مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qurighar

قۇرئانى كەرىمدىكى 45-ئايەتلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:42:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۆز ۋاقتىدا ( يەنى ، شۇنىڭدەك ئىلىم ئەھلىلىرى ئىلىمنى ۋە ئاللاھىنىڭ مۇشۇ خىل كەھفىدىن ئىبارەت نېمىتىنى تۇنىغان ۋە ھەقىقىي ئىشەنگەن ۋاقىتتا ) بىر قانچە يىگىت ( يەنى ئىلىم جەھەتتە تېخى مۇكەمملىككە يەتمىگەن ، ئىجتىھاد قىلغۇچى ۋە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن نېمەت تەلەپ قىلغۇچىلار ئەنە شۇ خىل ئاللاھنىڭ قورغانى قىممىتى ئىچى ) غارنى پانا جاي قىلىۋالدى ، ئۇلار ( غا ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل ئىلمىسى ۋە قىممىتى سۈپىتى ئاشكارا بولغاندىن كىيىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ) : ‹‹ ( ئى ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچە ، بەندىلىرىڭگە ئۆزلىرىگە خاس شەكىل ئاتا قىلغۇچى ، قايسى بەندەڭ ھالىنى قايسى تەرەپكە ئۆزگەرتسە شۇ ھالىتىگە قارىتا نېمەت ، شەكىلنى ئاتا قىلغۇچى ) پەرۋەردىگارىمىز ! بىزگە ( يەنى سېنىڭ پەزلىڭنى تەلەپ قىلغان ۋە ئىشلىرىمىزنى ساڭا تاپشۇرغان ھاللاردا ساڭا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا ۋە مۇشۇ خىل ئەسلى زامانىڭ دەۋىر قىلىپ تۇرىدىغان توغرا يۆنىلىشلىك يولۇڭدا ) رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ( يەنى ئالاھىدە نېمەتلىرىڭدىن ، سېنىڭ قۇلچىلىقىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە يۈزلىنىشكە تەئەللۇق بولغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىمىزغا قارىتا ماددى - مەنىۋى جەھەتلەردىكى خەزىنىلىرىڭدىن ) ئاتا قىلغىن ، ( بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ پەزلىڭگە يېتىش ئۈچۈن روھىيىتىمىزنى ھەم سېنىڭ تەسەررۇپ قىلىشىڭغا تاپشۇردۇق ، بىز پەقەت ساڭىلا تەۋەككۇل قىلدۇق ، سەن ھەقىقەتەن ساڭا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھامىيسىسەن ، مەيلى بىزنى قايسى بىر تەقدىر - قىسمەتلەرگە ئېلىپ كىرىدىكەنسەن ، بىزمۇ خۇددى بەندەڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ئوتنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ ھەقىقەتەن مەزمۇت ئېتىقادىمىز بويىچە تۇرۇش بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بولغۇسىدۇر ! سەن ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن ، مەيلى بەندىلىرىڭگە قانداقلىكى بىر ياخشىلىق يەتسۇن ياكى يامانلىق يەتسۇن ، سەن ئۇلارغا ئەمەلىيەتتە رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن شۇنىڭدەك تەقدىر ئۇرۇنلاشتۇرىسەن . بەزى ماددىي زىيان ئىچىدىن بىزگە پايدىلىق مەنىۋىي بايلىقلار بار بولىدۇ . بەزى مەنىۋى زىيانكارلىقتىن ھەم بەزى ماددىي بايلىقلار ھەم بار بولغان بولىدۇ . بىز سېنىڭ شۇ خىل شەپقىتىڭگە ئىمان كەلتۈرگۈچىلەردىن بولدۇق ۋە پەقەت سەندىنلا تىلەشكە ئۆتۈش قىلدۇق ۋە بارلىقىمىزنى ساڭا تاپشۇرۇپ تاقىتىمىزنىڭ يىتىشىچە ساڭىلا تەقۋالىق قىلىشقا ئۆتتۇق . قايسى بەندىلىرىڭ سەن تەرەپكە بىر قەدەم ئالسا ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا نەچچە قەدەم ئالىدىغانلىكى ، بەندەڭ سەن تەرەپكە مېڭىپ كەلسە ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارىدىغانلىقىدەك رەھمانلىقىڭغا ، بىلمىگەنلىكتىن كىيىن تۈزۈتۈش مەقسىتىدە بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان بەندىلىرىڭگە تولىمۇ رەھىم قىلغۇچىسەن ، سېنىڭ مۇشۇ خىل سۈپىتىڭگە ھەقىقىي چىن ئىمان ئېيتقۇچى بەندىلىرىڭگە ئىلگىركى پۈتكۈل گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىشتەك مەغفىرەت قىلغۇچى زاتتۇرسەن . بىز سېنىڭ شۇ خىل زاتى سۈپىتىڭگە ئىلگىركىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە سېنىڭ شەيئىلىرىڭگە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە سېنىڭ پەرۋەردىگارلىقىڭ ئاستىدا مۇشۇ ئىمتىيازغا كېلىش بىلەن سېنىڭ ئۆز رەببىمىز ۋە مەبۇدىمىز دەپ تۇنىشىمىز غا ئېلىپ كەلدىڭ ) بىزنىڭ ( يەنى مۇشۇ زامان - ماكان سېنىڭ قوغدىشىڭ ئاستىدا لىنىيەلىشىدىغان تونىلىڭغا كىرگەن ۋە بىر يىپقا ئۆتكۈزۈلىنىپ تىزىلغان ھەر بىرلىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە دۇنيالىقتىكى بارلىق ) ئىشلىرىمىزنى ( سەن ئۆزەڭ ئەسلى پۈتكەن قورغانىي ئىسلامغا ، دىنىي ئىمانغا سېلىش ۋە بىز بىلمىسەكمۇ ، سەن رازى بولمايدىغان ۋە بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىزگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى بىزدىن دەپئى قىلىۋېتىش ۋە بىزگە شۇ نەرسىلەرنى بەرمەسلىكلەر بىلەن ئۆزەڭنىڭ ئىلگىرى تۈزەپ ئىرادە قىلىپ پۈتكەن يولۇڭغا مەجبۇرى ئەكىرىش ئىچىدە ) تۈزەپ ، بىزنى ( سېنىڭ ھەر ۋاقىت ھەر زامان - ماكاندىكى مۇشۇ خىل ھەقىقىتىڭگە بويسۇنىدىغان ۋە ئىسلامنى دىن قىلىدىغان قىممەتتە ) ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن ›› دېدى ( 10 )
شۇنىڭدەك ، كىملەر ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە يېتىمەن دەيدىكەن ، ئۇنىڭدا چوقۇم دىنىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت قوغدىغۇچى ئېتىقاد بولىشى كېرەكتۇر ! ئېتىقاد مىسالى شىشىدۇركى ، شىشە بولمىسا ئىماندىن ئىبارەت نۇرنى كىممۇ تۇتۇپ تۇرالىسۇن ؟ ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، ئېتىقادنىڭ ئىچىگە ئادىمىيلىك ۋە غورور ، ۋىجدان ، جاسارەت ئۇمۇملاشقان بولىدۇ . بۇلار شۇ كىشىدە مۇنتىزىم بولمىسا ئۇنىڭدا ھايا ، ئەخلاق ، ئىشىنىش ۋە ئىشەنچ قانداقمۇ مۇكەمملىكىنى تاپالىسۇن ؟ ئۇلاردا قانداقمۇ ئىنسانىي قىممەت ، ئەقىل - پاراسەت بولسۇن ؟ ئۇنىڭدا قانداقمۇ ئادىللىق ، ۋاپا - ساداقەتمەنلىكتىن ئەسەر تېپىلسۇن ؟ ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى ۋە زامان - ماكاندىكى ئىش ئىگىلىرىنى توغرا تۇنىيالىسۇن ؟

داۋامىي بار !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 03:45:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق ( 11 )
چۈنكى ، ئېتىقاد ۋە ئىمان ۋە باشقا ئىنساندا بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە قارىتا چوقۇم شۇ خىل خۇسۇسىيەت ئىپتىدائىيلىق ( قاراڭغۇلۇق ) تىن باشلىنىپ ، چوقۇمكى نەچچە ئەۋلاد يۇقىرىلىققا ، ئۈستۈنلۈككە ، يۇرۇقلۇققا چىقىرىلىشى كېرەكلىك ئاللاھنىڭ ئالدىن پۈتكەن تەقدىرى ئەزەللىسىدىن بولۇپ ، ئاللاھ قانداقلىكى بىر غەيرىي نېمەتنى چىقارماقنى ئىرادە قىلغان ئىكەن ، شۇ نېمەتلەرگە خاس ئىجتىھاد ۋە سەيئىي قىلغۇچىلارغا ؛ توغرا يۆنىلىشتە شۇ خىل نېمىتىنى يايغان زامان - ماكانلارنى ۋە شۇلارغا ئەڭ تىگىشلىك بولغان جەمىيەتلەرنى ، كىشىلەرنى ۋە ھەر بىر سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى دولقۇنلارنى بىردەك ئالدىن تەقدىر قىلىۋەتكەن بولۇپ ، ھەممىنى ئۆز جايىدا ئۆز ئورنىغا قويۇشتەك ئۆزىنىڭ ئىلاھىي كىملىكىنى ۋە ھېچ بىر كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھېچ ئۆزرە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر بىرلىرىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان شەكىلنى ئاتا قىلغۇسىدۇر . شۇ ۋەجىدىن ، ئاللاھ ھەر بىر ماكان ، ھەر بىر قەۋملەرگە ئۆزلىرىگە خاس جەمىيەتنى ئىرادە قىلغان . شۇ خىل جەمىيەتلەر ئالدىن لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلۈپ كەتكەندۇركى ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچ بىر ياخشىلىق - يامانلىق بولمايدۇ . ياخشىلىق يەتسە ئاللاھ ياخشى كىشىلەرنى مۇلاقات قىلىدۇ . يامانلىق يەتسە يامانلارنى ۋە پاساتچىلارنى دەلىل قىلىدۇ . ئاللاھ ئەزەلدىن پۈتكىنى بويىچە خالىغان بىر زاماندا خالىغان رەۋىشتە قاراڭغۇلۇقنى ۋە ئۇنى ئۆز خالىغان مۇددەت ئىچىدە قىلىپ ھەم ئۇنى مەلۇم ۋاقىتقىچە توختۇتۇپ قويۇش ۋە ئۇنى تىگىشلىك ئىجتىھادچىلارنى دەلىل قىلىش بىلەن ئاستا - ئاستا يۇرۇتۇشتا مەلۇم ۋاقىتلارنى ئالدىن بەلگىلىگەن بولۇپ ، بەندە بۇ خىل ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىگەن ئاساستىلا ئۆز گۇمانىچە كىشىنى تۇنىماستىن ، ئۇنىڭ ھالىنى چۈشەنمەستىن ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرنىڭ سۈپىتىنى سۈيئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويۇش بولسا ، ئۇ شۇ ماكاندا پاساتچى بولۇپ قالىدۇ ھەتتە ئۇ رۇسۇللاھنىڭ ھالىتى - ئىمتىيازىغا قىستاپ قويسىمۇ ! چۈنكى رۇسۇللاھنىڭمۇ قاراڭغۇلىقى ۋە يۇرۇقلۇقى بولغان . شۇنىڭدەك بەندىلەرنىڭمۇ تىگىشلىك رەۋىشتە قاراڭغۇلىقى ۋە يۇرۇقلۇققا نىسبەتلىك ھالى بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ رۇسۇللاھنىڭ قىممىتىنىڭ ئوندەن بىرىچىلىك قىممىتى بولسا ، يەنە بەزىلەرنىڭ 30 دەن ، 50 دەن 100 دەن ھەتتە 1000 دەن بىرىچىلىك قىممىتى بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ ھالى قىممەتتە يۇقىرىلىشالايدىغان بولسىمۇ ئەمما قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت نادانلىق ، نامراتلىق ۋە ھاماقەتلىك قاپلاپ كەتكەن كىشىلەردە ھېچ داۋان ئېشىش بولمايدۇ تاكى ئۇ شۇ خىل قىممىتىنى ئۆزگەرتكۈچە ! ئەمما ئاللاھ بەزى بەندىلىرىگە رەھمەت قىلسا ، ئۇنىڭغا ئىلىم ئاتا قىلمايدۇ . چۈنكى ئۇ ئەگەر ئىلىمگە ئىگە بولۇپ قالسا ، زامانىدىكى چوڭ گۇناھكار پاساتچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالىدۇ . ئاخىرەتتىكى ياخشاراق ئۇرۇندىن بىراقلا ناچار دوزاخنى تىلەپ قالىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئىلىمگە ، ھېكمەتكە ۋە بەزى يۇقىرىلىقلارغا قارشى تەرەپنى چۈشەنمەستىنلا ئۇلار كۆتىرەلمەيدىغان نېمەتلەرنى ، ئەسلى كۈچلۈكلەرنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويۇش بولسا ، ئۇلارنىڭ چاپسان تۈگىشىگە ، ئاللاھقا ئاسىي بولىشىغا قىستاپ قويغان بولىدۇ . قىلىمەنلا دېسە ئادەم قىلالمايدىغان ئىش يوق . ئەمما شۇ كىشى شۇ خىل قىممەتنى چۈشىنىپ ۋە شەكسىز ئىشىنىپ ئاندىن قىلىمەن دىگۈدەك ئىمتىيازغا كەلگۈچە قىستاپ قويۇشقا بولمايدۇ . چۈنكى دىندا زورلاش يوق . دىندا زورلاش يوق ئىكەن ، چوقۇمكى دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىشلاردا ھەم زورلاش بولمايدۇ . تاكى ئۇ قارشى تەرەپتىكى دىنىي تەشۋىقاتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇپ يەتكۈچە ! ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىبلىس بولىدۇ ۋە ئىبلىستىنمۇ بەتەر زىيانداش بولىدۇ . چۈنكى شەيتان ئىبلىس پەقەت ۋەسۋەسە قىلىدۇ ۋە روھىيىتىنى شۇنىڭغا باغلايدۇ . ئەمما بۇ ئىنسانىي شەيتان ئاۋازلىق ھاللاردا قارشى تەرەپنى سېسىق گەپ بىلەن سېسىتىش ، كىشىلەر ئارىسىدا ئېچىتىش قاتارلىق ئۆزلىرى توغرا دەپ بىلگەن ، ئەمما شۇ كىشىگە قارىتا قەتئى خاتا بولغان ئەمەللەرگە قىستاپ قويغان بولىدۇ . كىشىلەر دەيدۇ : ئەمدى رۇسۇللاھ قىلغاننى يەتكۈزۈپ قويۇشمۇ كىشىنى دوزاخقا ئىتتۈرگەنلىك بولامدۇ ، يامانلىقنى تىلىگەن بولامدۇ ؟ - دەپ . ئەھۋال شۇنىڭدەكلا بولىدىكەن ، ھەتتا ئاللاھ بۇيرىغان پەرزنى يۈكلەپ قويسىمۇ ئۇ شەيتان بولىدۇ . چۈنكى شەيتاننىڭ يەنە بىر سۈپىتى شۇكى ، دىندا تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ، ئۆزلىرى ھېچقانداق چۈشەنمەيدىغان ئىشلارغا ئارلاشتۇرىۋېلىش بىلەن دىنىي جەھەتتىكى بەزى قىممەتكە ئىمان ئېيتىش ۋە ئاندىن پات ئارىدا ئىماندىن يېنىۋېلىپ كاپىر بولۇشقا قىستاپ قويىدۇ . كاپىرلارنىڭ يامانلىقىدىن مۇناپىقنىڭ تېخىمۇ ياماندۇركى ، ئۇلار ئىمانىدىن يېنىۋېلىپ تۇرۇپمۇ كىشىلەر ئارىسىدا مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىۋېلىشلار بىلەن مۆئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۈپىتى شۇ بولىدۇكى ‹‹ ئەتىگىنى ئىمان ئېيتىڭلە ، كەچقۇرۇن ئىماندىن يېنىۋېلىڭلە ، شۇنداق قىلساڭلار مۆئمىنلەر سىلەرگە ئەگىشىپ  ئىمانىدىن يېنىپ سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولىشى مۇمكىن ›› لىقتىكى سۈپەتكە كىرىپ قالىدۇ . مانا بۇ ئەڭ ۋەھشى پاساتچىلىق . بىز بۇنىڭدەك كىشىلەر ساماندەك !!! بۇلارغا قارىتا ئاللاھ ئاگاھلاندۇرىدۇكى : ‹‹ دىننى ئۇيۇن - كۈلكە قىلىۋالغان ، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت . ( مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ) ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ، ( كىشىلەرگە ) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن ، ( نەسىھەت قىلىش بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇرچى ، ئەمما نەسىھەت ھەرگىزمۇ دىننى زورلاشتا بولمايدۇ . نەسىھەتتە ) ، ئۇنىڭغا ئاللاھدىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ ، ئۇ ( ئاللاھ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك تۇتقان ۋاقىتتا ) ھەر قانداق فىدىيە بەرسىمۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ .............( 70 ) ئەنئام
ئەھۋال شۇنىڭدەك تۇرۇپ يەنە كىشىلەرنىڭ دىننى ئۇيۇن - تاماشا قىلىۋېلىشىغا قىستاپ قويۇش بۇ ئەڭ كاتتا بۇزۇقچىلىق ۋە شۇ كىشىلەرنىڭ خۇنىنى ئۈستىگە ئېلىۋالغانلىق بولىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك دىنىي چۈشەنچىسى يوق ھاللاردا موللا ، ئانچە - مۇنچە دىندا يۈز تېپىپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئالىم ، تەقۋا ئاتىلىپ قالغاندىن كىيىنكى بىر دولقۇنلاردا ئاللاھنىڭ يېڭىچە ئىلىملىرى روياپقا چىققاندا بولسا ئالدىنقى ئىنكاسلاردا ئېيتىلغاندەك ‹‹ ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنىمىدى . ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا : ‹‹ ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى ›› دېدى ..... ›› ( 91 ) ئەنئام
مانا بۇ ئىچكى پورداپ كەتكەن ، باشقا دەرەخلەرگە ئوخشاش تىك ھالىتىنى كۆرسىتىلىش ئۈچۈن تامغا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلارغا ئوخشاش كىشىلەردۇر . يەنە بار ! ‹‹ شۈبھىسىزكى ، ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن كاپىر بولغانلار ، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىز قۇبۇل قىلىنمايدۇ . ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر ( 90 ) ئال ئىمران
شۇنىڭدەك ، ھەممىلەرنىڭ كاپىر بولىشىغا ياكى ھىدايەت تېپىشىغا دەلىل قىلىنغان ياخشى - يامان يولدىكى كىشىلەر باردۇر . ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىگەن نەتىجىلىرىنىڭ جاۋابىغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم توختۇتىلىدۇ . چۈنكى ھىدايەتكە چاقىرغانلار ( ئۇلار شۇنىڭدەك زامان - ماكاننىڭ ئەسلى ئىش ئىگىلىرىدۇر ) ساۋابقا ، ئەمما ئۆز خىيالىدا ھىدايەت دەپ تۇنىغان ، ئەمەلىيەتتە پىتنىگە ئۇل سالغانلار قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىغا ئۇچىرايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچۈن قۇرئان - ھەدىستىن ئۇ يەر - بۇ يەرنى ئوقۇپ پىكىر قىلىۋېلىپلا ‹‹ ماڭا كىتاب بېرىلدى ›› دەپ ھۆكۈمالىق ئورنىغا چىقىۋالغانلار ، ھېچقانداق ھېكمەتنى چۈشەنمەيدۇ . ھېكمەتنى چۈشەنمىگەن ئىكەن ، شۇنىڭدەك قىلمىشلىرىدا تولىمۇ زالىملاردىن بولۇپ ، كىشىلەرگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا قىستاپ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنى ياكى ئالدىغىمۇ ماڭالمايدىغان ۋە ياكى ئارقىغىمۇ قايتالمايدىغان ھالاكەت مەۋقەسىگە ئاپىرىپ قويىدۇ . ئۇلارنىڭ پىتنىسى شۇنچە ئېغىر تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئىنتايىن دانىشمەن چاغلايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئەنە شۇ ھالىتىدىلا ئىنسانلىقنىڭ ۋە ئادىمىيلىكنىڭ ، دىن ۋە ئىسلامنىڭ قىممىتىگە يەتمەيلا ئاتقا مىنىۋالغان ۋە مىندۈرۈلىنىپ قالغانلاردۇر . ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاتتىن چۈشىشى بەسى مۈشكۈلدۇر !
ھەر قانداق ساھەلەردە تۆۋەنلىكتىن يۇقىرىلىققا يىتەكلەشتە سىنىپىي باسقۇچلار - ھېكمەت ، ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىشى كېرەك بولىدۇ . ھېكمەتسىز كىملەر دەرىسلىك ئۆتۈشكە ئۆتىۋالىدىكەن يىقىرىلىقتىكى سىنىپىيلىك بىلەن تۆۋەنلىكتىكى سىنىپىيلىك قىممەتلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قويىدۇ . باشقا ساھەلەردە شۇ خىل ناسقۇچلۇق سىنىپلار تۈزۈتۈلگەن بىلەن تېخى بىزدىكى دىنىي جەھەتتىكى ھېكمەت تېخى بىر يۈرۈش رېتىمغا چۈشكىنى يوق . شۇ سەۋەبلىك پىسخىكا ئىلمىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل سىنىپىي باسقۇچلار توغرىسىدا تىل ئىشتىشى زالىملىقلارنى چىقىرىپ قويىدۇ . ئىش ئىگىلىرى بولسا باشقىلارنىڭ پىسخىلىرىنى تولۇق رەۋىشتە چۈشەنگەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىش - قىلماسلىقلارنى مۇئەييەن چۈشىنىش قىلغانلىقتىن بەزى ئەمەللەردىن تۇسۇش ۋە بەزىلىرىگە چوقۇم ئىشلىشى توغرىسىدا شەرىئەت تەكلىپلىرىگە سالىدۇ .
دىنىي جەھەتتىكى ئىماندىن يېنىۋالسا مۇناپىق ۋە كاپىرلىقلارغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار بولۇپ قالسا ، ئۇنداقتا قانداق رەۋىشتە ئۇلارنى ھەققە يىتەكلەش كېرەك دىگەندە ، ‹‹ كاتتىلارنىڭ ئادىتى ، ئادەتلەرنىڭ كاتتىسى ›› دىگەندەك ، دىنغا يېقىن بولغان مىللىي ئەنئەنىلەرگە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنىڭ غورورىنى ۋە ئېتىقادى - ئەقىدىلىرىنى تاۋلاش كېرەك بولىدۇ . بۇ خىل ئەنئەنىلەردىن يېنىپ قېلىش دىنىي جەھەتتىكى مۇناپىق - كاپىرلىقلاردىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن ، سىناش ، مارۇدا قىلىپ تەتقىقات ئىشلىرى چوقۇم مۇشۇ خىل تاكتىكا ئىچىدە بولغىنى ئەڭ ياخشىدۇر ! شۇڭا ئىش ئىگىلىرى ، ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەر مەيلى نېمىلەرگە بۇيرۇيدىكەن ‹‹ دىندا يوقتى ، رۇسۇللاھ مۇنداق قىلغان ، ئۇنداق قىلمىغانتى ›› دەپ خۇسۇمەت قىلىشماي ‹‹ مەن كىمتىم ؟ مېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئورنۇم - ئورنى قانچىلىك ؟ ›› دىگەنكى سۇئالنى - پىكىرنى قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ .
ئىنساننى نادانلىق ، گادايلىق قاپلىۋالغان ئىكەن ، ئۇلار شەكسىز ئۇيقۇدا بولىدۇ . قارىماققا مېڭىپ يۈرگەن بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى ، ئىنسانىيلىقى ئۇيقۇدىدۇر ! ئاللاھ خالىسا ناگاھان بىر كېچىدە ۋە ياكى يۈز يىللىق ئىچىدە ئويغۇنۇش قىلغۇسىدۇر . بىزدىكى ئىيۇلدىن ئىلگىركى يۈز يىللىق مۇساپىمىز دەل ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل ئۇيقۇلۇققا بەند قىلغان ئۇيقۇلۇقتىكى ۋاقتىمىزدۇر ! بۇ ئۇيقۇلۇقتا ئەمەلىمىز نېمىلەرنى قىلىش - قىلماسلىق ۋە ئورنىمىز قايسى ئىمتىيازلاردا بولغان ؟ بۇ توغرىسىدا كىيىنچە نۆۋىتى كەلگەندە ئايرىم توختىلىمىز !
داۋامىي بار !








سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76960
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-3-5
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 03:47:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر ،پەيغەمبىرىمىز ،يولباشچىمىز پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەلەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ،ساھابە كىرەملىرىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى يار بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمۇتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ!
ئىزدىنىشلىرىمىزنى ئەۋۋەل سوئاللار ئارقىلىق باشلايمىز.

مۇسۇلمانلار كالىندارى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيىتى قايسىلار ؟قېرىندىشىم ، ئەمىسە تۆۋەندىكى قۇرلارغا تەپسىلى نەزەر سالغايسىز:



ئىسلام كالىندارى ئىسلام دىنىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋاقت ھىسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئۇ يەنە ھىجىرىيە (الهجري  ) كالىندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە مۇسۇلمانلار كالىندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە A.Hبىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك لاتىنچە Anno HEGIRAEنىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشىدۇر.

            ھىجىرىيە كالىندارى بولسا قەمەرىيە يەنى ئاي كالىندارى خۇسسىيىتىدە بولۇپ ،پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئورتاق ئىشلىتىدۇ.دۆلىتىمىزدە بولسا ئاساسلىقى ،شىنجاڭ ، گەنسۇ ،نىڭشا ،چىڭخەي ۋە باشقا مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ھىجىرىيە كالىندارىدا ئاينىڭ يۇمۇلاق ھالەتكە كېلىشىى بىر دەۋىر قىلىنىپ ،بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ.بۇنى ۋاقتقا سۇندۇرغاندا جەمئى 29كۈن 12سائەت 44 مىنۇت 2.8سىكونت بولىدۇ.. 12قېتىملىق يۇمۇلاق ئاي بىر يىل ھېسابلىنىدۇ ، بۇنى كۈنگە سۇندۇرغاندا جەمئى 354كۈن 8سائەت 48مىنۇت 33.6سىكونت بولىدۇ. تاق ئايلار يەنى 1،3،5،7،9،11 چوڭ ئاي بولۇپ ،30 كۈن بولىدۇ. جۈپ ئايلار يەنى 2،4،6،8،10 كىچىك ئاي بولۇپ ،29 كۈن بولىدۇ. 12-ئاي بولسا ئادەتتىكى يىللاردا كىچىك ئاي دەپ قارىلىپ ،29 كۈن بولىدۇ. كەبىسە يىلىدا چوڭ ئاي دەپ قارىلىپ 30 كۈن ھېسابلىنىدۇ.بۇنداق بولغاندا ھىجىرىيە كالىندارىدا ئادەتتىكى يىللار 354 كۈن ،كەبىسە يىلى 355كۈن ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھىجىرىيە كالىندارىدا كەبىسە ئېيى يوقتۇر.
ھىجىرىيە كالىندارىدا ھەر 30يىل بىر دەۋىر بولۇپ ، ھەربىر دەۋرنىڭ 2-،5-،7-،10-،13-،16-،18-،21-،24-،26-،29-يىللىرى كەبىسە يىلى بولىدۇ .يەنى ھەربىر دەۋىر - يەنى ھەربىر 30 يىلدا جەمئى 11 كەبىسە يىلى ۋە 19 ئادەتتىكى يىل بولغان بولىدۇ.بىر يىل جەمئى 354 كۈن 8سائەت 48مىنۇت بولۇپ ،مىلادىيە يىلىنىڭ 365كۈن 5كۈن 49 مىنۇتقا سېلىشتۇرغاندا ،10 كۈن 21 سائەت 1 مىنۇت كەم بولىدۇ
.ھەر 2.7مىلادىيە يىلى ھېسابىدا بىر ھىجىيرىيە ئېيى كەم بولىدۇ.
بۇنداق بولغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ۋە رامىزان ئايلىرى ھىجىرىيە ئېىيىدا مۇقىم بولغان بىلەن  مىلادىيە يىلىدە ھەر 32.6 يىلدا ھەربىر ئايدا نۆۋەت بىلەن بولىدۇ.بۇ ھال كىشىنى بىر دەۋرى ئىچىدە  (ھەر 30 يىل ئىچىدە)4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ھەتتا ھەربىر ئېيىدا روزا ۋە ھەج ئەمەللىرىنى قىلىشقا نېسىپ قىلىپ ، مۆئمىنلەرنى ئوخشىمىغا پەسىل ۋە ئايلاردا  ئوخشىمىغان كەيپىياتلىرىغا ئىگە قىلىدۇ ،مانا بۇ ھىجىرىيە كالىندارىنىڭ قالتىس يېرى~!

ھىجىرىيە كالىندارنىڭ بارلىققا كېلىشى

مىلادىيە 639-يىلى ئىككىنجى خەلىپە ھەزىرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىللىرىنى باشلاپ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تارىخى ۋەقەنى تۇتقا قىلىپ ، شۇ يىلدىن باشلاپ ئىسلام كالىندارىنى جاكارلىغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ھىجىرىيە (ئەرەبچە مەنىسى يۆتكىلىش ) دەپ ئاتىغان.ئەرەبلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى قۇياش كالىندارى يەنى جۇلىئان كالىندارىنىڭ 622-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى دەل ھىجىرىيىنىڭ 1-يىل 1-كۈنى.

ھىجىرىيە كالىندارىدا بىر سوتكا يەنى بىر كېچە كۈندۈز قۇياش پاتقاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
يەنى قۇياش پاتقاندىن باشلاپ يېڭى بىر كۈن باشلىنىپ ،ئىككىنچى كۈنى قۇياش پاتقاندىن كېيىن بۇ كۈن ئاخىرلىشىدۇ.يەنى كېچە ئالدىدا كېلىدۇ . يەنى كېچە ئالدىدا ،كۈندۈز ئارقىدا بولۇپ ،بىركۈننى تەشكىل قىلىدۇ.
ھىجىرىيە كالىندارىنىڭ بىر ھەپىتىسى يەتتە كۈنلۈك(كۈن ،ئاي ،ئوت،سۇ،ياغاچ ،ئالتۇن ،تۇپراق)ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن (ياپونىيە بىلەن ئوخشاش.). مىلادىيىدىكى ھەپتىنىڭ بەشى «جۈمە كۈنى » بولۇپ ، مۇسۇلمانلار بۇ كۈندە يىغىلىپ كوللىكتىپ جۈمە ئوقۇيدۇ.

ئۇندىن باشقا ،ھىجىريە كالىندارىدا 9-ئېيى رامىزان ئېيى بولۇپ ، بۇ ئايغا نىسبەتەن ئايرىم ھىسابلاش -« ئايغا قاراش» بار.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :«سىلەر رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار ، سىلەر ئاي كۆرۈپ روزىنى باشلاڭلار ،ئاي كۆرۈپ روزىنى تاماملاڭلار ، ئەگەر ئاينى بۇلۇت توسۇۋالغان بولسا ، شەئبان ئېيىنى 30كۈن توشقۇزۇڭلار » دېگەن ھەدىسى بويىچە ،8-ئاي شەئبان (ئەسلى 29-كۈنلۈك جۈپ ئاي)نىڭ 29-كۈنى كەچتە ئايغا قاراش كېرەك ، ئەگەر ھىلال ئاي (يېڭى ئاي)كۆرۈنسە ، شەئبان ئېيى ئاخىرلىشىپ شۇ كەچتىن باشلاپ روزا ئاي (9-ئاي)باشلانغان بولىدۇ دە ، ئەتىسى سەھەردە روزىغا كىرىش كېرەك ، بۇ چاغدا 8-ئاي ئەسلىدىكى خۇسۇسىيىتى بويىچە كىچىك ئاي بولىدۇ.ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە ، ئىككىنجى كۈننى ئۆتكۈزىۋىتىپ(يەنى ھەدىسنىڭ روھى بويىچە شەئباننى 30كۈن قىلىۋىتىپ )3-كۈنى سەھەردە روزىغا كىرىش كېرەك ، بۇ ھالدا بۇ كۈن 9-ئاي (رامىزان ئېيى )نىڭ بىرىنجى كۈنى بولىدۇ دە ، 8-ئاي ئەسلىدىكى جۈپ ئايدىكى كىچىك ئايلىق خۇسۇسىيىتى يوقۇتۇپ چوڭ ئاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.روزا تۇتۇپ رامىزاننىڭ يەنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە يەنە ئايغا قاراش كېرەك ،ئەگەر ھىلال ئاي كۆرۈلسە ،ئوخشاشلا ھەدىسنىڭ روھى بويىچە رامىزان ئاخىرلاشقان ۋە شەۋۋال(10-ئاي)باشلانغان بولىدۇ ،بۇ ھالدا 9-ئاي ئەسلىدىكى تاق ئايلىق چوڭ ئايلىق خۇسۇسىيىتى يوقۇتۇپ كىچىك ئاي سانىلىدۇ. ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە ، روزىنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتىش كېرەك ،بۇ چاغدا 9-ئاي يەنى رامىزان ئېيى يەنىلا چوڭ ئاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھاللاردا بەزىدە ئىككى خوشنا ئاي ئوخشاشلا چوڭ ئاي ياكى كىچىك ئاي بولۇپ قېلىشى ياكى قائىدىگە خىلاپ ھالدا جۈپ ئاي چوڭ ئاي بولۇپ ، تاق ئاي كىچىك ئاي بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . ئاللاھ ھەقتۇر ! ئاللاھ پاكتۇر ، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!

دېققەت قىلىش كېرەككى ، ھىلال ئاي كۆرۈنمەي قالغاندا ، روزىنى پەقەت بىر كۈنلا ئۇزارتىپ (ئۇ ئاخشىمىمۇ ھىلال ئاي كۆرۈنمىگەن تەقدىردىمۇ)ئەتىسى روزا ھېيت قىلىش كېرەك ،چۈنكى ئىككىنجى كۈنى يەنە ھېلال ئايغا قاراش ھاجەت ئەمەس ، ئەگەر ھىلال ئاي يەنە كۆرۈنمىدى ،دەپ روزا تۇتۇلسا دۇرۇس بولمايدۇ ؛چۈنكى بۇ كۈن روزا ھېيتقا تەۋە بولۇپ ، بەلگىلىمىدە ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش ھارام(مەنئى) قىلىنغان.

ھىجىرىيە كالىندارى ئىشلىتىلگەن 1400يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، ئاي بېشىنىڭ باشلىنىشى ھەقىقى ۋاقتتىن جەمئى پەقەت يېرىم كۈنلا ئارقىدا قالغان بولۇپ (بۇ يازغۇچىنىڭ پىكرى ،ھەقىقى ۋاقت ئېھتىمال ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىگە تايىنىپ چىقىرىلغان يەكۈن بولسا كېرەك. نېمىگە ئاساسلانغانلىقى نامەلۇم. مېنىڭچە مۇتلەق توغىرلىقى كېيىن يەنە ئىسپاتلىنىدۇ. )  ئېنىقلىق ۋە توغرىلىق  دەرىجىسى جۇلىئان كالىندارىغا قارىغاندا پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولۇپ ،باشقا كالىندارلارغا سېلىشتۇرغاندا ،ھېلىغىچە ساپ ئاي كالىندارلىق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغان بىردىنبىر كالىنداردۇر.

بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھ خاستۇر   بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچ دىيانەت تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat33 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 03:54 PM  


مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 04:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاندىن ئىككى گوروھتىن ( يەنى بۈگۈنكى چوڭ ئىككى پىرقە - يەنى بىرى ئاتا - بوۋىلار بېسىپ ئۆتكەن مەنزىلنى تۇتقا قىلغان گوروھ بىلەن بىراقلا بۇلارنىڭ ھەممىۋاسىنى بىر تىپىكتە تىپىپ ھەدىس رۇسۇللاھنىلا تەشۋىق قىلغۇچى گوروھتىن ) قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىقلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق ( 12 )

ئالدىنقى بايانلاردا ئېيتىلغاندەك ، بىر مۇكەممەللىك ھېچ قاچان بىر كۈندىلا ، بىر ئەۋلاد تىرىشقانغىلا پۈتۈپ كەتمەيدۇ . چوقۇمكى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبكار ئالدىنكى زامان - ماكان ئۇل سالغۇچىلىرى بىردەك ئۇمۇملىشىدۇ ، بىر تىزىققا تىزىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئەڭ كۈچلۈك ئىجتىھادچىلارنى تۆگىگە ئوخشۇتۇپ ، ھاياتلىقتا شۇ خىل تۆگىلەرنى تۇتقا قىلىشىمىزنى ۋە ئۇلارنى قاتار تىزىپ قويۇپ تۇرۇپ بوغۇزلىشىمىزنى ئېيتتى .
قايسى بىر ئەقىل ئىگىسى ئاللاھنىڭ مۇشۇ خىل پەللىمۇ پەللە تىزىقتا بىر قەۋمنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشىنى ۋە بۇلارنىڭ بىر بۆلۈك تارىخىنى تۇنىغان ۋە چۈشەنگەنلا بولسا چوقۇمكى بۇ خىل تونىلنىڭ ۋاقتىنى تېپىشقا ۋە قەيەردىن ، نېمە سەۋەبتىن باشلانغانلىقى ۋە قايسى خىل رەۋىشتە مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىزچىل تەكشۈرەيدۇ . چۈنكى دىندا زەررە چاغلىق ھەقنى ئىنكار قىلىشقا ۋە زەررە چاغلىق ھەقسىزلىقنى قۇبۇل قىلىۋېلىشقا يول يوق بولغانلىقتىن . ئۇنىڭ ئۈستىگىمۇ بۇ خىل ئاقتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ كۆڭۈللۈك تەتقىق قىلىش جەريانى . تەتقىقاتتىكى خەتەرلىك تەرىپى بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇبۇل قىلىۋېلىش ياكى ھەممىنى ئىنكار قىلىۋېتىش  ۋە ياكى ياخشى بىلەن ياماننى ئارلاشتۇرىۋېتىشلاردىن . كۆڭۈللۈك تەرەپلەر بولسا قانچىكى ئىچكىرى ۋە يۇشۇرۇن شىفىرلار بولسا ئىرىنمەي جاۋابىنى تېپىش ۋە ھەر ئىشتا ئاللاھقا ئىقبال - ئىستىخار قىلىشتەك دىل تەرەپتىن بايان بولغان نەتىجىلەرنى قۇرئاننىڭ تۈزۈلىشى ھېكمەتلىرىگە ئۇدۇللاش ۋە ئايەتلەرنىڭ مەنبىيىنى ، قىممىتىنى ئۆز ئەمەللىرى ئارقىلىق سىناپ بېقىش ، ئۇنىڭ ماھىيىتى كۈزىتىش ۋە ئىشلەش ئارقىلىق ئېچىشلار بىلەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بولغانلىقىدا !
قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان زامان ۋە ماكانلارنى ھەدىس بىلەن شەرھىيلەش ۋە ئېچىش ئەسلھ مۇمكىن ئەمەس ئەمما ھەدىس بولسا رۇسۇللاھنىڭ قۇرئان ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە ئۆزىگە ئەگەشكەن ساھابىيلارنى بىردەك قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا يىتەكلەشتىكى جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاللاردا قۇرئانغا ئاساسلانغان يولنىڭ قىممىتىنى ئاشكارلاپ بېرىدۇ ۋە دەلىللەپ نەق كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ . قۇرئان ھەر بىر شەيئىلەرنى سۆزلەيدۇ ، ھەدىس ئۇنىڭ يولىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قۇرئاندۇر ، يولنىڭ ئەڭ كاتتىسى رۇسۇللاھنىڭ يولى ھەدىس - سۈننەتتۇر ! ئەمما بۇنىڭلىققا جىمى كىشىلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدىلا بارلىق قىممىتىنى كۆتۈرۈپ كېتىش ئىمكانىيتى بولمىغانلىقتىن رۇسۇللاھمۇ ھەم نۆۋىتىدە كىشىلەرنىڭ ھالىغا قاراپ دىنىي يۈكلەرگە بۇيرىغان - تەكلىپ قىلغان ۋە ئۇلارغا قارىتا قانداق يول تۇتۇش ۋە قانداق كىشىلەرگە قايسى ئەمەللەرنى يۈكلەشتىكى جەريانلارنى ئۆز ئەمەلىيىتى ، بۇيرۇقلىرى ، سۈكۈتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن .
مانا بۇ خىل يولنىڭ ماھىيىتىنى ئاۋال تەتقىق قىلىش ۋە بۇ خىل ھېكمەتنى ئاۋال قۇبۇل قىلىۋېلىش لازىم بولۇپ ، بۇ خىل كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بېرىدۇ . ھېكمەت بىرىلگەن كىشىلەرگە كۆپىنچە رەھمەتلەر بېرىلگەن بولۇپ ، ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىۋاسىلا خەلىپە ، دىننى ئاشكارا تەشۋىق قىلغۇچى بولمايدۇ بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن قانچىلىك ئىمتىيازى بولسا شۇنچىلىك ئىمتىيازى ئارقىلىق بولىدۇ . ئىمتىياز ياكى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ، ئۇنىڭدىن ئاشسا قېرىنداشلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرى ، ئۇنىڭدىن ئاشقاندا ھەم مەھەللە ، ناھىيە ، شەھەر ، ئوبلاست ، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە دۆلەتكە قارىتا يۇقىرلىقتا بولىدۇ . ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا شۇ كىشىلەرنى كوزۇر قىلىدۇ ، ھەمدە كىملەرنى ئازابقا تىگىشلىك قىلماقچى بولسا شۇ كىشىلەرنى ھەم كوزۇرمۇ قىلىدۇ . بۇ خىل ماھىيىەتلەتنى قۇرئان روشەن ھاللاردا ئاشكارا سۆزلەيدۇ . ئۇنىڭ تىلى بىزنى دائىم مۇشۇ خىل كىشىلەرگە ئەگىشىشنى ياكى بولمىسا ئەگەر ئەگىشەلمىسەكمۇ مۇشۇ كىشىلەرگە يامانلىق قىلىپ قويۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ . ئەمما قىلمىشىدا زالىملار ئاقىۋەتتە شۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . شۇ سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچ ئۆزگىرىش يوقتۇركى ، ناگاھان ، ئۇلارنى قاتتىق بوران ، قاتتىق دولقۇن ، قاتتىق ئاۋاز - چوقانلار ئورىۋالىدۇ . بۇ ۋاقىتتا تەۋبە قىلىپ پۇشايمان يىگەننىڭ پايدىسى نېمە ؟ ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ، << ئەل قىساسىي مىنەلھەق >> !!!
داۋامىي بار !


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kizzik99 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 04:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھىكايىسىنى راستى بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز ، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر ( 13 )
‹‹ ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ››
كىملەركى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك ‹‹ قايسى قەۋم ئۆزىنىڭ ھالىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ھەرگىز ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ ›› دىگەنكى قىممەتكە ھەقىقىي چۆكۈپ كىرەلەيدىكەن ۋە بۇ خىل ئاللاھنىڭ سۈپىتى ، ھېكمىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ۋە ئىشىنىپ ئۆزىنى ئۆز رەببىنىڭ مەيلى قايسى تەقدىرى قىسمەت بولمىسىۇن ، يىتەكلەپ ئەكىرىشىگە بويسۇنۇپ پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىش ئىچىدە ئاخىزرقى نەتىجە چىققۇچە سەۋىر تاقەت قىلىپ تۇرالايدىغان ۋە ئۆزلىرىگە يىتىۋاتقان ھەر بىر ياخشى - يامانلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئاساستا قۇرئان - ھەدىسكە دەلىللەپ ، ياكى ئاللاھنىڭ شۇ يولدا ئۇنىڭغا خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامدەك كىچىكىدە چوڭ بولغاندا بولىدىغان نەچچە ئون يىللىق ئىشلارنى بىلدۈرگىنىگە ئوخشاش ھىسسىي ئىلىملەر ئارقىلىقمۇ ئىلىم ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ۋە بۇ ئىلىم دەل قۇرئاننىڭ ئىچكى قىسمى لەۋھۇلمەھپۇزىدا بارلىقىغا جەزمەن ئىشەنگەن ۋە شۇ يولىدا ئۆزلىرىنى پەقەت ئاللاھقىلا تاپشۇرىۋېتىپ پەقەت ئاللاھقىلا خاس تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئىبادەتتە بولغان ھاللاردا بولالايدىغان ئىمتىيازغا كېلىش ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك ھېكمىتى ، سۈپىتى قىممىتى بولغان پەرۋەردىگارلىقىغا ئىمان ئېيتقان ۋە تىگىشلىك ئاللاھ ئۆزلىرىنى قايسى زامان - ماكانغا ، قايسى قىسمەتلەرگە دۇچار قىلسا ‹‹ ئاللاھنىڭ چوقۇمكى بۇ تەقدىرىدە ھېكمىتى بار ›› دېگەنكى ئىشەنچىسى بىلەن پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھىغىلا تەۋەككۇل قىلالايدىغان ھاللاردا ئىمتىيازغا كەلتۈرۈلدى .
ئاندىن ‹‹ بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر ››
ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ - دېگەنكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ، ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئۇنىڭ كۆكسى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىلغان بولىدۇ  . ئىنساننىڭ كۆكسى ئىسلام ئۈچۈن ئېچىلغاندا بولسا قھيسى ھەق بولسا شۇنى ، ئاللاھ قايسىنى ئىرادە قىلغان بولسا شۇنى توغرا تاپىدىغان ۋە شۇنىڭغا بويسۇنىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولغۇسىدۇر ! بۇ خىل قىممەت كۈچلىنىپ ‹‹ ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەر ›› بولغان ئىكەن ، ئۇلار يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدەك ھىسسىي جەھەتتىكى ئىلىملەرنى ھەم قۇبۇل قىلالايدۇ ھەمدە شەكسىز شۇ يولنىڭ ، ئىشەنچىسىنىڭ روياپقا چىقىرىلىشىغا قارىتا گەرچە ئۆز ئوغۇللىرى ۋە يېقىنلىرى چېغىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ئىمتىيازىدىن ھېچ خەۋەرسىز ھاللاردا ئۇلارنى ‹‹ سەن ھەقىقەتەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ ئەقلىڭدىن ئازىدىغان بولدۇڭ ›› دەپ ھەتتا شۇ خىل كىشىلەردىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن ۋاقىتتىكى ناگاھان بىر دولقۇندىن كىيىن ھەقىقەت ئاشكارا بولغۇچە چىرايلىقچە سەۋىر قىلىدۇ . ئۇلار ھامان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى رەسۋا قىلمايدىغانلىقىنى شەكسىز ئىشىنىدۇ . چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا مېڭىۋاتقان يولىدىكى ئەسلى قىممەتنى تىلدا ، قەلەمدە ئاشكارا ھاللاردا ئېيتشىقا ئامالسىزمۇ قالىدۇ . چۈنكى ئاللاھ قانداقلىكى بىر ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلماقچى بولغان ئىكەن ، چوقۇمكى ئاۋال ئۇنىڭ شۇنىڭدەك ھىسسىي تەرەپلىك قىممىتىنى بايان قىلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتىنى ئاستا - ئاستا روياپقا چىقىرىدۇ . بۇ خىل زىلزىلىلەر ئىچىدە پەقەت ئىبادەتلىرىدە غاپىل بولغان ، ئەمەللىرىدە يامانلىقنى تىلىگەن ، ئىنسەنىي ئەقىل ئىشتىش ئىچىدە دىننى ھەم ۋە بارلىق ساھەدىكى ئەسلى قىممەتنى گۇمانىغا بويسۇندۇرۇشنى تىلىگەن ۋە ھەقىقەتتىن توسقۇچى ، ئەسلى ئىش ئىگىلىرىگە قارىتا خۇسۇمەت قىلىشقانلار ۋە قىلمىشلىرىدا تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەنە شۇ خىل ‹‹ كەھف ›› ئىچىدىكىلەرگە قارشىلىق قىلغاندىكى مەۋقەسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى روشەن ھاللاردا ئاسمان ۋە زېمىنلاردا دەلىلى بىلەن روياپقا چىقىرىپ ئەنگە سالىدۇ . كىملەركى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتا ، زالىم بولۇشتا ھەددىدىن ئاشىدىكەن ، ئاقىۋەتتە مانا شۇ ئۆزى قوغداشقا كېپىل بولغان ‹‹ مەككە ›› ئىچىدىكىلەرنى خۇددى پىل ئىگىلىرىنى تىرىپسىن قىلغاندەك قىلىشتا ئاشكارا دەلىل بولسۇن ئۈچۈن كىشىلەرگە ، ھەر زامان - ماكان كىشىلىرىگە دەلىل قىلغۇسىدۇر !
كاپىرلارنىڭ ۋە زالىملارنىڭ كىيىنكى يامان ئاقىۋەتلىرى دەل شۇ خىل بەزى ۋاقىتلاردا ھىسسىي ئىلىملەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاشكارا - يۇشۇرۇن خۇسۇمەت قىلىش بىلەن ۋە ئاقىۋەتتە ئۇلارنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغاندىكى ئەمەللىرىگە دەلىل قىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق زېمىن ئوخشاش ئەمەس ، بىر ياخشى - بىر يامان ئارلاشقاندۇر . بەندىلىرى ۋە گوروھلاردىكى كىشىلەرمۇ ھەم ئوخشاش ئەمەس ، شۇنىڭدەك ھەر ۋاقىت زامانغا خاس ئىمانىدا راستچىل ‹‹ كەھف ›› نىڭ ئىگىلىرىمۇ باردۇر ! كىملەركى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە خاس كەلسە ، ئەنە شۇلارنىڭ شۇ خىل گوروھلارغا يىتەكلەيدۇ ۋە شۇلارنى ياخشى كۆرسىتىدۇ . ئەمما كىملەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىكەن ۋە ئەمەللىرىدە يامانلىقنى تىلەيدىكەن ، ئۇلارغا قارشى گوروھلارغا يىتەكلەپ قويىدۇ . ئاقىۋەتتە مەھشەر كۈنى ھەممىنى ئورتاق ئارلاشتۇرۇپ كەلتۈرۈلۈش قىلىنىپ ، بۈگۈنكى دۇنيادا غاپىللىقنى زالملاردىن كۆتۈرىۋېتىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنىڭ ھەقىقەتەن يامان ئىكەنلىكىنى تۇنىتىدۇ . ئۇنىڭسىزمۇ دۇنيادا سەكراتتا ۋە قىيامەتكە مۇلاقات بولغان بولسا شۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتنى ھەم چۈشەندۈرىدۇ . ئۇنىڭدەك بولمىسىمۇ گۆر ھاياتىدا چۈشىنىدۇ .
داۋامىي بار !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23112
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6767
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 09:45:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kawa يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 05:13 PM
سىزنىڭ ساۋادىڭىز بارمۇ؟ دىمەكچى بولغنىڭىزنى ئىنىق يى ...

ساۋادىم   يوق  مىنىڭ   كەچۈرۈڭ  ھە  .... دوستۇم   ئىچىپ  قويغان  شۇ  يازغان چىغى ....  ساۋادىم  چىققاندا  ئاندىن سىزگە  يازاي جۇمۇ ؟

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 05:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ( يەنى بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا چىن ئىشەنگەن قەلىبنى يۇرۇتقانكى ۋە ياراتقۇچىنىڭ ئىلمىسىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقاندىن كىيىنكى نۇرلانغاندىكى ئېتىقادى - ئىمانىنى ) مۇستەھكەم قىلدۇق ، ( ئەنە شۇنىڭدەك مۇستەھكەنلەنگەن دىلغا ئىگە بولغاندىلا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئىرادە قىلىدىغان تەقدىرى قىسمەتلىرىنىڭ ئىچىگە ھېچ قورقۇمسىز ھاللاردا ئۆزلىرىنى تاپشۇرىۋەتكەن ھاللاردا ۋە ئۆزلىرىگە بىرىلگەن ئىلىملەرگە چىن ئىشەنگەن ۋە شۇ قىممەتنى نىشان قىلىپ بويلاپ مېڭىشتا تەۋەككۇلچىلىق قىلالايدۇ .)  ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەنە شۇ خىل قىممەت ئىمتىيازى ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئەسلى پۈتكەن قىممىتى ئىسلامىغا زىت باشقا تەرەپلىك كۆز قاراشلارنى قېتىۋالغان ۋە تۆۋەنلىكنى ياكى يۇقىرىلىقنىلا تۇتقا قىلىۋالغان ئاساستا يول تەيىن قىلىشقان باي ، ئالىم ، زوراۋان ۋە كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ) دەس تۇرۇپ ئېيتتى : ‹‹ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ( پۈتۈن ساھەلەردە ئۈستۈنلۈكتە بولغان ) ئاسمانلارنىڭ ۋە ( ئۇنىڭغا قارشى تۆۋەنلىكتە بولغان ) زېمىننىڭ ( ياراتقۇچىسى ۋە ھەممىلەردە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىسى ) پەرۋەردىگارىدۇر ، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ ( بۇ خىل قىممەت قورغانىدىن باشقىنى تىلەيدىغان ) باشقا ( ماددى - مەنىۋىيەتلەردىكى ، ئەسلى ئاللاھنىڭ پۈتلىنىگە قارشى يوللارغا يىتەكلەيدىغان ، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئىبلىسى كۈچ ) ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز ، ئەگەر بىز ( ئاللاھدىن باشقا شۇنىڭدەك قورغانى كۈچلەرنى قورغان قىلغۇچى ۋە شۇنى تىلىگۈچى ، ئاللاھدىن باشقا مەبۇد بار )  دەيدىغان بولساق ، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز ( 14 )
ئاللاھ ئەنە شۇنىڭدەك كىملەرنى ئىسلامغا ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىگە ھىدايەت قىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ دىلىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىگە چىن ئىشەنگەنكى ئىمتىيازىغا كەلتۈرۈش بىلەن گەرچە تېخى ئاللاھنىڭ شۇ خىل ئىسلامىي قىممىتى رىئاللىققا كېلىپ ، ھىسسىي ئىلمىسى تېخى ئىشلىنىپ روياپقا چىققۇچە قارشى كۈچلەرنىڭ مەيلى قانداق كۈلپەت يەتكۈزۈشلىرىدىن قەتئى نەزەر ئۆز تۇنىشىدا ، ئىشەنچىسىدە مۇنتىزىم تۇرالايدۇ ۋە پەقەت ئاللاھدىنلا ياردەم تىلەيدۇ ياكى تۆۋەنچىلىكتە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن رەھمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ تىلەيدۇ .  ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئىجتىھادتىكى قۇۋۋەت ، يېڭىچە ئىلىملەر ئەنە شۇنىڭدەك كۈچلۈك رەۋىشتە تەۋەككۇلچىلىق قىلىشتىن كېلىدۇ ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ .  چۈنكى بۇ خىل رەۋىشتە تەۋەككۇلچىلىق قىلىپ كىرگەندە روھىي ، جىسمانىي ، رىئال ۋە مەۋھۇملاردا زور دەرىجىدە قاتتىق سىقىلىشلارغا دۇچ كېلىدۇ . ئەنە شۇ خىل دۇچارلىقتا كىشى مەجبۇرى ئۆز پەرۋەردىگارىغا ھەقىقىي رەۋىشتە ، يۇقىرى دەرىجىلىل يۈزلىنىشلەردە بولىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك تەۋەككۇلچىلىق ئىچىدىلا ئىنسان كىيىنكى ھاياتىدىكى يولىدا لازىم بولغان ھەقىقىي تەقۋادارلىق قورغانىنى مۇستەھكەملەيدۇ . ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلىدىكەن ، كىملەرنى ئۆز مۇھەببىتىگە تاللايدىكەن ، ئۇ قانچىلىك رەۋىشتە دىنىي ۋە ئىسلامدا قانچىلىك كۈچلۈك بولسا ۋە قانچىلىك يۇقىرىلىقتىكى دەرىجىنى قانچىلىك ۋاقىتتا تاماملاشنى تەلەپ قىلغان ۋە تىلىگەن بولسا  شۇنچىلىك رەۋىشتە قاتتىق - يۇمشاق ، ئاچچىق - تاتلىق بولغان ھەر خىل رەۋىشتە قىسمەت ئىچىدىكى قىسمەتلىك سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ . ئەڭ قاتتىق سىناق ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئەمەل ‹‹ تۆگە ›› مەسەللىك قۇۋۋىتىگە ئىگە كىشىلەرگە ( بۇلار ۋە بۇلارغا ئەگىشىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ) ، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك سىناق ‹‹ كالا ›› مەسەللىك قۇۋۋىتىگە ئىگە كىشىلەرگە ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن سىناق ‹‹ قوي ›› ‹‹ ئۆچكە ›› مەسەللىك قۇۋۋىتىگە ئىگە كىشىلەرگە بېرىلىدۇ ، تەقدىر قىلىنىدۇ . مانا بۇلار رەھمان سۈرىسىدىكى تۆت جەننەتنىڭ بۈگۈنكى ۋە كىيىنكى ۋارىسلىرىدۇر !
چۈنكى ئاللاھ ؛ ئەگەر كىملەر خالىسا ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى ھەقىقىي تۇنۇپ ۋە چۈشىنىپ ئۇ بۈگۈنى ۋە كىيىنكى ھاياتىدىكى ئىلاھىي يىتەكلىنىش ۋە مەبۇدىي نېمەتلىنىش ئىچىدىكى قورغانى ئىچىدىكى ماددى ۋە مەنىۋى ، روھىي ۋە نەپسىلىرىنى ئەنە شۇ پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېشىغا قانداقلا قىسمەت كەلسە ‹‹ ئاللاھدىن ›› دەپلا ھېچ نەپسىدىكى ئەقلىنى ئارلاشتۇرماستىن روھىيىتىدىكى ھىسسىي تىل  مەۋقەسىگە تاپشۇرۇپ ، بىلگىنىگە ئەمەل قىلىپ ، بىلمىگەنلىرىگە سەۋىر ۋە سۈكۈت قىلىپ ھەر قانداقلىكى ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىدىغان ، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ، ئۆزىنىڭ شەكلىگە ھەم زىت كېلىدىغان سۆز - ھەركەتلەرنى ئىشتىپ كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزىنى ساقلىغان ھاللاردا پەقەت ئاللاھنىلا مەبۇد قىلغان ھاللاردا چۈش ۋە رىئاللىقتىكى ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى ئىستىخار ، ئىقباللارنىڭ يىتەكلىشىگە بويسۇنىدىكەن ، ئۇ ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق ۋە مەبۇدلۇق قورغانى سۈپىتىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان ۋە شۇ يولدا يىتەكلىنىۋاتقان كىشى بولىدۇ . بۇلار ھېچقاچان قەغەزدىكى ، قەلەمدىكى نەرسىلەرنى ئوقۇپ بەرگۈچى ئەمەس بەلكى ھىكمەتلىك سۆز كەلگەن ۋە بىلىشكە تىگىشلىك ئىلىم بولغان تەۋھىدلەرگە ، قىلىش - قىلماسلىقتا شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان ئىلىم ئىگىلىرى ، ھىسسىي رادارى نەق تۇنىۋاتقان ، شۇ تەرەپكە تارتىۋاتقان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنىدۇ - ئىتائەت قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ، چۈشەنمەيدىغان ، ھېچ ئىشەنمەيدىغان قورغانلارغا تىل ئىشتكۈچىلەرگە ھېچ پەرۋا قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھە راست دەيدۇيۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆزىنىڭ نەپسىي ئەمەس بەلكى ھىسسىي بولغان رادارىنىڭ تارتقىنىغا بويسۇنىدۇ . ھەمدە ئاللاھ شۇ خىل يىتەكلىنىش ئىچىدىكى بەندىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان مۇنازىرىلىك سۇرۇنلارغا تەكلىپ قىلمايدۇ ۋە تەقدىر قىلمايدۇ . ئەگەر شۇنىڭدەك كۈچلەر دۇچ كېلىپ قالسا ، ئۇلارنى ئاللاھ ئۆز كەرىمى بىلەن ‹‹ خامۇش ›› قىلىپ قويۇش بىلەن شۇ خىل كىشىنىڭ مۇھەببىتىنى ، سۆزىنى ، ھەركىتىنى خۇش كۆرسەتمەيدۇ . مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ، ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلغان قەۋمنىڭ ھالى - سۈپىتى !

داۋامىي بار !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 04:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىزنىڭ قەۋمىمىز ( پۈتۈن زامان ۋە ماكاننى ، ھەمدە جىمى كىشىلەرنى شۇ زامان - ماكانلارغا خاس نىسبەتتە لايىقلاشتۇرۇپ ياراتقان ) ئاللاھنى قويۇپ ( ئىلگىركى ۋە ھازىرقى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك زامانى ۋە ماكانىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ، ئاللاھنىڭ ئەسلى پۈتكىنىگە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ( ئەمەلىيەتتە قۇرئان - ھەدىسكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ) دىن ۋە ئىسلام قىلىپ بىكىتىۋېلىپ ئۆزلىرىگە ئايرىم يول تەيىن قىلىشقان ھاللاردا ھەققە قارشى ئىسلامدىن باشقىنى تۈزگۈچى كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ شۇنىڭدەك تۈزۈپ بەرگەن كىتابچىلىرىنى ) ئىلاھ قىلىۋالدى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ( شۇنىڭدەك ئاللاھ ئىسلام قىلىپ بىكىتىپ بەرگەن يولدىن باشقا نەرسىلەرنى گۇمانىغا ئاساسلىنىپلا شۇ خىل قىممەتنى ئۆزلىرىگە مەبۇد قىلىۋېلىش بىلەن ئۇدۇللا ئەقىدە - ئېتىقاد قىلىۋالماي ۋە ھەقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ، ئاللاھنىڭ قۇرئان - ھەدىستە ئېيتىلۋاتقان ئەسلى مەنبەلەرنى تېپىپ تۇرۇپ ، ئاللاھنىڭ ئەسلى ئىسلام دىنى قىلىپ بىكىتكەن ۋە شۇ خىل ئىسلامىي مەۋقەنىڭ ئەسلى قىممىتىگە چوقۇنماستىن ، شۇنىڭدەك ) ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا ( يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ .ىشلىرىنى شۇ خىل مەۋقەگە تۇتقۇزۇپ قويۇشقا ) تىگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ ( ئاللاھ كىيىنكى توغرا دىننى ‹‹ ئىسلام ›› دەپ جاكارلىغان تۇرسا ، ۋە ھەر بىر نەتىجىلەرنى بىرمۇ - بىر تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تەكلىپ قىلغان تۇرسا ، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ھەم ھېچ بىر - بىرىگە زىدىيەتسىز پۈتكەن تۇرسا ، ئاللاھ قۇرئاندا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىنى ، ماھىيىتىنى روشەن ھاللاردا قۇرلاپ ئەنگە ئېلىۋاتقان ۋە خالىغان ۋاقىتتا خالىغان بەندىلىرىگە بىلدۈرىدىغان تۇرسا ، ئۇلار قۇرئان ھەدىسنىڭ قىرائىتىگە ئىمان ئېيتىپ تىلاۋىتىگە كاپىر بولامدۇ ؟ ئۇلار نېمىشقا شۇ خىل قاراشلىرىغا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ ؟ ) ئاللاھقا ( ئاللاھ ئەسلى ئىرادە قىلغان ئىسلامدىن غەيرىينى ئىشتكۈچى ) يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ ؟ ›› ( 15 )


خۇدالىق دەۋاسى قىلىپ قويۇش نادانلىقتىن بولىدۇ . ئەمما ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىپ قويۇش بولسا ئالىملىقتىن ، موللىلىقتىن غاپىل قالغانلىقتا بولىدۇ .
ھەدىس رۇسۇللاھنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەستىن بەزى مەنالىق ، تىلاۋەت قىلىنىدىغان تەرەپلىرىگە  ئۇدۇللا چوقۇنۇپ كېتىش ، ياكى بەزىلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلىپ قويۇشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ . مانا مۇشىنىڭ ئۆزىلا كىشىنىڭ ئەسلى دىنىنىڭ بۇزۇقلىقىنى ۋە دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى ، دىنىنىڭ پاك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . چۈنكى ئاللاھ بىكىتكەن دىن ئىسلامدۇر .  ئىسلام بارلىق توغرا قىممەتنى ئېتىراپ قىلىدىغان قورغاندۇر . كىملەركى بۇنىڭغا خاتالىقنى ئارلاشتۇرىۋالىدىكەن ، ئۇ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا توغرىلىقتىن باشقىسىنى تىلىگەن بولىدۇ . بۇنىڭدەكلەر ئىلگىرى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ئىچىدىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ھامان ئاشكارا ئىدى . ئەمما ھەممە ئۆزلىرىدىكى بۇ خىل يامانلىقنى چۈشىنىشتىن غاپىل ئىدى . ئۇلارمۇ خۇددى بۈگۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىسكە قارىتا بەزى ئەمەسلا مەنالار قېتىلىپ قالغاندەك ، ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىنى قېتىپ قويۇشقان ئىدى . ئاقىۋەتتە ئۇلار تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرۇقلۇق ۋە شۇ خىل كىتابنى تۇتقا قىلىۋالغان تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دىيىشەتتى ھەتتە رۇسۇللاھ كەلگەن ۋە قۇرئان نازىل قىلغان تەقدىردىمۇ ؟!!!
شۇنىڭدەك ، قۇرئاننى تارىختىن بۇيان تەرجىمە - تەپسىر قىلىش جەريانىدا ئۆز زامانىغا قېتىپ كىيىنكى ، بۈگۈنكى كۈنلەرگە قارىتا نۇرغۇنلىغان خاتالىق ئىچىدىكى كۆز قارىشىنى قىستۇرۇپ قويغان ۋە قۇرئان - ھەدىسنىڭ تىلاۋەت قىلىنىدىغان تەرىپى خېتىگە كۆپىنچە كىشىلەر ئۇدۇللا چوقۇنۇپ كەتكەچكە تارىختىن بۇيان دىنىي جەھەتتە تالاي پىرقىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇنۇشىنى توغرا تېپىپ كەلگەن ، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا  شۇنى تىلەشكەن .
دۇنيادا دىنىي يوللار نۇرغۇندۇر . ئۇنىڭ ئەڭ توغرىسى رۇسۇللاھ ئېلىپ كەلگەن يولدۇر . ئەمما بۇ يولنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا ، تۆۋەنلىكتىن يۇقۇرىلىققا چىققانلىقىدەك ھېكمەتلىرى بولغىنىدەك ، دەل مانا مۇشۇ تەرەپلىك قىممەتتىن ، ئىسلامدىكى كۆپىنچە پىرقىلەرنىڭ تۇتقا قىلغان يولى خۇددى رۇسۇللاھ ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك قۇرئاننى مەنبە ، ھەدىسنى لىنىيە قىلغاندىكى ھېكمىتىگە چۈشۈرمەستىن ئۆزلىرى خالىغان بىر ۋاقىتتا خالىغان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك مەنبەيى ۋە لىنىيەلىك قىممىتىسىزلا ئۆزلىرىنىڭ تۇنۇشىنى ئۆزلىرىدىن ھالقىتىپ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ھامان دىندا توختاۋسىز ئىختىلاپ بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ خىل ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشلار ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىكى لىنىيەلەرنىڭ ئەتىراپىدا ھامان دولقۇنلىنىپ كەلگەن . چۈنكى شەيتان ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ بولۇپ تاشلىۋېتىدۇ ۋە قايسى يولدىكىلەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولىدىغان قىممىتىنى تۇنىغان ھاللاردا شۇ تەرەپلەردىن ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە ھۇجۇم قىلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىكىلەرگە ھامان تۈرلۈك تالاپەتلەر يۈزلىنىدۇ . شۇ ۋەجىدىن قارىماققا ھەممىسى ئىسلام ۋە قۇرئان دەپ شۇئار قىلىشقان دىن بولغان تەقدىردىمۇ ھامان ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈز ، توغرا ، بەزىلىرى ئەگىرى ۋە باتىل بولىدۇ . تۈز ۋە توغرىلىرى رۇسۇللاھنىڭ 23 يىللىق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ۋاقىتلىق ھېكمەتنى تولۇق رەۋىشتە توغرىلىۋېلىپ تۇرۇپ ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاشكارا ، دەلىللىك ، خەلىپىلىك ، ئىماملىق ئىمتىيازلىرى ۋە شۇلاردىن بولغان ھەر دولقۇن ئىچىدىكى ئەسلى ئىش ئەھلىلىرىگە ئەگەشكەن ھاللاردا زامانغا ۋە ماكانغا خاس ھاللاردا ھەر كىشىگە ئۆزلىرى ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولسا شۇ خىل رەۋىشتە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغاندىكى شەكلى قىممىتىگە قارىتا يۇقىرى - تۆۋەنلىك ئىچىدىكى دىنىي ۋە ئىسلامىي ئەمەللەرنى يۈكلەش بىلەن قۇرئان ھەدىسكە ۋە ئاللاھنىڭ ئەسلى قورغانىغا قارىتا يول تەيىن قىلىشقاندۇر . ئەمما توغىلىقتىن چىقىپ كەتكەن ، دىنىي ۋە ئىسلامىي قورغاننى ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر بۆلۈك بىر كۆزلۈك كىشىلەر ھامان پۈتۈن كىشىلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك بولۇشقا ، ئەڭ كۈچلۈك ساھابىيلاردىن بولۇشقا كۈشكۈرتۈپ ، ياكى كىيىنكى دولقۇنغا ئىلمىسى يەتمەي كونا زامانغا خاس تۆۋەن نىسبەتلىك شەرىئەت تەكلىپلىرىنى ھەم بىرلىكتە سۆرەپ ئېلىپ چىقىۋېلىش بىلەن كىشىلەرنى كۈچلۈك مەۋقەسىگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قىستىۋېلىشلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغۇچى ھالەتلەرگە كېلىۋېلىپ ، ھامان توغرا لىنىيەدە ئۈزۈپ كىتىۋاتقان ئىسلامىي كېمىنى ئۆرىمەكچى بولغانلار ھامان موللا - بۈۋىلەرنىڭ ئارىسىدا پەيدا بېلىۋېلىپ كىشىلەرگە ھامان توغرا يولدىن چىقىپ كېتىشنى ، ئىش ئەھلىلىرىگە ئاسىي بولۇشنى ، ھەممىنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئاللاھقا كاپىر قىلىشنى تىلەپ كەلگەندۇر . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنى ‹‹ مەن ئاللاھدىن باشقا ئىلاھمەن ! ›› دىگەنكى مەۋقەدە تۇرۇپمۇ ، يەنىلا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى قاتارىدىن ھېسابلىشىدۇ . ئەپسۇسلىنىش يوق . چۈنكى بۇتخانىدىكى راھىبمۇ ئۆزلىرىنى توغرا تۇنىشىدۇ .  
بۇ خىل خاتالىقنى تىلىگۈچىلەر تىلىگەنلىرىدە ئاللاھ قىلالمىغاننى ، رۇسۇللاھ قىلالمىغاننى قىلماقچى بولىشىدۇ . چۈنكى بۇ دەيۈزلەر ئاللاھ جىمى ئىنسانىيەتنى مۇسۇلمان قىلماقنى ئىرادە قىلغان دەپ تۇنۇيدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكتىن ، ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئويلىشىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئەسلى ئىرادە قىلمىغان ، ئالدىن پۈتۈلۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئخىتىيارلىرىغا بويشۇنمىغان ھاللاردا يەنىلا دەۋىر قىلىۋاتسىمۇ ،    ‹‹  ئەسلى ئاللاھ بۇنداق ئىرادە قىلمىغان ، ئەسلى ئىش مۇشۇنداقتى ›› دەپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھېلىقى ئەمەس، ھەقىقەتكە قارشى تۇنۇشىنى ۋۇجۇتقا چىقارماقلىقىنى تىلىشىپ ، ئاللاھنىڭ توغرا يۆنىلىشتە كىتىپ بارغان كەھف قىممىتىدىكىلەرنى ھامان كەمسىندۈرۈپ ‹‹ بۇلار دىگەن ئاندىغەي ، ماندىغەي ، جان باقتى ، دىننىڭ مۇناپىقلىرىيەي .... ›› دەپ بارغانلىكى يەرلىرىدە ئېغىۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى ھەقتىن تۇسۇشقا ئۇرىنىدۇ . توغرا يولدىكىلەردىن كىملەركى بۇ پىتنىچىلەرنىڭ ۋەسۋەسىسىگە قالسىلا ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئالدىغا سۈرۈلۈپ كېتەتتى . چۈنكى ئۇلار ۋەسۋەسىلەرگە بېرىلىپ ھەقىقەتتىن چەتنەيدىكەن ،  ئىلگىركى ئىشلىگەن ئەمەللىرىنىڭ نېسىۋىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرۈشكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن ! چۈنكى ئاللاھ ھېچ كىشىنىڭ نېسىۋىسىنى ھىچ قانچە كەمەيتىۋەتمەيدۇ . مەھشەر كۈنىدە ھېچ كىشىگە ئۆزرە بولمايدۇ . چۈنكى بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىگەن ئەمەللىرىنىڭ مەنپەتىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرۈپ تۈگىتىۋەتكەنلەر ياخشى ئەمەللىرىدە يامانلىقلارنى ئارلاشتۇرۇپ قويغان بولۇپ ، ئاقىۋەتتە ئىلگىرى كەھف ئىچىدە بولغان ، ئەمما كىيىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش بىلەن ئاخىرەتلىكىنى مۇشۇ دۇنيانىڭ زىننىتىگە تىگىشىۋەتكەنلىك بولاتتى . شۇ سەۋەب كىملەر دىندا ، ئىبادەتتە غاپىللىقنى تىلەيدىكەن ، ھامان شۇنىڭدەك ھەر خىل رەۋىشتە دولقۇندىكى پىتنىچىلەرنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە دۇچ كېلىدۇ ۋە دوزاخقا ئۇلاشتۇرغۇچى يولدا تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھاللاردا شۇ پېتى ناگاھان تۇرۇپ قالىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئىبادەتنى ئاللاھقا ئەمەس ، شەيئىگە قىلاتتى . ئۇلار ئاللاھنىڭ بىر ئىلاھلىقىغا ئەمەس بەلكى يەر يۈزىدىكى شۇنىڭدەك ئىلاھلىرىغا ئەگىشەتتى ، شۇلارغا ئىبادەت قىلاتتى . ئاقىۋەتتە ئۇلار ئەڭ زىيانكارلىقتا قالدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، كىملا بولمىسۇن قۇرئان - ھەدىستىن بىر يۈرۈش كەلتۈرۈپ قويۇپ ھەقتىن باشقىنى بايان ئەيلەيدىكەن ، ئۇنىڭ پىتنىسىنى ئەمە بەلكى ئۇنىڭ دەلىللىگەن ھەقىقىتىنىلا قۇبۇللاشقا بولىدۇ . قۇرئان - ھەدىستىن ئۇنى - بۇنى كەلتۈرۈپ قويغانغا ئۇنىڭغا كىتاب ياكى قۇرئان - ھەدىسنىڭ ئۆز زامانىغا خاس بولغان ھېكمىتى بىرىلىپ كەتكەن بولمايدۇ ، شۇنىڭدەك موللا- ئالىملارنىڭمۇ ئىچىدىن ئىلاھلىق دەۋاسىنى قىلىدىغان ئەڭ رەزىل كىشىلەر ھەم بولغان بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن توغرىدىكىلەرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىتلارنىڭ تولالىقىدىن بىردەك ئىنكار قىلىشقا ، خاتالىقتىكىلەرنىڭ كۆپلىكى پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاشقا بولمايدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا ھىسسىي ئىلىم ، تەپەككۇرلۇق قىممىتى بولمايدىكەن ، بۇنىڭدەك كىشىلەر ھامان بۇ خىل دولقۇندىن ئۈزۈپ قۇتۇلالمايدۇ . مۆئمىننىڭ بىر بايلىقى ھىسسىي قىممىتى . ئىبادەتلەردىكى خۇشۇئ ، دىلنىڭ نۇرى ، ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى ئىلھامىي ، ئىستىخار - ئىقباللىرى دەل مۇشۇ ھىسسىي ئىلىمدىن كېلىدۇ ۋە تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ . مۆئمىن بىلەن مۇناپىقنىڭ ناگاھان بىر دولقۇندا ئايرىلىپ مۆئمىننىڭ توغرا لىنىيەگە ، مۇناپىقنىڭ ئۆتكىنچى ۋە تېخى بارلىققا كەلمىگەن شەرئىي پىتنىلەرگە قېلىشى - كەھف قىممىتىدىن مەھرۇم بولىشى ، ۋە دىنىي جەھەتتە ئۆزلىرىنى توغرا - خاتالىقلاردا ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىپ توغرىلىقلارغا ئىسلاھ قىلىشى ، دەل ئۇنىڭ شۇ خىل ھىسسىي تەرىپىدە . بۇ خىل قىممەتكە يەتمەكمۇ ئوڭاي ، ئەمما بۇ خىل ئىمتىيازدىن ناگاھان قۇرۇق قېلىشمۇ يەنىلا ئەڭ ئوڭايدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتا ئىخلاس بولمايدىكەن ۋە ئىلگىرى ئىخلاستا بولۇپ بىر مەزگىلدىن كىيىن غاپىللىققا ئورىنىپ كېتىدىكەن ، ئۇ ھالەتتە كۇفرىغا ئەڭ يېقىندۇر !

داۋامىي بار !


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6346
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 04:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  سىلەر ئۇلاردىن ( يەنى شۇنىڭدەك ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىغا كىرىۋالغان ، ئىسلامدىن چىقىپ كېتىپمۇ يەنىلا ئىسلامدىن دەۋا قىلىدىغان كىشىلەردىن ) ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن باشقا ( ئۆز ھاياتى ، كىيىنكى ۋە بۈگۈنكىلىكلىرىنى - بەختىنى تاپشۇرىۋېتىشتەك ، شۇلاردىن ئۈمىد كۈتۈش ۋە شۇ بويىچە تىلەشتە بولۇشتەك قورغانغا ئىگە ، غەيرىي ئىسلام بولغان ، غەيرىي مۇسۇلمانلىقنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقتا ) ئىبادەت قىلىدىغان ( ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق توغرا مەنا چىقمايدىغان ، ياكى ئۆزلىرىدىكى ئەسلى مەنالىرىنى ئېيتىپ بىرەلمەيدىغان ، پەقەت شۇنداق يېزىلىپ ، ئاتىلىپ قالغان ) بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر ، ( ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ھەر زامان ، ھەر ماكان ئۆزىنىڭ توغرىلىقتىن ئىبارەت يولى ، قورغانى قىممىتىنى ، ئاللاھ كىملەرنى ھىدايەت قىلماقچى ياكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا قىلىشتىن ساقلىماقچى بولسا شۇ خىل قورغانى قىممەتنى دەلىل قىلىدىغان زامان ۋە ماكانغا خاس نىسبەتلىك توغرا يۆنىلىش ئىچىدىكى ئاللاھنىڭ ئالاھىدە رەھمىتى بولغان قورغانى ) غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار ، ( بۇ ئاللاھنىڭ ئالاھىدە رەھمەتلىك ، بىر ئەمەلگە كۆپ خەيرىيەتلەرنى ھېكمەتلەشتۈرۈپ بېرىدىغان ، ئاز ئەمەلدىن كۆپ ساۋابقا ئالاقىدار قىسمەتلەرنى بەرپا قىلىپ بېرىدىغان ، قانچىلىك تەقۋالىق قىلسا شۇنچىلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا ماددى ۋە مەنىۋىي بولغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغان ، مەگەر شۇ يولدىلا بولدىكەن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تىگىشلىك نېمەت بىرىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئالاھىدە رەھمەتلىك قورغانىغا كىرىدىكەنسىلەر ، سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تۇنىغان ۋە ياكى تۇنىمىساڭلارمۇ تۇنۇشقا ئالاقىدار ئىلىملەرنى ، تەقدىر - قىسمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ، ئاللاھ ئۆزى شۇ خىل يولدىكىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ياخشىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رەھمەت تەقدىرىگە ئېلىپ باشقىلاردىن پەرقلىق بولغان ھاياتىي قىسمەتلەرنى بېرىدىغان ) پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ( ھاياتىۇ دۇنيادا شۇنىڭدەك ئالاھىدە تەقدىرى قىسمەت ۋە نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن ) كەڭ رەھمەت قىلىدۇ ، ( ئەنە شۇ ئەڭ ئېسىل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قانچىكى قايسى ئىبادەتلەردە بولسۇن ، قانچىكى تىرىشساڭلار ) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ( 16 )


ئاللاھتائالانىڭ ئالىمى ئىچىدە مەيلى مېڭىۋاتقان بولسۇن ياكى جىم تۇرغان بولسۇن ھەممە تىگىشلىك ئىبادەت ئىچىدە بولىۋاتقان بولىدۇ . يەنى ، ئۇلار پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ مەيلى جىم تۇرىشى ۋە ياكى مىدىراپ تۇرىشى مەلۇم نىسبەتتە بىزلەرگە بىزنىڭ كۈزۈتۈش ئىقتىدارىمىزنى يىتىلدۈرۈش ۋە بىز ئىزدىگەن مەلۇم ئىلىملەرنىڭ جىسمىنى مەيلى ماددىي تەرەپتىن بولسۇن ۋە ياكى ئالدىن پىلانلانغان چېرتوژلۇق قوراشتۇرۇشلاردىن بولسۇن تىگىشلىك رەۋىشتە لوگىكىلاش ، بىزنىڭ ئىنسانىي ۋە ئادىمىي ئىقتىدارىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ، مەلۇم پەللىمىزگە قارىتا ئەقلى ( يەنى ھۆكۈم قىلغۇچى كۈچ ) ۋە نەقلى ( يەنى ماددىي تەرەپتىن قوراشتۇرۇلغلغان جىسىم ) ھەمدە ھىسسىي ( يەنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى بارلىق ئېلمىنتلارنىڭ تېخى ۋۇجۇتقا كېلىشىدىن ئىلگىرىكى مىسالى كۆكتىكى پارغا ئوخشاش ئىلىملەرنى كۆرۈشتىكى ئىلىم ) يەنە پەلسەپىيۋىي ( يەنى شۇ خىل پار ئىلىملەرنى بىر - بىرىگە ئۇرۇپ ، يىغىپ يامغۇرى ھالەتكە كەلتۈرگۈچى شامىلى كۈچ )   جەھەتلەردىكى بارلىق قىممەتلەرنى توغرا تۇنۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىنسانىي ئالىمىنىڭ ئاللاھ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ تەقدىرى ، ھېكمىتى تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە ۋە ھەممىلەرنى ئىقتىدارىغا باغلىق ھاللاردا پەمىگە لايىق ھاللاردا ھەر يوللار ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ بەرگەن ، كەشىپ قىلىپ ۋە قىلدۇرۇپ بەرگەن . شۇ سەۋەبتىن ئېيتىمىز ‹‹  بارلىق ھەمدۇسانالارنىڭ ھەممىسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا  خاستۇر ›› . بارلىق بەندىلەرنىڭ مەيلى يېڭىلىق ‹‹ يارىتىپ ›› ، كەشىپ قىلىپ ئىجتىھاد قىلسۇن ۋە ياكى شۇ ئىلىملەرنى ئېلىشتا ئوقۇ - ئوقۇتۇشلاردا سەيئى قىلسۇن ، ئۇنىڭدىكى شۇ خىل نېمەتلەرگە قارىتا ئىلاھىي كۈچتىكى چۈشەنچىسى ئۇقۇمى ئەنە شۇ خىل ‹‹ ھەمدۇسانالارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاس ›› ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈزشكە ئېلىپ بارالمايدىكەن ، قايسى بىر بەندە شۇ خىل ماقامنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنۇپ ئېتىقاد قىلالمايدىكەن ۋە شۇ خىل ئىشىنتە بولالمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدىكى بەندىچىلىكىدىكى ئورنى تۆۋەن بولسا غاپىل بولغان بولىدۇ ياكى كۇفرىلىق ئىچىدە بولىدۇ . ئۈستۈنلۈكتە بولسا باشقىلارنى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتە مۇشرىكلىقتا بولىدۇ ياكى ھەقنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلىقتا بولىدۇ .
شۇنىڭدەك ، بارلىق ھەمدۇ ۋە سانالاردىكى ئەسلى مەۋقە ( يەنى ئۇنىڭدىكى ئىپادىسى ، دولقۇنى ، قىممىتى ) پەقەت بىزلەرنىڭ ئاللاھنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ، بىزلەرگە نېمىلەرنى ئىرادە قىلغاندىكى ئەسلى ھۆكمىلىرىگە يىتەكلەشتۇر ! ئەمما بۇ خىل قىممەتلەرنى ھەقىقىي رەۋىشتە چۈشىنىش ۋە پايدىلىنىپ ئىشلىتىشلاردا چوقۇمكى دىنىي ، ئەقلى ، ھىسسىي تەرەپلىك تۇنۇشى كۈچلۈك بولماي ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارى ۋايىغا يەتكەن بولمايدۇ . ( دىنىي ئىقتىدار بولسا شۇنىڭدەك ئىسلامىي نەتىجىلەرنى ، ماددىلارنى ئەقىدە ۋە ئېتىقاد ھالىتىگە كەلتۈرۈشتىكى ۋە شۇ خىل شەيئىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تۇنۇشتەك قىممىتى جەۋھىرىگە كەلتۈرگۈچى كۈچ - قۇۋۋەتتۇر . ئىنساندا دىنىي ئىقتىدار مۇكەممەل بولماي تۇرۇپ مەيلى قايسى شەيئى ئۈستىدە پىكىر قىلىدىكەن ، ئۇ پەقەت تەبىئەتنى ، ماددىنىلا كۆرىدۇ . ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ ، كۆرەلمەيدۇ ۋە ئاڭلاپ ھىسمۇ قىلالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بەندىچىلىكتە چوڭ نېمەتنىڭ بىرى مەيلى ئۇ گەرچە مۇشرىك بولسىمۇ ، دىنىي قىممەتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر !
ئاللاھتائالا دىننى بۇندىن 1400 يىل ئىلگىرىلا تامام قىلغانلىقىنى ۋە تاماملانغان دىننىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان . ئەمما تارىختىن بۇيان كۆپىنچە كىشىلەر دىننى ئەسلى پۈتۈپ بولغان ، ئۇنى يەنە پۈتتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپلا چۈشەندى ۋە رۇسۇللاھنىڭ مەدىنىدىكى قىسقىغىنە ھاياتىدىكى كۈچلۈكلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئەمەللىرى خاتىرلەنگەن ساھابىلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ، قىلغانلىرىنى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىش بىلەن ھەدىس ئىلمىسىنىڭ بىر قىسمىنى قۇبۇللاش ۋە ھاياتىغا تەدبىقلاش بىلەن ئىسلامغا قارىتا ئىشلەشتىكى تىگىشلىك پايدىلىق سۈرىتىنى قۇبۇللىۋېلىش بىلەن ‹‹ ئىسلام دىنىدىكىلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ ›› دەپ تۇنۇش ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشتە بولۇش بىلەن شۇ خىل قىممەت ھەركەتلىرىنى نوقۇل ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىش بىلەن دىن ۋە ئىسلامدىن غاپىل بولۇشنى تىلەپ قالدى . مەيلى رۇسۇللاھنىڭ ۋاقتىدا ئىشلەنگەن ئەمەل بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئاشكارلانغان ئەمەللەر بولسۇن ھەممىسى ئەمەلىيەتتە مەيلى كىملەر ، ناسارالار ، يەھۇدىيلار بولسۇن ، كۇپپار ، مۇشرىك ، كاپىر ، مۇناپىقلار بولسۇن مەيلى كىملەر ئۇنى ئىشلىسە دۇنيادىكى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان ئىش ھەركىتىنىڭ ، تۇرمۇش يولىنىڭ ئەسلى قىممىتىنى تۇنىغان ۋە ھەر ئىشلىرىدا ئەڭ پايدىلىق بولغان قورغانى قىممەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ . بۇ خىل ئىسلامىي ھەركەتلەرنى مەيلى كىملەر شۇ بويىچە ئىشلەيدىكەن ، ئۇ ئەگەر ھىس قىلالىسا ۋە چۈشەنسە ھاياتىدىكى مەيلى قايسى تەرەپلىك بولمىسۇن توغرا ئەمەلنىلا ئىشلەپ قالغانلا بولسا ئۇنىڭ مەنپەتىنى كۆرىدۇ . ئەمما ئىسلام دىنى ئىچىدىكى توغرا يولدا ، توغرا قورغان ئىچىدە بولىۋاتقان ، ئەمما توغرىلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە ھىس قىلسىمۇ ئۇنىڭدىن تولۇق رەۋىشتە پايدىلىنالمايدىغان غاپىللار خۇددى قولىدا مىلىيۇن پۇلى بار تۇرۇقلۇق ھېچ ئىشنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان ، ھەتتا بىرەر كىچىك تىجارەتنى قىلالمىغان ، ھەتتە تېخى قولىدىكى نېمەتنى يىيەلمەيدىغان ، كىيەلمەيدىغان مەجروھلاردىن بولۇپ قالىدۇ . ئەمما ئۇلار باشقىلارنىڭ يىتەكلىشىدە تەڭ شۇ خىل پايدىلىق ئەمەللەرنى ئىشلەپ قالىدۇ ، ئەمما ئۆزى بىۋاستە ئىش يۈرگۈزەلمەيدۇ . مانا بۇلار بېشىدا ئالتۇن توشقۇزۇلغان تاۋاقنى كۆتىرىۋالغان قەلەندەرنىڭ ئۆزى ھېسابلىنىدۇ . بۇلار موللىسى ، ئالىمى توغرا يولدا بولسا توغرىلىقتا بولىدۇ ، ئەمما ئىلگىركى توغرىلىقتىكىلەر ئۆلۈپ تۈگەپ كىيىنكى گەپتانلارنىڭ قولىغا قالغاندا بولسا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۇنۋانىغا ، كىملىكى ئورنىغا قاراپلا ئۇنىڭدا ئەگىشىۋېرىدۇ . ئەمما شۇ ھالەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ھىسسىي تەرەپلىك قىممىتىدىكى خۇشۇئ بولمايدۇ ، دىلىدىكى نۇر ، ئىسسىقلىق سېزىم ئىمان كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ . چۈنكى كىملەر ھەققە قارشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئارقىدىن قارغۇلارچە چاپىدىكەن ، ئۇنىڭدىكى ئىمان ، دىلىدىكى نۇر ، ئىلگىركى ھىسسىي قىممىتى ئىقتىدارى ناگاھان بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ . ئەقىل ئىگىلىرى ۋە شۇ خىل قىممەت ئۈستىدە بولغۇچى كىشىلەر ئىلگىركى دىنىي كىملىكىدىكى ئەسلى قىممەتكە قايتا يېتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئىزدىنىپ سەيئى قىلىدۇ . ئۇلار ئاللاھقا توغرا يۆنىلىشتە بولالىسا ۋە ئىبادەتلىرىدە يەنىلا توغرا ئېقىمغا كىرەلىسە ، ئىلگىركى تاپچىلىقلىرىدىن ۋاز كەچسە ۋە ئۇيقۇدىن ئويغانسا بۇ ھالدا شۇ خىل قىممەت ئاللاھ ئىرادە قىلغان مەسجىدلەردە ۋە توغرا يول ئۈستىدە بولغان ۋە ھەقىقەتنى ، زامانغا خاس قىممەتنى تەشۋىق قىلىۋاتقان تەرەپتىن ھېلىقى يۈتتۈرۈپ قويغان قىممىتىنى تېپىۋالىدۇ . ئەمما بۇنىڭسىز تاپچى كىشىلەر تاكى شۇ كىشىسىنى ئالدىغا ئەكىلىپ بەرمىگۈچە گەرچە سۇ شارىلداپ ئېقىۋاتقان بولسىمۇ ، سۇنىڭ يېنىدا ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ سۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ، ياكى تېتىپ كۆرمەيدىغان،  پەقەت مەلۇم قاچىسىغا تولدۇرۇلغانكى سۇنىلا تۇنۇيدىغان ۋە سۇ تۇمشىقىغا تەگسە يىغلاپ تۇرۇپ ئۆلەرمەن ھالدا غورتۇلداپ ئىچىدىغان ‹‹ گۆش توخۇلىرىدەك ›› قىسمەتكە ، ھالاكەت مەۋقەسىگە كېلىپ قالىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمدە ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان نەرسىسىگە يىتىش ئۈچۈن ئانچە - مۇنچە تىرىشىش جاسارىتى بولمايدىكەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىنى يوقاتقۇچى مەخلۇق بولۇپ قالىدۇ . بۇ خىل ئەبگالاردا ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ‹‹ يەر يۈزىنىڭ خەلىپىلىكىنى كىم ئالىدۇ ؟ ›› دەپ يەر يۈزىدىكى ئالەملەرگە نىدا قىلغاندا ، ھەتتە شۇنچە مەزمۇت تۇرىۋاتقان تاغلار ، سۇ ئېقىپ تۇرىۋاتقان دەريالار ئېلىشتىن قورققان ئامانەتنى ھالىغان باقماي ‹‹ بىز ئالىمىز ›› دېگەنكى جاسارىتى قەيەرگە كەتتى ؟ ئۇلار كىيىنكى مۆئمىنلەرنىڭ ، پەرىشتىلەرنىڭلا ئەمەس بەلكى شۇ ئۆزلىرى سىيىپ - چىچىپ يۈرىۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەم لەنىتىگە قېلىشتىن قورقمامدۇ ؟
راست ، ئۇلار قورقمايدىغان بولۇپ قالدى . چۈنكى ئۇلاردا ئۇ ۋاقىتتا گەرچە كۆرگەندە دەرىجىدە ئاڭلاش ئىچىدە ئىمتىياز بولسىمۇ ، ئەمما شەھۋەت يوق ئىدى . نەپسى يوق ئىدى . بۇنچە پىكىر قىلغۇدەك قۇۋۋىتى يوق ئىدى . ئۆزىگە قونۇپ قالغان توپا - چاڭدىن باشقا ھېچنەرسە يوقتى . ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭدا شەھۋەت بار بولدى ، نەپسى بار بولدى ۋە بۇلارغا يەتمەككە تىنى، مال - مۈلكى بار بولدى . بۇ ئەبگالار ئەمدى بولغاندا نېمىنى تىلەۋاتىدۇ ؟ ھاياتىي دۇنيادا پەقەت يەپ - ئىچىشنى ، سىيىپ - چىچىشنىما ؟ ئىلگىرى ئۆزلىرىنى دۈپپۈرلىگەن ئاۋازلىق چوڭ - كىچىك ھايۋانلار ، ئۇچار - قۇشلار دەسسەپ ، سۈيدۈك بىلەن پوققا مىلىۋاتقان ھالىتىدە ‹‹ خەپ ھە ! ›› دەپ ئاچچىقىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە بۇ پۇرسەت كەلگىنىدە باشقىلاردەك شۇ خىل ئىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشنى توغرا تاپامدۇ ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زېمىننىڭ خەلىپىسى ، ئىنسانىي قىممىتى ئىگىلىرى تۇرۇقلۇق ھايۋانلارنىڭ سۈپىتىگە ئورىنىۋالامدىكەن ؟
‹‹ ئۇھ ، خۇداغا شۈكرى ! ئاللاھتائالا بىزنى ھەنىمە بولسا ھايۋان قىلىپ يارىتىپ قويماپتۇ ، بولمىسا ھالىمىز قانداق بولاركىن تاڭ ؟ ›› دىيىشىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىنسانلىق قىممىتىنى ئالغاندىكى ۋە تەلەپ قىلغاندىكى كىملىكىنى ئۇنتىغان ھاللاردا ئەمەس بولغان پىكىر ئوبىكتىغا كىرىۋېلىپ ، ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇش گىردابىغا يەتكەن تۇرۇقلۇق يەنىلا خورۇلداپ ئۇيقىغا كىتىپ بارىدۇ ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئويغۇنۇپ باقاي دېمەيۋاتىدۇ . كىيىن ھەقىقەتتىن ئۇلار قېلىپ ، كىيىنكى زامانغا خاس شەكىلگە قارىتا سىنىپ كۆچەلمەي بىزنى ھەم ئۆزىنىڭ سىنىپىغا چاقىرىۋالغان ھاللاردا بىزنى يامانلىقنى ، كۇفرىلىقنى تىلىگەن تۇرۇقلۇق ، بىزلەر ھەم ئۇلارغا پەرۋا قىلماستىن كىيىنكى ‹‹ يىللىققا ›› ئاتلاپ شۇ يىللىق دەرىسلىكلەر ئۈستىدە بولغاندا ، بىزنى ئىلگىركى ئىختىلاپچىلارغا ئوخشۇتۇپ ‹‹ ئىختىلاپچى ›› دەپ قارىسا ، بۇ ھەقىقەتەن يىرگىنىشلىك ئاقىۋەت ئەمەسمۇ ؟ ئاللاھ ھەر ۋاقىت دىندىكى توغرا - خاتانى ، ياخشى - ياماننى ئايرىش ئۈچۈن ناگاھان ئۆز زامانىغا قارىتا دىنىي دولقۇن كەلتۈرىدىغانكى ، بۇرۇندىن تۇتقا قىلىپ كېلىۋاتقان يولىنى ، ھەمدە قۇرئان ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ؟ ياكى بۇ ئەبگالار قۇرئاندىكى شۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەزى خوتۇنلاردەك كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىملىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرغاندەك كۆرۈش ۋە ئاڭلاش بىلەن كۇپايىلىنىشنى تەلەپ قىلامدۇ ؟  ئ ۇلار ئېيتىپ باقسۇن ! بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار يەنىلا باراۋەرمۇ ؟ سايە بىلەن ئىسسىق ، يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ، كۈن بىلەن ئاي ، قىش بىلەن ياز ، كۆزى كۆرىدىغانلار بىلەن كۆرمەيدىغانلارنىڭ ھالى بىر - بىرلىرىگە ئوخشامدۇ ؟ ئۇلار ئاللاھ تەقۋادارلارغا يالغانچى شەكىلۋاز فاجىرلارنى ئوخشاش دەرىجىدە قىلىشىنى ئارزۇ قىلامدۇ ؟ ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ ؟ ئارزۇ قىلىش دېگەن ھېچ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا قىلىش بولىدۇ . شۇنداق تۇرۇقلۇق قولىدىكى ماددى - مەنىۋى جەھەتلەردىكى نېمەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ روھىيىتىنى ، دىنىنى پاكلاش ئارقىلىق ئۆز رەببىگە ، تىلىدا شۇئار قىلىۋالغان ئاللاھىغا خۇددى مۆئمىنلەردەك ئىبادەتتە بولۇشنى تىلىمەمدۇ ؟ تىلىيەلمىسىمۇ ئۈمىدمۇ قىلمامدۇ ؟ شۇ كۈندە ئۇلار مۆئمىنلەرگە خىتاب قىلىدۇ ‹‹ بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق ؟ بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار ، سىلەر ئالغان نۇردىن بىزمۇ ئالايلى ! ›› دىيىشىدۇ . ئۇلارغا قارىتا بىزدىكى مەۋقە شۇكى ‹‹  دەرۋەقە ئىلگىرى بىز بىللە ئىدۇق . ئەمما سىلەر توغرىلىقتا بولماستىن ئۆزەڭلەرنى پىتنىگە سالدىڭلار . ئارقاڭلارغا يېنىپ ( بۈگۈنكى سىنىپىي ماقامىغا كۆچۈشكە قارىتا قۇۋۋەت بولغان ) نۇر تىلەڭلەر ›› . تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل قوپۇرۇلۇپ كېتىلىنىدۇ . ئىچىدە رەھمەت ، تېشىدا ئازاپ بولىدۇ . بۈگۈنكى زاماندا كىيىنكى زامانغا خاس كەلكۈنگە قارىتا توغان سالمىغانلار ، ئۇ ۋاقىتتىكى فۇرات دەرياسىغا چۆكۈپ كېتىش بىلەن قانداقمۇ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلالىسۇن ؟ ئۇلار ھېچقانچە چېنىقماي تۇرۇپلا دۇنيا چىمپىيۇنى بولۇشنى ئارزۇ قىلامدىكەن ؟ ھېچ بەدەل تۆلىمەستىن تەقۋادار بولامدىكەن ؟ ھەقىقەتكە يۈزلەنمەستىن مۆئمىن بولۇشنى ئۈمىد قىلامدىكەن ؟

بىلىم ئېلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ئاڭلىغان ، كۆرگەن نەرسىلىرىنى قۇلاققا ئېسىپ قويۇش بىلەن چەكلىنىش . يەنە بىرى بولسا ئاڭلىغان ، كۆرگەنلىرىنى قۇلىقىغا قېقىۋېتىشتىن ئىبارەت !

ئاللاھ كىمنىكى ھىدايەتكە ئېلىپ ماڭىدىكەن ، ئۇنى تالاي قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ . ئەمما رەسۋا قىلمايدۇ . ( رەسۋا بولغىنىڭ ، ئېچىنىشلىق قىينالغىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلگىركى يامان قىلمىشىڭنىڭ ۋابالىنى تېتىپ جازالانغىنىڭ ) ھىدايەتكە تىگىشلىك بولغانلار دەل ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ، ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى ، روھىيىتىنى
ۋە بۈگۈنكى - كىيىنكى تەقدىرلىرى بەخىتلىرىنىڭ تۇتقۇسىنى ئاللاھنىڭ يىتەكلىشىگە قويۇپ بېرىپ مەيلى زىيان - پايدا بولسۇن ، ياخشى - يامان قىسمەت بولسۇن ئۆزلىرىگە قانداقلا بىر تەقدىر كەلمىسۇن ، پەقەت ئاللاھدىنلا بولدى دەپ بىلگىنى ، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا ئىبادەتتە بولغان ھاللاردا بىلگىنىنى قىلىپ ، بىلمىگەنلىرىگە سەۋىر - سۈكۈت قىلىپ ئارتۇق ئىشلارغا ئارلاشمىغان كىشىلەردۇر . مانا بۇ توغرا يولدۇر ! ئاللاھ كىملەرنى قانچە كۈچلۈك  ھىدايەتكە يىتەكلىسە ، ئۇنىڭ يولۇقىدىغان دىشۋارچىلىقلار شۇنچە كۆپ ۋە قاتتىق بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە تىگىشلىك بولغانلار ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنغان ، ھەمدە ئۇنى ھامىي قىلىۋالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ يىتەكلىشىگە ئۆز ھاياتىنى ، بارلىقىنى تاپشۇرىۋاتقانلاردۇر . ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن ، ئۇ بەندىسىنى ئۆزى تاللىغان يولدا ھەقىقىي چىمپىيۇن قىلىپ چىقىرىدۇ ۋە شۇ چىمپىيۇن بولغۇچە ئارلىقتا ئۇنى ئۇنىڭ كۈچى يىتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە كۈچى يەتمەيدىغان .ئىشلارغا ئەسلا سېلىشنى خالىمايدۇ . چۈنكى بۇ يىل بىر قېتىم مەيداندىن قاچقان خورازنى كىلەر يىلى ئۇنىڭ ئىگىسى ئىشەنچ بىلەن مەيدانغا سېلىشى ئىنتايىن تەس ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ‹‹ دو ›› تىكىشى تىكمەسلىكىگە بەكرەك ئۈمىدلىكتۇر . شۇنىڭدەك ، دىنىي ۋە ئىسلامىي تەكلىپلەردە مەگەر ھەر خىل رەۋىشتە مەيدانغا كىرىش بار ، ئەمما قېچىش ، يېنىش يوق !
ئاتا- ئانا بولغۇچى ئەڭ كۈچلۈك ھامىيلىقتا بولالىسىمۇ ، ھەتتا ئەمما ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بىر قىسىم ھاياتىغىلا ھامىي بولالايدۇ ، ئەمما ئۇنى ھەر ۋاقىت ھەر خىل يامان ئىشلاردىن ، شۇنىڭدەك چەتنەپ چىقىپ كەتكۈدەك كۈچى يەتمەيدىغان بارلىق ئىشلاردىن توسۇشلارغا كۈچى يەتمەيدۇ . ئۇلارمۇ ھەم ئاللاھقا سېغىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ . پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە جىن ھەتتە بارلىق پەرىشتىلەر بىرلىشىپ بولسىمۇ بىر ئىنسانغا ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ پىشىۋاسى قىلىپ چىقىشتا ھامىي بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ھەتتا ئاللاھنىڭ ئادەتتىكىدەك ھامىيلىقى كۈچىگە يەتمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ يۈز يىللىق مابەينىدىكى دىنىي جەھەتتىكى ئىش ئىگىلىرىمىز بىزلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ شەكلى قىياپىتىنى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىشىغا ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى بىرمۇ بىر قەدەمدە بولۇپ ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك تەربىيلىگۈچى ، تەربىيلەشتە ئىزچىل ھامىي بولغۇچى پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە چىڭ ئېسىلىشقا ، بۇ خىل ئارغامچىسىغا ئېسىلىشقا سىلجىتىپ كەلدى . چۈنكى يۇرتنىڭ ئاتىسى بولماق ئۇنداق ئاسان ئەمەس ۋە بۇ خىل ئامانەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس .
قايسى بىر بەندە ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك يىتەكلىشىدە ئۆسكەن بولۇپ ، تەربىيلىنىشتىكى ھېكمەتنى چۈشەنگەن ۋە شۇ خىل ھېكمەتنىڭ سىرى قىممىتى بىلدۈرۈلگەن - بىرىلگەن بولسا ، ھەم يەنە ئۇنىڭغا قايسىكى ئىمتىياز بېرىلگەن بولسا ، ئۇنىڭ شۇ خىل رەۋىشتە ئىمتىياز ئىچىدە كىشىلەرگە ئىلىم بايان قىلماقلىقى زۆرۈر بولىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنى شۇ خىل ئىمتىيازدا ئىش ئىگىسى قىلىپ مەيدانغا چىقىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىش ئىگىلىرىنىڭ ئاۋال ئاللاھقا ئاسىي ئەمەسلىكى كۈزىتىلىنىدۇ . ئۇنىڭ مۇشرىك ئەمەسلىكى كۈزىتىلىنىدۇ . پاسىق ئەمەسلىكى كۈزىتىلىنىدۇ . ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىكى كۈزىتىلىنىدۇ . ئىش ئىگىلىرى ئەنە شۇنىڭدەك تولۇق رەۋىشتە ئىسلامىي ئىش ئىگىلىكىگە چۈشسە ، مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ بۇيرىغانلىرىغا ئىتائەت قىلىدۇ ، نېمىگە بۇيرىسا شۇنى ئۇرۇندايدۇ . باشقىسىنى ئاللاھقا قويىۋېتىدۇ . ئەمما ئىسلامسىزلا بولىدىكەن ، ئۇ مەگەر ئاتا - ئانىسى بولسىمۇ ئىتائەت قىلمايدۇ ، پەقەت ئۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ ھىسسىي تەرەپلىك سالغان يىتەكلىشىگە ئاساسەن ئاللاھ شۇ خىل كىشىلىرى ، ئىش ئىگىلىرى قايسى مەھەللە ، مەسجىد ، شەھەرلەر بولسا شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىدۇ . ئەگەر ئۇنچىلىكمۇ ئىمتىيازى بولماي قورغانغا ئېلىنىپ قالغان بولسا ، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئالاھىدە بىر خىل تەقدىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ( ئەسھابۇلفىل ) نى كۈتسە بولىدۇ . ئۇلارغا ئويلىمىغان يەردىن ئازاب نازىل بولىدۇ ، ھەتتا شۇ پىرئەۋنلەر مەلۇم رەۋىشتە دېڭىزنىڭ دولقۇنى ئارىسىدا قالىدۇ . ئاللاھ ھامىي بولسا ئەنە شۇنىڭدەك ھامىي بولىدۇ . ئاللاھ ئېيتتى ‹‹ ئى مۆئمىنلەر ! سىلەر غەلبىنى تىلىشەڭلەر ، غەلبە سىلەرگە ئاللىقاچان كېلىپ بولدى ›› . سىز ئاللاھ ئىرادە قىلىپ بېرىدىغان غەلبىنىڭ ئىپى - جىپىنىلا بىلسىڭىزلا سىز ئى مۆئمىن ! ھامان غەلبىنىڭ ئىچىدىكى ئادەم . مەيلى سىز قايسى تەقدىرى جىھادتا بولسىڭىزمۇ !!!
ئاللاھ ئېيتقان ‹‹ قايسى قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ ›› . بەندە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا بولسۇن بەزى ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ئىرادىلا قىلىدىكەن ، ئاغزىدىن چىقىرىدىكەن ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ شۇ خىل تىلىكىنىڭ جارى بولىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلىنىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئىلگىركى سۆزىگە ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن شۇ خىل تەقدىرى قىسمەتتىن ھېچ جارىسىزلا ھەتتە كۇفرى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ . شۇڭا ، ئېغىزلا ئىمان ئېيتتىم دەپ قويۇش بىلەن سىنالمايمىز تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلاپ قالمىسۇن ، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن خاتىرلىنىدۇ . كىيىن جارى قىلدىمۇ قىلمىدى ئەنگە ئېلىنىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارلىنىپ تۇرىلىدۇ . ئېغىزىدا ئىمان ئېيتتۇق دەپ قويۇش بىلەن كىيىن كۇفرىلىق قىلغانلار پەرىشتىلەرنىڭ ۋە مۆئمىنلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ . ئۇلارنىڭ دىندا ھېچقانداق ئېتىۋارى ۋە قىممىتى بولمايدۇ . گەرچە شەكلى ھالەتكە ئورىنىۋالغان تەقدىردىمۇ ؟!
كىملەركى ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئۆزىنى تاپشۇرىۋېتىپ ئىتجىھاتقا ئۆتىدىكەن ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك ئەڭ تۈز ، ئەڭ چاپسان داۋان ئاشىدىغان ۋە قىممىتى ، ساۋابىي ھەسسىلىنىدىغان ئالاھىدە قورغانى كەھفىگە يىتەكلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا كىرىشكە قىستايدۇ ۋە شۇلارنىڭ ھالىنى ياخشى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىنى ، ھەقىقەتلىكىنى ، زامانغا خاس قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەندىسىنى كىشىلەرنىڭ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تىز سۈرئەتتە قاراڭغۇلۇقتىن ، نادانلىقتىن يۇرۇقلۇققا ، ئۈستۈنلۈككە ، بىلمەيدىغان ھالەتتىن بىلىدىغان ھالەتكە چىقىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۇ خىل ھېكمىتىنى چۈشەنمەيدىغانلار بەزى بەندىلەرنىڭ ئىسلامغا ئىمان ئېيتىپ 2 - 3 يىل ئىچىدىلا ئالاھىدە ئىلىملەرگە ۋە ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشكىنىدىن شەك كەلتۈرىدىغان ، ئۇلارغا ھەسەت قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلانماق لازىمدۇر . ئەمما ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ، دىنىي قىممىتىنى سىناپ كۆرۈش كېرەككى ، دەججالنىڭ بىر سۈپىتى سايىدۇركى ،  ئەڭ ئەۋزەل ئۈستۈنلۈكتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىلمىسى ئۇنىڭغا ئەڭ چاپسان ھەم يۇقىدۇ . ئۇ ئەھلى ئىلىمدار ئەمەس ، بەلكى ئىلىمدارنىڭ چاپىنىدۇر . بۇ خىل چاپانلارنى ئەقىل ئىگىلىرى نەق تۇنۇپ ئۇلاردىن يانسا ، ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىدىن ئەسلى دەججالنىڭ چاپاندارلىرى يانىدۇ . شۇڭا قايسى بىر ساھە كەھفلىرى بولمىسۇن ، ھامان ئۇلارغا بەزى كۈچلەردىكى ‹‹ ئىت ›› لار ئەگەشكەن بولىدۇ .
شۇڭا مۆئمىننىڭ بىر سۈپىتى ھامان ‹‹ ئەگەر ئاللاھ شۇنىڭدەك ئىرادە قىلسا ، ئىرادە قىلغىنىغا قادىردۇر ، ئەگەر ئىرادە قىلمىسا ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ھەم قادىردۇر ›› دېگەنكى ئېتىقاد ئۇدۇم بولۇپ كېتىش كېرەك !!!

داۋامىي بار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koznak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-29 04:41 PM  


سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1261
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 07:47:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 03:14 PM
راسىت گەپ قىلغاندا قۇتادغۇ بىلىكتىنمۇ مۇشۇنداق «سىرلا ...

توۋا ....    كاللىڭىز جايىدىدۇ؟؟؟؟؟  

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش