ئىسلامىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش قاتتىق جانلانغان زاماندا ياشاۋاتقاندىكىن كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىسى تولۇقلىنىپ بولالماي بەزى گەپلەرنى چىقىرىپ قويىشىنى توغرا چۈشىنىڭ ، سىزگە قارشى گەپ قىلغان ئادەم بولسا ئاۋۇ يازمىڭىزدا ئېيىتقاندەك ئارتۇقچە گۇمان قىلىپ كەتمەڭ سىزمۇ . ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا : ‹‹ ئەگەر سەن قوپال ، تېرىككەك بولغان بولساڭ كىشىلەر ئەتراپىڭىدىن تاراپ كەتكەن بولاتتى ....›› دېگىنىنى ئويلاڭ ،
ج : مەنمۇ شۇلارنى ئويلاۋاتىمەن . چۈنكى ئۇلار بەكلا جانلىنىپ كەتتى . شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ھەقىقەتەن بەزى جانلىق سۆزلەر لايىق بولۇپ قالدى .
مېنىڭ ئىلىم بايان قىلىشىم كىشىلەرنى ئۆزەمگە لايىقلاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى بۈگۈنكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئۇلاشتۇرۇش ۋە پەقەت شۇنىلا تىلەش .
سىز تېخىمۇ يۇمشاق سۆز بولۇڭ ، سەۋر قىلىڭ . تەنە ، سېسېق گەپلەردىن ھەممە ئادەم بىزار ، گەرچە ئايرىملىرى مەدھىيەلىنىپ كەتسىمۇ . سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا ئاشۇنداق گەپلەر كۆپ ئارلىشىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى ،
ج : ئىش ئۈستىدىكىلەر تىلىنى قانچە يۇمشاق قىلسا ، كىشىلەرگە ، ھەتتە كاپىرلارغا ، ھەتتە پىرئەۋىنلەرگە ياخشىدۇر . ئەمما مەن شۇلار ئىش ئۈستىدىكىلەر ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغىنى ، شۇلارنى تېخىمۇ توغرا چۈشەندۈرۈشنى تىلىگۈچى . كۆپىنچە ياخشى كىشىلەرگە پىتنىنىڭ دولقۇنى كەڭ ۋە چىڭ دولقۇنلار تەرىپىدىن سېلىنىپ كەتتى . بۇلارغا شۇنىڭغا لايىق رىىشتە چىڭ سۆزلەر ۋە دولقۇنلۇق سۆزلەر ئەڭ مۇۋاپىق بولدى . شۇ ۋەجىدىن مەن بۈگۈن مۇشت بىلەن ، يەنى چىڭ سۆز بىلەن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىمەن . ناگاھان ، ئەتىكى كۈندىكى دولقۇن بۇنىڭدىن مۇستەسنا ، قۇرئاندىكى مۇشۇ ئايەت تەرىپىنى بىلىدىغانلار توغرا چۈشىنىدۇ . ھەممە توغرا چۈشەنگۈچىەلەردىن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . زىلزىلە توغرىسدا يەنە باشقىچە توختالسام بولغۇدەك .
شۇنداق گەپ ئارلاشتىمۇ سۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى قارشى پىكىردىلەرنىڭ ئالدىدا نۆل قىلىپ قويىسىز ،
ج: بۇ ھۆكۈم توغرا بولماي قالدى . قارشى پىكىردىكىلەر پەقەت ئەل قىساسىغا قالغاندىلا ئاندىن مۇشىنچىلىك قىسمەتتىكى سۆزلەردىن يامانلاپ ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . ئۇلارغا مەيلى يۇمشاق - قاتتىق سۆز بەرىبىر . مەن پەقەت ھەقىقەتنى چۈشىنەلىگۈدەك قىممىتىنى ساقلاپ قالالىغانلارغىلا ئاڭلىتالايمەن ، چۈشەندۈرۈلەيمەن .
سىزنىڭ قانداق ئويلايدىغىنىڭىزنى بىلمەيمەن ، پەقەت كىچىككىنە تەكلىپ !
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەن : ‹‹مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى ئاچماڭلار›› دەپ . بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئاممىۋى سورۇندا .
مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىۋىنى ئاچقىنىم ئەمەس . بەلكى ئۇلارمۇ پەقەت ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىپ تۇرىۋېلىپ ، باشقا خىل جىھادتىكىلەرنى مۇشرىكقا ، كاپىرغا چىقىرىپ ئاقىۋەتتە ئۆزىگە قېتىپ باشقىلارنى ھەققە قەرشىلىق قىلىپ قويۇشتىن ساقلانسۇن . ئىختىلاپ بۈگۈن كۆپىنچە كىشىلەرنى سەل قاشاڭلاشتۇرىۋاتتى . شۇڭا مېنىڭ قاتتىغاراق سۆزلىرىمنى توغرا چۈشىنىڭلەر !
ئەل قىساسى مىنەل ھەق توغرىسىدا بايانا بەرگەن ئىدىم . تۈنۈگۈندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولۇپ قېلىپ داۋاملاشتۇرالماي قالدىم . بۈگۈن جۈمە ، يەنىلا ۋاقىت سەل قىس . شۇ ۋەجىدىن كەچكە ياكى ئەتىگە قالدى . تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپ تۇرۇڭلەر .
http://bbs.qolpanlar.cn/read.php?tid=8224