ئۈچ ياشلىق قىزنىڭ جىگىرى يېرىلىپ كەتتى
مۇھەممەت كۆز ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە قىزىنىڭ تېرىرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغانلار ئۇنىڭ قىزىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان. لېكىن ئۇ بۇ پۇلنى ئالالمايدىغانلىقىنى،ۋاقتى كەلگەندە بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يېرىم ئاي ئاۋۋال مۇھەممەتنىڭ ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزى نۇربىيەنىڭ تۇيۇقسىز قورسىقى ئاغرىپ ياندۇرۇشقا باشلىغان.مۇھەممەت قىزىنى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندىن كېيىن،قىزىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كېسىلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ۋە جىگىرىنىڭ تۆت سانتىمېتىر قىسمى يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن.12-يانۋار كەچتە ئالتە سائەت ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ،دوختۇرلار نۇربىيەنىڭ جىگىرىنىڭ يېرىلغان قىسمىنى ئېلىۋەتكەن ھەم ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كېسىلىنى داۋالىغان.
نۇربىيەنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ليۇ يۈننىڭ ئېيتىشىچە،ئوپېراتسىيەدىن كېيىن،بالىنىڭ جىگىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇقىم يولغان،لېكىن ئاشقازان ئاستى بېرىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغان،بۇ ئەھۋل ھەر قاچان خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.داۋالىنىش پۇلىنىڭ يۇقىرىلىقى رېمونتچىلىق قىلىدىغان مۇھەممەتكە زور بېسىم پەيدا قىلغان.مۇھەممەت ئاقتۇ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2005-يىلى شەھىرىمىزگە كېلىپ بىر شىركەتتە رېمونتچىلىق قىلغان.
نۇربىيەگە 12-يانۋار كېسەلخانىدا ياتقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۈندە 2000-3000 يۈەن كېتىدىكەن.ھازىر مۇھەممەت قىزىنى داۋالىتىشقا كېتىدىغان پۇلنى قانداق جەملەشنىلا ئويلايدىكەن. ئۇ جەمئىيىتىمىزدە شۇنچە كۆپ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر تۇرسا قىزىم چوقۇم ساقىيىپ كېتىدۇ،دەپ ئويلايدىكەن مەنبە: خەۋەر تورى |