تۈركىيەدە ئوقۇش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

Istanbul the capital of Turkey, eastern tourist city.

مۇقەددىمە

 

تۈركىيەدە ئوقۇش نورغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى. بۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. گەرچە، تۈركىيەدە ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق خىيالى بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستىمىسى ۋە ئوقۇتۇشى ھەققىدە سىستىمىلىق ئوچۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خەنزۇ تىلىدا كەم بولۇشى تۈپەيلى نورغۇن ئوقۇغۇچىلار مەقسەتسىزلا تۈركىيەگە كېلىپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئوقۇش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىقنىڭ ئاز بولۇشى ۋە پىلاننىڭ چالىلىقى تۈپەيلى نورغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە كىلىپ بولۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ. مەكتەپلەرگە قانداق كىرىش، قانداق كەسىپ ئوقۇش، قايسى مەكتەپتە ئوقۇش دېگەندەك ئۇچۇرلارنى بىلمەسلىك ۋە يىڭى كەلگەنلەرنىڭ تۈركچە سەۋىيەسىنىڭ يوق بولۇشى تۈپەيلى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرەلمەي قىممەتلىك ۋاقتىنى ۋە پۇلىنى ئىسراپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇيدۇ، دەپ يولغا سالغان بىلەن بالىلارنىڭ تەييارلىقى ۋە بىلىم سەۋىيەسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى، بالىلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرگە كىرىش نىسپىتى تۆۋەن بۇلىدۇ.

نەچچە يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش نىسپىتى تۇلىمۇ تۆۋەن بولغان. ئەمما، يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە لاياقەتلىك ئوقۇيالماسلىقىدەك سەلبىي ئوبرازىنى چىقىرىپ تاشلىماقتا. ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىنپتىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى يىڭىپ سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇ ياخشى باشلىنىش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە تىرىشمىسا باشقا چىقىش يولىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەنلىكىدىن بىشارەت بىرىدۇ.

تۈركىيەدە ئوقۇش بەزى ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئارزۇ ۋە كەلگۈسىدىن دېرەك بەرگەن ئىكەن، ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستىمىسى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش تۇلىمۇ مۇھىم.

مەن تۆۋەندە تۈركىيەدە تولۇق كۇرستا ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئاساس ئۇچۇرلارنى تەمىنلىدىم. بۇ ئۇچۇرلار تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ تۈركىيەگە كىلىشتىن ئىلگىرى تۇلۇق تەييارلىق بىلەن كىلىشى، كەلگەندىن كىيىن گاڭگىراپ ۋاقتىنى ۋە ئاتا-ئانىسنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ-چاچماسلىقى ئۈچۈن ياردەمچى بۇلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

تۈركىيەدە تولۇق كۇرس ئوقۇش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى خىل يولنى بېسىش كېرەك. بىرىنجىسى، يۆس ئىمتىھانىغا قاتنىشىش. ئىككىنجىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىش. نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۆس ئىمتىھانىغا قاتنىشىش تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە كىرىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش نىسپىتى تۇلىمۇ تۆۋەن. 2015-يىلى ۋە 2016-يىلى پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدىن تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىمسا قىلغانلار 100مىڭدىن كۆپ بولۇپ، قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى ئاران بەش مىڭ ئەتراپىدا. بۇ دېگەنلىك، ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ يىگىرمىدىن بىرى ئاران بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاش يۇلى پەقەت يۆس ئىمتىھانىغا قاتنىشىش بولماقتا.

 

1.يۆس ئىمتاھانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

 

يۆس ( YÖS) ئىمتاھانى تۈركچە Yabancı öğrenci sınavı يەنى چەتئەللىك ئوقوغۇچىلار ئىمتاھانىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقوغوچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئىمتاھانىدۇر. يۆس ئىمتاھانى 1981 – يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنىپ كەلگەن ، 2012- يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى بىر تۇتاش يۆس ئىمتاھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قارار قىلىشىنى بەلگىلىگەن. 2012 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە 30 غا يېقىن مەكتەپ ئۆز ئالدىغا ئىمتاھان ئېلىشنى قارار قىلغان. باشقا مەكتەپلەر ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىشتا بۇ مەكتەپلەرنىڭ يۆس ئىمتاھان نەتىجىسى ياكى باشقا تۈرلۈك ئىمتاھان نەتىجىلىرىنى ئىتراپ قىلىدۇ.

يېڭى يۆس ئىمتاھانىدا قايسى مەكتەپنىڭ ئىمتاھانىغا قاتنىشىش ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكى بولۇپ، ئوقوغۇچىلار شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى خالىغان بىر نەچچە مەكتەپنىڭ ئىمتاھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئىمتاھانغا قاتناشماقچى بولغان مەكتەپلەرنى تاللىغاندا ئالدى بىلەن ئۆزى ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ بۇ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئاساس قىلسا يەنە بىر جەھەتتىن بۇ مەكتەپنىڭ ئىناۋىتى ۋە دەرىجىسىنى ئويلاشسا بولىدۇ، مەكتەپلەر ئادەتتە دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتى ئۆزىدىن يۇقىرى بولغان مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

2012- يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا يۆس ئىمتاھانى ئېلىپ كەلگەن مەكتەپلەر: ئىستانبۇل ئونىۋېرستېتى، مارمارا ئونىۋېرستىتى، ئەنقەرە ئونىۋېرسىتېتى، ئەگە ئونىۋېرسىتېتى، ئۇلۇداغ ئونىۋېرسىتېتى، ئاقدېڭىز ئونىۋېرسىتېتى، چۇقۇرئۇۋا ئونىۋېرسىتېتى، ئەرجىيەس ئونىۋېرسىتېتى، سەلچۇق ئونىۋېرسىتېتى، قارادېڭىز تېخنىكا ئونىۋېرسىتېتى، سۇلايمان دەمىرەل ئونىۋېرسىتېتى، كوجائەلى ئونىۋېرسىتېتى، سامسۇن 19- ماي ئونىۋېرسىتېتى، ئانادولۇ ئونىۋېرسىتېتى، ئوسمان گازى ئونىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇل ئونىۋېرسىتېتىنىڭ نەتىجىسىنى يۈزگە يېقىن مەكتەپ، مارمارا ئونۋېرستىتىنىڭ نەتىجىسىنى توقسان ئەتراپىدا مەكتەپ، ئەنقەرە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ نەتىجىسىنى سەكسەن ئەتراپىدا مەكتەپ قۇبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەرگە تىزىملاتقاندا ۋە ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلغاندا بۇ بىر نەچچە مەكتەپنى ئاساس قىلسا ۋە بۇ مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسى بىلەن باشقا مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى تۈركىيەدىكى نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەرگە جۇڭگۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى (高考) نى ئىتراپ قىلىدۇ، بۇ ئىمتاھاندا 480 دىن يۇقىرى ئالغانلار تىزىملىتالايدۇ. يەنە بەزى مەكتەپلەر مەسىلەن، ئىستانبۇل تېخنىكا ئونىۋېرسىتېتى، بوغۇزئىچى ئونىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا شەرق ئونىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەر يۆس ئىمتاھانى ئالمايدۇ ياكى قۇبۇل قىلمايدۇ، بۇ مەكتەپلەر جۇڭگۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ياكى ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى (SAT) نەتىجىسى بىلەن ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ.

يۆس ئىمتاھانى ئۈچۈن ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش ۋە ئىمتاھان ۋاقىتلىرى بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، تىزىملاش ۋاقىتلىرى ھەر يىلى 1-ئاي ئەتراپلىرىدا باشلىنىپ 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئىمتاھان ۋاقىتلىرى بولسا ھەريىلى 4- ئايدىن باشلاپ 6- ئايغىچە بولغان ۋاقىتلارغا ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىمتاھانغا قاتنىشىپ تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن ھەرقايسى مەكتەپلەر ئىمتاھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ئادەتتە مەكتەپلەر ئىككى تۈرلۈك نەتىجە چىقىرىپ بىرىدۇ، بىرى 100 نۇمۇرنى تۇلۇق نۇمۇر دەپ ھېساپلاپ چىقارغان نۇمۇر، يەنە بىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ شۇ يىللىق ئۇمۇمى نەتىجىسىگە ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىرىلغان نۇمۇر، بۇ نۇمۇرنىڭ ئۆلچىمى ھەريىلى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن 2015- يىلىدا ئىستانبۇل ئونۋېرستىتىنىڭ تۇلۇق نۇمۇرى 75 نۇمۇر بولغان بولسا 2016- يىلى تۇلۇق نۇمۇر 71 بولغان. ئىمتاھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقوغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرىدۇ. ئادەتتە نۇمۇرى 40 نۇمۇردىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ھۇقۇقى بولىدۇ، ئوقوغوچىلار نۇمۇرى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن بىر قانچە كەسىپ تاللايدۇ، كەسىپلەرنىڭ نۇمۇر چېكى بۇ كەسىپكە تىزىملاتقان ئوقوغۇچىلارنىڭ نۇمۇرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، مەسىلەن مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر كەسىپكە ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانى 10 نەپەر بولسا، ۋە بۇ كەسىپكە 20 نەپەر ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولسا بۇ كەسىپنىڭ نۇمۇر سىزىقى 10 – ئوقوغۇچىنىڭ نۇمۇرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. نۇمۇر سىزىقى بىكىتىلگەندىن كېيىن ئوقوغۇچىلارنىڭ تاللىغان كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغانلىق ياكى قۇبۇل قىلىنمىغانلىق ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپلەر قۇبۇل قىلىنغان ئوقوغۇچىلارغا چاقىرىق يوللايدۇ، 8 – ئايلاردا ئوقوغوچىلار مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ۋە بۇ مەكتەپكە ئۆتكەن بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئىستانبۇل ئونۋېرستىتىنىڭ 2016 – ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىش كالىندارى تۈۋەندىكىچە:

‏4-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە ئىمتاھانغا تىزىملىتىش
4-ئاينىڭ 30- كۈنى ئىمتاھان ۋاقتى
5- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىمتان سۇئالىنى ئېلان قىلىش
‏5-ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە ئىمتاھان سۇئالىغا نارازىلىق
5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىمتاھان نەتىجىسىنىڭ ئېلانى
‏5-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە ئىمتاھان نەتىجىسىگە نارازىلىق
6- ئاينىڭ 13- كۈنى نارازىلىققا جاۋاپ
‏6-ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە ئارزۇ تۇلدۇرۇش
7- ئاينىڭ 11- كۈنى كەسىپكە قۇبۇل قىلىنىش ئېلانى
‏7-ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە قۇبۇل قىلىشقا نارازىلىق
7- ئاينىڭ 20- كۈنى نارازىلىققا جاۋاپ
7- ئاينىڭ 20- كۈنى چاقىرىق يوللاش

 

ئىمتاھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ئادەتتە پاسپورت، رەسىم ئېلىخەت، ۋە شەخسى ئۇچۇرلار لازىم بولىدۇ، مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى بىر ئاز پەرقلىق بولىدۇ، ئەمما تۈۋەندىكى ماتېرىياللار ھەممە مەكتەپ ئۈچۈن لازىم بولىدۇ.

 

1.1يۆس ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلايدىغان ماتېرىياللار:

تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر ھۆججەتنىڭ ئەسلىسى بىلەن تۈرك چەتئەل ۋاكالەتچىلىكلىرىنىڭ(Türk Dış Temsilcilikleri) تەستىقىدىن ئۆتكەن تۈركچە تەرجىمىسى

تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىسرلىكى ۋىلايەتلىك مائارىپ مۇدىرلىقلىرى(TC Milli Eğitim Bakanlığı İl Milli Eğitim Müdürlükleri) ياكى تۈرك چەتئەل ۋەكالەتچىلىكلىرى(Türk Dış Temsilcilikleri) مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنگە تەڭداش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىرىپ بەرگەن ماتېرىيال(Denklik Belgesi)

نامزات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان دەرسلىرى، دەرس نەتىجىلىرى ۋە بۇ ماتېرىياللارنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن(noter) ئۆتكۈزۈلگەن ياكى تۈرك چەتئەل ۋەكالەتچىلىكلىرىنىڭ تەستىقلىغان نۇسخىسى

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى YÖS ئىمتىھان نەتىجىسى

پاسپورتىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى كۆرسىتىدىغان بېتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن(noter) ئۆتكۈزۈلگەن ياكى تۈرك چەتئەل ۋەكالەتچىلىكلىرىنىڭ تەستىقلىغان نۇسخىسى

ئەگەر بار بولسا خەلقئارالىق تىل ئىمتىھانلىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە تۈرك تىلىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپساتلايدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن(noter) ئۆتكۈزۈلگەن ياكى تۈرك چەتئەل ۋەكالەتچىلىكلىرىنىڭ تەستىقلىغان نۇسخىسى

ئىقامەت (تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسەتنامىسى) – مەكتەپكە تىزىملانغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر ئاي ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك

سەككىز تال 4.5×6.0 چوڭلۇقتىكى رەسىم (يېقىنقى ئالتە ئىچىدە ئىچىدە چۈشكەن رەسىم)

ئوقۇش پۇلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بانكا ھېساباتىغا تۆلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بانكا ئىسپاتى

ئىقتىسادىي كاپالەت بايانى

بۇ ماتېرىياللار ئوقوغۇچىلار مەكتەپكە رەسمىي تىزىملاتقاندا لازىم بولىدۇ، 2017- يىللىق ئىستانبۇل ئونۋېرستېتى ئۈچۈن بۇ ماتېرىياللار 2017- يىلى 8- ئايغىچە تەييار قىلىنسا بولىدۇ، بەزى ئونۋېرستىتلار ئارزۇ تۇشقۇزغاندا بۇ ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى سەل بۇرۇن تەييار قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

1.3يۆس ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى

 

ئۆلچەملىك بىر يۆس ئىمتاھانىدا 80 سۇئال بار بولۇپ ئىمتاھان ۋاقتى 120 مىنۇت. سۇئال ئادەتتە ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى (IQ) ، ماتېماتىكا ۋە گىئومېتىرىيەدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى 45 دانە، ماتېماتىكا 30 دانە، گىئومېتىرىيە 5 دانە بولىدۇ، ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ سۇئاللىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ.

ئىمتاھان سۇئالىنىڭ مەزمۇنى بولسا تۈۋەندىكىچە:

گىئومېتىرىيە

چەمبەردىكى بۇلۇڭلار

چەمبەردە ئۇزۇنلۇقلار

چەمبەردە يۈز تېپىش

ئۈچبۇلۇڭدا ئۇزۇنلۇقلار

ئۈچبۇلۇڭدا بۇلۇڭلار

ئۈچبۇلۇڭدا يۈز تېپىش

ئۈچبۇلۇڭدا بېسىكتىرىسا

ئۈچبۇلۇڭدا نېيترال

ئۈچبۇلۇڭدا ئوخشاشلىق

كۋادراتتا ئۇزۇنلۇقلار

كۋادراتتا بۇلۇڭلار

كۋادراتتا يۈز تېپىش

تىك تۆتبۇلۇڭدا ئۇزۇنلۇقلار

تىك تۆتبۇلۇڭدا بۇلۇڭلار

تىك تۆتبۇلۇڭدا يۈز تېپىش

تۆت تەرەپلىكتە بۇلۇڭلار

تۆت تەرەپلىكتە بۇلۇڭلار

پاراللېل تۆت تەرەپلىكتە ئۇزۇنلۇقلار

پاراللېل تۆت تەرەپلىكتە بۇلۇڭلار

پاراللېل تۆت تەرەپلىكتە يۈز تېپىش

تىراپىسىيەدە ئۇزۇنلۇقلار

تىراپىسىيەدە بۇلۇڭلار

تىراپىسىيەدە يۈز تېپىش

كۆپ تەرەپلىكتە ئۇزۇنلۇق

كۆپ تەرەپلىكتە بۇلۇڭ

ماتېماتىكا

سانلار

كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجرىتىش

تەڭلىمە يېشىش

توپلام

ماتېماتىكىدا يېڭى بەلگىلەر

نىسبەت ۋە تاناسىپ

كۆپ ئەزالىق

لوگارىفما

كومپلېكس سان

ترىگونومېترىيىلىك فۇنكسىيە

فۇنكسىيە

لىمىت

ھاسىلە

ئىنتېگرال

سىزىقلىق ئالگېبرا

ئېھتىماللىق

گەرچە يۆس ئىمتاھان سۇئالىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر ئاز تۆۋەن بولسىمۇ ئىمتاھان سۇئالى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ كەڭلىكى ۋە بىرىلگەن ۋاقىتقا نىسبەتەن سۇئالنىڭ مىقدارىنىڭ ئالاھىدە جىق بولۇشى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر نوقتىغا سەل قارىماي ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلىشىنى ۋە سۇئالنى تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىشنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەتتا ئىمتاھان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ھاسىلە، ئىنتېگرال، سىزىقلىق ئالگېبرا قاتارلىق بىر نەچچە مەزمۇن ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ئۆگىنىپ باقمىغان مەزمۇنلار بولغاچقا بۇ مەزمۇنلارغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۆس ئىمتاھانىنىڭ تەييارلىق قىلىش ۋاقتى ئادەتتە بىر يىلدىن ئالتە ئايغىچە بولسا بولىدۇ، بىلتېز دەرسخانىسىنىڭ ئىككى يىللىق تەجرىبىسى ۋە ئىككى يىللىق سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ئىمتاھانغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىكى نەتىجىسى ھەرقانچە ياخشى بولىشىدىن قەتئىنەزەر تەييارلىقسىز ئىمتاھانغا كىرسە نەتىجىسى ئالاھىدە تۆۋەن بولغان، ئىلگىرىكى نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ بىر يىل تەييارلىق قىلغان لېكىن مۇنتىزىم تەييارلىق قىلمىغانلارنىڭ نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان. بىر يىل ئىچىدە مۇنتىزىم تەييارلىق قىلىش يۆس ئىمتاھانىدا ياخشى بىر نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن بەكمۇ زۈرۈر شەرت بولغان.

تۈۋەندە ئىستانبۇل ئونۋېرستېتىنىڭ 2016- يىللىق يۆس ئىمتاھانىنىڭ سىتاتىستىكىسى بىرىلدى. ئىستانبۇل ئونۋىرسىتىتى 2016-يىللىق يۆس ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ قىسقىچە ستاتىسىتىكىسى

تۈر قېتىلغان ئوقۇغۇچى سانى ئىمتىھان ئوتتۇرىچە نومۇرى
بارلىق ئوقۇغۇچىلار 9330 49,80
ئۇيغۇر ئوقۇغوچىلار 304 45,44
بىلتېز دەرسخانىسى ئوقۇغۇچىلىرى 63 57,08

 

بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر نەرسە شۇكى، 2016- يىللىق يۆس ئىمتاھانىدا بىلتېز دەرسخانىسىدا ئوقۇغان ئوقوغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك ياخشى بۇلۇشتىن باشقا ئالىي مەكتەپلەرگە ئۈتۈش نىسبىتىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولغان. ئىستانبۇل ئونۋېرستېتىنىڭ بۇ يىللىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سانى 300 گە يەتمەيدۇ، لېكىن ئىمتاھانغا قاتناشقان بالا 9000 دىن جىق. دىمەك ئىمتاھانغا قاتناشقان 30 ئوقوغۇچىدىن بىرى ئارانلا قۇبۇل قىلىنىدۇ دېگەن گەپ. دەرسخانىمىزدا ئوقۇغان ئوقوغۇچى 63 نەپەر ۋە پەقەت ئىستانبۇل ئونۋېرستېتىغىلا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى 24 نەپەر، يەنى ئەڭ ئاز دېگەندە 3 ئوقۇغۇچىدىن بىرى ئىستانبۇل ئونۋېرستېتېغا قۇبۇل قىلىندى. 30 دىن بىرى ۋە 3 تىن بىرى،ھەقىقەتەن كۈرۈنەرلىك نەتىجە.

 

1.4بىلتېز دەرسخانىسىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلىشى

 

بىلتېز دەرسخانىسى 2014- يىلىنىڭ ئاخىرى ئىستانبۇلدا تۇلۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن بىر نەچچە ئىلغار پىكىرلىك ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، دەرسخانىمىز يۆس، ئالېس ( ALESتۈركىيەنىڭ ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقوغوچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئىمتاھانى) ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىش، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە تىل تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇماقچى بولغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق قىيىنچىلىقى بولسا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ كىلىۋاتقان بىر بىر مەركەز. دەرسخانىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە(2016-يىلى 6-ئايغىچە) 17 قارار ماتېماتىكا سىنىپى( يۆس تەييارلىق سىنىپى، تۇلۇقسىز تۇلۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكى سىنىپى، ئالېس تەييارلىق سىنىپى)، 31 قارار تۈركچە سىنىپ(2016-يىلى 6-ئايغىچە)، 2 قارار ئىنگىلىز تىلى سىنىپ(2016-يىلى 9-ئايغىچە)  ئوقۇغۇچىللىرى دەرسخانىمىزدا ئوقۇشنى تاماملىدى.

بىلتىز دەرسخانىسىدا دەرس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار 13 نەپەر بولۇپ، ھەممىسى تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە تۇلۇق كۇرس ۋە ماگېستىرلىق ئوقۇشلىرىنى تاماملىغان ياكى داۋام قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردۇر. بىلتىز دەرسخانىسىدا دەرس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ مائارىپ، ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا مول تەجىرىبىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلاردۇر. بۇ سەۋەپتىن تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان ياكى ئوقۇش ئۈچۈن كىلىپ ئىنىق نىشان تىكلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار بىلتىز دەرسخانىسىغا كەلسە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەتلىك بىر قەدەم باسقان بۇلىدۇ.  بىلتىز دەرسخانىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قۇلىدىن كىلىشچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. بىلتىز دەرسخانىسىنىڭ تور ئادرېسى: http://biltiz.com

 

1.4 تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلەر بۇيىچە دەرىجىسى

ئەسكەرتىش

  1. بۇ دەرىجە تۈركىيە ئالىي مەكتەپ كىرىش نەتىجە سىزىقىغا ئاساسەن تەييارلاندى.

2.دەرىجىگە تۇرغۇزغاندا ئىستانبۇل تېخنىڭ ئونۋېرستىتى ۋە بوغازئىچى ئونۋېرستىتىغا ئوخشاش YÖS قۇبۇل قىلمايدىغان مەكتەپلەر چىقىرىۋېتىلدى.

3.بۇ دەرىجە يۈزدە يۈز توغرا مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالىشى ناتايىن، ئەمما مەكتەپ تاللىغاندا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

 

كەسىپلەر بۇيىچە دەرىجىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەسىپ نامىنى بېسىڭ

 

مىمارلىق

تۈرك تىلى ئەدەبىياتى

باشقۇرۇش پەنلىرى

خەلقئارا سودا

دوختۇرلۇق

تارىخ

مودا لايىھەلەش

ئىقتىساد

سېستىرالىق

ئىنگلىزچە

ساياھەتچىلىك

سىياسەت

ماشىنا ئىنژېنىرلىقى

ئېلانچىلىق

تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى

جەمئىيەتشۇناسلىق

كومپيۇتېر ئىنژېنىرلىقى

چىش دوختۇرلۇقى

دورىگەرلىك

فىزىكىلىق داۋالاش

مېھمانخانا باشقۇرۇش

 

2.تۈركىيەدە دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇش

 

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلىدىن باشلاپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ھالدا دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان بولۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بۇلالايدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى باشقا دۆلەتلەر مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش  بىلەن ئادەمنى ئاساس قىلغان ئۇسۇلدا مول بولغان دۇنياۋىي ئۇچۇربىلەن تەمىنلەش .ئىلتىماس قىلغۇچى پەقەت تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تور بېكىتى ئارقىلىقلا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئىلتىماس قىلىش تور ئادرېسى بولساwww.turkiyeburslari.gov.tr ۋە www.trscholarships.org  مۇشۇ ئىككى ئادرېستىن خالىغان بىرىنى چېكىپ كىرىش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ .
تۈركىيە تەرەپ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلىمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلنىپ ئوقۇغۇچى تاللايدۇ. ئىلتىماسي مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلار ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن مۇلاقەت (يۈز تۇرانە ئىمتاھان) كە چاقىرىلدۇ. مۇلاقەت ئاخىرلىشىپ يەنە تەخمىنەن بىرئايدىن كېيىن مۇلاقەتنىڭ نەتىجسسى ئۇقتۇرۇلدۇ . بۇ ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلىش تور بېتىگە تىزىملىىتىپ كىرگەن چاغدا ئىشلەتكەن ئېلىخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىلىدۇ. تاللىنىپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى ئاساسىدا ئۆزىگە ماس بولغان ئوقۇش مۇكاپاتغا ئېرىشەلەيدۇ.

2.1تۈركىيە ھەرقايسى قاتلام ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ  تەلىپى

تۈركىيەدە ئالىي مائارپ قوشۇمچە باكلاۋۇرلۇق،  باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىر، دوكتۇرلۇق ئۇنۋان بېرەلەيدىغان ئالىي مەكتەپ، ئوقۇل، ئورگان، مۇزىكا ئوقۇللىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەر. ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، تۈركىيەدە 176 ئالىي مەكتەپ بار ، بۇنىڭ ئىچىدە 103ى دۆلەتلىك ئونۋېرىستىت ، قالغان 73ى بولسا شەخسىي ئونۋېرىستىت. يېقىنقى يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە تور ۋە باشقا ۋاستىلەرئارقىلىق مائارپنى قۇبۇل قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار 35 مىليۇن . تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇ-ئۇقۇتۇش ئادەتتە كۈزلۈك ۋە ئەتيازلىق ئىككى مەۋسۇمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مەكتەپلەردە يازلىق مەۋسۇممۇ بولىدۇ. تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۇقۇماقچى بولغان مەكتەپنىڭ دەرىسلىك تىلىغا پىششىق بولىشى تەلەىپ قىلىنىدۇ. تۈركىيە مەكتەپلىرنىڭ دەرىسلىك تىلى كۆپىنچىلىرى تۈرك تىلىدا بولىدۇ . بەزىلىرنىڭ ئېنگىلىزچە ، فىرانسۇسچە ، گېرمانچە بولۇپ ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ. قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان مەكتەپنىڭ دەرىسلىك تىلىغا خام بولسا ياكى تىل سەۋىيە تەلىپىگە يەتمىسە ، بىريىل تەييارلىق قوشۇپ ئوقۇپ تىل ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا تۈركچە دەرىسلەرمۇ ئۆتۈلىدۇ.

2.2 باكلاۋۇر( تۇلۇق كۇرس) لۇق پىروگىراممىسنىڭ ئوقۇشقا  كىرىش تەلىپى 

خالىغان تۇلۇق كۇرس كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچى تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىگە بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . ھەربىر ئالىي مەكتەپ ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان تەلەپكە ئاساسەن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ.

2.3 ئاسپىرانتلىق پىروگىراممىسنىڭ ئوقۇشقا كېرىش تەلىپى

تۈركىيەدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئادەتتە ماگىستىرلىق ، دوكتۇرلۇق ۋە ئاپراتلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدىغان كەسىپلەشكەن داۋالاش پىروگىراممىلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلىشتا لازىملىق ماتېرياللاردىن : ئىلگىرىكى تاماملاپ بولغان ئوقۇشنىڭ دىپلوم ۋە نەتىجە ، تونۇشتۇرۇش خېتى ، ئىلتىماس قىلغان تۈر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش . ئەگەر تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولسا ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئىمتاھان نەتىجىسى. ئېنگىلىزتىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدىغان ئالىي مەكتەپلەر خەلقئارادا ئېتراپ قىلىدىغان ئېنگىلىزتىل ئىمتاھان نەتىجىسى ، مەسىلەن، TOFLE ,GRE, GMAT قاتارلىق . ئوخشىمىغان ئالىي مەكتەپ ۋە تۈرلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تەلەپلىرمۇ ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە ئىلتىماس قىلىشى لازىم.
تۈركىيەنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش پىروگىراممىسى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، بىرخىلىدا ئۇنۋان ماقالىسى يېزىش لازىم ، يەنە بىر خلىدا ئۇنۋان ماقالىسى يېزىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.  ئۇنۋان ماقالىسى يېزىش تەلەپ قىلىدىغان تۈرى بولسا 7پەن دەرىس ، بىرقېتىملىق تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنىنى ۋە بىرپارچە ماقالنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئۇنۋان ماقالىسى يېزىش تەلەپ قىلىنمايدىغىنى بولسا 10پەن دەرىس ۋە بىرقېتىملىق تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.  ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى تاماملاش ئۈچۈن نورمال ئەھۋالدا 2يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

2.4 دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەلىپى 

دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسى ئەڭ ئاز بولغاندا 7 پەن دەرىس ، سەۋىيە ئىمتاھانى ۋە بىرپارچە ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . نورمال ئەھۋالدا دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسىنىڭ دەرىسلىرنى تاماملاشىقا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا تۆت مەۋسۇم ، تەتقىقات تۈرىنى تاماملاشقا 8 مەۋسۇم كېتىدۇ. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بولۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى باكلاۋۇرلۇق(تۇلۇق كۇرس) دىپلومىغا ئاساسەن ، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىغا بىراقلا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇ تۈر ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇق مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2.5تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات تۈرى

2.5.1 ئاسپىرانىت ئوقۇش مۇكاپاتى

تۈركىيە ئاسپىرانىت ئوقۇش مۇكاپات تۈرى ئەلى قۇشچى پەن تېخنىكا ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئىبنى خەلدۇن ئىجىتمائىي پەنلەر ئوقۇش مۇكاپاتى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلى قۇشچى پەن تېخنىكا ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا مەخسۇس تەبئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، ۋە تېخنولوگىيە پەنلىرى ساھەسىدە ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىسس قىلىنغان . ئىبنى خەلدۇن ئىجىتمائىي پەنلەر ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا مەخسۇس ئىجىتمائىي پەنلەر ساھەسىدە ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىسس قىلىنغان. بۇ ئىككى تۈر ئوخشاشلا ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ. ھەمدە پۈتكۇل دۇنيا مىقياسىدكى تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان شەرتكە ماس كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەلى قۇشچى پەن تېخنىكا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2.5.2 باكلاۋۇر (تۇلۇق كۇرس)  ئوقۇش مۇكاپاتى

2.5.2.1تۈركىيە ئافرىقا ئوقۇش مۇكاپاتى

تۈركىيە ئافرىقا ئوقۇش مۇكاپاتى تۆۋەندىكى ئافرىقا دۆلەتلىرى پۇقرالىرىغا قارىتىلغان :

ئانگولا خەلق جۇمھۇريىتى ، بېنىن جۇمھۇريىتى ، بوتسىۋانا جۇمھۇريىتى، بۇركىنا فاسو ، بۇرۇندى جۇمھۇريىتىي، ئالجىريە، جىبۇتى جۇمھۇريىتى، چاد جۇمھۇريىتى، ئېفئوپىيە خەلق دېمۇكىراتىك جۇمھۇريىتى، ماراكەش، كوتىدى ئىۋوئېر جۇمھۇريىتى، گانا، كېنىيە ، جەنۇبىي ئافرىقا ، كومورو ئىسلام فېدراتىۋ جۇمھۇريىتى، گانگو، گانگو دېمۇكىراتىك جۇمھۇريىتى، ماداغاسقار دېمۇكىراتىك جۇمھۇريىتى، مالى جۇمھۇريىتى، نىگېر جۇمھۇريىتى، نىگىريە، لىۋىيە، سېنگال جۇمھۇريىتى، سۇمالىي ، تانزانىيە، تۇنىس، ئۇگەندا، ئېكۋاتور گىۋىنىيسى، كامېرون جۇمھۇريىتى، گابون جۇمھۇريىتى، گامبىيە جۇمھۇريىتى، گىۋىنىيە جۇمھۇريتى، گىۋىنىيە بىسساۋ جۇمھۇريتى، لېسوتو پادىشاھلىقى، لىبېرىيە جۇمھۇريتى، مالاۋى جۇمھۇريتى، ماۋرىتىئۇس، ماۋرتانىە، موزابېك، نامبىيە، سېيشىل جۇمھۇريتى، سېررالېئون جۇمھۇريتى، سۋېزلاند پادىشاھلىقى، توگو جۇمھۇريتى، زامبىيە، زىمبابۋې جۇمھۇريتى، مىسىر، سۇدان، جەنۇبىي سۇدان، ئېرىترىيە، راۋاندا جۇمھۇريتى، يېشىل تۇمشۇق جۇمھۇريتى، سان تومې ۋە پرىنسىپى دېمۇكىراتىك جۇمھۇريىتى.

2.5.2.2بوغاز ئىچى ئوقۇش مۇكاپاتى

بوغاز ئىچى ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى بولسا تۆۋەندىكى دۆلەر ۋە رايۇندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ:
ئانتىگۇا ۋە باربۇدا، ئارگېنتىنا، باھاما، بەھرەيىن، باربادوس،  ئىمارات (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى)، بولىۋىيە جۇمھۇريىتى، بىرازىليە، بىرۇنىي، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى، شەرقىي تىمور دېمۇكىراتىك جۇمھۇريىتى، دومىنكا جۇمھۇريىتى، ئېكىۋاتور، سالۋادور جۇمھۇريىتى، ھىندۇنىزىيە، فلىپپىن، گرېنادا، گۋاتېمالا جۇمھۇريىتى، كورىيە، گايتى جۇمھۇريىتى، ھىندىستان، جۇڭگۇ شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇري رايۇنى، يامايكا، ياپۇنىيە، قاتار، كىرىباتى جۇمھۇريىتى، كامبودژا، كولومبىيە، كۇۋەيىت، كۇبا، لائۇس،  جۇڭگۇ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇري رايۇنى، مالدىۋى جۇمھۇريىتى، مالايسىيا، مىكسىكا، تاشقى مۇڭغۇلىيە، سىرلانكا، نىپال، پاراگۋاي جۇمھۇريىتى، پىرو، ساينىت كىتىس ۋە نېۋىس، ساينىت لۇسىيە، ساينىت ۋىنىسېت ئارىلى ۋە گرېنادىنىس تاقىم ئاراللىرى، ساموئا، سىنگاپۇر، سولومون تاقىم ئاراللىرى، بىرما، سەئۇدى ئەرەبىستان، چىلى، تايلانت، تەيۋەن، تىرىنداد ۋە توباگو جۇمھۇريىتى، تۇۋالۇ(ئەنگىلىيەدە)، ئوممان، ئۇراگۋاي جۇمھۇريىتى، ئانۇئاتۇ جۇمھۇريىتى، ۋېنىسۇئىلا، ۋېيىتنام.

2.5.2.3 بالقان يېرىم ئارىلى ئوقۇش مۇكاپاتى

بالقان ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا تۆۋەندىكى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان:
ئالبانىيە، بوسنىيە-گېرتسگوۋېنا، بۇلغارىيە، كرودىيە، موتېنگىرو جۇمھۇريىتى، كوسوۋو، ماكدونىيە جۇمھۇريىتى، سېربىيە، سلوۋېنىيە ۋە گىرىتسيە.

2.5.2.4خارران ئوقۇش مۇكاپاتى
خارران ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا تۆۋەندىكى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان:
ئىراق، ئىران، لىۋان، پاكىستان، سۈرىيە، بىنگال، ئافغانىستان، تاجىكىستان، ئىئوردانىيە، پەلەستىن، يەمەن ۋە ئسرائىلىيە.

2.5.2.5قارا دېڭىز ئوقۇش مۇكاپاتى
قارا دېڭىز ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بولسا تۆۋەندىكى دۆلەتتكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان: بىلروسىيە، چېىخ ، ۋىنگىرىيە، ئەرمنىيە، ئىستونىيە، لاتۋىيە ، لىتۋانىيە ، مولدوۋا، گروزىيە، رومىنيە، روسىيە، ئۇكرائىناجۇمھۇريىتى قاتارلىقلار.
بۇ مۇكاپات تۈرى مىدىتسىنا، ئىسلام تەتقىقاتى، تۈرك تىل ئەدەبىياتدىن باشقا تۇلۇق كۇرس كەسىپلىرىگە ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ.

2.5.2.6تۈرك تىلى دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى

تۈرك تىلى دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى دۆلەت ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان:
ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىمەنىستان ۋە شىمالىي سىپۇرۇس تۈركىيە جۇمھۇريىتى.
يۇقارقى تۇلۇق كۇرس ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بولسا مېدىتسىنا، ئىسلام تەتقىقاتى، تۈرك تىل ئەدەبىياتدىن باشقا بارلىق تۇلۇق كۇرس كەسىپلىرىگە ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىنلەيدۇ. تۇلۇق كۇرس ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بولسا دۆلەت ۋە رايۇنلارغا بۇيىچە ئايرىم ئايرىم تەمىنلىنىدۇ.

2.5.2.7تارماق ئوقۇش مۇكاپاتى

تارماق ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا ھەرقايسى تارماقلار پەنلەر بويىچە، يەنى  كەسىپلەر بۇيىچە تەسىس قىلىغان مۇكاپات تۈرىدۇر.

2.5.2.7.1ئىبىن سىنا تىبابەت پەنلىرى ئوقۇش مۇكاپاتى

ئىبىن سىنا تىبابەت پەنلىرى ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ. بۇ ئوقۇش مۇكاپات تۈرى تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغانلارغا تەمىنلىنىدۇ.

2.5.2.7.2  يۇنۇس ئەمرە تۈرك تىلى ئوقۇش مۇكاپاتى
يۇنۇس ئەمرى تۈرك تىلى ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا تۈرك تىلى ئۆگۈنۈش ئىستىكى بار ئوقۇغۇچىلارغىلا تەمىنلىنىدۇ. بۇ ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بولسا تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان تولۇق كۇرىستا، ماگىستىرلىقتا ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ.

2.5.2.7.3ئىسلام پەنلىرى ئوقۇش مۇكاپاتى
بۇ ئوقۇش مۇكاپات تۈرىمۇ ئوخشاشلا تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان مەخسۇس ئىسلام پەنلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تولۇق كۇرىستا، ماگىستىرلىقتا ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ.

2.5.2.7.4 تەنتەربىيە ئوقۇش مۇكاپاتى
بۇ ئۇقۇش مۇكاپاتى بولسا مەخسۇس تەنتەربىيەگە قىزىقىدىغان، تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇشنى خالايدىغان ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار سىنىقىدىن(تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان بىر خىل ئىمتاھان تۈرى) ئۆتكەن،  تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان تولۇق كۇرىستا، ماگىستىرلىقتا ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ. تەنتەربىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا شەرتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، مۇشۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ، ئەگەر تۈرك تىلىغا پىششىق بولمىسا، بىريىللىق تۈرك تىلى ئۆگىنىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇشۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئۆزى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەردىن بىر مەكتەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئوقۇشقا كىرىش ئىمتاھانى ، يەنى ئالاھىدە ئىقتىدار سىنقىدىن ئۆتۈپ  ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

2.5.2.7.5سەنئەت ئوقۇش مۇكاپاتى
بۇمۇ تەنتەربىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئوخشايدىغان بولۇپ، سەنئەت ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا مەخسۇس سەنئەت كەسىلىرىدە ئوقۇش ئىستىكى بار، ھەمدە ئالاھىدە ئىقتىدار سىنىقىسدىن ( سەنئەت كەسىپلىرىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار بېرىشى زۆرۈر بولغان بىرخىل ئىمتاھان تۈرى) ئۆتكەن، تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان تولۇق كۇرىستا، ماگىستىرلىقتا ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىنىدۇ ئوقۇغۇچىلارغىلا تەمىنلىنىدۇ.  سەنئەت ئوقۇش مۇكاپاتىمۇ ئوخشاشلا شەرتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، مۇشۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ، ئەگەر تۈرك تىلىغا پىششىق بولمىسا، بىريىللىق تۈرك تىلى ئۆگىنىش خىراجىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇشۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئۆزى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەردىن بىر مەكتەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئرىشىشىپ،  ئوقۇشقا كىرىش ئىمتاھانى ، يەنى ئالاھىدە ئىقتىدار سىنقىدىن ئۆتۈپ  ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

2.5.3  قىسقا مۇدەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى

2.5.3.1  چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئىلىمدارلىرىغا قارىتىلغان ئوقۇش مۇكاپات تۈرى

كاتىپ (KATiP) ئوقۇش مۇكاپات تۈرى بولسا تۈركىيە باش مېنىستىرى چەتئەل دۆلەت رەھبەرلىرى ، ئىلىمىي خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرنىڭ تۈركىيەنى تەتقىق قىلىش ھەمدە تۈركىيە ھەقىدە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنچىگە ئېگە بۇلۇش ئۈچۈن تەسىس قىلنىغان ئوقۇش مۇكاپات تۈرى ھېسابلىنىدۇ. مۇكاپاتقا بەھرمان بولغۇچى پىلان مەزگىلىدە ئىستانبول ئونۋېرسىتىتىنىڭ تىل تەربىيلەش مەزگىلىدە8 ئاي تۈرك تىلى ئۆگىنىدۇ. ھەمدە مۇشۇ مەزگىلدە تەتقىاتچىلارنىڭ تۈركىيە تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈركىيە ھەققىدىكى بىلىم ۋە چۈشەنچىلىرنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ھەرخىل تەتقىقات  مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ، ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولغۇچى تۈركىيە دىپلوماتىيە ئورگانلىرى(چەتئەلدىكىە ئىش بىجرىش ئورۇنلىرى) تەۋسىيە قىلغان نامزاتلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . دىپلوماتىيە ئورگانلىرى تەۋسىيە قىلغان ۋە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تور ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2.5.3.2  ياردەم ئوقۇش مۇكاپاتى 
ياردەم ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى بولسا مەخسۇس ھالدا تۈركىيە ئونۋېرىستىتلىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇيدىغان ، ھېچقانداق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن ، ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتىن قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىندۇ . ھەريىللىق ئىلتىماس تەلەپلىرى ۋە باسقۇچلىرى كومېتىت تەرپىدىن ئۇقتۇرۇلىدۇ.

2.5.3.2   مۇۋەپپىقىيەت ئوقۇش مۇكاپاتى
مۇۋەپپىقىيەت ئوقۇش مۇكاپاتى  ياردەم ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئوخشاشلا مەخسۇس ھالدا تۈركىيە ئونۋېرىستىتلىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇيدىغان ، ھېچقانداق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن ، ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتىن قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىندۇ . ھەريىللىق ئىلتىماس تەلەپلىرى ۋە باسقۇچلىرى كومېتىت تەرپىدىن ئۇقتۇرۇلىدۇ.

2.5.3.4  تەتقىقات ئوقۇش مۇكاپاتى

تەتقىقات ئوقۇش مۇكاپاتى بولسا مەخسۇس دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغىلا تەمىنلىندىغان بولۇپ، تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى چۇقۇم مەلۇم ئونۋېرىستىتنىڭ قۇبۇل قىلىش چاقىرىقىنى ۋە شۇ ئونۋېرىستىتنىڭ تىل تەلىپىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.

2.6تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تەمىناتى

2.6.1تۇرمۇش خىراجىتى
ئۇمۇمەن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بارلىق  ئوقۇغۇچىلار ھەرئايدا  تۇلۇق كۇرىسنىڭ  600 لىرا ( تەخمىنەن 1200 يۈەن)، ماگىستىر 800 لىرا (تەخمىنەن 1800 يۈەن)،  دوكتۇرلۇقنىڭ 1200 لىرا (تەخمىنەن 2500 )يۈەن بولىدۇ. تەتقىقات ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ ھەر ئايدا ئادەتتە 3000 لىرا (تەخمىنەن6000 يۈەن) ئەتراپىدا بولىدۇ.
2.6.2ياتاق
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى مەكتەپ تەمىنلىگەن ھەقىسىز ياتاقتا تۇرسا بولىدۇ، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيدۇ.مەكتەپنىڭ ياتىقىدا تۇرغۇسى بولمىسا ئوقۇغۇچى ئۆزى پۇل خەجلەپ سىرىتتىن ياتاق ئېلىپ تۇرسىمۇ بۇلىدۇ.
2.6.3ئوقۇش پۇلى
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مەگىلىدە ئوقۇش پۇلى ۋە ھەرقانداق تەربىيلىنىش ھەققى تاپشۇرمايدۇ.
2.6.4داۋالىنىش خىراجىتى
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى تۈركىيەدىكى ئوقۇش مەزگىلىدە ئاممىۋىي ساغلاملىق سوغۇرتىسىدىن بەھىرمان بولالايدۇ.
2.6.5تۈرك تىلى دەرىسلىكى
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى قۇبۇل قىلىنغان مەكتەپنىڭ تەلىپىگە يەتكەن تۈرك تىلى تىل نەتىجسى بولمىسا ، بىريىل تۈرك تىلى تىلىدىن تەييارلىق ئوقۇيدۇ. ئەگەر تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلغان مەكتىپىنىڭ دەرىسلىك تىلى  تۈرك تىلى بولمىسا ، تۈرك تىلى دەرىسلىكنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشى كېرەك.
2.6.6قاتناش خىراجىتى
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىغا تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق تۈركىيەگە كېلىش ۋە قايتىش ئايروپىلان بېلىتى ھەقىسىز تەمىنلىنىدۇ.

 

ئاخىرقى سۆز

تۈركىيەنىڭ  مائارپ تەرەققىياتى ۋە سۈپىتى باشقا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن  ئىلتىماس قىلىش تەلىپى تۆۋەن ، تەمىناتى ياخشى بولۇش  ، ئۆرپ ئادەت ، يېمەك ئىچمەك ،تىل جەھەتتە يېقىن ۋە دىنىي ئېتقاد جەھەتتە ئوخشاش  بولۇش، مۇھىتى گۈزەل ۋە پاكىزە بولۇش ،ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قوبۇل قىلدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق سان بەلگىلەپ بېرىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن رايۇنىمىزدىكى ئوقۇشى ياخشى، ئوقۇش ئىستىكى كۈچلۈك، ئائىلىىسدە ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولالايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تۈركىيەدىكى ئازساندىكى بىرنەچچە مەكتەپتىن باشقا ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىسلىك تىلى تۈركچە بولۇپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ چەتئەل تىلى سەۋىىيىسگە ، جۈمىلدىن ئېنگىلىزتىلى سەۋىيىسىگە تەلىپى يۇقىرى ئەمەس ياكى يوق بولۇپ، ئېنگىلىزتىلى سەۋىيسى تۆۋەن بۇلۇش تۈركىيە  ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشقا چوڭ توسالغۇ بۇلالمايدۇ. ئەگەر ئېنگىلىزتىلى سەۋىيەرىڭىز يۇقىرى بولسا ،   TOFLE ,GRE, GMAT,IELTS  قاتارلىق ئىمتاھانلارغا قاتنىشپ نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىڭىز تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق دۇنياۋىي داڭلىق ئونۋېرىستىتلارغا كېرىپ خەلقئارالىق يۇقىرى سۈپەتتىكى مائارپتىن بەھىرمان بولالايسىز ئەلۋەتتە، ھەم قۇبۇللىنىشىڭىزغىمۇ زور ياردىمى بولىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدە ئوقۇش ئىستىكى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشكە پاسىپ مۇئامىلە تۇتماي تېرىشىپ ياخشى ئۆگىنىشنى ھەم ئېنگىلىزتىلى سەۋىيسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئىككىلەنمەستىن ئىلتىماس قىلىشنى  تەۋسىيە قىلىمەن.

شۇنى ئەسكەرتىش كىرەككى، تۈركىيەدە تولۇق كۇرستا ئوقۇش تۇلىمۇ تەس. تۈركىيەدە ئوقۇش ھەرگىزمۇ تۈركلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ، كىنولىرىنى كۆرۈپ، تاماقلىرىنى يەپ ھوزۇرلانغانغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىرادىسى چىڭ، غەيرىتى ئېشىپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىرادىسى بوش، مەقسىتى ئىنىق ئەمەس، ئىنتىزامچانلىقى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى تۈركىيەگە كەلمىگىنى ۋە ئوقۇمىغىنى ياخشى. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىنى تىجەپ قالالايدۇ.

 

 

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

http://biltiz.com/biltiz-tanitim/

http://www.izden.cc/bbs/thread-646-1-1.html

بىلتىز ۋە ئىزدەن تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك تورداشلارنىڭ يۇقىرىقى يازما ھەققىدىكى ئەمگەكلرىدىن پايدىلانغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز