مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qurighar

قۇرئانى كەرىمدىكى 45-ئايەتلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوپ باشلىق...بولمىسا بىكار كاللامنى قۇشقاچنىڭ كاللىسىنى ئۈزگەندەكلا ئۈزۈپ..قاننى ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنىدەكلا ياغدۇرۇۋەتمىسىلە يەنە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 10:13 PM  


كۆزۈڭنى يۇم ! كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6219
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4869
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 5971 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
koznak يوللىغان ۋاقتى  2012-4-13 11:55 AM
ئىسلامىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش قاتتىق جانلانغان زاماندا ياشاۋا ...

ھە مۇنداق دەڭ ، خالىغاننى قىلىڭ ئەمسە ، ماڭغان يولۇم توغرا دەپ قارىسا ھەممە ئادەم خالىغىنىنى قىلسا بولىدۇ !
ئاللاھ ھەقىقىي ئېلىم ئىگىلىرى ۋە ئۆگەنگۈچىلەرنى رىيادىن ، تەكەببۇرلۇقتىن ، جاھىللىقتىن ساقلىغاي ، ئېلمىنى زىيادە قىلغاي ، پايدىسىز ئېلىمدىن نېرى قىلغاي !

بەس مۇنازىرە كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرېۋىتىدۇ . (جالالىددىن رۇمى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 12:39:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت كۆزنەك بۇرادەر!...مەنمۇ 2019 غا بارغۇچە مۇسۇلمانلارغا دىندا سەبرچانلىق ۋە سابىتلىق بولسا ئىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن، 1919-يىلى يەر شارىدىكى 2 كاتتا ئىمپىرىيە ئوسمان ئىمپىرىيەسى ۋە مانجۇ ئىمپىرىيەسى ھالاك بولغان، 1991-يىلى سەۋت ئىمپىرىيەسى ھالاك بولغان، قارىسىڭىز بۇ سانلاردا 19 ياكى 91 باردەك، ئەمما ئىنچىكىلەپ قارىسىڭىز 99 نى كۆرىسىز!!!...1949-جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، 1979-يىلى ئىسلاھات ئىچىۋىتىش ۋە دىڭشاۋپىڭ دەۋرى، 1989-يىلى تىەنمىن ۋەقەسى ۋە جاڭزىمىن دەۋرى، 1999-يىلىچۇ؟...2009-يىلى جوڭگۇو تارىخىدىكى كاتتا ۋەقە 5-ئىيۇل ۋەقەسى!....بۇ  ئىشلارنى دۇنيا نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساقچۇ؟....بۇلارنى تاسادىبىلىق دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ ئەلبەتتە!...خۇددى بۇ ھاياتىمىز تاسادىبىلىق تۇيۇلغاندەكلا؟!... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qurighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 12:40 PM  


ئاللاغا تاپشۇردۇم!

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7966
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 2231 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 03:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللادىن جاجاڭنى بېرىشىنى تىلەيمەن ~

جەلىپكار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 07:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنى قاغىۋەتمىگەنسىز؟!...يۇقارقى 2 ئىنكاستىن ئەجەپ شۈركۈنۈپ كەتتىم!

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 07:30:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇلما كور كىشىلەر ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىدە ھەقىقىي ئىشەنچ بىلەن دادىل ھاللاردا ‹‹ ئاللاھ ئالەمنى قاراڭغۇلۇققا ۋە قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقارمايدۇ ›› دېدى . چۈنكى ئۇلار باشقىلارمۇ بىزگە ئوخشاش بەندىلەر ، بىز قانداق بولساق باشقىلارمۇ شۇنداق دېدى . ئۇلار رۇسۇللاھنىڭ ‹‹ ئىنسان ئىسلامنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى مۇسۇلمان بولسا مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىدۇ ، ناسارا بولسا ناسارا قىلىپ چىقىدۇ ، مەجۈسى بولسا مەجۈسى قىلىپ چىقىدۇ ›› دېگەنكى ھەدىسىنى بارلىق ئىنسانىي ئۇدۇمىغا ئۇرىۋەتكەن بولۇپ ، مەيلى قانداق كىشىلەر مەيلى قانداق ۋاقىتلاردا تىرىشسىلا تەقۋادار بولماي قالمايدۇ . تەقۋادار بولۇش جىمى ئىنساننىڭ نېسىۋىسى دەپ چۈشەندى ۋە بۇ ھەدىسكە شۇنىڭدەك ھۆكۈم بىلەن كىشىلەرنى دىنىي ئېقىمىغا شۇ خىل كۆز قاراشلاردا ئېلىپ بارماق بولدى ۋە ئۆزىگە - باشقىلارغا شۇنى تىلىدى . چۈنكى ئۇلار ‹‹ ئادەم تىرىشسا قىلالمايدىغان ئىش يوق ›› دىگەنكى ماددى تەرەپلىك ئېنىقلىمىلارنى مەنىۋىيەتكە ۋە دىنىيەتلەرگە ئۇرىۋېتىش بىلەن ، ئاقىۋەتتە ئۆز نەپسى تۇنۇشىغا ئەگىشىپ ئاللاھنىڭ ئەسلى قانۇنىي شەكلىدىن چەتنەپ چىقىپ كەتتى ، ھەمدە ئۆز تۇنۇشىنى تازا جەزىملەپ بولالماستىنلا كىشىلەرگە تاڭدى يۇ ، كىيىن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازى تاغ باغرىدىن ياڭراقلىنىپ قايتىپ كەلگەندەك كەلگەندە بولسا ، شۇ خىل ئاۋازلارغا تېخىمۇ مۇنتىزىملىنىپ كىيىنكى قەدىمىنى تېخىمۇ رۇسلاشقا ئۆتتى ۋە مۇنازىرىدە ئاشكارا جاڭجاللىشىشقا ئۆتتى . ئاقىۋەتتە مانا بۈگۈنكى زامانىمىز ۋە جەمىيىتىمىز مۇشۇ ھالغا كەلدى . چۈنكى كىملەركى ئاللاھنىڭ ئەسلى يولىدىن باشقا ياققا چەتنەپ چىقىپ كېتىدىكەن ۋە ھىس قىلغانلىرىغا ئەگىشىدىكەن ، ئۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن غىيرىۇ يولنى ئىزدىگەن بولۇپ ، ئۇ ئاللاھدىن باشقا بىر خۇدانى ئىزدىگەن بولىدۇ . كىملەركى ، ئاللاھ ئەسلىدىن پۈتكەن دىندىن باشقا بىر دىننى ئارزۇلايدىكەن ، ئۇ ئاللاھقا قېتىپ ئاللاھدىن باشقا مەبۇدنى تەلەپ قىلغان بولىدۇ . كىملەركى ، شۇنىڭدەك يولنى تەيىن قىلىشىپ بىكىتىدىكەن ۋە شۇنى تەرغىب قىلىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنى زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەبۇد دەپ جاكارلىغان بولىدۇ . بۇلار گەرچە قۇرئاننىڭ بەزى تەرەپلىك قىممىتىدىن پايدىلىنىپ بەزى ھەقىقەتلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئېتىقادتىكى ، دىنىي جەھەت ۋە تەقدىرلەردىكى تۇنىشى ۋە تەرغىبلىرى ئەسلى ئىسلامغا چۈشمىگەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدا ، دىنىي جەھەتتىكى مەۋقەسىدە ئۇلارنىڭ پېشانىسىدە ‹‹ كاپىر ›› دەپ يېزىقلىقلىقى ھىسسىي قىممەتتە ئاشكارا باياندۇر . ئەمما بۇ خىل ‹‹ كاپىرلىق ›› نى تاۋۇشنى ئاڭلايدىغان ، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ‹‹ چاھارپاي ›› لار ھېچ چۈشىنەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار بىلمىگەن نەرسىلىرىگە ئەگىشىپ ئاقىۋەتتە شۇنىڭدەك ھالاكەت مەۋقەسىنى ئۆزىگە تاللىغاندۇر . چاھارپايلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس چۈشىنەلەيدىغان قىممەتلىك تەرەپلىرى بولىدۇ . ئىنساننىڭمۇ شۇ . ئەمما كىملەركى بىلمەيدىغان نەرسىلىرىگە ئەگىشىپ ئالىملارنىڭ سۈرىتىگە كىرىشىۋېلىپ شۇ خىل ماقامنى سۈيئىستىمال قىلىۋالىدىكەن ، شۇ شۇھالىتىدە ئۇ بىلمىگەن نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ قويىدۇ ۋە شۇ چىقارغان نەرسىلىرى - ھۆكۈملىرىگە قارىتا تاۋۇشىنى ئاڭلايدىغان ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغانلار قاتارىدىن ھېسابلىنىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كىملەركى ئاتا - بوۋىلار شۇنداق دېگەن دەپ قۇرئاننىڭ ئىچكى لەۋھۇلمەھپۇزىغا خاسلانماستىنلا گۇمانىغا نېمە كەلسە شۇنى قىلىدىكەن ، ئۇ ئاقىۋەتتە توغرا يولدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدۇ . ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى  ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئىسلام دىنىدۇر ! ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ دىننى خۇددى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ دىنىدىكىدەكلا  شەكلى ۋە ئاتىقى جەھەتتىنلا چۈشىنىپ قېلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىنى باشتا بايان قىلغىنىمىزدەك ، ئىسلام دېڭىز مەسەللىك بولسا ، دىن تاتلىق سۇلۇق دەريادۇر . ئەمما كىملەر يولنى ، كەڭ مەيداننى ئىسلامدىن چىقىرىۋالىدىكەن ، ئۇنىڭ ماڭغىنى ئىسلام ئەمەس بەلكى نەپسى خاھىشى بولىدۇ . دىننى ئاللاھقا خاس ئىبادەتتە قۇلچىلىق قىلمايدىكەن ۋە ئىسلامنىڭ نەتىجىسىنى دىنغا مايىللاشتۇرمايدىكەن ، ئۇنىڭ دىنى يەنىلا باتىل بولۇپ ، ئۇنىڭ دەرياسى شورلۇق دەريا بولۇپ قالغۇسىدۇر ! دىن ئىسلامنى كۈچلۈندۈرىدۇ . يەنى ، دىنسىزلىق بىلەن  ( بەندە بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا جەزمەن ئىشەنسە ، مەيلى ئۇ دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنسۇن - چۈشەنمىسۇن ئۇنىڭدا مەلۇم بىر دىنىي قورغان پايدا بولىدۇ ) ھېچ قانداق شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى ئاشكارلانمايدۇ . چۈنكى بارلىق ئىلىمنىڭ ئاچقۇچى ( گەرچە كىشى شۇ خىل قىممەتنى ئاشكارا قىلسۇن - قىلمىسۇن ) پەقەت بىر ياراتقۇچىنىڭ قولىدىدۇر . كىملەركى ئاللاھنىڭ يېڭىلىق نەتىجىسىگە ئېرىشكەن بولسا ، ئۇ تاكى ئاللاھقا دۇئا قىلىپ شۇ نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى ، قىممىتىنى تەلەپ قىلمىغۇچە ، ئۇنىڭغا شۇ خىل ئاچقۇچ مەيلى قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ، ئاشكارا بولىدۇ . بەندە شۇ خىل ئاللاھنىڭ مەۋقەسىنى  ئۆز نۆۋىتىدە تولۇق چۈشىنىدۇ ، ئەمما كىيىنكى ۋاقىتلاردا كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل مەۋقەنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە تەپەككۇر قىلمىغان بولسام ، پالانى ياردەم قىلمىغان بولسا ، پۇكۇنى سۆزلەپ قالمىغان بولسا مېنىڭ بۇنداق قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، دەيدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىشتا ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھېكمەت تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمەستىن باشقىلارنى ئاللاھقا مەبۇدلۇقتا ۋە ئىلاھلىقتا شېرىك كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئاللاھ مەيلى زالىم بولسۇن ، ئالىم بولسۇن ، قايسى بىر دىندىكى كىشى بولمىسۇن ، مەگەر ئۇ شۇ تەلىپىدە بىر ياراتقۇچىدىنلا چىن تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجاۋەت بولماي قالمايدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر شۇ خىل چىنلىقتىكى دۇئايىدىكى ئىمتىيازىنى دىنىنىڭ ۋە ئىسلامىنىڭ بۇزۇقلىقىدىن پەقەت بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكمىگۈچە تاپالمايدۇ . ئۇ كىشى مەيلى ئالىم بولسۇن ، پەيغەمبەر بولسۇن مادامىكى ، غاپىللىقتىلا بولىدىكەن ، ناماز ۋاقتىدا بولسىمۇ ، ھەتتە ھەج ۋاقتىدىمۇ بولسىمۇ !
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بىزنى ئىلىمدار بولۇشقىلا تەكلىپ قىلماستىن پىكىر قىلىشقا ۋە ھىسسىي تەرەپلىك قىممەتكە يېتىشكە ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بىلدۈرۈشتىكى غەيبىي قورغانىغا ئىشىنىشكە ۋە شۇ خىل قىممەتتە دىننى بەرپا قىلىشقا ، ئاندىن ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇنتىزىم تۇرشقىلا ، ئىبادەتلەردە چىنلىقتا ئىخلاس ئۈستىدە تۇرۇشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل قىممەتتىن غاپىلدۇر ، تۇنۇشى ھەتتە قاراڭغۇدۇر !

ئاللاھتائالا ئادىسىرىنى بەرگەن تېمىدا ئېيتىلغاندەك ، بارلىق زامان ۋە ماكاننى ئالدىن پۈتۈپ كۆكۈم قىلىپ ئۆز ئوقىدا دەۋىر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىۋېتىپ تۇرۇپ ، ئاندىن ھەممىلەرگە ئۆزلىرىگە خاس شەكىلنى ئىرادە قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر زامان - ماكانغا ھەممىنى ئۆزلىرىگە پەقەت ۋە پەقەت ياخشى بولسۇن ئۈچۈنلا تەقدىر قىلىپ قىلىپ بىر - بىرلىرىگە مۇلاقات قىلغاندۇر . ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ‹‹ ھېچ كىشىگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغان ›› دىكى  ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقى ۋە ھېچ بىر بەندىگە قىلچە زۇلۇم قىلماسلىقى ۋە مەھشەر كۈنىدە ھېچ بىر كىشىنىڭ ئاللاھقا ئۆزرە قويالماسلىقتىكى ناھايتتى شەپقەتلىق ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ ھەق ۋە بەرھەقلىقىنى بەندىلىرىگە چۈشەندۈرۈش ۋە شۇ خىل قىممىتىنى ھىس قىلدۇرۇش م بەندە بۇ خىل قىممەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلسىمۇ ، ئۆزىنىڭ شۇ خىل شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بەندىلىرىگە كىيىن بولسىمۇ كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر دىن ۋە ئىسلامنى پۈچەك ھاللاردا تۇنۇپ قېلىشتا سۈيئىستىمال قىلىۋېلىش بىلەن ، ئاللاھنى زالىم ، ھاماقەت ، غاپىل ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشتى . ئەمما ئۇلار ، بولۇپمۇ كۆپىنچە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھالىتىدىن غاپىل ھاللاردا كۆرەڭلەپ يۈرۈشمەكتە !!!
شۇ خىل نادانلار ئاللاھنىڭ تەقدىرى ھۆكمىسىدە باشقىلارنى ئىلاھلىقتا شېرىك قىلىۋېلىش بىلەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز ، پالانى باشلىقىمىز ، پوكۇنى دۆلەت ۋە مىللەت بىزنى مۇنداق قىلىۋەتتى ، دېگەنكى ئېتىقاتىدا ئەسلى زاماننىڭ بىر ئوقىدا ئايلىنىش قىلىدىغانلىقىنى ، ئەمما بەندىلەر بۇ خىل ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىنى بەندە ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىشىپ ، ئاللاھنىڭ ئەسلى قانۇنىدىن چىقىۋېلىپ تىلىدا ۋە ئېتىقاتىدا ‹‹ ك ، پ ، ر ›› سۈپىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشمىدى . ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن شۇنداق دەۋىر بولىدىغانلىققىنى ھىس قىلىشمىدى ، پەقەت شۇ خىل يامانلىقنى بەندىلەرگە نىسبەت بەردى . بۇ نىسبەتلىكلەر خۇدالىق ئورنىدىكى كىشىلەر ئىدى . رۇسۇللاھ ئېيتتى : ‹‹ تەقدىر توغرىسىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەدەم ئەلايھىسسالام مۇنازىرلاشكەن ئىدى ، ئادەم ئەلەيھىسسالام مۇنازىرىدە ئۇتىۋالدى . يەنى ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامغا - سەن ئەينى ۋاقىتتا جەننەتتىكى مېۋىنى يېمىگەن بولساڭ ، بىز زېمىنغا چۈشۈرۈلمىگەن بولاتتۇق - دېۋىدى ، ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسلام - ئاللاھتائالا ئادەمنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا مېنىڭ جەننەتتىكى مېۋىنى يەيدىغانلىقىمنى پۈتىۋەتكەن تۇرسا ، مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن پۈتىۋەتكەن تەقدىرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلەمسەن - دەپ ، ئادەم مۇنازىرىدە ئۇتىۋالدى - دېگەن .
شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىكى جان ، ئادەم بىرلىكى شۇ خىل جەننەتتە يارىتىلىنىش ۋە شۇ زېمىندىكى مۋېىنى يەپ قېلىشتەك بىر ئاجىزلىقى بارلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ ۋە بۇ ئۇرۇن - كىملىككە پەقەت ئادەم ئەلەيھىسسالاملا مۇۋاپىق كېلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھتائالا جەننەتتە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تاللايدۇ . شۇنىڭدەك ، قايسى زېمىنغا ۋە ماكانغا كىم - كىملەر مۇۋاپىق كەلگەن بولسا ، ئاللاھ شۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ لايىق ئورۇن بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . شۇ سەۋەبلىك ، ئى ئىنسان ! سېنىڭ ئاللاھقا ئاسىي بولۇشۇڭنى سېنىڭ تۇغۇلۇشۇڭدىن بۇرۇنلا ئاللاھنىڭ بىلىشى ، ئاللاھقا قارىتا گۇناھ بولدىما ؟ سېنى سېنىڭ ئاللاھدىن ئىنسانلىق ئامانىتىنى ئالغىنىڭ ۋە  ئۆزەڭگە قارىتا ئەڭ توغرا ئورۇننى ئەنە شۇ رەببىڭ لايىقلاشتۇرۇپ بەرگەن تۇرسا ، سەن شۇ نېمەتكە لايىقق رەۋىشتە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلىدىغانلىقىڭنى ۋە سەن ئارقىلىق مەلۇم كىشىلەرنى ئاللاھ ھېكمەت بىلەن بەزى تەقدىرلەرنى بىكىتىشىنى ، سەن ئارقىلىق شۇ تەقدىرلەرنى روياپقا چىقارغانلىقىنى ئاللاھقا ئىتتىرىپ قويۇپلا ، ھەممىنى ئاللاھ ياراتقان دەپ ئۆزەڭنى ئاقلىساڭ ، سەندىكى كۇفرىلىقلارنى توغرا سانىساڭ ، سېنىڭ رەببىڭگە ئاسىيلىقىڭ - ئىبلىسلىقىڭنى كۆرسىتىدۇ . سەن شۇ كۇفرىلىقنى قىلىپ قويغاندىن كىيىنكى كۇفرىلىقىڭنى بىلگىنىڭدە يەنىلا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش تەۋبىگە تىل ئىشتالىساڭ ، سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ۋە تىل ئىشتماي ، مېنى ئاللاھ ئەزەلدىن شۇنداق ياراتقان دەپ تەۋبىگە تىل ئىشتمىگىنىڭ سېنىڭ ئىبلىسلىقىڭنى كۆرسىتىدۇ . شۇ ۋەجىدىن قۇرئان مۇشۇ ئىككى خىل قىسمەت توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىپ نازىل قىلىنغان . كىملەر قۇرئانغا ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن ، ئۆزلىرىنىڭ ئورنى - سۈپىتى قۇرئاندا باردۇر . پەقەت ئۇ نادانلىقنى ۋە ھاماقەتلىك ، كۇفرىلىقلارنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلغانلىقلىرىدىنلا ئۆزلىرىنى شۇنىڭدەك كۇفرىلىق قىلغانلىرىدا ئىسلاھ قىلمايدۇ . ئۆزىنىڭ يولىنى داۋام ئېتىۋېرىدۇ . ئاقىۋەتتە ، فىرئەۋنگە ئوخشاش قىلمىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا بولسا ، تەرسالىق ، جاھىللىقلاردىن ۋە ئىلگىركى ئەلنىڭ قىساسىغا قېلىشلاردىن خۇددى ئىبلىستەك ، ئىچىدە ئېتىراپ قىلسىمۇ كىشىلەر ئالدىدا تەكەببۇرلۇق قىلىش بىلەن دوززاخنى ئىختىيار قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ شۇ ئىختىيارلىقى شۇكى : ‹‹ بۇ كىتابتا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغاندىن كىيىن ، بىز نازىل قىلغان ( كىيىنكى ) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى ( بىلدۈرگىنىمىز ، ئوقۇتقۇنىنىمىز ۋە ئاڭلاتقىنىمىزدىن كىيىن ھەم نەپسىگە بېرىلىپ ، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ) يۇشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ ؛ ( شۇ خىل ھەقىقەتكە تىگىشلىك بولغان ئەمما كىيىن شۇ خىل ئىلىملەرنىڭ شۇ خىل كىشىلەر تەرىوىدىن تولۇق يەتكۈزۈلمەي كىيىنكى ئازابقا ، زىيانلارغا دۇچار بولغانلاردا ئاندىن ئۇلارغا قارىتا ) لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا ( زىيانكارلىقتا قالغانلىقرىغا قارىتا ) لەنەت قىلىدۇ ( 159 بەقەر )
ئەمما ياخشى كىشىلەر ۋە نىيىتىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دەپلا ئەمەل ئۈستىدە بولغانلار بولسا ‹‹ پەرۋەردىگارىمىز ! بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىز ئازغاندەك باشقىلارنىمۇ ئازدۇردۇق . بۈگۈن ھەقىقىتىڭ ئاشكارا بولغاندا بولسا ئۇنى ئېتىراپ قىلدۇق . بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىرگە قىلمىغىن ›› دەپ خۇددى پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىدەكلا سەجدىگە بارىدۇ . پەقەت پىرئەۋىندەك تۇزكورلارلا ۋە تەكەببۇرلارلا ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتمايدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھالى شۇكى : ‹‹ شۈبھىسىزكى ، ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن كاپىر بولغانلار ، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ . ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر ››. ( 90 ئال ئىمران )
ھەممە ئۆزلىرى بىلگەننى توغرا بىلىدۇ . ئەمما توغرىلىق بىردۇر . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئېيتىدۇكى : ‹‹ كىمكى ( پۈتۈن شەيئىلەرنى توغرا شەرھىيلىگۈچى ) ئىسلام ( دىنىدىن ) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن ( يەنى شۇ خىل ھەقىقەت قورغانىدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدىكەن ) . ھەرگىز ئۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ ، ( ئاتاقتا ۋە ئەمەللەردە ئىسلام دەپ شۇئار قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ ) ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر ( 85 ) ئال ئىمران
ئەھۋال شۇ ، كىملەر ئۆزلىرى بىلگەن دىننى ۋە يولنى ھەقىقىي توغرا دەپ ئىشەنگەن بولسا ، شۇنى تەشۋىق قىلامدۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى . ئاللاھ يارىتىدۇ دەپ نېمىلەرنى قىلىدىكەن ، ئەلۋەتتە ھەممىنى ئاللاھ يارىتىدۇ . گەپ ، شۇ كىشىنىڭ نېمىلەرنى تەشۋىق قىلىشىدا !
گېپىمىزگە كەلسەك ، تارىختىن بۇيان ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۈستۈنلۈككە ۋە تۆۋەنلىككە چىققانكى مەۋقەيى ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئىلگىرىدىن شۇنى تىلىگەنلىكىدە بولۇپ ، كىملەر دىندا كۇفرىلىققا بېرىلىدىكەن ، دىندىكى پاساتقا ، ئىنسانىي كىملىكىدىكى كۇفرىلىقلارغا بېرىلىدىكەن ، ئادىمىيلىقتىكى پاساتقا ھامان مۇلاقات بولۇپ كەلگەندۇر . شۇ ۋەجىدىن بىر مىللەتنىڭ بىر زامانىدىكى بىر مەزگىللىك باسقۇچلىرىنى كۈزىتىپ ئۇلارنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى مۆلچەرلەش ئەقىلدىن يىراق ئەمەس . چۈنكى ، ئاللاھ بىر قەۋمگە قانداقلا بىر زاماننى ۋە شەكىلنى ئىرادە قىلغان ئىكەن ، چوقۇمكى ، مەلۇم دەلىلى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر . شۇنىڭدەك ، بىر مىللەتنىڭ گاھ بىر زاماندا بىر ھالەتتە ئۆلۈك ۋە تىرىلىشىدىكى قىممەتلەر ئالدىن پۈتىۋېتىلگەندۇر . بۇ پۈتۈلۈشكەرگە دەلىلى شۇكى ، بىر زامانلاردا ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە تاپشۇرۇلمىغانلىقتىن بىر بۆلۈك كىشىلەر تولىمۇ زالىملىشىپ كېتىدىغانلىقى ، ئاقىۋەتتە ئەل قىساسىي مىنەلھەق بولۇپ ، تىگىشلىك يامانلىقىنى تارتىدىغانلىقى ئالدىن پۈتىۋېتىلگەندۇر . بۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنى بىزلەرنى شۇ خىل زالىملاردىن بولماسلىققا چاقىرىدۇ . ئەمما تېيىز ئەقىل بىلەن كۈزىتىپلا بىر كۆزلۈك ھاللاردا ھالالنى ھارام قىلىۋېتىش يەنىلا شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان تەرەپتىن بولىدۇ . كىيىن ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى شۇكى : ‹‹ بىلىڭلاركى ، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلدۈرىدۇ ، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ، سىلەرگە ( زېمىندا ۋە تارىختا كامالىي قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان ) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق ( 17 ھەدىد ) ››

يەنە گەپ ئۇزىراپ كەتتى ھە ؟
داۋامى بار !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koznak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-14 08:03 PM  


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 11:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ؟..رەھمەت..ئەجەپ ئويلاندۇردىڭىزغۇ مىنى؟

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qurighar يوللىغان ۋاقتى  2012-4-14 11:56 PM
ئاخىرىچۇ؟..رەھمەت..ئەجەپ ئويلاندۇردىڭىزغۇ مىنى؟

ئاخىرىچۇ؟..رەھمەت..ئەجەپ ئويلاندۇردىڭىزغۇ مىنى؟

مۇشۇ كۈنلەردە توردىكى ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمى چ چ دا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . چچداشلار ئۇنى - بۇنى سوراپ بولمامدۇ . بۇنداق دېسەم ، بىزمۇ شۇنداقلا قىلىلى دېمەڭلەر ھە ، چچنى ئاچماس بولۇپ كەتمەي يەنە ! چچدا لاتىنچە خەتنى بىر ۋاقىت بېسىپ كەينىدىن ئۇيغۇرچىغا توغرىلانسا بەكلا قالايمىقان خەت بېسىلىپ كېتىدىكەن ئەدەم . قارىغاندا بىر ۋاقىتتىن كىيىن چچنى يوقاتسام بولىدىغان ئوخشايدۇ . بولمىسا ئۇمۇمىيلىقتىكى ۋاقتىمنىڭ كۆپىنچىسى نابۇت بولۇپ كېتىدىغان چىراي !
داۋامىنى كۈندۈزدىن يازمىسام ، كەچ بولغاندا يازسام ؛ يېزىش جەريانىدا مەن خېلى سىقىلىمەن ، خېلى زىلزىلىگە دۇچ كېلىمەن . ئەمما بۇ خىل مەۋقە بېسىققۇچە ياتساممۇ بىرەر سائەت ئۇيقا يوق ، مەجبۇرى تەپەككۇر قىلىپ كېتىدىكەنمەن . ئاندىن كېچىدىكى ئۇيقا ياخشى ئەمەس كۈندۈزى ئىلھامىم بوشاپ كېتىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن خۇپتەندىن كىيىن قەلەمدە ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغان بولدۇم . شۇ ۋەجىدىن بۇنىڭ داۋامىنى يەنىلا ئەتە يازاي ! ئادەتتىكىدەك نەرسىلەرنى يازسام بەكمۇ چارچىمايدىكەنمەن . ئەمما ئۈستىدىكىدەك ئىنكاس يازغاندا ئۆزەمنى تېنىمدىن چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يەنىلا ئەتىگىچە ئاللاھ ئاسايىشلىق بىرەر !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 03:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىلگىركىلەرنىڭ ، گەرچە كەسلەنچۈك كىرىپ كەتكەن تۈشۈكنىمۇ ئالا قويماي تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشىمىزنى رۇسۇللاھ نېمە ئۈچۈن بايان قىلىدۇ ؟ چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام دىنى بولغانلىقى ۋە قۇرئان ئىلگىركى كىتابلارنى تەستىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە بۇلەرنى قۇرئان بىزلەرگە ھەقىقىي رەۋىشتە كۆرسىتىشتە نازىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر . رۇسۇللاھنىڭ ئېيتقىنىمۇ تەساددىيلىقتىن ئەمەس . چۈنكى ئاللاھنىڭ ئايىتىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئېيتقاندۇر . شۇ تۈشۈكچىلەرگە قارىتا ئاللاھ ئېيتقان : ‹‹ سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى ؛ يەر يۈزىدە سەيىر قىلىڭلار ، ( ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى ) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار ( 137 ) بۇ ( قۇرئان ھەقىقەت ئىزدىگۈچى ) ئىنسانلارغا باياندۇر ، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز - نەسىھەتتۇر ( 138 ) ئال ئىمران ››
تەقۋادارلار ئاللاھنىڭ يۇشۇرۇن بىلدۈرىشى غەيىبىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ، كىملىكىگە چىڭ ئېسىلىدۇ . ئاندىن ئاللاھنىڭ ھامىي قىلغان ياكى بولمىسا كېپىل قىلغان ھاللاردا قۇرئاننى تۇتقا قىلىدۇ ۋە ئوقۇشلۇق - تەتقىق قىلىدۇ . ئەنە شۇ تەتقىقات شۇ كىشىنى ۋە شۇ كىشى ئارقىلىق بايان بولغان ھەقىقەتلەرنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى تەقۋالىقنىڭ ئاساسىي قىممىتىگە ، ئىسلامىي چوقۇنۇشقا ئېلىپ چىقىدۇ . قۇرئانغا ئاساسلانماي تۇرۇپ كىملەركى دىننى ۋە ئىسلامنى پۈتۈن قىلىمەن ، تەقۋادار بولىمەن دەيدىكەن ، ئۇنىڭ كۆز قارىشى ، ماڭغان يولى باتىل بولىدۇ . ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئاخماق قىلىدۇ . گەرچە بەزى ئايەتلەردىن ھەقنى چۈشەنگەندەك ۋە ئاجايىپ ئىلىملەرگە ئىگە بولغاندەك ھىس قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدەك كىشىلەر قۇرئاننىڭ بەزى قىسمىنى قۇبۇل قىلىپ يەنە بىر بۆلەكلەرنى قەتئى ئىنكار قىلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ يولى ھەر قانچە قىلسىمۇ داۋان ئاشالماي تۇرۇپ قالىدۇ . پەقەت ھەر ۋاقىت ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ۋە بېشىغا ، روھىيىتىگە قانداقلا دىشۋارچىلىقلار كەلگەن بولسۇن ، پەقەت ۋە پەقەت ھەر ۋاقىت ئاللاھقىلا يۈزلىنەلىگەن ، ھەر ۋاقىت ئۆز پەرۋەردىگارى - مەبۇدىغا يۆلىنەلىگەن ئادەملەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا . ئەنە شۇلار ھەقىقەت ۋە كىيىنكى يېڭىلىقلار ئاشكارا بولغان ۋاقىتلاردا خۇددى يەھۇدىي ئابدۇللاردەك ھەق تەرەپكە يۈگۈرۈپ كىلەلەيدۇ . چۈنكى بۇنىڭدەك قۇۋۋەت بىرىلگەن كىشىلەردە مىللەت ، جەمىيەت ۋە  جەمەتتىكى مۇھەببەت ئېتىقادى - ئىمانىنى سۇندۇرالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بىر ياراتقۇچىنى تۇنۇش ۋە ئۇنىڭ ھەق ۋە بىرلىكىگە تەستىقلىغۇدەك ئىلىمگە ئىگە بولۇش بىر مەسىلە ، ئەمما ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ ھەر ۋاقىت ئىبادەت قىلىش ئايرىم بىر مەسىلە ! بۈگۈن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىمان ئېيتىش ۋە شۇنىڭ بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىش چوڭ ئىش ئەمەس . بەلكى ئۇنىڭغا قايسى رەۋىشتە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ۋە ۋەدىسىگە ئاساسلانغان ھاللاردا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدىكى تەقۋادارلارغا بېرىلىدىغان ئاخىرقى بېكىتىگە يېتىش ، ئاندىن شۇ قىممەتنى تاپقاندىن كىيىن شۇ خىل قىممەتنى تۇتۇپ تۇرۇش زاماننىڭ تەقەززاسىدۇر !
ئاللاھ ئېيتقاندەك ، بىزدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ھەم ھەر بىر ياخشى - يامانلىرى ، ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلىرى ۋە ئىنكار قىلغانلىرى ، ئۇلارغا تەڭ ئەگەشكەنلىرى ھەم بار بولغان . ئاللاھ بىزلەرگە شۇنچە تارىخنى بەردى . ۋە تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاللاردا بۈگۈننى بايان قىلىدىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى . ئەمدى ، بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئەنە شۇ قۇرئانغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ، قۇرئاندىكى زاماننى ، ماكاننى ۋە شۇ زامان - ماكانغا خاس شەرىئەت تەكلىپلىرىنى بىر- بىرلىرىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈش ۋە شۇ ئىش ئىگىلىرىنى نەق تۇنۇش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر ! چۈنكى ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى پەقەت خۇدالىق دەۋاسىنى ئاشكارا قىلغان زوراۋان پىرئەۋنلەرلا ئىنكار قىلماستىن ئىلگىركى كىتابلارنىڭ ئىگىلىرى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ موللىلىرى - ئالىملىرى ، پەيلاسوپلىرى ھەقىقەتەن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىغا جەزمەن ئىشەنگەن تەقدىردىمۇ ۋە ھەق كالامنى تەستىق قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىدى ۋە تەۋرات - ئىنجىللاردا رۇسۇللاھنىڭ ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ساھابىيلارنىڭ سۈپىتى ماھىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇشۇرۇن ئىلىمنى ‹‹ بىزنىڭ شۇلارنىڭ ئالدىدا دىندا تەپرىقىچىلىك قىلىشىمىزدا ۋە ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ھەم توغرا كۆرسىتىشتە راستچىللىقىمىزغا قارشى باشقىلارغا بۇ يۇشۇرۇن ئىلىم ۋەھىيلەرنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر ؟ بۇ سۆزلەرنى ئېيتساق دۇنيالىقنىڭ ، يۈز - ئابرويلىرىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى سىلەر چۈشەنمەمسىلەر ؟ ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى ئالدىن پۈتمىگەن بولسا ، بۇ بىزگە تەقدىر قىلىنامتى ؟ دېمەك ، بىزمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى ئارقىسىدا ئايرىم يول تەيىن قىلغۇچىلارمىز . بۇنى ھەم ئاللاھ ئىرادە قىلغان ›› دىيىشىپ ، ھەممىنى ئاللاھقا ئارتىپ قويۇش بىلەن ئۆزلىرىنى ئالىي جانابلاردىن كۆرسىتىپ ئۆزلىرىچە پاك ھېسابلاشتى ۋە ئۆزلىرى نېمىلەرنى توغرا كۆرگەن بولسا شۇنى تەۋسىيە قىلىشتى . بۇ خىل ماھىيەت بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرىلا يۈز بېرىپ بولغان ۋە ئاللاھ قۇرئاننى بىلەن بۇلارنى دەلىلى بىلەن بىزگە ئوقۇتقان . ئەمدى قوپاپ ، بۈگۈنمۇ ھەم ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىبادەت قىلىشنى چوڭ بىلىپ زامانىمىزدىكى ئىش ئىگىلىرىنى ئىنكار قىلساق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پىتنە - پاسات تارقاتساق بىز كىم بولىمىز ؟ پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئادىمىي قۇشۇنى ۋە ھەتتە ئادىمىي ئىبلىسنىڭ ئۆزى بولىمىز .
توغرا ، ھەممە ئۆزلىرى نېمىلەرنى تۇنىسا باشقىلارغا ھەم شۇنى تىلەيدۇ . بۇ توغرىسىدا ھەدىسمۇ بار . ئەمما ھەدىستە كەلگىنى مۆئمىن دۇر ! راھىبلارمۇ ۋە ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارمۇ ۋە ساھابىيلارنىڭ يولىنى تۇتقا قىلغان كىشىلەرمۇ ھەممە ئۆزلىرىنىڭ يولىنى ۋە تۇنۇشىنى توغرا تاپىدۇ ۋە تاكى بۈگۈنگىچە ئۆزلىرى شۇ خىل ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغا ياخشى كۆرىدۇ . ھەممە ئاتاقتا شۇنداق دەيدۇكى ‹‹ مانا بىز مۆئمىن ! ››
ئۇنداق ئىش يوق . كىملەركى ئاللاھنىڭ زامانىغا خاس قىممىتىنى تۇنىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان بولسا ، ئۇنىڭ شۇخىل قىممەتنى باشقىلارغا ياخشى كۆرىشى ، ھەدىسكە ۋە قۇرئانغا مۇناسىپتۇر ! ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىسلام ۋە دىن ئېتىراپ قىلمايدۇ .
ئىلگىرى شۇنچە ئېسىل كىتاب تەۋرات بىلەن ئىنجىلغا ئالىملار شۇنچە ئىبادەت قىلاتتى . ئەمما ئۇلارنىڭ ئىبادىتى كىيىنكى زاماننىڭ ئىش ئىگىلىرى ، پەيغەمبىرى ۋە ساھابىيلىرىغا ئىمان ئېيتىشقا ئېلىپ بارالمىدى . چۈنكى ئۇلار ئىبادەتلىرىدە غاپىل ئىدى . شۇ ۋەجىدىن ئەسلى ئىبادەتنىڭ شۇ خىل قىممەتكە ئۇلاشتۇرغۇچى كۈچ ئىكەنلىكىنى ، پەقەت شەكىلنى توغۇرلاپ قويۇپ ، ئىچكى جەھەتتە دۇنيالىقنى ۋە غاپىللىقنى تىلەشكە ئۆتكەنلىكىنى ھىس قىلىشالمىدى . ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قاتارىدىن كىيىنكى دولقۇنغا ئۇلىشالمىغانلار قاتارىدىن ھېسابلاندى ، ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك ھۆكمى تىگىشلىك بولدى . چۈنكى ئۇلار ئىبادەتتە غاپىل ، يەنى ئۇيقۇ ئىچىدە ئىدى . ئەنە شۇ غاپىللىقتىكى تەييار - تاپچىلىقى ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنى تېخىمۇ نابۇت قىلىۋېتىشكە ئېلىپ باردى . ھالبۇكى ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا دىيىشەتتى . چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇلارنىڭ بەزى دۇئالىرى ئىجاۋەت بولاتتى . بۇنىڭلىققا ئىشىنىش بىلەن ئۇلار ئايرىن دىنىي ئايرىمىچىلىقىدا ئۆزلىرىگە ھېچ گۇناھ ئارتمايدىغان بولدى . ئاقىۋەتتە دىنى ۋە يولى باتىللىقنى تىلدى .
ئەنە شۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى ئاللاھ تاكى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرۇپ بىز مۇسۇلمانلارغا ھەر بىر قەدىمىمىزدە پېشانىمىزگە ئۇرۇلۇپ تۇرىلىدىغان قىلىپ پۈتتى . ئەھۋال شۇنىڭدەك تۇرۇپ يەنىلا ‹‹ يەھۇدىيلار ئانداق ئىبادەت قىلىدۇ ، ناسارالار چىركاۋغا كىرىدۇ ، راھىبلار بۇتخانىغا ، مۇسۇلمانلار مەسجىدكە كىرىدۇ ›› دەپلا كۆپىنچە كىشىلەر دىننى ۋە دىنىي چۈشەنچىسىنى شۇلارغا ئوخشاشلا يۈزەكى ئوخشۇتۇش ئىچىدىلا تۇنۇپ قېلىشتى ۋە ئۇلار بۇ تۇنۇشىدىن رازى بولدى . شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ تىلىگىنى يەنىلا ئاتاقتىكى دىنىي ئىسلام بولدىكى ، ھېچ ئىسلام دىنىغا يۈزلىنەلمىدى . ئۇلار ھەر ۋاقىت ئىلگىركى رەسۋا بولغان ئازغان گۇمراھلارنىڭ يولىدا ئەگىشىپ  ئىزچىل مېڭىۋەردى ھەمدە يولىنى توغرا تاپاتتى . راھىبلارمۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ دىنىي تۇنۇشىنى توغرا تاپىدىغانلىقىنى ئەتەي ئۇنتۇشقا تىرىشتى . ئاقىۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنىڭ نېمە ، شۇ ئەمەللىرىنىڭ قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن ھېچ خەۋەرسىز نېمىنى توغرا ، خۇش كۆرسە شۇنى قىلىشتى .
ئاللاھ خالىغان بىر زاماندا كىشىلەرنىڭ پەيلىگە قارىتا دەلىل قىلىپ تۇرۇپ مەلۇم ساھەلەردىكى يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇققا كىرگۈزىدۇ . قاراڭغۇلۇققا كىزگۈزىشى ئىبلىسكە ئەگەشكۈچى ‹‹ ئاپاق خوجا ›› لار ۋە مۇستەبىت زالىم ‹‹ پىرئەۋن ›› لەر ، ئۇلارغا يانداش جېنىنى پىدا قىلىغان ئەگەشكۈچى ‹‹ ھامان >> لار ۋە مۇناپىق << قارۇن >> لار جاھاننى قاپلىغان ۋە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى شۇ خىل تەرەپكە ئۆزگەرتىشنى خالىغانلىقتىن ، ئاللاھمۇ ئۇلارنىڭ خلاىنىنى ، تىلىگىنىنى بېرىش بىلەن ئىلگىركى ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە تىگىشلىك بولغان شەكىللەرنى ئىرادە قىلىش بىلەن شۇ قەۋمنىڭ ئالىمىنى قاراڭغۇلۇققا كىرگۈزۈش بىلەن ناگاھان ، قاراڭغۇلۇققا ، تىرىكلىكتىن ئۆلۈكلۈككە كەلتۈرىدۇ . بۇ << ئۆلۈك >> لەرنى ئاللاھ يەنە بىر تىرىكلىكنى خالىغان قەۋملەر ئارقىلىق يۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىشقا ئىرادە قىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، بەزى ھەقىقەتلەرنى بويلاپ ماڭغۇچى شۇ خىل توغرىلىقنى بويلاپ ماڭغۇچى ، ئاللاھنىڭ توغرا قورغانى << كەھف >> لىرىگە كىرگۈچىلەر ئاللاھنىڭ كەڭ رەھمەت قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى قانداق قىلىپ تىرىكلىككە ، يەنى شۇ خىل يۇقىرىلىق ماقامىغا ئېلىپ چىقىش ئۈستىدە ئويلىنىش قىلىدۇ ۋە شۇنى تىلەيدۇ . ئەمما مەلۇم زامان شۇ خىل ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى زالىملار ، زالىم پادىشاھلار جاھاننى ئىگىلىۋالغاچقا ئۇلار ھەقىقەتنى مەلۇم ۋاقىت يۇشۇرۇن تۇتۇشقا ۋە بەزى ھەقىقەتنى سىر پېتى ساقلاشقا تەيىن تاپىدۇ . ئەگەر بىرەر ھەقىقەت سىرنى ھېچ كىشى سۈرۈشتۈرمىسە ، شۇ خىل ھەقىقەتنى يۇشۇرۇش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولمايدۇ . ئەمما ئاللاھ شۇ خىل سىرنى مەلۇم ۋاقىتتا ۋە مەلۇم ئورۇندا ئاشكارلىماقنى ئىرادە قىلغان بولسا ، ھەم ئۇلاردا بەزى كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان مەلۇم قىممەتلىك << تەڭگە >> لەر بار بولۇپ ، بەزى شۇ خىل قىممەتنى تۇنۇيدىغان ۋە شۇ خىل قىممەتكە قىزىققۇچى ۋە شۇنى تىلىگۈچى كىشىلەرنى ئۇلارغا مۇلاقات قىلىش بىلەن يۇشۇرۇشنى ئىرادە قىلغان بىلەن ئاللاھ ئاشكارلىماي قالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا دىنغا زورلاش يوق ۋە ئىسلامنى مەجبۇرى تېڭىش يوق .  ئەمما كىشىلەرگە شۇ خىل قىممەت لازىم بولسا ، شۇلاردىكى مەۋقە ئۆزلىرىدىكى ئىلىمگە مۇھتاج بولغان بولسا ، شۇ خىل ئىلىملەرنى يۇشۇرغۇچى ئىلىمنى يۇشۇرغان بولۇپ ، ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىگە ، ئاڭلاتقان ، بىلدۈرگەن ، كۆرسەتكەنلىرىگە كۇفرىلىق قىلغان بولىدۇ . بۇ خىل كۇفرىلىق قىلغۇچىلار بىزدە كۆپ ۋە بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ئىنتايىن كۆپ چىقىدۇ . چۈنكى يۇشۇرغۇدەك ئىلىم ئاشكارا ئىلىم ئەمەس بەلكى يېڭىچە زامانغا لايىقلاشتۇرۇلغاندىكى ئىلىمدۇر . قۇرئان - ھەدىسنىڭ خېتىنى ئوقۇپ قويۇش ، ئىلىم تارقاتقۇچىلىققا كىرمەيدۇ . بەلكى شۇنىڭ ھېكمىتىنى تارقىتىش ئاندىن يەتكۈزگۈچى بولىدۇ . خەتنى يەتكۈزۈش ئىشى مىڭ يىل مابەينىدە قەغەز - سىياھلارنىڭ خىزمىتى بولۇپ قالغان . ھېكمەتسىز ھاللاردا ئىلىم تارقاتقۇچى شۇ ئىلىمنىڭ ئەسلى ئگىسى ئەمەس ، گەرچە كۆتىرىۋالغان ئىلىملىرى ھەقىقەت بولغان تەقدىردىمۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال شۇنىڭدەك ئىلىم بارلىققا چىقىدۇ . ئاندىن ئىزدەنگۈچىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ تىلگەنلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئەسلى شۇ ئىلىمنى بايان قىلغۇچى ھېكمەتنىڭ ئىگىلىرىنى ئىزدەيدۇ . ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەرنى تاپقاندا بولسا ئاندىن ئۇنىڭدىن يۇقىرىقى ئىلىم << مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنىلار >> نى تۇنۇيدۇ ياكى شۇ خىل قىممەتكە يۈزلىنىدۇ . ھەدىس مۇبارەك ئىلىمدۇر . ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقىرىشقا دەلىل قىلىنغان ۋە توغرىلىققا يىتەكلىگەن كىشى ھېكمەتنىڭ ئىگىسىدۇر . ئاۋال ئىزدەنگۈچى ھىكمەتلىك سۆز - ئىبارىلەرنى ئىزدەيدۇ . ئىزدەۋەرسە ئۇنىڭ كىتابىنى تاپىدۇ . كىتابىنى تەتقىق قىلىپ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئۇنىڭ كېلىش مەنبىيىنى ئىزلىگەندە بولسا ، ئەسلى شامال بولۇپ چىققان ئورنىنى ۋە كىملىكىنى دەل تاپىدۇ . شۇنىڭدەك ، مەيلى قايسى بىر ھىكمەتلىك سۆزلەر ئاڭلانمىسۇن ، ئۇنى ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭ ئەسلى كىم تەرىپىدىن ئېيتىلغانلىقلىرىنى تاپىدۇ . ئاندىن شۇ كىشىنى تەتقىق قىلسا ، ئۇنىڭ << مەريەم ئوغلى پالانى ....... >> ئىكەنلىكلىرىنى تۇنۇيدۇ . ئەمما بىزگە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ئەمەس بەلكى تىرىكى كېرەك ! ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ئۆز زامانىغا تەۋە ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئىز باسارلىرى بولسا بۈگۈنگە تەۋەدۇر . ئەنە شۇ بۈگۈنكى ئىش ئەھلىنى تېپىش مۆئمىنلىكنىڭ شەجەرىسىنى تاپقان بولىدۇ . ۋە ئاندىن شۇنى تەشۋىق قىلغاندىكى ئەمەل بولسا ھەقنى تەۋسىيە قىلغان بولىدۇ . چۈنكى مەيلى قايسى بىر زامان - ماكان بولمىسۇن ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىش ئىگىلىرى بولىدۇ . ئەنە شۇ ئىش ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ << مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنىلىرى >> بولىدۇ .

ئاللاھ قۇرئاننى ھېپزى ئۈچۈن ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن . بۇ ھېپزى شۇلارنى ئىچىگە ئالىدۇكى ، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىدىكى ، يادقا ئېلىشىدىكى يېقىشلىق ۋە رېتىمى ، ئۇنىڭ بىر باشتىن مەنامۇ مەنا تەتقىق قىلىشتىكى تۈزۈلىشى ، ئۇنىڭ تەپسىرى قىممىتى ، ئايەتلەرنىڭ ۋە سۈرىلەرنىڭ بىر - بىرلىرىگە سۈركۈلىشى ۋە كىرىشىشى ...........ھېپزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبراھىم ئاۋال يۇلتۇز ئىلمىسىگە سەجدە قىلىدۇ . يەنى بارلىق دىققىتى بىلەن ئۇنىڭغا مەھلىيا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئىچكىرلەۋەرگەندە تېخىمۇ يارقىن ئىلىم ئاينىڭ تۇغقانلىقىدەك يۇرۇقلۇققا ئىگە بولىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ كۈچلۈك نۇر قۇياش نۇرىغا چىقىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭغا ھەقىقەت ئايدىڭ بولىدۇ . ئەنە شۇ ۋاقىتتا شۇ خىل بەندىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بەزى ئىلىملەر بېرىلىدۇ - ئاتا قىلىنىدۇ . ئەمما ، بۇ خىل قىممەتكە ھەممىلا ئادەملەر يىتەلمەيدۇ . تېپىلىشىدىن ۋە تۇغۇلۇشى ، تەربىيلىنىشى جەھەتلەردىن شۇنىڭدەك ئاجايىبات غارايىباتلارغا كىرىشەلىگەن ، ۋە شۇ خىل پەللىگە يەتكۈچە ھېچ بوشاشماي سۇباتلىق كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەر ، كۈچلۈكلەر ئەسلى ئىگىلىرىدۇر . بۇلار توغرىسىدىكى سۆز ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆزدۇر . بۇلارنىڭ ئەھۋالى قۇرئاندا ، لەۋھۇلمەھپۇزدا باردۇر . بۇ ماقامغا ۋە بۇ ماقامنى تۇنۇشقا پەقەت ئەڭ ئالىي ئىلىمدار ۋە ئەڭ ئالىي ھۆكۈمدار ۋە ئەڭ ئالىي قەلىبدار ، ئىماندار ، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئىگىلىرى يىتەلەيدۇ . چۈنكى قۇرئاننى پەقەت بۇلارغا قارشى پاك بولغانلارلا تۇتالايدۇ ، چۈشىنەلەيدۇ ،قۇبۇل قىلالايدۇ ۋە ئىمان ئېيتالايدۇ . بۇ خىل ماقامغا يەتمىگەنلەر ئۆز تەپەككۇرىغا ، ئاز ساۋابلىق ئەمەللەرگە ، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ھالال قىلىپ بەرگەن نېمەتلىرىن ھارام بىلگەن ۋە ھارام قىلغانلىرىنى ھالال بىلگەنلىرى سەۋەبلىك ۋە ئۆز يېقىنلىرىغا ، بالىلىرىغا زىياندىن باشقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلىلىرى ، ئۇلارنىڭ قىساسلىرى سەۋەبلىك ھامان پايدىسىدىن زىيىنى تولا ئىختىلاپلارغا قالىدۇ . چۈنكى كىملەر ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ( شەكىلنى ئادا قىلىش بىلەن دىلدىن جۇدا بولغانلار ھەم بۇنىڭ ئىچىدە) ، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھاللاردا ئىختىلاپلىشىشقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ . ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلماقچى ۋە ھىدايەت قىلغان بولسا ئىختىلاپتىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە شۇ خىل ئىختىلاپىي مەسىلىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈك ماھىيىتىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ . چۈنكى << ئاللاھ كىمنىكى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ >> دېگەنكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىسى ئەزەللىسىدە پۈتكىنى بويىچە ، ھىدايەتكە قاراپ ماڭغۇچىلارنىڭ كۆكسى ھەر قانداق شەيئىنىڭ توغرا جاۋابىنى تېپىشقا يۈزلىنىدۇ . ئەنە شۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىكى << ئىبراھىم >> نىڭ ۋارىسلىرىدۇر ! ئەنە شۇلارغا مەلۇم كىتابچىلار بېرىلگەن بولۇپ ، بۈگۈنكى ۋە كىيىنكى دىنىي جەھەتتىكى تالاش - تارتىشلاردا ئەنە شۇ << ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ كىتابلىرىدا بار >>  . شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشمىساق ۋە ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە بولمىساق ھامان بىز غاپىل ، ھامان بىز گۇمراھلاردىن بولۇپ قالىمىز !

ئەمما ، كىيىنچە ئىبراھىم ۋە مۇسالار كۆپلەپ چىقىدۇ . چۈنكى ھەرقاچان مۇكەممەل ھېكمەت كەلگەندە ھامان ھەسەت قىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىبراھىم ۋە مۇسالاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تەتقىقات قىلىشقا ئۆتىدۇ . ئەمما بىز ئۇيغۇر جەمىيىتىگە تەئەللۇق بولغان دىنىي جەھەتتىكى قىممەتنى بايان قىلىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك كىتاب ئىككى بولۇپ ، ئۇ دەل ئىبراھىم ۋە مۇسادۇر ! بۇلارنىڭ قۇرئاندا تىگىشلىك ئورنى ، سۈپىتى باردۇر . بۇ خىل ماقامنى ئىزدەش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ۋە كىملەركى ھەقىقەتنى بويلاپ ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق ۋە مەبۇدلۇق سۈپىتىگە چىن ئىبادەت قىلىپ تىرىشسا ، ۋە ئاندىن ئۇ ئالدىغا كەلگەن دىشۋارچىلىقلارغا سەۋىر قىلىشقا تىگىشلىكلەرگە سەۋىر قىلىش ، سەۋىر قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلاردا سەۋىر قىلمسالىق بىلەن تەقۋادارلىقتا مۇنتىزىم تۇرۇش بىلەن داۋاملىق ئۈستىگە سىلجىغاندا ئاندىن بۇ ماقامغا ئىزدىنىپ يېتەلەيدۇ . ئىزدىنەلمىسىمۇ خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا چىڭ ئېسىلغان لۇت ئەلەيھىسسالامدەك ئەگىشىشتە بولىدۇ . شۇڭا رۇسۇللاھ ئېيتقان .<< لۇت ئەلەيھىسسالام كۈچلۈك تۈۋرۈككە يۆلەندى >> دەپ . ئۇنىڭ يۆلەنگىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر ! شۇنىڭدەك كىملەر دىندا ۋە ئىنسانلىق ، ئادىمىيلىكتە ، تەقۋادارلىق توغرا يۆنىلىشنى باسالايدىكەن ، ئاقىۋەتتىكى ئورۇن شۇنىڭ بولىدۇ . ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىش ، ھارام قىلغاننى ھالال قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇوۇم قىلىدىكەن ، ئۇ پەقەت ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر خالاس !



داۋامىي بار !


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:34:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرىدىن كۆپىنچە كىشىلەر غەيرىي كۈچلۈك جىسىملارنى ، غەيرىيەتلەرنى ئىلاھ قىلىپ بىكىتىۋالغان . يەنى ئۆز رايى بويىچە ئىش قىلالايدىغان ۋە بەزىلەرنى قوغداپ بەزىلەرنى مەغلۇپ قىلالايدىغان ئىمتىيازغا ئىگە دەپ چۈشىنەتتى ۋە ئۇلارغا مەلۇم نىسبەتتە ئېتىقاد قىلىش ۋە ياردەم تىلەش ئۈستىدە ئىبادەت قىلاتتى . ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام ئاتالغان بۇ دىن بىلەن ھەقىقىي قىممەت بىرىلگەن ھاللاردا دۇنياغا كەلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاللاھ ھەر قانداق مەخلۇق ۋە ھەر قاندەق شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم ياخشى - يامان ئەمەللەرگە نىسبەتلىك تۈرۈشتە قىممەت قۇۋۋىتى بار بولغان بولۇپ ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر غەيبىي كۈچ تەرەپتىن ؛ شۇ شاھنى مۇلاقات قىلغۇچى شاھىنشاھسىز ھېچ ئىشنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى ۋە پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ شەيئىگە ئىبادەت قىلماسلىققا ، ئىلاھلىقتا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ شەيئىگە ئىشەنمەسلىككە تەكلىپ قىلدى . مانا بۇ تارىختىن بۇيان ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تەكلىپ قىلغان دىنىي ئۇدۇمى بولۇپ قالغان . ئەگەر يەنىلا بىر ئىلاھىي قىممەت بار بولۇپ ، كىشىلەرنى بىۋاستە توغرىلىققا ياكى خاتالىققا چىقىرالايدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بىر كۈچ بولغان بولسا ، ئۇ دەل قۇرئان كېرىم ھەم بولغان بولاتتى . قۇرئان كېرىم قۇرئان : ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ‹‹ قۇر ›› بولۇپ ‹‹ ئەن ›› گە ئېلىنغان قىممەت ‹‹ قۇرئان ›› دەپ ئاتالغان . ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ، ئۇنى قۇرئاننىڭ ئۆزىگە خاس تۈزۈلىشى ئۇسلۇبىغا سېلىش ئارقىلىق قاراڭغۇلۇقتىن يۇقۇرىلىققا ، نادانلىقتىن ئالىملىققا ، ئۆلۈكلۈكتىن تىرىكلىككە چىقىرىشتا تەربىيىسىگە ئالغان ھاللاردا ئۆستۈرگۈچى ‹‹ كېرىم ›› ئىمتىيازغا كېلىنگەن . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھنىڭ كالامى بولغان بۇ كىتابنىڭ ئىسمى ‹‹ قۇرئان كېرىم ›› دەپ نامدار بولغان . بۇ كىتاب ئىلگىركىنىلا ئەمەس بەلكى بۈگۈننى ۋە كىيىننى ، ھەر زامان - ماكاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۇنىڭ دىنىي ، سىياسىي ، ھەر بىر يوللاردىكى ، شەيئىلەردىكى ھەر بىر  قىممىتىنى تىگىشلىك رەۋىشتە ئادىل ، توغرا ۋە ھېچ شەكسىز مەۋھۇم تىلدا سۆزلەيدىغان قىلىنىپ پۈتۈلگەندۇر ! شۇڭا ئاللاھ ئېيتىدۇ : بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن ( 9 ) بەنى ئىسرائىل
ئاللاھ يەنە ئېيتىدۇ : ئېيتقىنكى ، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆئمىنلەرنىڭ ( دىلىنى ، ئېتىقادىنى ، تۇنۇشىنى ، دىنىي جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى ، ئىمانىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ) مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرۇدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى ( 102 ) نەھل
شۇنىڭدەك ، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭغا ئۆز زامانىدا ئەگەشكەن ساھابىيلارنى قۇرئاننىڭ ھەر بىر ئىشلىرىغا نوقۇل كەلتۈرۈلۈپ نازىل قىلىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ، تۇرمۇش ، جەمىيەت تەرەپلەردىكى بارلىق ئىشلىرىنى ئەينەن قىلىپ سۆزلىتىش ئارقىلىق ۋە ئۆز زامانىدىكى ھەممىلەرنىڭ بارلىق شەكلى - سۈپىتىنى بايان قىلىش بىلەن نېمىلەرگە ئىشىنىش ۋە نېمىلەردىن يۈز ئۆرۈشنى ئۆگەتتى ۋە بۇ خىل يولنى كىيىنكىلەرگە تەيىن قىلدى . قۇرئاننىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تۈزۈلۈش ، چۈشۈرۈلۈش ئۇسلۇبىي ھەر ۋاقىت جەمىىيەت كىشىلىرىگە ھەم ئۇمۇمىي بولۇپ ، ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ، بىر ئادەم بولسا بىرنى ، ئونى بولسا ئوننى ۋە مىڭى ھەتتە ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بولسا شۇنچىلەرنى تىگىشلىك رەۋىشتە قۇرئاننىڭ تۈزۈلىشىگە ئەگەشتۈرۈشنى ئىرادە قىلدى . ئۆز زامانىدا قۇرئاننىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەردەك ئەسلى ئەھلىلىرى بولغاندەك ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بار قىلىندى ، ئۇلار ئاشكارا كىشىلەر ئارىسىدا نامايەن بولالمىسىمۇ ، مەۋقەيى يەنىلا ئاشكارا قىلىندى . بۇ خىل ئاشكارىلىقنى قۇرئاننىڭ ئىچكى ئۇرۇنلاشتۇرۇلما قىممىتى بولغان لەۋھۇلمەھپۇز سۆزلىدى . ئاللاھ بىزلەرنى دىننى قۇچاقلاپ يېتىشقا ۋە دىننى يەھۇدىي - ناسارالاردە تاشقى جەھەتتىنلا تۇتقا قىلىۋېلىپ ، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن قېلىشقا بۇيرىغىنى يوق . ئاللاھنىڭ تىلىگىنى شۇكى ، دىننى تېخىمۇ پۈتۈنلەشكە ، بۇ پۈتۈنلەشتىن تېخىمۇ تەقۋادارلىقى ئېشىپ زامان - ماكاندىكى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنغان ‹‹ كەھف ›› لىرىگە كىرىشكە ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ كەپ رەھمىتىگە ئېرىشىش بىلەن ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلدۇرىدۇ ، قىزىقتۇرىدۇ ! بۇ خىل قىممەتكە يىتەلمىگەنلەرنى ئاللاھ ئاشكارا ئاتايدۇكى : ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنىمىدى . ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا : ‹‹ ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى ›› دېدى ....... ( 91 ئەنئام
ئاللاھ شۇنىڭدەك ‹‹ مەريەم ئوغلى پالانى - پۇكۇنى ›› لارغا شۇ خىل يېڭىچە ئىلىملەرنى ، قىممەتلەرنى ئاتا قىلمىسا ، نازىل قىلىپ ئۇنىڭغا كۈچلۈك رەۋىشتە ئىلھام قىلمىسا ، ئانداقتا ئۇ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقۇچى خۇدا ئىكەندە ؟ ئىلگىرى بۇ خىل ھاماقەتلەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ خىل قىممىتى - ئىمتىيازىنى كۆرۈپ ئۇنى ‹‹ خۇدا ›› دەپ ئاتاشقان ۋە ئۇ ئاللاھنىڭ بالىسى بولمىسا ئۇنىڭدەك ئىشلارنى قىلالمايتتى دەپ ، ئۆزىچە دىنىي جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئۇنى ‹‹ ئاللاھنىڭ بالىسى ›› دەپ ئاتىغان ئىدى . ئۇلارنىڭ شۇ خىل دىنىي تۇنىشى ئاجىزلىقىدا چىقارغان يەكۈنى ئۆزلىرىگە توغرا ئىدى . ۋەھالەنكى ئۇلار ھەقىقەتتىن ئاداشقان ئىدى .
ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچ بىر ئىشنى قىلالمايدۇكى ، بۇ ھېچقانداق مۇنازىر تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ! ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ سۇسلىقىدىن ھاياتىدىكى مەلۇم كۈچلەرنى ئۆز ئالدىغا يەكۈن چىقارغۇچى ، يېڭىلىق بايان قىلغۇچى دەپ ئاتاشتى . ھېچ كىشى ھېچ قاچان بىرەر يېڭىلىق ھەقىقەتنى ئۆز تەپەككۇرىغا ئاساسلىنىپلا ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ . ھەر قانداق نەتىجىنىڭ تىگىشلىك رەۋىشتە تۈزۈلۈشلىك فورمىلاسى بار . فورمىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۈزۈلىشى ھېسابلىق تۈزۈلۈشتۇر . ئەڭ كۈچلۈكى ، يۇقىرى پەللىسىدىكىسى بولسا تۈنۈگۈن ، بۈگۈن ۋە ئەتىدىكى زامانلاردىكى ھەر بىر ماكانلارنىڭ ئاللاھ قۇرئاندا ئاشكارا قىلغان ساناقلىق ، رەقەملىك تۈزۈلۈشتىكى قىممەتنى ۋە شۇ ۋاقىتلاردا دەۋىر قىلىنغان ئىش ئىگىلىرىنى بىرلىكتە سەپكە سېلىپ فورمىلا تۈزۈش قىلغانلىقتۇر ! قارىماققا قۇرئان تارىخنى سۆلەۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تارىخنى سۆزلەش جەريانىدا بۈگۈن ۋە ئەتىنى سۆزلەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئېيتىكى : ئۇلارغا ھەقىقەتەن ( قۇرئاندا ئىلگىركى ئۈممەتلەرنىڭ ) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى ( 4 ) ( ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قىممىتىنىڭ فورمىلاتى بولغان ) مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى ، ( ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرىدىن ) ئۇلارغا ( بۇ خىل رەۋىشتە ) ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ ( 5 ) قەمەر
يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇكى : كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ ( 100 ) قىيامەت كۈنى ئۇلار يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدىگەن يامان ( 102 ) تاھا
‹‹ قۇرئان ›› نى پىكىر قىلماستىن يۈزەكى ئوقۇپ قويۇپلا ‹‹ مەن قۇرئاننى ئوقۇدۇم ، ئەمما ئۇنىڭدىن مۇنداق نەتىجىنىڭ ، ھۆكۈمنىڭ بارلىقىنى تاپالمىدىم ›› دىيىش بۇ بىر بۆلۈك ھاماقەتلەرنىڭ سۆزى ! ئاللاھ ئېيتىدۇ : شەك - شۈبھىسىزكى ، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر ( 77 ) كىتابتا ( يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا ) ساقلانغاندۇر ( 78 ) ئۇنى پەقەت ( ئاللاھقا رەۋىشتە ) پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ ( ئۇنىڭدىن باشقىلىرى پەقەت قۇرئان توغرىسىدا پاسات ۋە پىتنىنى ئۇلغايتىدۇ ) ( 79 ) ۋاقىئە
ئۇلارنىڭ پىتنە - پاساتىي بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن بىلەن ، ھەر زامان بۇ خىل پاساتچىلىقنىڭ كەينىدىنلا ھەقىقەت ئاشكارا بولغان . چۈنكى ھەر قانداق بىر يېڭىلىق نازىل بولىنىۋاتقان ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە تېخى پۈتۈپ جاكارلانمىغان بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەزى بىر تەرەپلىمىلىك قىممىتى بېسىپ كېتىپ شۇ جەمىيەتتە تۇتىۋالغۇسىز ، باشقۇرىۋالغۇسىز تالاش - تارتىشلار يۈز بېرىدۇ . ئەمما ئاللاھ ھەر زامان ئەنە شۇ خىل ئىختىلاب ئارقىلىق ياخشى - ياماننى ، ئىمانىدا توغرا - خاتانى ئاشكارا بايان قىلىدۇ ، كىشىلەرگە ، مۆئمىنلەرگە ئاشكارا كۆرسىتىش قىلىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر يېڭىلىق نەتىجە بايان قىلىنغان ئىكەن ، ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسى ، فورمىلاسى بولغان بولىدۇ . ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان كىشىلەرگە خالىغان ئىلىمنى ئاتا قىلىپ ‹‹ مەريەم ئوغلى پالانى !!!!!!!!! ›› قىلىدۇ . شۇڭا ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزىنىڭ ئىلمىسىگە خاس رەۋىشتە تۈزۈتۈشقىلىپ نازىل قىلغاندۇر . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا ئېيتىدۇكى : ئۇلار : سەن ( ئى غەلىيتە بىرنىمىلىلەرنى ، يېڭىلىقلارنى سۆزلىگۈچى ، روياپقا چىقارغۇچى بەندە ! سەن ھەقىقەتەن بۇ ئىلىمنى چوقۇم بىر قەۋمدىن ) ئۆگەندىڭ دەيدۇ دەپ ، ھەقنى بىلىدىغان قەۋمگە بايان قىلىىمىز دەپ ، ئايەتلەرنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلدۇق ( 105 ) ساڭا ( ئى ئاللاھدىن ئىلىم نازىل قىلىندۇچى ! سېنى مۇشۇ خىل ھېكمەتلىك ئىلىمگە يىتەكلىگۈچى ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ( قۇرئاننىڭ ھېكمىتىگە ئاساسلىنىپ بىلدۈرۈلۈشتە ) ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن ؛ ( قۇرئاندىكى سىر - ھېكمەتلەرنى چۈشەندۈرۈشتە ۋە ساڭا ئېيتىپ بېرىشتە ) ئاللاھدىن باشقا ھېچ ( ساڭا ئىگە بولغۇچى ، بىلدۈرگۈچى ، يىتەكلىگۈچى ) مەبۇد يوقتۇر ، ( بۇ خىل قىممەتنى تۇنىمايدىغان ۋە كىشىلەردىن ئىلىم تەلەپ قىلمىسا ھېچ ئىلىمگە ئىگە بولمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ) مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن ( 106 ) ئەنئام
بۇنىڭدەك سۆزلەرنى ئىلگىركىلەرمۇ قىلغان . ئۇلار بۇ خىل مەۋقەلەرنى بىر - بىرلىرىگە تەۋسىيە قىلغانمۇ ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس . پەقەت زالىم قەۋملەرلا ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىدۇ .
پەقەت ئاللاھنىڭ كالامىغا ئاساسلانغان كىشىلەرلا ئاقىۋەتتىكى ئاللاھنىڭ ھەر خىل رەۋىشتە يوللار ئارقىلىق نازىل قىلغان ھەقىقەتلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ ۋە چىن ئىشىنىپ ئىمان ئېيتىدۇ .
داۋامىي بار !


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش