باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش
تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئوزۇقشۇناسلىق بىلىملېرى
  كۈندە ‹‹بەشنى قىلىش››سىزنى ساغلاملاشتۇرىدۇ
  يېمەكلىك ساھەسى ئىچىدىكى 9 چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك
  قەۋزىيەتنى داۋالاش
  ھەسەلنى ئەڭ ياخشى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى
  يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدىغان تائام
  دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى(2)
  دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى
 
يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدىغان تائام
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :5207
      

گۆش سالغان ئۇماچ
ماتېرىيالى: گۆش، چامغۇر، قوناق ئۇنى، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى ئۇششاق يالپاقلاپ توغراپ قازانغا سېلىپ سۇ قويۇپ قايناتقاندىن كېيىن تۇزىنى تەڭشەپ چامغۇرنى سېلىۋېتىمىز. ئاندىن قازاننى قوشۇقتا قوچۇپ تۇرۇپ قوناق ئۇنىنى ئاز-ئازدىن سالىمىز. ئاخىرىدا ئاش كۆكى سېلىپ قاچىغا ئالىمىز. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سۈت زېڭى
ماتېرىيالى: قوناق ئۇنى، يېڭى، ساپ سۈت مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ، تۇزىنى تەڭشەپ قازان قاينىغاندىن كېيىن بىر چىنە سۈيىنى ئېلىۋېتىپ، قازاندىكى سۇنى نوغۇچ بىلەن قوچۇپ تۇرۇپ قويۇق ھالەتكە كەلگۈچە قوناق ئۇنىنى سالىمىز. ئاندىن ئاش تەكشى قوچۇلۇپ ئالدىن ئېلىۋېلىنغان سۇ يېگۈزۈلىدۇ ھەمدە سۇ سىڭىپ بولغىچە سۇس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭى، ساپ كالا سۈتىنى پىشۇرۇپ كۆپۈكى چىققۇچە قاينىتىپ، تۇز تەمى تەڭشىلىپ قاچىلارغا ئۇسۇلغان زاڭنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: سوغۇقتىن بولغان يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سىركىلىك مېۋە سۈيى قىيامى
ماتېرىيالى: ئۈزۈم سۈيى، ئالما سۈيى، بېھى سۈيى، ئۆرۈك غورىسى سۈيى، ئەينۇلا سۈيى، ئانار سۈيىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 100 مىللىلېتىر، سىركە 250 مىللىلېتىر، شېكەر 600 گرام ئەتراپىدا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى مېۋە سۇلىرىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستىگە سىركە قوشۇپ، شېكەر سېلىپ قاينىتىپ قىيام تەييارلايمىز. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: قان ۋە سەپرادىن بولغان يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز