باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش
تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئوزۇقشۇناسلىق بىلىملېرى
  كۈندە ‹‹بەشنى قىلىش››سىزنى ساغلاملاشتۇرىدۇ
  يېمەكلىك ساھەسى ئىچىدىكى 9 چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك
  قەۋزىيەتنى داۋالاش
  ھەسەلنى ئەڭ ياخشى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى
  يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدىغان تائام
  دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى(2)
  دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى
 
يېمەكلىك ساھەسى ئىچىدىكى 9 چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك
قوشۇلغان ۋاقتى : 2013-3-1      كۆرۈلۈشى :4950
      

بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىستىمال قىلىپ كىلىۋاتقان يېمەكلىك ساھەسى ئىچىدىكى 9 چوڭ ئەخلەت يىمەكلىك.

1. مايدا پىشۇرغان يىمەكلىك. بۇ خىل يىمەكلىكنىڭ ئىنىرگىيە قۇۋىتى، ماي تەركىبى ۋە ئوكسىدلىنىش تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلۇپ، بۇ خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا ئاسان سەمىرىپ كىتىدىكەن، ھەم قاندىكى ياغ كۆپىيىش كىسىلى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك يىمەكلىك ئىكەن. مايدا قورۇپ پىشۇرۇش جەريانىدا، راك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مادىلار پەيدا بۇلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق دائىم مايدا قورىغان يىمەكلىكىنى ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى دائىم ئىستىمال قىلمايدىغان كىشىلەردىن يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

2. كونسېرۋالىق تۈرىدىكى يىمەكلىك. مەيلى مېۋە كونسېرۋاسى بولسۇن ياكى گۆش تۈرىدىكى كونسېرۋالىق يىمەكلىك بولسۇن، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ئىلمىنىتلار ئەڭ چوڭ دەرجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. بۇلۇپمۇ تەركىبىدىكى ھەر خىل ۋىتامىن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبى بۇزۇلۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىل ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلغان ۋاقىتتا بەدەنگە سۈمۈرلىشى تۆۋەن بۇلۇش بىلەن بىرگە يىگەندىن كېيىن قان شىكىرىنى ناھايتى يۇقىرى دەرجىدە ئۆرلىتىۋىتىدىكەن. ھەم ئاسان سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

3. تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەيارلانغان يىمەكلىك. بۇنداق يىمەكلىكنى تەييارلاش ئۈچۈن نۇرغۇن تۇز قۇيۇش لازىم بۇلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يىمەكلىكنىڭ ناتىرىي تۇز مىقتارى ئېشىپ كىتىدىكەن. بۇنداق يىمەكلكنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنىڭ ئېشىپ كىتىش خەتىرى ئېشىپ كىتىدىكەن.

4. پىشىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك. بۇ خىل يېمەكلىك تەركىبىدە مەلۇم مىقتاردا نىتىرىتلار بۇلۇپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋىپ ئېلىپ كەلگۈچىسى ھېساپلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا پىشىقلىنىپ ئىشلەنگەن بۇ خىل گۆشكە ھەر خىل ماددىلار قېتىلدىغانلىقى ئۈچۈن، جىگەر بىلەن يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدىكەن.

5. سېمىز گۆش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزا تۈرىدىكى يىمەكلىك. بۇنداق يىمەكلىكتە گەرچە ئاقسىل ۋە ۋىتامىن، مىنېرال مادىلار بار بولسىمۇ لېكىن بۇ خىل يىمەكلىك تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا ئاقسل ۋە خولېستېرىن قاتارلىق مادىلار بار بۇلۇپ، يۈرەك كىسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بۇلىدىكەن.

 6.قايماقلىق يېمەكلىك. دائىم قايماقلىق يېمەكلىكنى يىگەندە سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ھەتتا قان شىكىرى بىلەن قاندىكى ماينىڭ ئېشىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بۇلىدىكەن. تاماقتىن بۇرۇن تورت ئىستىمال قىلسا ئىشتاھاسىنى تۇتۇپ قۇيىدىكەن.

7. تەييار چۆپ. بۇ خىل يېمەكلىك يۇقىرى قەنىتلىك، ماي تەركىبى يۇقىرى، ۋىتامىن مىقتارى تۆۋەن، مېنىرال مادىلار تۆۋەن بولغان يېمەكلىك ھېساپلىنىدىكەن.

 8. قاقلاپ پۇشۇرغان يېمەكلىك. راك كېسىلىنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

9. توڭلۇتۇلغان تاتلىق يېمەكلىك. مارۇژنا قاتارلىق يېمەكلىكلەر. بۇ خىل يېمەكلىكتە ئۈچ خىل مەسىلە بار بۇلۇپ، قايماق تەركىبى مول بۇلغاچقا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىككىنچى مەسىلە بولسا شىكەر ماددىسى مول بۇلۇپ ئىشتىھانى تۇتۇپ قۇيۇدىكەن. ئۈچۈنچى خىل مەسىلە بولسا توڭلۇتۇلغان بولغاچقا ئاسانلا ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

خەۋەر تورىدىن ئېلىندى

دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز