جىگەر بەدەندىكى ماي مېتابولىزمىنىڭ مۇھىم سورۇنى. ئەگەر ياغلار ئۇزۇن مەزگىل جىگەر ئىچىدە يىغىلىپ قالسا، ھەمدە ياغ مىقدارى تەدرىجى ئېشىپ بارسا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، جىگەر ئىقتىدارىنى بىنورمال قىلىپ قويىدۇ، ياكى ياغسىمان جىگەر تالالىشىش ۋە جىگەر قېتىشىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپىرتسىز ياغسىمان جىگەر كېسىلى (NASH) بولسا ئىرسىيەت- مۇھىت- مېتابولىزمىنىڭ سېزىمچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەل بولۇپ، كونكرېت پەيدا بولۇش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. سېمىزلىك بولسا NASH كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئامىلى ھېساپلىنىدۇ. ئىنسۇلىن قارشلىقى ۋە ئىرسىيەت تەسىرلىنىشچانلىقى NASH كېسىلى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ. سېمىزلەردىكى NASH كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى ئەركىن ماي كىسلاتالىرىنىڭ جىگەرگە يىغىلىپ، جىگەرنىڭ ئوكسىدلىنىپ زەخىملىنىشى ۋە ئىنسۇلىن قارشلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەرنى ياغ قاپلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سېمىزلىك ئاسانلا ياغلىق جىگەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياغلىق جىگەر بولسا سېمىزلىك تەرەققىيات دەۋرىنىڭ ئىپادىسى بولالايدۇ. |