سېمىزلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن %10-%20 ئېشىپ كەتكەندە، ھېچقانچە بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن %30 زىيادە ئېشىپ كەتكەندە، بىر قىسىم كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرىدىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئىككى پۇتى ئېغىرلىشىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا دېمى يېتىشمەيدۇ، ئەمگەكتە ئاسان چارچايدۇ، ئالدىغا ئىگىلشتە قىينىلىدۇ، ئىسسىققا چىدىمايدۇ ۋە كۆپ تەرلەيدۇ قاتارلىقلار؛ بېسىم چۈشكەن بوغۇملار تېلىپ ئاغرىيدۇ، ئاسانلا رېگرېسسىيىلىك ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ، ئومۇرتقا ئۇزۇن مەزگىل زىيادە بېسىم ئاستىدا تۇرۇپ، ئۆسۈشچان ئومۇرتقا بوغۇم ياللۇغى كۆرۈلۈشى بىلەن، بەل ۋە پۇتىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن؛ كۆپ تەرلىگەنلىكتىن، تېرىلىرى پۈرۈلگەن ئورۇن زىدە، تېرە ياللۇغى ۋە تەمرەتكە بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە قەۋزىيەت، جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىشى، ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى قالايمىقانلاشقانلىقتىن، بىر قىسىم بىمارلاردا ئىششىق كۆرۈلۈشى، بۇ بەلكىم يەنە ماي زىيادە ياكى ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن، پۇتتىكى قان ئايلىنىش ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. |