1. شوخلا ياكى ئالما يەڭ : مېۋە ۋە كۆكتاتلار ئىچىدە شوخلا ۋىتامىن مىقدارى ئەڭ كۆپ كۆكتات ، ئالمىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول بولىدۇ ، شۇڭلاشقا كۈندە مۇشۇنداق مېۋىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىردىن يەپ بەرسە ، بىر كۈنگە ئېھتىياجلىق ۋىتامىن C نى يېتەرلىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ .
2. كۈندە بىر پىيالە قېتىق ئىچىڭ : تېرىنى نەم تۇتۇش ئۈچۈن ، قېتىقنى كۆپ ئىچىش كېرەك . قېتىق تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسى كۆپ بولۇپ ، تەبئىيتى مۆتىدىل ھەم بىخەتەر .
3 . بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىڭ : كۈندە بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرسا ، بەدەندىكى ئانىلىق گورمۇننى ۋاقتىدا ، سۈپەتلىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ .
4. بىر ئىستاكان چاي ئىچىڭ : يېشىل چاي ۋە قىزىل چاي ئۈنۈملۈك ۋە ساغلاملىق ئورۇقلاتقۇچى .
5. ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىڭ : سۇ مىقدارىنى يېتەرلىك تولۇقلاش —ساغلاملىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تۈپ كاپالىتى . ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى .
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|