مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qurighar

قۇرئانى كەرىمدىكى 45-ئايەتلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 03:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئاستا - ئاستا كەھفنىڭ ئىچىگە كىرەمدۇق ؟
رۇسۇللاھ ئېيتقاندەك ، بىز بارا - بارا دىننى ۋە ئىسلامنى تېپىش ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن چوقۇمكى ئىلگىركىلەرنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى چوڭقۇر رەۋىشتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ . تەتقىقات نەتىجىسى جەريانى شۇكى ، راستىنلا ئىلگىركىلەرنىڭ بىرەر قىلمىشى خۇددى كەسلەنچۈكنىڭ تۈشىكىگە كىرىپ كەتكەنچىلىك يەرگە كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ قەدەملەشكەن ھاللاردا ئىز قوغلاپ ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىزىنى ۋە ماھىيىتىنى تېپىشىمىز مۇئەييەنلەشتى . چۈنكى بۇ خىل قىممەت قارىشىنى ئاللاھ ئاۋال ئېيتقان : [ سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى ؛ يەر يۈزىدە سەيىر قىلىڭلار ( يەنى ئايلىنىپ ، ئۇلار توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى ئوقۇپ ، ئاقىۋەتتىكى جىسمى ، يۇرتلىرىنى كۆرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىر ماھىيەتلىرىنى چۈشىنىش قىلىڭلار ، ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى ، ‹‹ مەريەم ئوغلى پالانىلار ..... ›› نى ) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار ( ئەگەر سىلەر شۇلارنىڭ ھاياتىدىن توغرا رەۋىشتە تۇنۇش ھاسىل قىلىپ ئۆز زامانىڭلاردىكى شۇلارنىڭ زاماندىكىدەك قىممەتتە قانداق قىلىشلارغا قارىتا بىلىم ھاسىل قىلىپ توغرا تۇنىيالىشىڭلار مۇمكىن ) ( 137 ) بۇ ( قۇرئان ھەقىقەت ئىزدىگۈچى ) ئىنسانلارغا باياندۇر ( ۋە ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئەسلى قىممىتىنى ، شەكلىنى توغرا رەۋىشتە سۆزلىگۈچى ، ئەڭ ئىشەنچىلىك تەتقىقات ئوبىكتىدۇر ۋە بۇ قورغانغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئاللاھنى ڭرازىلىقىنى ئىزدىگۈچى ۋە بىلمىگەنلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ، بىلگەنلىرىگە ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلىشتا بولغۇچى ) تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز - نەسىھەتتۇر ( 138 ) ئال ئىمران ]  بۇ قۇرئان كىملەر ئاللاھقا بولغان ئىبادەتنى مۇكەممەل قىلىشقا ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە ئىسلامىي قورغانىنى ، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا قايسق رەۋىشتە ئىبادەت قىلىدىكەن ، ئورنى شەكلىنى تەكشۈرۈپ باقىدىكەن ، قۇرئاننىڭ قېلىپىغا چۈشۈرۈپ باقسا بولىدۇ . قۇرئانغا ئاساسلانمايلا دىنىي جەھەتتە ھۆرت - پۆرت دەپ مەيدانغا چىقىۋالىدىكەن ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى دەۋاسى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ، ئەمما ئۇ ئۆز قىممىتىنى تۇنىمايدۇ ۋە كەلگۈسىدىكى ۋە ھازىرقى پىتنىلەر ۋە دىنىي دولقۇنلاردىن ئۆتۈپ بولالماي قالدى . ھەر ۋاقىت مەلۇم بىر زاماندىن كىيىن خۇددى يەھۇدىي - ناسارالارنى سىنىغاندەك ئۆزگىچە ‹‹ سەجدىگاھ ›› لارغا سەجدە قىلالمايدۇ ۋە ھەتتە ئۇلارغا قارشى بۆھتانلارنى تارقىتىدۇ . ئاقىۋەتتە بىر نۆۋىتىدىلا ئاللاھقا ئاشكارا كاپىرلاردىن بولۇپ كېتىدۇ . بۇلارنى ھەم ئەئرافتىكىلەر ( يەنى سىماسىدىن قۇرئانغا سالغان ھاللاردا ئورنىنى بىلىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەر ) نەق تۇنۇيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا ئاللاھ ئايىتىدە مۇنداق دەپتۇ دەپلا زاماننىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەستىن ئۇدۇللا ئايەتنىڭ خېتى تۈزۈلىشىگە چوقۇنۇپ كەتسە ، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ھېكمىتىگە كاپىر بولۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ئاللاھ قۇرئاننى 23 يىل مابەينىدە نۇرۇنلىغان ھېكمەتلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل قىلىپ پۈتتۈردى ۋە دەلىلىگە رۇسۇللاھنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ساھابىيلارنى ، ئۇلارغا قارشى ئىسيانكارلار .......نى  بىردەك بايان قىلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ مۇشۇ قىممىتى ھېكمىتىگە ئەگشمەي قايسى ئايەت كەلسە ئۇدۇللا ئۆزىنىڭ نەپسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بىرىلىپ كېتىدىكەن ، ئۇ پەقەت ۋە پەقەت قۇرئان كېرىمنى ئەمەس بەلكى نەپسىنى دىنىي ھۆكۈم چىقىرىدىغان قورال قىلىۋالغان بولىدۇ . ئادەتتە ناسارالارمۇ ۋە يەھۇدىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ يولىنى توغرا كۆرسىتىپ قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ يولىنى ھەق دەپ تۇنۇيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى - ئۈچ ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ قويۇپلا ، ئۇنىڭغا قارشى ئۆزىنىڭ نەپسىنى مەۋقە قىلىش ئارقىلىق ئېتىقادىي مەسىلىلەرنى ، ئىماننىڭ يۈرىكىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلارنى ۋە ھامان ئىختىلاپقا ئوت ياققۇچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىش ، ئۇلار قۇرئاننى ۋە دىننى ئۇيۇنچۇق قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تىگىشلىك ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ۋاقتىغىچە سەۋىر قىلىپ كۈتۈش تەكلىپ قىلىنىدۇ . چۈنكى ئىسلام دىنىدىكىلەر ئاقىۋەتتە 73 پىرقە بولۇشى پۈتىۋېتىلگەنلىكتىن ، ئاللاھ شۇنداق پۈتكەن ئىكەن ، ھامان پۈتكىنى بولىدۇ . بىز پەقەت ‹‹ قايسى قەۋم ئۆز ھالىنى ياخشىلىق - يامانلىقلارغا ۋە قايسى پىرقە تەرەپلەرگە بىرىلىپ ، شۇنى تىلەپ ياكى شۇنى ئۈمىد قىلىپ ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ ›› دېگەنكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسلىنىپ ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىزگە مۇلاقات قىلىنغان كىشىلەرنىلا ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى تېپىشقا ۋە كىملەر بۇ ھېكمەتلەرنى قۇبۇل قىلماي پاسات تارقىتىدىكەن ئۇلار تاكى بىزگە مۇلاقات بولغۇچە ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك بولىدۇ . دىندا ۋە ئىسلامدا زورلاش يوق . ئىلىم ئېلىش ۋە بىرىش خۇددى ئافرىقا يايلىقىدىكى يىرتقۇچلارنىڭ جۈپلىشىش ھالىتىگە ئوخشايدۇ . ئۇلارنى چىشىسى تاكى شۇ خىل مەۋقەگە سېغىنىپ ئەركىكىنىڭ يېنىغا ئۆزى بارمىغۇچە ياكى ئۇلارنى چاقىرمىغۇچە ھەرگىزمۇ ھامىلدار بولالمىغىنىدەك ، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارمۇ تاكى ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ياخشىلىققا ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە قارىتا سېغىنىشتا شۇنى تەلەپ قىلمايدىكەن ، يەنىلا ئۆزىنىڭ يولىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدىكەن ، ئۇلارنى ھامىلدار قىلىمەن دىيىش ، خۇددى ئەركەك - چىشى يولۋاسنىڭ قان بۇغۇشقانلىقىدەكلا ئىش بولىدۇ خالاس ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بەندىلىرى تىلى ئارقىلىق ئېيتتى ‹‹ ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا ، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ ›› دەپ . قايسى قەۋم مەيلى قايسى ۋاقىت بولمىسۇن ، ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى مەيلى قايسى تەرەپكە قىزىقىپ ، شۇنى تەلەپ قىلىپ ۋە شۇنى ئۈمىد قىلىپ ئۆزگەرتمەيدىكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭ ھالنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا بارلىق مەۋجۇداتقا بەرمىگەن تەپەككۇرنى بەردى . ئىنسان ۋە جىنلارنى بىردەك قۇرئانغا ئەگىشىشكە بۇيرىدى . ئىجتىھادچىلارغا ئەگەشكۈچى ئىمتىيازلىق كىشىلەرنى خۇددى جىن مەسەللىك قىلدى ۋە جىنلارنى ھەم شۇنىڭدەك ئۆزلىرى خالىغان ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئىلىملەرنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئايتىدۇ : ‹‹ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىبادەتكە تۇرغاندا ، جىنلار ئۇنى بېسىۋېلىشقا تاس قالىدۇ ›› دەپ . بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ‹‹ ئاللاھنىڭ بەندىسى ›› پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملا ئەمەس بەلكى بارلىق ‹‹ مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنى ›› لاردۇر ! كىيىن جىنلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن يېڭىلىقلارنى ، ئۆزگىچە ئىلىملەرنى بايان قىلغىلى تۇرىدۇ . ئۇ ۋاقىتتا ئىسىمىزدە بولسۇنكى ، ئۇلارنىڭ سۆز تىڭشىغۇچى شۇ خىل شۇتىرىلىرى بىلەن بىردەك ، شۇ خىل ئىلىمنىڭ ، ھۆكۈمنىڭ فورمىلاسىنى ئېلىپ كۆرسىتىشكە ، دەلىلنى تاشلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە تەكلىپ قىلىسىلەر ! دەلىل شۇكى ، فورمىلانى ئىشلىگەن جەريانىدىكى سەھىپە ، كىتابچىلاردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ‹‹ ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ كىتابلىرىدا بار ›› دىگەنكى ھۆكۈمنى ئۇدۇللا ئېيتىپ بەرسەم ، ئىلىم تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى كىيىنكى زامانغا خاس دولقۇنلىشالمايدۇ ۋە جانلىنالمايدۇ . ئەمما كىيىن بۇ توغرىسىدا جاڭجال چىقىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ھەقىقىي تەقۋالىققا ۋە دىنى ، ئىسلامىي تەتقىقاتقا چۆكمىسەك كىيىنكى دولقۇندىكى مەۋقەدىن ئۆتەلمەيمىز .
ئۆتكەنكى ئىنكاسلاردا دەججالنىڭ چىقىپ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداقلىقى سۈپىتىنى بايان قىلغان ئىدۇق . ئەمدى ئۇنىڭ زامانىنى ۋە بۇ زاماندا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە كېلىمىز . رۇسۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى شۇكى ، دەججال چىققاندا سۈرە كەھفنىڭ بېشىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىنغان . بەزى كىشىلەر ‹‹ دەججالغا سۈرە كەھفنىڭ بېشىنى ئوقۇسا جېنى تىنىدىن جۇدا بولىدۇ ›› دەپ ئەمەس پاراڭنى قىلىشىپ تەبىر بەرگەن . ئەمما سۈرە كەھفنىڭ بېشى قىسمى بۇ خىل كۆز قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ .
ئەمما مەن ھېچ كىشىنى بۇ بايانلىرىم بىلەن بۇ خىل قىممەتكە مايىل قىلالماسلىقىم مۇمكىن . چۈنكى كەھف توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلار ۋە تارىخلار بار . شۇڭا مەن جىمى كۆز قاراشتىكىلەر بىلەن پەقەت كەھف توغرىسىدا يۈزەكى مۇنازىرلىشىمەن . چۈنكى ئاللاھ شۇنىڭدەك دىگەن : ‹‹ ..........ئۇلار توغرىسىدا پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرلەشكىن . ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىنى سورىمىغىن ›› ( 22 ) كەھف

داۋامىي بار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koznak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 04:02 PM  


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇرئان كېرىمنى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا نازىل قىلىنغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق بۇيرۇق تەلەپپۇزىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خاستۇر ! كىمكى بۇ ئايەتلەرنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالىدىكەن ئۇ پىتنە قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان بولىدۇ دەپ جۆيلۈش ۋە بارلىق شۇنىڭدەك ئايەتلەردە يالاڭ تىرناق چىقىرىپ ( ئى مۇھەممەد ) دەپ كىرگۈزۈپ قويۇش ۋە كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى پەقەت شۇ خىل قۇرئانى مەۋقەگىلا كىرگۈزۈپ قويۇش بۇ ئەك پاساتچىلىق ۋە قۇرئانغا داۋاملىق يىتەكلەنگەن ۋە قۇرئاندىن بۈگۈن ۋە ئەتىگە قارىتا زامان - ماكانغا خاسلاندۇرۇلغان ئىش ئىگىلىرىنى تۇنۇشتىن توسۇش ئەڭ كاتتا ، ئەڭ ئۇلۇغۋار پىرئەۋنلىك ، كاپىرلىق بولىدۇ ! شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىكى ‹‹ قۇل ›› دىگەنكى ئايەتكە ئۇدۇللا ‹‹ ئېيتقىنكى ›› تەرجىمىسى بىرىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا ( ئى مۇھەممەد ) دەپ ئۇرىۋېتىش بولسا قۇرئان ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كىيىنكى ‹‹ مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنىلار ›› نىڭ مەيدانىنى خۇنۈكلەشتۈرىۋېتىش ۋە كىشىلەرنى مۇشۇ خىل بىلمىگەنلىك سەۋەبلىك مەۋقەلەردىن شۇ خىل ‹‹ مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنىلار ›› غا قارشىلىق قىلىپ قويۇشقا كۈشكۈرتۈپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . چۈنكى ئاللاھ ئېيتىدۇ : ‹‹ بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر ›› ( 58 ) ئال ئىمران
ئاللاھ بىر گە ئېيتىپ كۆپكە يەتكۈزدى . شۇ ۋەجىدىن قۇرئان ئاللاھ ئېيتقاندەك << ھېكمەت >> لىك ئۇسلۇبتا تۈزۈلدى . كىملەر قۇرئانغا خۇددى رۇسۇللاھ تۇتقا قىلغاندەك تۇتقا قىلسا ، قۇرئان ھەم شۇنىڭ بولىدۇ . يەنە ئېيتتى : ئاللاھ ئېيتىدۇ : << بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق . ( ئەمما ھامان ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كەتكەن ) ئىنسان ( بۇ توغرىسىدا ) كۆپ دەتالاش قىلىدۇ >> ( 54 ) تاھا
يەنە ئېيتىدۇ : ئاللاھ ئېيتىدۇكى : << شۈبھىسىزكى ، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار ( قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدۇ ) ، شۈبھىسىزكى ، قۇرئان غالىب كىتابتۇر ( 41 ) ( گەرچە شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ۈستىدىن تالاي بۆھتان سۆزلەر تارقىتىلغان ، چاپلىنىلغان بولسىمۇ ، ھەقىقەتتە ) ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل يۈزلەنمەيدۇ ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر ( 42 ) فۇسسىلەت >>
يەنە ئاللاھ يەنە ئېيتىدۇ : << روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنى ( ئۇنىڭ مەنىسىنى ) چۈشەنسۇن دەپ ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق ( 2 - 3 ) ھەقىقەتەن ئۇ ( قۇرئاننىڭ مەنىسى ) لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ( مۇقۇملاشقان ) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك ( تۈزۈتۈشلۈك كىتاب ) دۇر ›› ( 4 ) زۇخرۇف
شۇنىڭدەك ، ئاللاھ قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدى ۋە ئۇنى تاكى قىيامەتكىچە ئاشكارلىنىدىغان مەۋقەدە پۈتتۈرۈش قىلدى ۋە خالىغان زاماندا خالىغان ئىلىمنى خالىغان بەندىلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈش قىلمىسا ھېچ بىر كۈچ ئۇ ئىلىملەرنى ئېلىۋالالديدىغان ۋە ھېچ سىرىغا يىتەلمەيدىغان قىلىپ پۈتۈن ئاسمانىي ئۈستۈنلۈكىدە قارار ئالدى . ئەمما ئىلگىرىدىن قۇرئان توغرىسىدا ھەر خىل ئالىملار ، تەپسىرچىلەر ئارقىلىق مىڭدىن ئارتۇق بولغان تەپسىرلەر مەيدانغا چىقتى ۋە ھەممە ھېچ ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ، كىيىنكى ھەم قىممىتىنى ئاشكارلاپ تۈگەتكىنى يوق . پەقەت ئاللاھنىڭ ‹‹ قۇر ›› لىرىغا ئەقلى چۈشەنچىسىنىڭ يىتىشىچىلا مەنا بېرىپ ئۆز دەۋرىلىرى كىشىلىرىگە قۇرئاننىڭ ئاجايىب كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشتە بولدى . ئەمما ئاشكارلىنىش جەھەتتىكى ئۆز زامانىغا قارىتا ھېچ ئەھەدىگە ، ھەتتا پەرىشتىلەرگە ھەم يۇشۇرۇن ئىلىملەرنى ئاتتۇرۇلۇپ چىقىرالمىدى . ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن توغرا دېگەن ھۆكۈملۈك مەنالارنى بىرىپ قويدى . شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكى زامانغا خاس يېڭىلىقلارغا قارىتا كۆپىنچە كىشىلەر ئىنساننى ، تەتقىقاتچىلارنى خۇدالىق ئورنىدا چۈشىنىۋېلىپ ‹‹ ئاللاھنىڭ بالىسى بار ›› دىگەنكى مەۋقەگە كېلىپ قالدى . ئەمما ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە چۈشەنچىلىرى بەرھەق ئىدى . ئەمما بۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتى يەنىلا ناسارالارنىڭ ئېتىقاد - ئەقىدىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولاتتى .
قۇرئاندا ‹‹ قۇل ›› ‹‹ قالە ››
دىگەنكى سۆز بىرلىكلەر تەرجىمىگە چۈشمەيدىغان بىر بۆلۈك ھەجىمنى ئىچىگە ئالىدىغان سۆز بولۇپ ، ‹‹ قۇل ›› سۆزى بولسا ‹‹ ئاللاھ ئەزەلدىن شۇنداق بىكىتكەن ئىدىكى + ئاللاھنىڭ ساڭا بىلدۈرگىنى شۇكى + ئاللاھنىڭ ئەسلى ئىرادە قىلغىنى ، پۈتىۋەتكىنى شۇكى ›› دىگەندەك مەۋقەلەردە كېلىدۇ . بۇ مەۋقەنىڭ ئالدىغا مەجبۇرى ( ئى مۇھەممەد ) سۆزىنى كىرگۈزۈپ قويۇش ۋە ئايەت تۈزۈلۈشلىرىدە ‹‹ مۇھەممەد ›› سۆزى بولمىسىمۇ ئەتەي شۇنىڭدەك ‹‹ كىتاب ›› بىرىلگەنكى قىممەتلىك كىشىلەر توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا بىردەك تەرجىمىدە ۋە تەپسىردە ‹‹ مۇھەممەد ›› سۆزىنى كىرگۈزۈپ قويۇش شۇنىڭدەك قۇرئاننىڭ زامانىي كىملىكلىرىگە قارىتا مەۋقەسىنى بوغۇزلىغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ .
<< قالە >> كەلگەن ئايەتلەر تارىخنى ، ئىلگىركى شۇ خىل ھەدىسە ، قىسسەلەرنى مىسالەن كەلتۈرۈپ تۇرۇپ بۈگۈننى ۋە ئەتىنى بايان قىلىدۇ . بۇ يەردە ئالاھىدە زامان ۋە ئالاھىدە كىملىك قىممەتلىرى بار . شۇڭا تەتقىقاتچىلار مۇشۇ تەرەپنى چىڭ تۇتۇڭلار ! زامان ۋە ماكاندىكى ئىش ئىگىلىرىنى ئەنە شۇنىڭدەك قىممەتتىن تېپىپ چىققىلى بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ بىزلەرگە << سەجدىگاھ >> قىلغان قىممىتىنى ، كىشىلىرىنى توغرا رەۋىشتە تۇنىغىلى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قۇرئاننىڭ ئەسلى قىممىتىنى تىرىلدۈرۈش ۋە ئەسلى ھالىتىدىن تەتقىق قىلىش كېرەكتۇر ! تەتقىق قىلىش جەريانى قۇرئاننى ئۇدۇللا ئوقۇشتىن چىقمايدۇ بەلكى ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدىن بولىدۇ . ئاللاھنىڭ شۇ خىل قىممىتى نۇرىغا يەتمىسە قۇرئاننىڭ ئىچكى قىممىتىگە چۆكەلمەيدۇ . قۇرئاننىڭ ئەسلى قىممىتىنى تەتقىق قىلىش جەريانى خېلى كۆپ سالماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ھەر بىر تەرەپ بىر - بىرلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى شەكسىز ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە چىن ئىمان ئېيتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئالاھىدە بىر ئىلىم دولقۇنىنى كۆتۈرىدۇ . پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا شۇ خىل ھەقىقەتكە چىن پۈكەلەيدۇ ، ئىمان ئېيتالايدۇ ، ئىشىنەلەيدۇ .
كەھف سۈرىسىدىكى رۇسۇللاھ كۆرسەتكەن ئالدىنقى قىسمى 59 ئايەتتىن تەركىب تاپقان ئىكەن . ئۇنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئامال بار تېخىمۇ تەپسىلى ۋە ئەتىراپلىق شەرھىيلەشكە ئۆتەي . بۇ بىر مۇرەككەپ جەريان بولغاچ ، ھەر بىر ئايەتنى بىر ئىنكاس شەكلىدە يوللاي .
داۋامىي بار !


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           18 - سۈرە كەھف
                                             مەككىدە نازىل بولغان ، 110 ئايەت
ناھايتتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

جىمى ھەمدۇسانا ( ھەمدۇ - يەنى ، بارلىق ئىجتىھاد ۋە سەيئىلەردىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەر ، ھەقىقەتلەر ، بارلىق ئىلىملەر ؛ ھەممىسى پەقەت بىرلا ئاللاھنىڭ ، ئىلاھىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇپ ، ئۇنىڭدىن پەقەت ۋە پەقەت بارلىق ئىبادەتكە خاس قىلىنغان بەندىلەرنىڭ ھاياتىي دۇنياسىدا پايدىلىنىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار تۇنىسۇن - تۇنىمىسۇن ئۆز پەرۋەردىگارىنى چۈشىنىشىگە ئېلىپ بارىدۇ . بارلىق ئىلىم پەقەت ئىسلامنىلا لىنىيە قىلىپ بېرىدۇ +  سانا ، يەنى شۇ خىل بارلىق ھەقىقەت ئىلىملەرنىڭ ، ئىسلامىي نەتىجىلەرنىڭ بارلىق تۈزۈلىشى ، قۇرۇلىشى ، قەغەزلەردە ، سىياھلاردا ، مەۋھۇم ھەم بەتلەردە ئۇنىڭ ئەنگە ئېلىنىشى - يېزىلىشى ۋە شۇ ئارقىلىق توپلىنىشىدىكى بارلىق قۇۋۋەت ، بارلىق ھېكمەت ، بارلىق خىزمەتلەر پەقەت ۋە پەقەت ) ئاللاھقا خاستۇركى ، ( ئاللاھنىڭ بۇ خىل ھەمدۇ ۋە سانالىرى ھەر زامان يېڭىچە نەتىجىلىك قىممەتكە ئىگە بولۇپ ، ھەر زامان - ھەر ماكان ئۆزگىچە ئىلىملىرى روياپقا چىقىرىلىدىغان بولۇپ ، ھەر قانداق شەيئىدىن بولسۇن ۋە ياكى يېڭىچە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەردىن بولسۇن بارلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلامنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەقەت بىردىن بىر ئىلاھقا ، بىردىن بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشى ۋە جىمى ھەمدۇسانالار پەقەت ئىنسانىيەتنى مۇشۇ خىل نوقتىغا نوقۇيدىغانلىق قىممىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئاللاھ ئەنە شۇ خىل ماددى ۋە مەنىۋى ، رىئاللىقتىكى بولغان ۋە بارلىق مەۋھۇملۇقتىن بولغان بولسۇن ھەممىسىدە بارلىق ئىبادەتچىلەرنى بۈگۈنىدىن ، ئەتىسىدىن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تۈگەپ باشقا بىر دۇنياسىغا تەۋە بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن ، ۋە ھەر ۋاقىت بۇلارغا قايسى خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولۇنغان بولسا تارىختىن ، بۈگۈن ۋە شۇ خىل كىيىنكى دەۋىرلىك ‹‹ چۈش ›› دۇنياسىدىن ئىبرەت ۋە ئۈلگىلىك بولۇشلارغا قارىتا ھەقىقەتنى كۆرسىتىشتە ، ئاللاھ پەقەت بەندىلىرىگە رەھمەتنى ئىرادە قىلىش بىلەن ئەنە شۇ خىل ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورغاننى نازىل قىلىش ئارقىلىق ھەممىلەرنى ) ئۆز تەرىپىدىن بولغان ( يامانلارغا تىگىشلىك قىلىنغان ۋە قىلىنىدىغان ) ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ، ( تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ( ئەنە شۇ ھەمدۇسانالارغا ئەگەشكەن ۋە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمەل قىلغان ، شۇ خىل قىممەتنىڭ ئۈستىدە بولغان ) مۆئمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ، بەندىسىگە ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى قۇرئان ئىلمىسى بېرىلىدىغان ، ئاللاھ ئۆزى تاللىغان ۋە ئۆزى خالىغان مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنىلارغا ) توغرا ، ھېچقانداق قىڭغىرلىق ( يەنى شۇ ھەمدۇسانالار تەزكىرىسىگە قارىتا ئىختىلاپ ، زىددىيەت ) بولمىغان ( تۈزۈلۈشى ئەڭ پۇختا ، بارلىق شەيئىلەر روشەن ئىپادىلەنگەن ) قۇرئاننى نازىل قىلدى ( قۇرئان نازىل بولۇپ زېمىنغا چۈشۈرۈلگەندىن تارتىپ ئىنسىيەت دۇنياسى ئاياقلىشىدىغان ۋاقىتقا قەدەر ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب بولۇپ ، كىملەركى بۇ ئىلىمگە يېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن ، قۇرئان ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ ئالدىن سىزىلغان چېرتوژىدۇر ، ئالدىن پۈتۈلگەن تارىخىدۇر ، ئالدىن يېزىلغان رومانىدۇر !!! )  ( 1-2 )


ئۇلار ( ئەنە شۇ ھەمدۇسانالارغا ئەگەشكەن ۋە شۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەمدە بۇ خىل قىممەتكە ھەر ۋاقىت ئۇلۇشقان ، ئۇلارغا مۇشۇ خىل ئىمتىياز بېرىلگەن ، ئۇلار بۇ خىل ھەمدۇسانالار ئۈستىدە بولغان ۋە تاكى دۇنيادىن كەتكۈچە ، سەكراتقا شۇ خىل ئىمتىياز بىلەن بارالىغان مۆئمىنلەر ) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ ( چۈنكى ، ئۇلار دۇنيادىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلىرى ، ئەڭ كاتتىلىرى ، ئەڭ باتۇرلىرى ، ئەڭ سېخىيلىرى ، ئىبادەتلەرگە ئەڭ ھېرىسمەنلىرى ، تىل- سۆزلىرىدە ، ۋەدە - ۋاپالىرىدا ئادىل ۋە راستچىللىرىدۇر ! ئۇلار ئىنسانلارنىڭ قەھرىمانلىرىدۇركى ، تاكى تاقىتىنىڭ يېتىشىگە ھەر ۋاقىت ئۇلارغا تەقدىر قىلىنغان ئەمەللەرنى بەجانىدىل ئىشلەپ پۈتتۈرۈش ، لاياقەتلىك نەتىجە بىلەن ئاللاھنىڭ شۇ خىل تەقدىرى ئىنتاھانىدىن ئىقبال ( يەنى ھەر ئىشتا دىلدا ئاللاھقا ، ئۆز رەببىگە قارىتا شۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ‹‹ تىل ›› ئىشتىش ئارقىلىق ئۆز رەببىنىڭ شۇ ئىشتا چاپسانلا نەتىجىلىك قىممىتىگە يېتىش ، دىلدا ھىس قىلىش )  ۋە ئىستىخار ( يەنى مەزكۇر ئىش ئۈچۈن مەلۇم ئىبادەت ئىچىدە دۇئا - تەلەپ ) لەر بىلەن ئۆتۈپ ، ئۇنىڭ رازىلىقىغا دائىما ئېرىشىپ كەلگەن ۋە ئۆز رەببىنىڭ نۇرى قۇۋۋىتىگە دائىم ئېسىلىش بىلەن ، قايسى تەقدىر - قىسمەتلەرگە ، قانداقلا ماكان - زامانغا كىرگۈزمىسۇن ، پەقەت ياخشى نەتىجە بىلەن سەۋىرلىك بولىدىغان يەردە چوقۇم سەۋىرلىك بولۇش ، جاسارەتلىك بولىدىغان ۋاقىتتا چوقۇم جاسارەتلىك بولۇش بىلەن بەزى مەۋقەلەرگە ئىقبال ۋە ئىستىخارنىڭ نەتىجىسىگە بويسۇنغان ھاللاردا يول قويۇش ۋە بەزىدە مەۋقەلەرگە قەتئىي يول قويماستىن بويسۇندۇرۇش ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتەك ، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەر ، كۈلپەتلەر ، ياخشىلىقلار ، نېمەتلەر بىلەن تىگىشلىك بولغان ياخشى ئەمەللەرنى باجا كەلتۈرۈش بىلەن ھەر قانداق بىر دىنىي ۋە سىياسىي دولقۇندىن سالامەت چىقىپ كېتىشتە مۇنتىزىم تۇرغان ھاللاردا پەقەت ئاللاھنىڭ نۇرى ئوڭ يۆنىلىشىگە بويسۇنغان ھاللاردا پەقەت ئاللاھقىلا  شۇ خىل قىممەتنى بىلسە بىلگىنى بويىچە ، بىلمىسە ئىقبال - ئىستىخار قىلىش ۋە ياكى نەتىجىسى چىققۇچە سەۋر قىلىپ كۈتۈش ئىچىدە تەۋەككۇل قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەسھابىيلىقىدىن ئايرىلماي دائىم ئىبادەتلىرىدە راستچىللاردىن بولۇپ ئاخىرقى نىشان - پەللىگە يەتكەنلەردۇر . ئۇلار پەقەت ئۆز رەببىنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزى ئىرادە قىلىپ بەرگەن قورغانىدا ياشاشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنى تىلىگەنلەر بولۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدا نامراتلىق ۋە باشقا دىشۋارچىلىق يەتمىسۇن ، چوقۇم ئاللاھدىنلا ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە ئاللاھدىنلا تىلەشتە بولغان ھاللاردا ئېغىرچىلىقلارغا سەۋىر قىلغان ، كۈلپەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ نېمەتكە ئالماشقاندا ھەم شۈكرى ئېيتىش بىلەن بارلىقتا ھەم تەقدىر قىلىنىپ سىنىلىدىغان ھەر بىر سىناقلاردا سىنىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى ھەم كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئورۇندىغان ھاللاردا ئۇلارغا بارلىق مەيلى ياخشى - يامان تەقدىر - قىسمەتلەر مۇلاقات قىلىنمىسۇن ، ئەنە شۇ ئۆتكەللەردىن سالامەت ئۆتۈپ كۇفرىلىقتىن خالىي ، ھالالنى ھارام قىلىپ قويماستىن ، ھارامنى ھالال قىلىپ قويماستىن ، مەيلى ئۇ زەررىچە نەرسە بولمىسۇن ياكى ئالەمچە چوڭ نەرسە بولسۇن تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ھەر بىر توغرىلىقنى ئىنكار قىلماستىن ، ۋە ياكى خاتالىقنى قۇبۇل قىلماستىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ۋە ئادىمىي كىملىكى ، قۇۋۋىتى ، ھالىتى ، شەكلىگە قارىتا نېمىگە كۈچىگە يەتكەن بولسا شۇنى قىلىش بىلەن دىندا تۇرۇپ ئاخىرقى پەللىسى سەكراتىغا توغرا رەۋىشتە يېتىپ بارالىغان كىشىلەردۇر ! ئەنە شۇلار ئاللاھنى رازى قىلغان ۋە ئاللاھمۇ رازى بولغان ، ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان ۋە ئاللاھمۇ ئۆز ھىمايىسىگە ئالغان كىشىلەردۇر . ئەنە شۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادى ئىشلىگەن يامانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشىلىقلىرىنىڭ نەتىجىلىرى كۆپتۇر . ئەنە شۇلار يامانلىقلىرىغا تەۋبە قىلىش بىلەن ، ئەمەللىرىنى تاقىتىنىڭ يېتىشىچە تۈزۈتۈش قىلىش بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلغان ۋە ياكى ئەقلى قۇۋۋىتى تۆۋەن بولۇپ قالغان ھاللاردا قانچىلىك قىممەتنى تاپقان بولسا شۇنى ھەم سەكراتىغا پاك قەلىب بىلەن ئېلىپ بارالىغان كىشىلەردۇر ! ئۇلار ھەمىشە بىلگىنىدە مۇنتىزىم تۇرىدىغان ، بىلمىگەنلىرىدە بولسا ‹‹ ياغزاغزاق ›› ھالىتى ئىچىدە پەقەت ئاللاھقىلا تاپشۇرغان ۋە بىلمىگەن نەرسىلىرىگە ئەگەشمىگەن ھاللاردا ‹‹ ئاللاھ بىلىدۇ ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر ›› دىگەنكى چۈشەنچىسىدە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارلاشماي بىلگىنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تۇرغانلاردۇر . كۈچلۈكلىرى ئىسلام دىنى ئۈستىدە ئىجتىھاد ئىچىدە تۇرسا ، ئاجىزلىرى كۈچلۈكلىرى تەرىپىدىكى ‹‹ ھەمدۇ - سانا ›› لاردىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە سەيئى قىلىش بىلەن دىنىي ئىسلامىنى قوغدىغان ھاللاردا ئاللاھنىڭ زامان ۋە ماكانغا خاس رەۋىشتە ئىرادە قىلغان قىممىتى ئۈستىدە بولغانلاردۇر . بۇ قىممەت شۇكى ، ئاللاھقا باشقا شەيئىنى پەرۋەردىگار قىلىپ قويۇشتىن ، مەبۇد قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغان ھاللاردا ، كۈچلەردە ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنى ئېتىراپ قىلماي تەقدىرگە بويسۇنغان ھاللاردا دىنىي قورغانىدا مۇنتىزىم تۇرغان كىشىلەردۇر ! مانا مۇشۇلار ئاللاھنىڭ شەرئىتىدىكى ، توغرا يولىدىكى ، ئەسھابى ئىچىدىكى دىندار بەندىلىرىدۇر ! مانا مۇشۇلار پىتنىدىن يىراق ، كۇفرىدىن يىراق ، گۇناھدىن جۇدا بولغان ھاللاردا ھەر ۋاقىت دىنىدا مۇنتىزىم تۇرغان ۋە تۇرىۋاتقان كىشىلەردۇر ! ) ( 3 )



ئاللاھنىڭ بالىسى بار دىگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ( 4 )  ( يەنى ، ئالدىدا ئېيتىلغاندەك ، بارلىق ھەمدۇ سانالار پەقەت بىرلا ئاللاھقىلا ، ئالەملەرنىڭ خوجايىنىغىلا مەنسۈبتۇركى ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز ھېچ بىر شەيئى بىر- بىرلىرىگە مۇلاقات بولمىغۇچىدۇر ، دۇچار بولمىغۇچىدۇر . ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچ قانداق بىر كىشىگە پايدا - زىيان يەتمىگۈسىدۇر . كىملەركى ئۆزلىرىنىڭ پەيلىنى بۇزۇش قىلىپ گۇناھنى ، كۇفرىنى ئىختىيار قىلىدىكەن ، ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ پىتنىسى ، پاساتى ، يامان مەۋقەسىگە قارىتا ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا يەنە بىر شۇلارغا ئوخشاش ئازغۇننى ئەگەشكۈچى قىلىپ مۇلاقات قىلىش بىلەن بىرلىرىگە بىرلىرىنىڭ يامانلىقلىرىنى يەتكۈزىدۇ . كىملەركى ئۆز پەيلىنى ياخشىلىققا مايىل قىلىپ ياخشى ئەمەل قىلماقنى ئىختىيار قىلىدىكەن ، ئاللاھ كىملەرگە ياخشىلىقنى يەتكۈزمەكچى بولسا ، ئەنە شۇلارنى بىر - بىرلىرىگە مۇلاقات قىلىش بىلەن تەقدىر ئىرادە قىلىدۇ . ئەنە شۇ خىل ھېكمەتلەر ئىچىدە پۈتۈن ئالەملەرنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ ، ھەممىنى ئۆز ئىلكىدە تەسەررۇپ قىلىپ تۇرىدۇ . كىملەركى ، ئۆزلىرىنىڭ يامان مەۋقەسىنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولدى دەيدىكەن ، ئۇ ئاللاھقا بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ . ئاللاھ ھېچقاچان يامانلىققا ئۆز ئىزنى بەرگەن يوق . سەن پەقەت ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىشنى ئىختىيار قىلدىڭ ، ئاللاھ شۇ ئىختىيارلىقىڭ ، پەيلىڭگە قارىتا تىگىشلىك تەقدىرنى ئۇرۇنلاشتۇردى . بۇ تەقدىردىكى يامانلىققا قارىتا ئاللاھنىڭ ئىزنىلىكى ئۈستىدە داۋا قىلىغۇچى زالىمدۇر ! ئۆز ۋاقتىدا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى ھابىل قابىلنى ‹‹ مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن ›› دېدى . قابىل ‹‹ نېمىشقا ›› دېۋىدى ھابىل ‹‹ ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قۇبۇل قىلىپ ، مېنىڭكىنى قۇبۇل قىلمىدى ›› دېدى . ھابىل ‹‹ ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قۇلۇڭنى سوزساڭ ، مەن ساڭا قارشىلىق قىلمايمەن ›› دېدى .   ئاقىۋەتتە ھابىل قابىلنى ئۆلتۈردى . ئاللاھ بۇ يەردە ھابىلنىڭ شۇنىڭدەك كۇفرىلىقىغا ، يامان مەۋقەسىگە قابىلنىڭ ئىختىيارلىقىنى كىرىشتۈرۈش بىلەن تەقدىر ياراتتى . كىملەركى بۇ خىل ‹‹ ھابىل ›› لارنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شۇنىڭدەك گۇناھ قىلدى دەپ ھۆكۈم پىچىدىكەن ، ئۇ ئاللاھنى زالىم دەپ دەۋا قىلغان بولىدۇ . شۇنىڭدەك، كىملەركى ئۆزلىرى بىلمىگەن نەرسىلەرگە ئەگىشىۋېلىش بىلەن شۇ خىل كۈچ ئارقىلىق باشقىلارغا ئىلىم تارقىتىمەن دەيدىكەن ۋە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى تېڭىشنى ئىختىيار قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ پىتنىسىگە شۇنىڭدەك پىتنىگە قارشى تۇرمايدىغان ۋە پىتنىگە ئۆزىنى مايىل قىلىدىغان ئەگەشكۈچىلەرنى مۇلاقات قىلىش بىلەن تەقدىر قىلىدۇ . كىملەركى بۇ خىل ئەسلى ئاللاھنىڭ زاتى سۈپىتىدە بولمىغان نەرسىلەرگە قارىتا بۆھتانلىرىدا ‹‹ ھەممىنى قىلسا ئاللاھ ئۆز ئىزنى بىلەن قىلىدۇ ›› دەپ ھەممىنىلا ئاللاھقا نىسبەت بېرىدىكەن ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس تەيىن قىلغان دىنىي قورغانىدىن باشقا بىر قورغاننى ياساپ چىققان بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ چوقۇملا ئۆزىنى خۇدالىق دەۋاسى قىلغان بولىدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك كاپىر ، ئەڭ ۋەھشى كاپىر ، ۋە ئەڭ رەزىل كاپىر سەللە - ساقالنىڭ ، بۈۋى خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ . قايسىڭ ئىسلامدىن - يەنى ھەق جاۋابدىن باشقا بىر نېمىلەرنى سۆرەپ كىرىپ ئاللاھنىڭ ئەسلى قانۇنىيىتىگە مۇخالىپ بىر نېمىلەرنى تەشۋىق قىلىدىكەنسەن ، سەن ئۆزەڭنى زېمىن ئۈستىدىكى ئىنسانىي خۇدا دەپ جاكارلىغان بولىسەن . سەن شۇ خىل قىممەتنى مەيلى چۈشەن - چۈشەنمە شۇنى كىشىلەرگە تىلىگەن بولىسەن .  بۇنىڭدەك كۈچلەر تارىختىكى پىرئەۋنلەردىنمۇ ، نەمرۇدلاردىنمۇ بەتەر كاپىرلاردۇر . چۈنكى ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئاشكارا ئۆزىنى خۇدالىق ئورنىغا قويغانلاردۇر ۋە ئۆزلىرىنى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى دەپ تۇنۇشتۇرغانلاردۇر . ئەمما بۈگۈنكى ئاتاقتا ئىسلام دەپ ئاتىۋالغان ، كىيىمى لىباسى ئىسلامنىڭ تونىدا بولغان خۇدالىق دەۋاسى قىلغانلار بولسا ، تىلىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئىچكى ھالەتتە ئۆزلىرىگە ئىبادەت قىلىشقا ، ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشكە يىتەكلەيدۇ . ئەمما بۇلار ئاشكارا ھاللاردا خۇدالىق دەۋاسى قىلغان بولسا مۆئمىنلەرنى ئازدۇرمايتتى ، ياخشىلارغا يامانلىقلارنى تىلىمەيتتى . ئەمما بۇلار يۇشۇرۇن پارازىنت بولغاچقا ئەنە شۇنىڭدەك مۆئمىنلەرنى ئارىسىغا كىرىۋېلىش بىلەن تەڭ يامانلىقلاردا نەمرۇد - پىرئەۋنلەردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ . چۈنكى زامانىمىزدا شۇ خىل نەمرۇد - پىرئەۋنلەرگە ياخشىلار ، مۆئمىنلەر ئەگەشمەيدۇ .
يەنە شۇنىڭدەك كىىشلەر باركى ، ئالىملارنى ، تەتقىقاتچىلارنى ‹‹ بەندىنىڭ ياسىغان چىرىقىغا قارىماي ئاللاھنىڭ ئاۋۇ قۇياشىغا قارا ! زالىملار ھەر قانچە يامان بولسىمۇ ، قىلىۋالدىم - ئېتىۋالدىم دىگەن بىلەن ، ئۇلارنىڭ جاجىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىرەلەيدۇ ›› دەپ خۇدالىقتا ، ئىلاھلىقتا  ئاللاھقا نىسبەت بېرىدىغان . بۇ توغرىسىدا ئالدىنقى ئايەتتە ‹‹ ھەمدۇسانا ›› نىڭ قىممىتىنى بايان قىلدۇق . ئەنە شۇنىڭدىنلا ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ ئىلاھلىق ، مەبۇدلۇق ۋە پەرۋەردىگارلىق ئورنىنىڭ يوقلىقى ، پەقەت ھەممە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ، ئىزنىگە يىتەكلىنىشى بىلەن شۇ خىل تەتقىقات نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈچىدۇر . چۈنكى ئاللاھ كىملەر ھاياتلىقتا قايسى شەكىلى قىممەتنى ئىختىيار قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈسىدۇر ۋە ھەممىگە كىيىنكى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلغۇسىدۇر ! ئەڭ زور نەتىجە تەقدىردىن بەكرەك قىسمەت ئىچىدىن كېلىدۇ . تەقدىر بولسا نوقۇل ئۈستۈرۈلگەن ، ئاڭلىتىلغان ، كۆرسىتىلگەن ۋە شۇلارغا قارىتا كىشىنىڭ قەلبى - دىلى شۇلارنى ھىس قىلىدۇ . بۇ ئىشلاردىكى قىممەت ئاشكارا ، پېشانىگە تىگىدۇ . بۇ خىل ئىشلار كۈندىلىك ئىشلاردا ئاز ئۇچىرايدۇ . ئەمما شۇ خىل ئۇدۇللۇققا ياندىشىپ باشقا شەيئىلەر ، قىممەتلەر ھەم ھەجىم بولۇشتا ياندىشىپ كېلىدۇ . كىشى ئۆزىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى شۇ خىل قىسمەتلەرگە قارىتا كۆز - قاراش ، تاللاش ئىچىدە نېمىلەرنى تىلەشتە ، ئىختىيار قىلىشتا بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن تەقدىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى قىسمەتلەرنى  كۈزىتىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر دائىم شۇ خىل تەرەپلىك نەتىجىلەردىن خالىي قالىدۇ . ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى تۇيمىغان ھاللاردا باشقىلارنى ئاللاھقا ئىلاھلىقتا ، مەبۇدلۇقتا ئورتاقلاشقان شىرىك قىلىپ قويىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئەسلى شاھىنشاھىنى چۈشىنىش ۋە چوڭقۇر تۇنۇش كېرەك بولىدۇ . مانا مۇشۇ خىل تۇنۇش ۋە چۈشىنىشى مۇكەممەل بارلىق كىشىلەر دىندا ئۈزۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەردۇر . ئۇنىڭدىن كىيىنكىلەر بولسا مۇشىنىڭدەك قۇرلارنى ئوقۇغان ، ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى چۈشەنچىسىدىلا قالىدۇ ، ئەمما شۇنىڭدەك كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرمىگەنلىك سەۋەبلىك شۇ خىل شاھىنشاھلىقنىڭ باشقا تەرەپلىك قىممىتىدىكى جەريانلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ . تاكى شۇ خىل قىممەتلىك قاراشتىكى بايانلار ئاشكارا بولغۇچە !

داۋامىي بار !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koznak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 01:55 PM  


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئۇلار ( يەنى مۇشۇ خىل تۇنۇشتا ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا كىرىشىپ ، سىڭىشىپ قالغانلار ) ۋە ئۇلارنىڭ ( شۇ خىل كۆز - قاراشلارنى تارقاتقان ) ئاتا - بوۋىلىرى بۇ بۆھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ( يەنى ، ئۇلار ئىسلامسىزلا ، ھېچ بىر دەلىلى يوقلا بىلمىگەن نەرسىلىرىگە ئەگىشىۋېلىش بىلەن تاشقى تەرەپتىكى شەكلىگە قاراپلا ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە تىل ئىشتكەنلەردۇر . ئۇلارنىڭ گەرچە تىلىدا ئاللاھنى رام قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ ، لېكىن ئۆز رەببىي پەرۋەردىگارىنى تولۇق چۈشەنمەستىنلا ئۇنىڭ زاتى سۈپىتىگە قاراملارچە نىسبەت بېرىش ۋە نېمىنى خۇش كۆرسە ، كاللىسى قانچىلىك ئىشلىسە ، قانچىلىق ئىلىملەرگە يەتسە شۇنچىلىك ئىشقىلا ئىشلەتمەستىن ، بىىلمىگەنلىرىگە ھەم ئارلىشىۋېلىپ ھەر جەھەتتىكى ئىلىملەرگە ، ئىسلامىي ھەقىقەتلەرگە گۇمانىچە مەنا بىرىش بىلەن ئۆز زامانىغا خاس بىرىلگەن ئىلىمگە بەزى ھەقسىزلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇش بىلەن كىيىن ئاشكارلىنىشقا تىگىشلىك ، ھېچ ئەھەدى بىلمەيدىغان ۋە ئاللاھ بىلدۈرمىگەن ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ قويىدۇ . چۈنكى ئاللاھ ھەر بىر زاماننىڭ ، ھەر بىر ئاسمانىي يۇقۇرىلىقلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز زامانىدىكى كىشىلىرىگە بىلدۈرگەن . شۇنىڭدەك ، قۇرئاننىڭمۇ تاكى ئىنسانىيەت تۈگىگىچە بولغان ئارلىقتا تىگىشلىك ئىرادە قىلىنغان نۆۋىتى ، زامان - ماكانى بولىدۇ . كىيىنكى پىتنە - پاساتنىڭ بەزى ئۇللىرى ئىلگىركى شۇنىڭدەك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ گۇمانىچە تىل ئىشتىپ قويىشىدىن كېلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئاللاھنىڭ ھەر زامان - ھەر ماكان ھەقنى بايان قىلغۇچى ، ئۆز زامانىغا قارىتا ھەقىقىتنى تىلىگۈچى ئىش ئىگىلىرى ، خەلىپىلىرى بولىدۇ . ئەنە شۇلارغا ئەگەشكەنلەر پىتنىدىن يىراق ، شىرىكلىقتىن قاچقاق كېلىدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەر ئەزەلدىنلا بار بولۇپ ، كىملەركى ئاللاھقا توغرا رەۋىشتە ئىبادەتلەردە يۈزلىنەلىسە ۋە ئاخىرەتكە تىگىشلىك بولغان دۇئاسى تىگىشلىك مەقبۇل بولسا ، ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەنە شۇلارغا ، شۇ خىل دىنىي ، شۇ خىل يولدىكى ‹‹ كېمىگە ›› چىقىرىدۇ  ! بۇ كېمە گاھى تۆۋەنلىك ، قاراڭغۇلۇقتا بولسا ، گاھى يۇرۇقلۇق ، ئۈستۈنلۈكتە بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەڭ توغرا رەۋىشتە تەربىيلەپ دىنىي ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئىشەنمەيدۇ . ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق سۈپىتى كىملىكىنى چۈشەنمەيدۇ . شۇ ھالەتتىلا ئاللاھنىڭ زاتى سۈپىتى توغرىسدا تىل ئىشتىش بىلەن ئويلىمىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل خاتالىقلىرى ئۇلارغا ھېچقانچىلىك بىلىنمەيدۇ ، بەلكى توغرا ۋە شۇ خىل سۆزلەرنى ئىستىۋاتقاندا ئۆزلىرىچە پەخىرلىك ھىس قىلىشىدۇ ، ئۆزىنى ھىچ كىشى جاۋاب بىرەلمىگەن نەرسىلەرگە جاۋاب بىرىۋاتقاندەك ۋە ئاجايىب ھۆكۈملەرنى چىقىرىۋاتقاندەك ھىس قىلىشىپ قالىدۇ . ئۇلارغا جاۋابەن دەلىلنى بايان قىلغاندا بولسا ‹‹ پەقەت ئىچ پۇشۇق قىلىپ مۇنداقلا دەپ قويدۇق ›› دىيىش بىلەن مۇنداقلا قۇتۇلماقچى بولىشىدۇ . ئەل قىساسىي مىنەل ھەق ! چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى سورىلىدۇ ، دەلىلى بىلەن روشەن ھاللاردا جازالارغا مۇسەللەت قىلىنىدۇ .‹‹ ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىشقا يول قۇيۇلمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئائىلىسىدە خۇشال - خۇرام ئىدى  ›› ) ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدىگەن چوڭ ! ئۇلار ( مۇشرىكلار ، ئاللاھنىڭ كىتابىسىز سۆزلىگۈچىلەر ، ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمىگۈچىلەر ، دىنىي ئىلىمگە ، ئاللاھنىڭ كىتابىي ھېكمىتىگە يەتمەي تۇرۇپ ئىنسان دائىما گۇمانىغا بېرىلىدىكەن ، ئۇ ھەر قاچان تىل ئىشتىدىكەن ، ئۇ دىنىي ئىلىمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ ، بەلكى گۇمانىنى سولەيدۇ . ‹‹ گۇمان دىگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنەرسىگە يارىمايدۇ ›› بەلكى ھەقىقەتكە قارشى پاسات تارقىتىپ قويىدۇ . ئاللاھ كىملەرنى قىلمىشىنىڭ ئېغىرلىقىدىن  دوزاخقا ئىرادە قىلسا ، شۇ ئاقىۋەتنىڭ دەلىلى ئۈچۈن ئىسلامغا قارشىلىق قىلىدىغان ، گۇناھى كۆپىيىنىلىنىدىغان ئەمەللەرگە مايىل قىلىپ قويىدۇ . چۈنكى كىملەرنىڭ قىلمىشى ھەددىدىن ئاشىدىكەن ، ئۇ تەبىئىيلا ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىگە قارشى چىقىشقا ئۆتۈپ قالىدۇ ۋە توغرا يولدىكىلەرگە ، ھەقىقىي مۆئمىنلەرگە قارشىلىق قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتەك ئەمەللەرگە رام بولۇپ قالىدۇ . ئەنە شۇ گۇمراھلاردۇر ، ئۇلار شۇ يولىنى ، قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ يول خېتى  مۇشۇ دۇنيادىلا دوزىخيلىك پۈتۈلۈپ كەتكەن كىشىلەردىن بولىدۇ ! چۈنكى كىشىلەر ئارىسىدا دىنىي ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنى توغرىسىدا خاتالىقنى سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى زىيانكارلىقتا قويۇش ، بۇ ئادەتتىكى زىيانكارلىقتا قويۇش بولماستىن بەلكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھالەتلىرىدە زىيانلىقنى تىلىگۈچىلەردىن بولۇپ قالغۇسىدۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن مەھشەر كۈنىدە ھېچ كىشى ئاللاھقا قارشى ئۆزىنى ئاقلاپ سۆز قىلالمايدۇ . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ھاياتىدىكى جىمى ئىشلار ئاشكارلانغان بولىدۇ . چۈنكى ئۇلار سەكراتتا ۋە قەبرە ھاياتىدا ، كىيىن تىرىلدۈرگەن مەھشەر كۈنىدە ھەممە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇيدۇ ! ) ( 5 )
داۋامىي بار !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەتە-مەن ئۈچۈن چ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1820
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 09:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 03:14 PM
راسىت گەپ قىلغاندا قۇتادغۇ بىلىكتىنمۇ مۇشۇنداق «سىرلا ...

نىمە دىمەكچى بولغىيتىڭىز ھە؟؟؟

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا ، ئەپسۇسلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ( ئاللاھنىڭ كىيىنكى تەكلىپ قىلىنغان قىممىتى تەرەپلىك ئىماندىن ) يۈز ئۆرىگەنلىكىدىن ئۆزەڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن ( 6 )
ئالدىنقى ئىنكاسلىرىمدا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئانغا يىتەكلىنىشى ۋە قۇرئاندىكى زاماننى ، ماكاننى ۋە شۇ زامانغا خاس ئىش ئىگىلىرىنى ، ئۇلار ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنغان شەرىئەت تەكلىپلىرىنى قۇبۇللاس ۋە شۇ بڭيىچە ئىش كۆرۈشتە بولۇش توغرىسىدا توختۇتۇلۇپ ئۆتكەن ۋە ئايەت كەلتۈرۈش بىلەن تەڭ دىننى پەقەت قۇچاقلاپ يېتىۋالماسلىققا ، ئىلىم ئېلىش ۋە ھەر ۋاقىت قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەرگە چىن پۈتۈش توغرىسىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق . بۇ يەردە يەنە بىر تەرەپلىك توختىلىمىز . ئېييتىلغاندەك ، قۇرئان بۈگۈنكى ۋە كىيىنكى ھەر بىر زاماننىڭ ۋە ھەر بىر يېڭىچە ئىلىملەرنىڭ ئالدىن يېزىلغان رومانى ۋە ئالدىن سىزىلغان چېرتوژى بولۇپ ، زامان - ماكانلار تەپسىلى يېزىلغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتى قۇرئاننىڭ نۇرى ھالىتىدە ئىچكى قىسمىدا ، مەنىسى بايانلىرىدا مەۋجۇتتۇر ! قۇرئان دىنىي ۋە سىياسىي ۋە باشقا بارلىق ئىشلارغا ئۇمۇمىي باياندۇر . قۇرئاننىڭ زامان - ماكانلارنىڭ ئالدىن پۈتۈلۈپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك دەۋىر قىلىپ تۇرۇشلىرى سىياسىي قىممەتنى ئاشكارا بايان قىلسا ، دىندىكىلەرنىڭ شۇ خىل سىياسىيلىق قىممەتلەردە قايسى تەرەپتە تۇرۇش ۋە قايسىنى قوللاش ، كىملەرگە قايسى رەۋىشتە ئەگىشىشلەر بىردەك پۈتۈلگەن .  شۇڭلاشقا ئاللاھ ئېيتقانكى ، قايسى قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ - دەپ . ئىنسان قايسى تاللاش ئىمتىيازىدا ئىختىيارى قۇيىۋېتىلگەن . ئۇ قاچانىكى قايسى رەۋىشتە پەيلىنى نېمىلەرگە بۇرايدىكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭ شۇ خىل قىممىتىدىن ئۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە تەقدىر - قىسمەتلەرنى يارتىپ ئۆزلىرىگە خاس شەكىل ئاتا قىلغاندۇر . ئەگەر بەندە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يىتەكلىشىگە قويىۋېتىپ بارلىقىنى ئاللاھقا ئاتىۋېتىپ بېشىغا قانداقلا قىسمەتلەر كەلمىسۇن ، ئۆزىنى << مەن ئاللاھنىڭ قورغانى ئىچىدە  >> دەپ شۇ خىل ئاللاھقا ئىشىنىشتە مۇنتىزىملا تۇرالايدىكەن ، ئۇ ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ يىتەكلىشىدە ھەقىقەت ماقامىغا ، ئۆز زامانى شەرئىتىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ . ئەمما ئېتىقاد ۋە ئىمان ، ئىلىم جەھەتلەردە مۇكەممەللىككە يەتمىگەنلەر بۇ خىل تەۋەككۇلچىلىققا چۈشۈپ قالسا ، ئوتتۇر يولدا نەپسىنى ئارلاشتۇرىۋالىدۇ ۋە شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ، ئىنسانلارنىڭ پىتنىسىگە تاشلاپ قويىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ بولالماي ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغانكى ئېتىكاپ ئىچىدىن چىقىپ كېتىدۇ . ئاللاھنىڭ مەبۇدلىقىغا باشقا كىشىلەرنى شىرىك قىلىۋالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە توغرا يولنى بۇزۇپ پاچاقلىۋېتىدۇ . چۈنكى بەندە قايسىكى بىر ئىلىمگە ، ھەقىقەتكە تىلىدا ئىمان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭغا ئۆز پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تىلىدىكى ئىمانىنىڭ راست - يالغانلىقىغا قارىتا ئەمەلىي ھالىتىدە ھەم مەزمۇت تۇرىشىغا قارىتا تەقدىر ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ئەمما تەقۋالىقنىڭ ماقامىغا تېخى يەتمىگەن ، ئۆزىنى ۋە دىننى چۈشەنمەيدىغان << سولتەك >> لەر ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدىن بەكرەك ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ پىتنىسىگە ئىشىنىشىپ كېتىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئىشەنمىگەن . ئۇزۇن مۇددەت دىندا ۋە نامازخاندا دەيئى قىلىپ يۈرگەن تەقدىردىمۇ  ، دىنىي ۋە ئىسلامىي قىممەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن . خۇددى سۇغا چۆككەن ئۆردەكتەك ، سۇغا قانداق كىرگەن بولسا ھەم شۇ پېتى چىقىپ كېتىدۇ . بۇنىڭدەكلەر ئاقىۋەتتە مۇشۇ پېتى مېڭىۋېرىپ قۇرئان ھەقىقىي تىلۋەت قىلىنغان سۇرۇنغا كىرىپ قالغان ۋاقتىدىمۇ ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەستىن بىر - بىرلىرىگە ياكى باشقىلارغا << بايا ئۇ نېمە دېدى ؟ >> دەپ سورىشىدۇ . ئاللاھ ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلالايدىغان ، بۇنىڭدەك قىلالمىسا تۆۋەندىكىلەرنى ۋە جىنلارنى بىردەك قىياس ۋە پىكىر قىلىشتا سەيئى قىلالايدىغان ئىمتىيازدا قىلىپ ياراتقان ، زېمىندا تۇرغۇزغان  . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى چۈشەنمىگەچ ۋە ئىلىملەردە بار بولغانلارغا ئىشەنمىگەچ ھەر ۋاقىت تۇرغۇن ھالەتتە قايسى دولقۇنغا ئۇچىرىسا شۇ تەرەپكە نەپسىگە ئەگىشىپ يۈزلىنىپ كەتكۈسىدۇر . بۇنىڭدەك قىسمەتكە ، شەكىل - ھالەتكە قالغانلارنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدا ھەقىقەتەن سۆز ئېچىش ھوقوقى يوقتۇر ، ھېچ سالاھىيىتى ھەم يوقتۇر . چۈنكى بۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى ئەلا بىلىش بىلەن تەڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئۆزگىلەرنى ئازدۇرۇشتا بوشىشىپ قالمايدۇ . بۇلار دىنىي دولقۇندىكى چاقماق يۇرىقىدا مېڭىۋالىدۇ ، ئەمما دولقۇن پەسىيىپ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا بولسا تۇرغان ھالەتلىرىدە تۇرۇپ قالىدۇ . ئۇلار شۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قولىنى قايسى تەرەپكە ئۇزارتمىسۇن ، ھېچ بىر يۇرۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا بەندە ئەمەس بەلكى دىنغا ۋە دىنىي زىلزىلىلەرگە بەندە بولغان كىشىلەردۇر . بۇلارنىڭ ئاقىۋەتتىكى نىداسى شۇكى << ئىسىت ! قۇرئان ماڭا پالانى ئارقىلىق يەتكەندىن كىيىن پوكۇنى مېنى ئازدۇرۇپتۇ >> دىيىش ئىچىدە غەزەپلىنىشتىلا قالىدۇ . بۇ خىل كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، دىننى پەقەت يەھۇدىي - ناسارالاردەكلا شەكلى جەھەتتىن تۇتقا قىلىۋېلىپ ، ئىسلام بىلەن ھېچ كارى بولماستىن يەپ - يېتىشتىن ، خىيالىغا كەلگەننى ئېيتىشتىن ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئەمەلىڭ نېمە ؟ پۇلنى كۆپ تېپىپ بېيىشتىن ، ئەر - خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەتتىكى شەھۋەتكە چىلىنىپ يېتىشتىن ، نامازلىرىدا دۇنيانىڭ ئىشلىرى توغرىسىدىكى ھېساباتلار توغرىسىدىكى چورتلارنى سوقۇشتىن ، دىنىي جەھەتتە قىلسا ساۋابىي بولىدىغان ، قىلمىسا گۇناھىي بولمايدىغان ئىشلار ئۈستىدە جاڭجال چىقىرىشىپ مۇنازىرە تەلەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جان باقتىلىققا ، ھەر قايسى كەھف قورغانلىرىدىكى ئىتتىن ئىبارەت ، ئىلىم بەرسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدىغان ، بەرمىسىمۇ يەنىلا داۋاملىق تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدىغان ھاللاردا ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن ، شۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خىيالىدا << شەھىد >> لىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىلەيدىغان ئىمتىياز ئۈچۈن شۇنى تاللىغان بولغانلىقتىن ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ مەۋقەسى شۇ بولۇپ قالغانكى << ئاللاھ مېنىڭ ئاللاھىم ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ ، ئاللاھ مېنىڭ ئىگەم ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ . ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئەمەس بەلكى بىزنىڭ . ئاللاھ مېنىڭ  خاس ئىبادەت قىلىدىغان ، ۋە نېمىنىلا تىلىسەم شۇنى تىلەيدىغان ۋە تەلەپ قىلىدىغان مەبۇدۇم ئەمەس بەلكى بىزنىڭ مەبۇدىمىز !!! >> ھاللاردا دىن ۋە ئىسلامدا پەقەت مەجروھلۇقنى تىلىگەن ۋە ھاياتىنى باتىل ئىشلار ئىچىدەئۆتكۈزۈپ شۇنچە قىممەتلىك ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتكەندۇر . ئەنە شۇ بىھۇدىلىك ئۇلارنى قۇرئانغا ئىشىنىشتىن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتىن ، ۋە ئۇنىڭدىكى رىئاللىقتا روياپقا چىقىرىلغان بايانلارنى توغرا تۇنۇش ۋە چۈشىنىشتىن ئۆلۈك قالغانلاردۇر . بۇلارنى ھەققە دەۋەت قىلىش خۇددى ھايۋاناتلارنى دەۋەت قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ قالغۇسىدۇر . بۇنىڭدەك كىشىلەردىن مىڭنى ، تۈمەن مىڭنى تەربىيلەپ چىقارغاندىن ، ئېتىقاد ۋە ئىماندا جېنى بار بىرنىلا چىقارغان شۇ ئەۋزەلدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى جان باقار چەرەندى - پەرەندىلەر بىلەن تازا خۇشى يوق . چۈنكى ئۇلارغا يېڭىچە ئىلىمنى سۆزلىسىمۇ ، ئۇلاردا ئىلىمگە قارىتا ئىشەنچ بولمىغانلىقتىن ، ئەتىسى ناگاھان شۇ خىل كۈچكە قارىتا پاساتچىلار تەرىپىدىن ئىمانىدىن يېنىۋېلىپ كاپىر بولۇشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ . ھەتتە بۇلار بىر ئورەككە لىققىتە توشقۇزۇلغان پوقلار بولۇپ ، << پوققا چالما ئاتساڭ يۈزۈڭگە چاچىرايدۇ >> . شۇڭا تېخى جەمىيەتتە مۇقۇم بولمىغان ئىلىملەرنى بۇنىڭدەك << پوقلار >> بىرىپ قويسا ئىلىم بەرگەنگە تويدۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىدا پاساتقا ئوت ياقىدۇ . يەنى كىملا بولسا << پالانى مۇنداق دەيدۇ ....... >> دەپ كىشىلەردىكى بۇ خىل قاراشقا قانداق قارايدىغانلىقىدىكى پوزىتسىيەلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ ۋە ئىلىم ئەھلىلەرنىڭ يېنىغا كەلگەنسە بولسا << ۋاي بىز سىلەر بىلەن بىللە >> دەيدۇ . ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتكە قارشى پاسات تارقىتىدىغان كاتىۋاشلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا بولسا ئۇلاردىكى مەۋقە شۇ بولىدۇكى : << مەن شۇلارنىڭ يېنىدىن گەپ تىڭشاپ كېلەي ، شۇ ئارقىلىق مۆئمىنلەرنى مازاق قىلايلى ، تازا كولدۇرلىتايلى ، دىن جەھەتتە تازا دولقۇن كۆتۈرۈپ كۆڭلىمىزنى خۇش ئىتەيلى !!! >> بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇنىڭدەكلەر پەقەت يالغانغىلا قۇلاق سالىدۇ . ئۇلاردا ھىسسىي تەرەپلىك قىممەت يوق . ئىقبال - ئىستىخار دىگەندەك قىممەتلەردىن يىراق . پەقەت كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەك بولۇشنىلا تاللىغان ۋە شۇنىڭدىن رازى بولغانلاردۇر . ئىلىم بايان قىلغۇچىلارغا ھەر ۋاقىت تىگىشلىك قىلىنغان پىتنە - پاساتلار ، قۇرۇق تۆھمەتلەر ساماندەك ئۇچىرايدۇ . بۇنىڭغا پەقەت ئەڭ بۈيۈك نېسىۋىگە لايىق كېلىدىغان ئىلىم ، تەقۋالىق ، تەۋەككۇلچىلىق ۋە  سەۋىرنىڭ ئىگىلىرىلا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ . ھەتتە ئۇلار ئاللاھ ئېيتقاندەك ،  ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا ئۆزىنى ھالاك قىلىۋېلىشقا تاس قالغانلىقىدەك ھالەتكە ، ئۇلاردىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ ئاچچىق ھەسرەتتىن ۋاك بولۇپ كەتكىلى تاس قالغۇدەك دەرىجىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىدەك قىسمەتلەرنى بايان قىلىدۇ . شۇنىڭدەك كىشىلەرگە دائىم بىر سۆز تىلىغا ، دىلىغا رام بولسۇنكى << دىندا زورلاش يوق >> . ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ۋەزىوىسى پەقەت قۇبۇل قىلامدۇ - قىلمامدۇ يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر . بۇ توغرىسىدا يەنە كىتىۋېتىپ يەنە توختىلىمىز !

داۋامىي بار !


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:05:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق ( 7 )
يەر يۈزىدىكى شەيئىلەر پەقەت دەل - دەرەخ ، ئۆي - بىنا ۋە باشقا ماددى بۇيۇملارلا ئەمەس بەلكى بارلىق ماددا ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى جىمى نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كۆڭۈل خۇش بولىدىغانىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت زېمىنغىلا ، مۇشۇ دۇنياغىلا مەنسۇپ نەرسىلەر بولۇپ ، بىز ئەنە شۇ شەيئىلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ھىدايىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىلىيەلەيمىز ۋە شۇ خىل ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە شۇ ماقامغا يەتكەندىن كىيىن ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىشلىتىمىز . ئۆز ۋاقتىدا ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز جەننەتتىن ھېچ كىيمى بولمىغان ، زىبۇ - زىننىتى بولمىغان ھاللاردا چۈشۈرىۋېتىلدى .
ئۇلار يەر يۈزىگە قۇرۇق قول كەلدى ۋە قۇرۇق قول كەتتى . پەقەت ئۇلاردىن قالغىنى پەرزەنت ، قولىدىكى نېمەتلەر ئارقىلىق ئىشلىگەن ئەمەللىرى ، بىنا قىلىپ قويغان ئۆي - ماكانى ، تېخى پايدىلىنىپ تۈگۈتۈپ بولالمىغان ماددىي جەھەتتىكى ئۈسكۈنىلىرى ، مال - دۇنيالىرى قالدى . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، ھەتتە شۇنچىلىك ھوقوق مەنسەپ بىرىلگەن ، پۈتۈن ھايۋاناتلار ، جىن - ئىنسانلار بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەن سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈكىمۇ ئەينەك ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ۋاقىت ھاساغا تايانغان ھاللاردا تۇرۇپ قالدى . تارىختا ئەنە شۇنىڭدەك ئۆتكەن ھەر بىر ئېسىل زادىلەرنىڭ مال - بىساتى ، ھوقوق - مەنسەپلىرى ، شان - شەرەپلىرى پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا قالدى . سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىنى قۇرت يەپ تەڭ بىلىگەن كەلگەندە ھاسا بەرداشلىق بىرەلمەي تەن بىلەن تەڭ يىقىلغاندا ، جىنلار ۋە باشقىلارغا ئايان بولدى ۋە شۇ ھامان قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلىشىپ ئۆزلىرى رازى بولمىغان قۇلچىلىقتىن قۇتۇلغىنىغا چوقان سېلىشىپ شۇ زېمىندىن بەدەر قاچتى . ئەنە شۇ ئەھۋال بىزگە ئاغدۇرۇلغان ھوقوقنىڭ ، ئۆلگەندىن كىيىنكى رەھبەرلىكنىڭ ، پادىشاھلىقنىڭ ، ھوقوقدارلىقنىڭ ئۆلۈم بىلەنلا تەڭ بىز بىلەن بوغۇزلۇنۇپ كىتىدىغانلىقىنى كۆرۈسۈتۈپ بەردى .  
رۇسۇللاھ ئىككى خىل كىشىلەردەك بولۇشنى ۋە ھەتتە ئۇلارغا ھەسەت قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . بىرى ئاللاھتائالا ئىلىم ئاتا قىلغان بەندە بولۇپ ، ئۇ كېچە - كۈندۈز شۇ ئىلىمنى مۇمكىنلا بولسا كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز جايىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان كىشى . يەنە بىرى بولسا ، ئاللاھتائالا بايلىق ئاتا قىلغان بولۇپ ، ئۇ كېچە - كۈندۈز شۇ بايلىقنى ئۆز ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان كىشى . مانا مۇشۇلاردىن ئۈلگە ئالىمىز ، ئەمما بۇلارغا قارشى سۈپەتتىكى بارلىق كىشىلەردىن ئىبرەت ئالىمىز ۋە ئۇنىڭدەك ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ھېچ پايدىسى يەتمەيدىغان ، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە ئېلىپ بارالمايدىغان يامان سۈپەتلىك ئىلىمدارلىق ۋە بايلىقلاردىن ھېزى بولۇشىمىزنى ھىس قىلىمىز . چۈنكى بۇنىڭدەك ئىسلامنىڭ قائىدىلىرىگە ۋە ئادىمىيلىككە يات بولغان ئەمەل - سۈپەت ئاقىۋەتتە ئۆزىمىزگە خۇددى ئاللاھ قۇرئانىدا پۇل - مال يىغىپ ساقلىغان ۋە ئۇنى ھېچ ئەمەلسىز ھاللاردا بېسىپ يېتىۋالغان ئادەمنىڭ ئاقىۋەتتە شۇ مال - دۇنيالىرى مەدەن ئېرىتمىسىدەك بىر نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىلىنىپ يانلىرى ۋە پېشانىلىرىنى داغلايدىغانلىقى توغرىسدا ئېيتقان . ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەسلى ئەھلىلىرىگە تاپشۇرۇلمىغاندا قىيامەتنى كۈتۈش توغرىسىدا ۋەز نەسىھەت قىلىنغان . بۇ دەل شۇنىڭدەك ئىلىم ئېلىپ يەتكۈزمىگەن ئالىم ، ھوقوققا ئىگە بولغان ، ئەمما ئۆز قەۋمىنى شۇ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ يامان كۈچلەردىن  قوغدىمىغان خەلىپە ، ئىماملار .... ئەرلەر ئەركەكلەردەك بولمىغان ، ئاياللار ئەرلەردەك بولىۋالغان ، ھېچ بىر - بىرلىرىگە شۇ شان - شەرەپ ، ھوقوق - مەنسەپ ، دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنىڭ دەستىدىن ئىتائەت قىلمايدىغان ۋە نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا يەتمەكنى تىلەيدىغان ۋە شۇ ماقامغا يېتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدىغان ، شۇنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەر....   بۇ خىل ھاللاردا يۇقىرى - تۆۋەنلىك ، ئەگەشتۈرگۈچى - ئەگەشكۈچىلەر قايسى رەۋىشتە ئايرىلىنىدۇ دېگەندە ، باياقى ئاللاھ يولىدا ئاللاھنىڭ شۇ خىل نېمىتىنى ، ئامانىتىنى يەتكۈزگەن ۋە ‹‹ ئەگەر مېنىڭمۇ شۇنداق بايلىقىم ، ئىلمىم بولسا ئىدى ، مەنمۇ شۇلاردەك يەتكۈزىۋالسام ›› دىگەننى نىيىتىگە پۈكۈش ھەم ساۋابلىق ئىشلاردىن بولۇپ ، بۇلارغا قارشى ‹‹ ئەگەر بۇ ئىلىملەر ماڭا بىرىلىدىغان بولسا ئانداق قىلىپ ، مانداق قىلىپ ›› دەپ كۇفرىلىق ، يامانلىق قىلىشنى كۆزدە تۇتقانلار ۋە شۇلارنىڭ دۇنياسىغا قىزىققانلار .... باي - گادىيى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ! چۈنكى گادىيى شۇ ھالىتىدە شۇ خىل بارلىققا ئىگە بولسا شۇنى قىلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى . چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق بولىدۇ ! شۇنىڭدەك  قولدىكى بارلىقنى ، قورساقتىكى ئىلىمنى ، قولدىكى ھوقوق - مەنسەپنى كۆڭۈل خۇش بولىدىغان تەرەپكە قانچىكى سەرىپ قىلىدىكەن ، ئۇنىڭدەك كىشىلەر شۇنچىلىك ھاللاردا غاپىللىقنى تىلىگەن بولىدۇ . غاپىل ھالدىكى بايلىق ، ئالىملىق ، شان - شەرەپ ، ھوقوق - مەنسەپ نېمىگە ھېساب ؟ `
شۇنىڭدەك ، كىملەرگە نېمىلەر بىرىلمىسۇن ، ئۇ پەقەت دۇنيا ھاياتىدا ئۆزىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىلىكى ئۈچۈن پايدىلىنىش قىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى ، ئىنسانىيلىقى ۋە ئۆز رەببىگە بولغان قۇلچىلىقىنى تونۇشقا ۋەئىبادەتتە سەمىمىي بولۇشقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، كۆپىنچە كىىشلەر ئەنە شۇ نېمەتلەرنى دۇنيالىقى ، نەپسى ، ئىشرەتلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلىش بىلەن روھىيىتىنى بۇلغاش ، ئىنسانىي قىممىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ، ئادىمىيلىكىنى پەسلەشتۈرۈشكە ئائىت تۆۋەنلىكنى ، گۇمراھلىقنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىغان . ئۇلار دۇنيالىققا ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىگە شۇنچە بىرىلىپ كېتىشىدىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ گۇمراھلىق پاتقىقىغا پېتىپ كىتىۋاتقانكى ھالىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەمدۇ ؟ ھالبۇكى ئۇلار قوللىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى بىلىشمەمدۇ ؟ ئاللاھ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدى ؟!
بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى ( ئەنە شۇنىڭدەك بارلىق ) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز ( 8 )
ئەنە شۇ شەيئىلەر كىمدىن قالمىغان ؟ كىشىلەر ئاللاھنىڭ خالىسا باينى گاداي قىلىۋېتىدىغانلىقى ، گاداينى ھەم باي قىلىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەممىگە قادىرلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ؟ ۋە ياكى شۇ خىل بايلىقنى بەرگەن رەببىنىڭ يەنە بىرىدىغانلىقىنى ۋە باشقىچە ئۇسۇلدا ھەم بىرىدىغانلىقىنى ئۇنتىدىمۇ ؟ ياكى ئۇلار شۇ نەرسىلەرگە ئۆزى ئەقىل ئىشلىتىپ ، كۈچ سەرپ قىلىپ ، سەيئى ئىجتىھاد قىلىپ تاپقانلىقىغا جەزىم قىلامدۇ ؟ ئۇلار ئويلانمامدۇكى ، كېسەللەرنى ، ئىلگىرى ئىلىمگە ئىگە بولۇپ ئەمدى بولغاندا بىرەر ھادىسىلەر بىلەن ھېچ نەرسىلەرنى بىلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ، ياكى ئۇزۇن مۇددەت غاپىللىقنى ، نەپسىنىڭ خۇشلىقىنى دەپ ئۆزىنى بۈگۈنكى زاماننىڭ نادان ، ھاماقەتلىرىدىن قالدۇرغانلىقىنى ؟!

داۋامىي بار !



سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39897
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 891
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك 40- 45 - يىللىرى ئازاپلق يىللار  بولىشى مۇمكىن دىمەكچىمۇ. كەلگۈسى غەيىپ ئىشلاردا  بەكلا ئەقىلگە تايىنىپ كەتتۇقمۇ  قانداق ،

زۇلفى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:16:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇرسەنمەن.......ئاجايىپ ياخشى تېمىنى  بىزگە  تەقدىم  ئەتكىنىڭىزدىن  مەمنۇن  بولدۇم.  قولىڭىزغا  دەت  كەلمىسۇن!   ئۇلۇغ اللاھ  بەندىلىرىنى  ئۆز  پاناھىدا  ساقلىغاي!

ھەممە رەزىللىكلەرنى،يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن‹رەھىمسىز دۇنيا›دەپ قويىمىز.رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە رەھىمسىزلىك كەلسۇن؟!...

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 11:18:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسھابۇلكەھفنى ۋە رەقىمنى ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقى دەپ بىلدىڭمۇ ؟ ( 9 )
تارىختىن بۇيان مەيلى قانداقلىكى بىر ساھە ، يېڭىلىق ، ئالاھىدە نېمەتلەر روياپقا چىققان ئىكەن ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا مۇئەييەن بىر بۆلۈك ئارقا تېرەكلىرى ، شۇ خىل ماقامىي ئۈستۈنلۈكنى قۇرغۇچىلىرى بار بولغان بولىدۇ . بىر مۇكەممەللىك ھېچ بىر ئەۋلات كىشىلىرى ئارقىلىقلا پۈتكەن ئەمەس . چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى ( يەنى قايتا باشلاپ بىرىشى ۋە قايتا ئاخىرلاشتۇرۇپ بېرىشى ) بولمىغانلىقتىن ، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىر مۇكەممەللىكنىڭ ئۈستۈنلۈككە چىقىشىغا ئالاھىدە پەللىلىك باسقۇچلارنى ئىرادە قىلىپ كەلگەن بولۇپ ، ھەر بىر پەللىگە قارىتا تىگىشلىك قىلىنغان زامان ۋە ماكان ، تىگىشلىك شۇ ئىشنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ، قۇرغۇچىلىرى بولغان بولۇپ ، ئەنە شۇ قۇرغۇچىلار مىسالىي بىر سەپكە تىزىلغان تەسۋىيلەردۇركى ، مەيلى بۇ قۇرۇلۇش يۈز يىل ياكى ئۈچ يۈز يىل بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى سانلىق قورغان ئىچىدە بولسۇن ، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر پەللىلىك قۇرغۇچىلارنىڭ يولى بىر ، نىشانى بىر ، دىلى ، قەلبى ، ئىرادىسى ، يىراقتىن كۆرگەن نىشانى پەللىسى بىر ۋە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى كۇچىلاش ئارقىلىق شۇ خىل تەزكىرەلەرنى تاكى ياراتقۇچى شۇ كىشىنى خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامغا مۇلاقات قىلغىنىغا قەدەر ، ئۆز جايىغا يەتكۈزۈپ بىرىش بىلەن ئادا تاپماقلىقتۇر ! ئاللاھ ئۆزى ساقلاشقا ( ئاللاھنىڭ ساقلىماقلىقى ۋە شۇ ساقلانغان كىشىلەر ئەسھابلاردۇر ! ) ئەنە شۇ خىل تىزىقلىق تەسۋىينى بىر يىپقا ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆز نۆۋىتىدە سىيرىلىشى تەقدىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش  قىلغاندىكى قورغان ‹‹ كەھف ›› تىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەنە شۇ مەلۇم يېڭىلىق نەتىجىلەرنىڭ بىر مەھەل پۈتۈپ چىقىشىدىكى ۋاقىت مۇئەييەن ۋاقىتنى ‹‹ رەقىم ›› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، مەيلى قايسىكى نېمەتنىڭ پۈتۈلۈش تارىخىنى ، قەيەردىن باشلىنىش ۋە توختاشتىكى بارلىق ئورنىلىرىنى تېپىشتا چوقۇم بىر ھەجىملىك قورغان ۋاقىت تونىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقلىتۇر ! كىملەرنىڭ قولىغا بىر مۇكەممەل قىممەتكە ئىگە كىتاب كەلگەن ئىكەن ، ئۇنىڭ چوقۇم يازغۇچىلىرى بولىدۇ . كىتابنىڭ كېلىش مەنبىيىنى ئىزدەپ كىرگەندە ئەسلى يازغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئاشكارا بولىدۇ . بۇلارنىڭ شۇ خىل ماقامغا يەتمەكلىكىگە ھەم بىر يۈرۈش سىنىپىي دەرسلىكى ، توغرا رەۋىشتە قالدۇرۇلغان تەزكىرەلىرى ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بولىدۇ . ئۇلار ئەنە شۇ تەزكىرەلەرنى ئوقۇش ياكى ئاڭلاش بىلەن ئۇلارنىڭ يولىغا ۋە تەتقىقاتىنىڭ تېخىمۇ تىزلىشىغا بەخشەندە بولىدۇ . ئىلگىركىلەرنىڭ قالدۇرغان يوللىرى كىيىنكىلەرنىڭ تېخىمۇ تىز داۋان ئېشىشىغا مەدەتكەر بولىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ، بىر مۇكەممەللىكنىڭ ئارقىدا چوقۇمكى ئۇنىڭ ئىلگىركى جاپا چەككەن ئەجداتلىرى ، ئالىم - تەتقىقاچلىرى بار بولغان بولىدۇ . كىملەركى ئۇلارنىڭ قىممىتى ، چاپىنىدا تەرلەپ كىيىنكى نەتىجىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا نىسبەت بىرىدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتەن شەخسىيەتچى ۋە مەنمەنچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاتا مىراسلارنى بىر يولىلا ئىپتىدائىيلىققا ، خوراپاتلىققا ، ئەڭ ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ بىر نەتىجىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تەتقىقات يوللىرى ۋە تۆلەنگەن بەدەللىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ . ئەمما ھەسەت ۋە كىبىر ، مەنمەنچىلىك ئۇلارنى شۇنىڭدەك ئورۇنغا چىقىرىپ قويىدۇ . ئۇنىڭدەكلەر ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ۋە نەسلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان بولىدۇ . پەقەت قاندىلا نەسىل بولمايدۇ بەلكى ھەر ساھە قەلىبلىك بىر تۇتاش بولغان ئىلىمىي كۇچىلاش ۋە ئۇلارغا قېتىلىشتىنمۇ ئىلمىي نەسىللىك بولىدۇ . مۇكەممەل مىللەت قۇرۇپ چىقىشتا شۇ مىللەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى بىر بۆلۈك ئىجتىھادچىلاردا ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئاۋانگارت قۇشۇنلىرىدا تىگىشلىك رەۋىشتە نەسىللىك تەرەپلىرى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ بۈگۈنىنى كۆرۈپ ئىلگىركى ئىز سالغۇچىلارنى تەرك ئېتىش ، پەن - تېخنىكىلاردا ۋە باشقا جەھەتلەردە ھەم شۇنىڭدەك ئىز سالغۇچىلارنىنىڭ نەتىجىلىرىلىنى يوققا چىقىرىش مۇشۇ خىل ئەسلى ۋە نەسلىنى يوقاتماقنى تىلىگەنلىك بولىدۇ .
شۇنىڭدەك ، بىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بارلىق سەنئەتلەرنىڭ ئىز سالغۇلىرى ۋە قۇرغۇچىلىرى بولغاندەك ، بىزنىڭ بۈگۈنكى قۇرئانغا ئەگەشكەندىكى دىنىي جەھەتلەردىكى بارلىق ئىمتىيازغا ئىگە بولىشىمىزغا تىگىشلىك رەۋىشتە ئىلگىرىدىن ئىز سالغۇ ۋە ئۆز زامانىدا تىگىشلىك رەۋىشتە زامانغا خاس شەرىئەت تەكلىپلىرى بىرىشتەك ئاللاھدىن رازىلىق تىلىگۈچى كىشىلەرنى دىندىن ئازدۇرۇپ قويماستىن ، دىندىن تازدۇرۇپ قويماستىن ھەم ئۆزلىرىدىن ئىلگىركى ئىز سالغۇچىلارنىڭ ئىزىدىن داۋاملىق داۋان ئېشىشلار بىلەن بىر مەزگىللىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن بىز بىلەن بىر يىپقا باغلانغان ئەجداتلىرىمىز بار بولغان بولىدۇ . ئەنە شۇ خىل ئەجداتلىرىمىزغا قۇرئاننىڭ ۋە دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەس ، چۈشەنمەستىن ھامان ئۇلارنىڭ دىننى قۇرۇشتىكى يوللىرىنى ئىتىپ پىتنە قىلىپ كېلىۋاتقان شەيتانىي كۈچلەرنىڭ ھەم ئۆزگىچە ئۇسۇللاردا قارشىلىق قىلغان يامانلىقلىرىدىكى پاساتلىرىغا ئىز باسارلىرى ھەم بار بولغان بولىدۇ . چۈنكى پاساتمۇ ھەر زامان بار بولغان بولۇپ ، بۇنىڭمۇ ئىزسالغۇ ئەجداتلىرى باردۇر . گەرچە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ كەھفىگە قارشىلىق قىلىشتا ھەر خىل ئۆزگىچە يۆلىنىشتىكى لىنىيەلىرى بار بولغان تەقدىردىمۇ ! چۈنكى ئاللاھ كەھىفىنى خالىغان رەۋىشتە ئۆزگەرتىپ ۋە يۆتكەپ تۇرغانلىقتىن ، شۇ پاساتچىلارنىڭ ھەم بۇ خىل قىممەتكە قارشىلىق قىلىش تاكتىكىلىرى ئۆزگىرىپ تۇرغۇسىدۇر !
شۇ ۋەجىدىن ، قانداقلىكى بىر مۇكەممەللىك كۆرۈنگەن ئىكەن ، شۇ مۇكەممەللىك ئىچىدىكى ‹‹ ھەمدۇسانا ›› لارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاس بولۇپ ، ئەنە شۇ ‹‹ ھەمدۇسانا ›› لارنىڭ بىر يۈرۈش تارىخىي بىر يىپقا تىزىلغان ، ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت ‹‹ رەقىمى ›› ۋە تىگىشلىك يۆنىلىشتە ئۆتكەن ‹‹ ئەسھابۇل كەھف ›› تەرەپلىرى بار بولغان بولىدۇ . ئەنە شۇلارنىڭ تىگىشلىك رەۋىشتە ئىش ئىگىلىرى بولىدۇ . ئەنە شۇلار شۇ ئىشنىڭ ئەسلى ئەھلىلىرىدۇر !

داۋامىي بار !



سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش