا سۈرە دۇخاندا ئېيتىدۇكى : [ ھا ، مىم ( 1 ) روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن ( 2 ) بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە ( يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە ) نازىل قىلدۇق ، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ( ھەر ۋاقىت قۇرئان بىلەن ) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق ( 3 ) ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ( ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان ) ئىش ( يەنى بەندىلەرنىڭ ماددى - مەنىۋى جەھەتلەردىكى رىزقى ، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋاللار ) ئايرىلىدۇ ( 4 ) ( شۇ كېچىدە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر ، بىز ھەقىقەتەن ( مۇشۇ خىل قىممەتنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆزىگە تىلىگۈچى ۋە باشقىلارغا ھەم توغرا رەۋىشتە بايان قىلىپ كۆرسەتكۈچى ئىلىم ئەھلىلىرىنى ) ئەۋەتكۈچى بولدۇق ( 5 ) ( شۇ ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر . ئۇ ھەقىقەتەن ( بەندىلىرىنىڭ شۇ خىل ئىلىملەرگە قارىتا ئېيتقان سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ، ( ئەھۋالىنى تولۇق ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ( 6 ) ( ئى شۇ خىل يۇلتۇز ئىلمىسى ئۈستىدە بولغۇچىلار جامائەسى ! ئەگەر سىلەر شۇ خىل نەتىجىلەرگە دەلىللىرىگە ) ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار ، ( ئۇ ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( 7 ) ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ، ئۇ ( شۇ خىل ئىلىملىرى ئارقىلىق بەندىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ يىتەكلەپ گۇمراھلىقتىن نىجاتلىققا قارىتا ئېلىپ چىقىپ ) تىرىلدۈرەلەيدۇ ، ( بۇ خىل قىممەتنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە بۇلارغا بېرىلىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنىڭ ھەم ) جېنىنى ئالالايدۇ ( 8 دۇخان )
شۇنىڭدەك ، ئاللاھ ھەر يىلى شەبى قەدرى كېچىسىدە تەقدىر قىلىپ پۈتكۈن ئىشلارنى شۇ خىل ئىلىمگە ئىگە بولغانلار تەرىپىدىن ئاڭلاش ، بۇ بەك ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس . بۇ خىل ئىلىمنى ئاللاھ شۇ خىل سىرلىق ھاللاردا چۈشۈرۈپ بەرگەننى شۇ خىل ئىلىمگە ئىگە بولغۇچىلارنىڭ بىلىشى ۋە ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھاللاردا ئېيتىشى غەيىبنى دەۋا قىلغانلىق ئەمەس . جىنلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرىش ھەم غەيبنى دەۋا قىلغانلىق ئەمەس . ھەممىنىڭ توغرا يولى باردۇر . گەپ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە ! بۇمۇ ئايەتتە ئېيتىلغاندەك ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى مۇشۇ خىل قىممەت ئارقىلىق ھەم نىجاتلىققا چىقىرىشتىكى يولى بولۇپ ، بۇ يول ئارقىلىق ھەم مۇشۇ يولدىكى شۇ كىشىمۇ ئاللاھدىن نىجاتلىقنى بېرىشنى خالىغان ۋە ئاللاھمۇ ئۇنى ھەقىقەتكە چىقىرىشقا ئىرادە قىلىپ خالىغان بەندىلىرىنى ھەقىقەتكە يىتەكلەيدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل قىممەتتىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى ، بولۇپمۇ ئەھلى سۈننەتكە ئالاقىدار قىممەتتىن تۇسۇپ جان بېقىشنى ، كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە قىممەتكە ئىگىلىك ھالەتنى ساقلىماق ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلىق بولۇشنى تاللىغانلىقتىن پەقەت دۇنيالىقنى تىلەشكە ئۆتىدۇ . بۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ھەم قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىش ئۈچۈن دوزاخقا يېقىلغۇ بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . شۇڭا رۇسۇللاھ : كىمكى شۇنىڭدەك داخاننىڭ ، پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلار ئېيتقان سۆزلەرگە چىن تەستىقلاپ راست دەيدىكەن ، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس - دېگەن . چۈنكى رۇسۇللاھ ئېلىپ كەلگەن لىنىيە بۇ خىل قىممەتنى ئىنكار قىلىش ئەمەس بەلكى بۇلاردەك يۇلتۇز ئىلمىسىگە ئىشىنىش ، يۇلتۇزغا مۆئمىن بولۇشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر ! چۈنكى ، ئاللاھقا مۆئمىن بولغۇچى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇش ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ قۇرئاندا ھىسسىي تەرەپتىن بەرگىنىدەك قىممەتكە يېتىش ۋە شۇ خىل قىممەتكە ئاساسلىنىشنى تىلىمەكتۇر ۋە شۇ خىل قىممەتتە بولماقتۇر . ئاللاھقا مۆئمىن بولغان ئىكەنمىز ، چوقۇمكى بۇ خىل پالچىلىق ، داخانلىق ئىشلاردىن پۈتكۈل يېنىشىمىز كېرەك ۋە ھېچ ئىشتا ئۇلارغا تايانماسلىقىمىز كېرەك پەقەت ئاللاھ قۇرئاندا ۋە ھەدىستە كۆرسەتكەن يولىغىلا چۈشىشىمىز ، شۇ خىل قىممىتى قورغانغا چوقۇنىشىمىز كېرەكتۇر ! ھەدىستە كەلدىكى ، بىر مۆئمىننىڭ شۇلارغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا شۇنىڭدەك يەرگە بارىدىكەن ، ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك نامىزى قۇبۇل بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن 40 كۈنلۈك ئىمان كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ . ئەمما قايسى بىر مۆئمىن ئۆز مەيلىچە شۇنىڭدەك يەرگە بارىدىكەن ، رۇسۇللاھ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت قىممىتىگە كاپىر بولغان ( يەنى شۇ خىل قىممەتكە ئارقىسىنى قىلغان ) بولىدۇ !
ئاللاھ پۈتۈن شەيئىنى ياراتتى . ئەمما ھەر بىر شەيئىدىكى ئىلىمنىڭ ئاشكارلىنىشىغىچە مەلۇم ۋاقىت تەيىن قىلدى . شۇنىڭغىچە ھېچ بىر ئەھەدى بۇ سىرلارنى ئاشكارلاش ئەقلىدىن تەپەككۇرىدىن يىراقتۇر . يەنە شۇ ئايەتتە ئېنىقكى : [ سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا ( يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا ) سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرتلار خەۋەردار قىلدى . سۇلەيمان ( ھاسسىسىنى قۇرت يەپ ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى ، ئەگەر ئۇلار ( شۇنىڭدەك سۇلەيماننىڭ تۇرقىدىكى يۇشۇرۇن سىردىن ئىبارەت ) غەيىبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى ، ( ئۆزلىرىنى ) خار قىلغۇچى ئازابتا ( شۇنچە ئۇزاق ئېغىر ئەمگەكتە ) قالمىغان بولاتتى ( 14 سەبەئ ) ] شۇنىڭدەك كۆرۈلۈپ تۇرىلىۋاتقان بىر شەيئىنىڭ ئىچكى قىممىتى ھەم غەيب ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ ، تاكى ئاللاھ خالىغان بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ باشقا ھالغا كېلىپ ئۆزگىرىشى بىلەن بەزى ئۇنىڭ قىممىتى ئاشكارا بولغۇچە تەپەككۇرسىز كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىكى قىممىتىنى تۇنىيالماسلىقى ۋە ھىس قىلالماسلىقى يەنىلا ئۇلارنىڭ شۇ خىل غەيب - سىرنىڭ ماھىيىتىنى تۇنىمىغانلىقىدىندۇر ! شۇ خىل شەيئى ھەم شۇ خىل كىشىلەرگە غەيب تۇيۇلىدۇكى ، ئۇلارغا توساتتىنلا شۇ خىل شەيئى توغرىسىدىكى قىممەت بايان قىلىنسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جاھىللار ، ھاماقەتلەر‹‹ ئاتا - بوۋام شۇنداق دېگەن ›› دەپلا ياكى قارغۇلاچە ئىنكار قىلىشى تۇرغانلا گەپ . ياكى بولمىسا ‹‹ خۇدايىم بىلىدۇ ›› دەپ قېيداشقا ، ۋە ياكى بولمىسا سۈكۈت قىلماققا مەجبۇر بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئاشكارا بايان قىلىشتىكى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئەسلى ھالالدۇر . توغرىدۇر . ئەمما بۇلارنى يامان تەرىپىنىلا كۆرۈپ ئىنكار قىلىۋېتىش ياكى تۇنجۇقتۇرۇپ يوقۇتىۋېتىش پەقەت نادان ، ھاماقەتلەرنىڭ ، قىلمىشىدا مۇستەبىتلەرنىڭ قىلمىشلىرىدۇر - خالاس ! مىسالى قۇرت مەسەللىك ئىزدەنگۈچى كىشىلەر تەرىپىدىن سۇلەيمان ئەلايھىسسالامنىڭ ئۈلۈكى يىقىلغىنىدەك بەزى قىممەتلىك شەيئىلەرنىڭ ئاشكارلىنىشى ئۇلاردىن بولمىغان ھەم باشقا بىر قەۋمگە ، باشقا بىر ئۈممەتكە پايدىلىق تەرىپى ھەم بار بولغان بولىدۇ . بۇنىڭدەك قىممەتلەرنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدەك گەرچە قېرى بولسىمۇ ، كۆپىنچە نادانلار تەرىپىدىن ئالجىپ قالغان دىيىۋاتقان بولسىمۇ ، ئى ئەقىل ئىگىلىرى ! شۇنىڭدەك دۇنيالىقتا ، دىنىي قىممەتتە تۇتقا قىلىنىدىغان تەرەپلەردىن ئۇلارغا تىۋىنىڭلاركى ، ئاللاھ قۇرئانىدا ئېيتتى : [ ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى ، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى . بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق ، ( مىسىر ) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بۇيىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى ، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ قىلىشىنى خالىدى ، بىز خالىغان ئادەمنى ( يۈسۈفنى كۆتۈرگەندەك ) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتىرىمىز ، ھەر بىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار ( 76 يۈسۈف ) ] بۇ ئايەتتە بىر ھېكمەتلىك تەدبىرنىڭ قىممىتى بايان قىلىنغان . ھالبۇكى بۇ خىل قىممەتنى بىز غەيب دېمىگەن ئىدۇق . ئەمما ئاللاھ شۇ خىل نادانلار ، ھاماقەتلەرگە قارىتا ئېيتتىكى : [ سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار ، ئاندىن ئېيتىڭلاركى ، ئى ئاتىمىز ! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستلا ئوغۇرلۇق قىلدى ، بىز پەقەت بىلمىگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز ، بىز غەيىبنى بىلمەيمىز ( يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق ) ( 81 ) بىز تۇرغا نشەھەردىن ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن ،بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست ›› ( 82 يۈسۈف ) ] بۇ ئايەتتىنمۇ ھەم ئېنىقكى ، بىر كىشىنىڭ ئىچكى قىممىتى ھەم بىرەر تەدبىرنىڭ تۈزۈلىشى شۇ خىل ئىلىمگە ئىگە بولمىغانلارغا يەنىلا سىر غەيب بولىدۇكى ، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرگە شۇ خىل ئىلىمنى بىرىدۇ . ئەمما كىشىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ دەلىلى ھۆكۈم قىلغاندا ، بۇ خىل قىممەتنى چۈشەنمەستىن يەنىلا قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلىش ياكى باشقىلارغر شۇ كىشىنىڭ شۇ قىلمىشى سەۋەبلىك پىتنە قىلىش شۇ كىشىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە گۇناھتۇر ! ئاللاھ ئېيتقان ‹‹ پەيغەمبەرگە ۋە مۆئمىنلەرگە مۇناپىقلار توغرىسىدىكى ئىلىم ئاشكارا بولغاندا ئۇلار توغرىسىدا شاپائەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ ›› . شۇڭا بىر كىشى بىر كىشىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىدىن نەق تۇنۇپ ‹‹ كاپىر ، ياكى مۇشرىك ، مۇناپىق ، پاسىق ›› دەپ ئاتىسا ، چۈشەنمىگەنلەر بۇلار توغرىسىدا پاسات قىلىشى يەنىلا ئېغىر گۇناھتۇر ! بۇ خىل سىر ئىلىمنىمۇ ھەم ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بىلدۈرىدۇ . بىلگەنلەر ئاشكارا ئېيتقاندا بولسا ‹‹ بۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ ›› دەپ تەنە قىلىش ۋە ئۇلارنى كەمسىندۈرۈش ھېچ توغرا ئەمەس . پەقەت سۈكۈت قىلسۇنكى ، سۈكۈت قىلىش بولدى دىگەنلىك ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ سىرىنى ، نېمە ئۈچۈنلىكى توغرىسىدا تىڭتىڭلاش ، ئىزدىنىش دېگەنلىكتۇر . ساھابىيلەر ئېيتىپتۇلەركى ، - رۇسۇللاھ بىزگە ھەر بىر ئىشىمىزدا ئىستىخار قىلىشىمىزنى خۇددى قۇرئان ئايەتلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى . - شۇنداق ! بىر ئىشنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا كىشى چوقۇم ئېنىق چۈشەنچىگە كېلىشى كېرەكتۇر . چۈنكى ئىسلام دەلىلگە ئاساسلىنىدۇ . يۇلتۇزغا چوقۇنغۇچىلار بىر ئىشتا پالچىنىڭ ، داخاننىڭ يېنىغا بېرىپ شۇ ئىشىنىڭ خەيرىيەتلىك تەرىپى توغرىسىدا تەبىر ئېلىشنى ئىختىيار قىلىدۇ . ئەمما بۇ مۆئمىنلەرگە قارشى ئىشىنىشلەر بولۇپ ، رۇسۇللاھ ئەنە شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتتا ئاللاھقا تېۋىنىشقا ، پەقەت ئاللاھدىنلا تەلەپ قىلىش ، تىلەشكە دەۋەت قىلغان . شۇڭا ئېيتقانكى : - چۈش ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ياخشى چۈش بولۇپ ، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ . يەنە بىرى يامان چۈش بولۇپ ، بۇ شەيتان تەرىپىدىن بولىدۇ . كىمكى يامان چۈش كۆرۈپ قالغان بولسا سول تەرىپىگە سۈھكەشلىۋېتىپ ياكى ئۈچ قېتىم تۈكىرىۋېتىپ ئۇخلاپ قالسۇن . ئۇنىڭغا ئۇ چۈش زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدۇ . - دېگەن . رۇسۇللاھنىڭ شەرئىتىگە مۆئمىن بولغۇچى ئاللاھقا مۆئمىن بولغان بولۇپ ، ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ ھۆكۈم بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىككى رەكەت ئىستىخار نامىزى ئوقۇپ ، نامازدىن كىيىن ئاللاھدىن شۇ ئىشنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تەلەپ قىلىشى كېرەكتۇر . ئەمما ئاللاھ چۈشلەردىن ھەممىلەرنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ مەنا بېرىدۇكى ، كىشى شۇ خىل مەنانى چۈشىنەلمىسە ئۆزلىرىگە ھامىي بولغان ياكى كېپىل بولغان ۋە ياكى يېقىن ئىلىملىك دوست بولغان كىشىلىرىگە ئېيتىپ چۈشىگە قارىتا تەبىر ئېلىشى زۆرۈردۇر ! رۇسۇللاھ مۆئمىننىڭ چۈشى توغرىسىدا ئېيتپ : - مۆئمىننىڭ كۆرگەن چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 دەن بىرىگە تەڭ - دېگەن ۋە دائىم ساھابىيلىرىدىن چۈش كۆرگەن كۆرمىگەنلىك توغرىسىدا سوراپ تۇرغان ۋە چۈش كۆرگۈچىلەرگە ئۇنىڭ تەبىرىنى ، مەنىسىنى ئېيتىپ بەرگەن . بۇ ئىستىخار پەقەت دىندا يېڭىچە ، ئاجىزلارغا بېرىلگەن قىممەتتۇر . ئەمما كۈچلۈكلەر ئىستىخار قىلسا چۈش كۆرمەيدۇ بەلكى شۇ خىل ئىستىخار شۇ خىل پىكىرنى قىلىۋاتقاندا ئۆز ئەتىراپىدىكى شەيئىلەر ئۈستىدىلا روشەن جاۋابقا ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزگىچە تەقدىر قىسمەتلىنىدۇ . خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدەك ۋە ئاللاھ ئۇنىڭ توغرىسىدا ئېيتقاندەك : [ ئۇ ( يەنى زۇلەيخا ) يۈسۈفكە ( يېقىنچىلىق قىلىشقا ) بەل باغلىدى ، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا ، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى . بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق ، شۈنھىسىزكى ، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى ( 24 يۈسۈف ) ] بىز بۇ يەردىكى مەنادا ئۇنىڭ كىنوسىدىكى مەناغا ئەمەس بەلكى قۇرئاننىڭ ھۆكمىسىگە قارايمىز . ئايەتتە يۈسۈفنىڭ زۇلەيخانىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشكە تاستاماس قالغانلىقى بايانلىنىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقىلا تەقۋالىق قىلغۇچى مەيلى قايسى بىر تەقدىرگە مۇلاقات بولدىكەن ، ئۇ ئىچكىرلەپ كىرىۋەرسۇن ۋە ھەر بىر ئىشىدا ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇپ ‹‹ ئەگەر ئى ئاللاھ ! سەن شۇنى ماڭا ئىرادە قىلغان بولساڭ ›› دەپ نىيەتنى شۇنىڭغا ئۇرۇپ تۇرغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئۇنىڭغا قارىتا بولغان بىر ئاجايىپ جاۋاب مەيدانغا چىققۇسىدۇر ! خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ، بىر چۈش بىلەن ئۆز ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن ئوغلىنىڭ يېنىغا شۇ خىل چۈشنى ئېيتىپ كەلدى . ئۇ ‹‹ ئوغلۇم ئۇنىماسمىكى ، شۇ يەردە بىر جاۋاب چىقىدۇ ›› دىگەن ئۈمۈتتە ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى . ئەمما ئوغلى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىشىنى ئېيتتى . ھەتتاكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىنىڭ كۆزىنى ئەتتى ۋە يېنىچە ياتقۇزدى . ئەنە شۇ ۋاقىتتا ناگاھان ئاللاھ تەرىپىدىن بىر نىدا كېلىپ ‹‹ ئى ئىبراھىم ! سەن ھەقىقەتەن چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ›› دەپ ئېيتتى . بۇ يەردە بىز تارىخقا قاراپلا پىچاقنى بۇغۇزغا ئۇرمايمىز . بىزنىڭ چوقۇنىشىمىز تارىخ ئەمەس . بەلكى قۇرئاننىڭ ھۆكمىدۇر . ئەمما ئۆزىچە ئىبراھىم بولۇپ باققۇسى كېلىپ قولىغا مىسالى پىچاق چىقىپ بوغۇزغا تەڭلىنىشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئەتىراپىڭدا ساڭا شۇنىڭدەك قىسمەتتىن تۇسۇيدىغان بىرەر جاۋاب چىقمىسا ئارقاڭغا قايت ! سەن شۇ خىل قىممەتنىڭ خىلى ئەمەسلىكىڭ ئېنىق .
[ ئۇلار ( يەنى يەئقۇبنىڭ ئالدىدىكى زالىم ئوغۇللىرى ) : ‹‹ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ ( ھەسرەتتىن ) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇق ›› دېدى ( 85 ) يەئقۇب ئېيتتى : ‹‹ مەن قايغۇ - ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن ، ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن ( 86 ) ئى ئوغۇللىرىم ! بېرىڭلار ، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار ، شۈبھىسىزكى ، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ›› ( 87 يۈسۈف ) ] يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يەردىكى ئىشەنچىسى شۇكى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىلگىرى كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسىغا بىر چۈشنى ئېيتقان ئىدى . [ ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا : ‹‹ ئى ئاتا ! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم ›› دېدى ( 4 ) ئاتىسى : ‹‹ ئى ئوغلۇم ! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن ، ساڭا سۈيقەست قىلىپ سالمىسۇن ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر ›› دېدى ( 5 يۈسۈف ) ] يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنچە دىشۋارچىلىقلارغا قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئەنە شۇكى ، ئوغلىنىڭ كۆرگەن بىر چۈشىنى تەستىقلىغان ۋە ئېيتقان سۆزىدە مۇستەھكەم تۇرماقنى تىلەش يولىدا بولدى . گەرچە ئوغلىنىڭ يۈسۈف توغرىسىدا ئۆلگەنكى خەۋىرى كەلگەن بولسىمۇ ھېچ ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ۋە پەقەت ئاللاھقىلا تېۋىندى ، ياردەمنى ئاللاھدىنلا تىلىدى ، تەلەپ قىلدى . شۇ ۋاقتىدا ئېيتقان بىر ئىمانى تاكى قېرىپ ، كۆزلىرى ئاقىرىپ كەتكۈچە ، جىمى ئەتىراپىدىكى كىشىلەر ھەتتە ئۇنى ئاداشقانغا چىقارغا ھالەتتە ئۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىدى . شۇڭا ئاللاھ مۆئمىنلەر ئېيتتىكى : ‹‹ ئى مۆئمىنلەر ! سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلارنىڭ ، بالىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار ›› دېيىش بىلەن ھەر ۋاقىت شۇنىڭدەك دەلىلى بىلەن ئېيتقان ئىمانىمىزدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن بىلمىگەنلىك سەۋەبتىن شۇلار بىزگە شەيتانى ۋەسۋەسىلەرنى قىلىپمۇ سالىدۇ . ئەمما كىمكى ئاللاھدىن بىر دەلىلنى ئالغان بولسا ، مەيلى ئۇ قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىمىسۇن ، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغاندا ئاقىۋەت ئۇنىڭ مەنپەتىنى كۆرىدۇ . چۈنكى ئاللاھ تەقۋالىق قىلغۇچىنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ . ئۆز ۋاقتىدا يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغۇللىرىنى مىسىرغا ئەۋەتكەندە باشقىچە بىر يۆنىلىش پەيدا قىلغان ئىدى . يەنى : [ ئى ئوغۇللىرىم ! ( مىسىرغا ) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي ، باشقا - ناشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار ، ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن ، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم ، تەۋەككۇل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن ! ›› دېدى ( 67 ) ] يەئقۇب ئەلەيھىسسالام مۇنا مۇشۇ يەردە مۇشۇ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئاللاھنىڭ بۇ سەپەرلەردە قانداق ھېكمەتلىرىنىڭ بارلىقىنى تۇنۇش يۈزىسىدىن تەدبىرى ئىستىخار قىلدى . ئەمەلىيەتتە شۇنىڭدەك بىر پۇختا تەدبىرمۇ ئۆزگىچە بىر چۈشتۇر ! ئۇنىڭدا ھەم مەنا باردۇر . ئەنە شۇ خىل مەنالاردىن ھەم كىيىنكى ئىشەنچ بارلىققا كەلگۈسىدۇر ! شۇ خىل ئىستىخارنىڭ ئېقىۋېتى نەتىجىسى چىقتىكى : [ كارۋان قوزغالغان چاغدا ، ئۇلارنىڭ ئاتىسى : ‹‹ مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن ، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار ›› دېدى ( 94 ) ئۇلار ( يەنى بۇ خىل قىممەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ) : ‹‹ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن ›› دېدى ( 95 ) خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى ، يەئقۇب : ‹‹ مەن سىلەرگە ، ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن ، دېمىگەنمىدىم ›› دېدى ( 96 ) ] چۆجىنى كۈزدە سانا دەپ ، ئىش ئاقىۋەتتە ئېنىق بولدى . كىمنىڭ راستچىل ، كىمنىڭ يالغانچى ، كىمنىڭ بەزى ئىلىمنى چۈشىنىدىغان ۋە كىمنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقى ئېنق بولدى . ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۆز ئاتىسىنىڭ پەيغەمبەر ، ئادەتتكى ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغان ، ئەمما بىلمىگەن ئىشلىرى ئۈستىدە ھالىغا باقماي ئىلىم ئىگىسىنى ئىمانىدىن ياندۇرۇشنى قەستلەيدىغان نادانلار ، ھاماقەتلەرنىڭ بىر ھالى بولۇپ : [ ئۇلار : « ئى ئاتىمىز ! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن ، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق » دېدى ( 97 ) ] كىم كىمنى بوزەك قىلغان بولسا ، بوزەك قىلغۇچى ئۆزلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغۇچىدىن كەچۈرۈم سورىسۇنكى ، يۈسۈفتىن ھەم ئۇنىڭ ئاكىلىرى كەچۈرۈم سورىغاندەك  
مانا بۇلار بىر بۆلۈك غەيب ئىشلاردۇركى ، غەيب شۇنىڭدەك تېخى ئېچىلمىغان سىرلار ، بىلمىگەن ئىلىملەر شۇ كىشىگە قارىتا غەيبتۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن غەيب دېسە قوپقان پېتى چاچىراپ كەتمەي ، ئۇنىڭ قايسى قىممەتتە ئىكەنلىكى توغرىسدا پىكىر قىلايلى ! دىنغا ۋە قۇرئان - ھەدىسكە سالايلى ! بىلمىسەك ئەتىراپىمىزدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سورايلى ! بىر ئىشتا قىززىق قانلىق قىلىش پەقەت ئۆزىگە دۈشمەنلىك ئېلىپ كېلىدۇ خالاس ! بىلمىسەك سۈكۈت قىلايلى ، سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇندۇر !
ئۇيغۇر قەلىمى ! ئۇيغۇرلارنىڭ قەلىمى !!!


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 10:49:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى شەپقەتلىك مىھرىبان ئاللاھتىن بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىنى مەخفىرەت قىلىشنى تىلەيمەن!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش