چوڭ ئاققۇ

چوڭ ئاققۇ

چوڭ ئاققۇ (ئىلمىي نامى: Cygnus cygnus) بىر خىل پەسىل قۇشى، كەنجى تۈرلەرگە بۆلۈنىشى يوق، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 120-160 سانتېمىتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 218-243 سانتېمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 8-12 كلوگرام، ئۆمرى 8 يىل بولدۇ. تۇمشۇقى قارا، تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىدە چوڭ سېرىق، سېرىق رەڭلىك ئۇزۇنچاق تۇمشۇقىنىڭ يان گىرۋىكى ئۇچلۇق.

ئۇيغۇرچە نامى چوڭ ئاققۇ
ئىنگلىزچە نامى Whooper Swan
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاققۇ ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大天鹅
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قۇغلار سىنىپى
ئائىلىسى ئۆردەك ئائىلىسى
تۈرى چوڭ ئاققۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ ئاققۇچوڭ ئاققۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى بىردەك ئاق رەڭلىك، ئەركەك چىشىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ، چىشى چوڭ ئاققۇ ئەركەك چوڭ ئاققۇ غا قارىغاندا بىر قەدەر كىچىك، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق، پەقەت بېشى سەل قوڭۇر سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. رەڭدار پەردە تۇتۇق قوڭۇر، تۇمشۇقى قارا، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى سېرىق، بۇ سېرىق داغ ئىككى يېنىدىكى ئالدىغا قاراپ سوزۇلۇپ، بۇرۇن تۆشۈكى ئاستىنى بويلاپ بىر لابا شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۇمشۇقىنىڭ ئۇچى قارا رەڭدە. ئوشۇق-پەنجە، ئۈزۈش پەردىسى، تىرنىقى قارا رەڭدە بولىدۇ. چۈجىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، بېشى ۋە بوينى بىر قەدەر تۇتۇق، قۇيرۇق ۋە ئۇچۇش پەيلىرى سۇس، تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى قىزىل، تۇمشۇقىنىڭ ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ. چوڭ ئاققۇنىڭ تۇمشۇق قىسمىدا مول بولغان تېگىش سېزىمى رېتسېپتورى بار، ھېبېردىن تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

بالا قۇشنىڭ بېشى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان، تۇمشۇقى قارامتۇل ئەت رەڭ. بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ پەيلىرى تولۇق ئۆسۈپ يېتىلگەن قۇشنىڭ پەيلىرى ئوخشاش بولغان ئاق پەيلەر بىلەن قاپلىنىدۇ. 

چوڭ ئاققۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمى:

  ئەركەك چوڭ ئاققۇ (♂) چىشى چوڭ ئاققۇ (♀)
  بەدەن ئېغىرلىقى 7000-12000 گرام  6500-9000 گرام 
 تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1215-1635 مىللىمېتىر  1421-1480 مىللىمېتىر 
 تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى 107-110 مىللىمېتىر  105-110 مىللىمېتىر 
 قانىتى ئۇزۇنلۇقى 580-641 مىللىمېتىر  600-616 مىللىمېتىر 
 قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150-210 مىللىمېتىر  140-200 مىللىمېتىر 
 ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 106-120 مىللىمېتىر  106-108 مىللىمېتىر 

چوڭ ئاققۇكۆپىيىش مەزگىلىدە كەڭ، ئوزۇقلۇق مول بولغان تېيىز سۇ رايونى ئوتتۇرلىرىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن: سۇ ئۆسۈملۈكلىرى مول بولغان كۆل، كۆل ۋە ئاستا ئاقىدىغان دەريا، بولۇپمۇ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بەلۋېغى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بولسا قېيىنزارلىق بەلبىغى ۋە ئورمان يوق بولغان ئېگىزلىك كۆل بىلەن سۇ كۆلچىكى، قىش پەسلىدە ئاساسلىق ئوت-چۆپ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ چوڭ كۆل، سۇ ئامبىرى، سۇ كۆلچىكى، دەريا، دېڭىز ساھىلى ۋە كەڭ ئېتىزلىقلاردا ياشايدۇ.

چوڭ ئاققۇ ئاساسلىقى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يوپۇرمىقى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزسىمان غولى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، مەسىلەن: نېلۇپەر گۈلى، جىگدىسى ۋە سۇ ئوتلىرى. ئېغىزىنىڭ كولاپ ئوزۇقلىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك،  ھەتتا لاتقىلىق يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان 0.5 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى يېمەكلىكلەرنى قېزىپ يىيەلەيدۇ. قىش پەسلىدە بەزىدە ئېتىز-ئېرىق دانلىق زىرائەتلىرى ۋە يۇمران مايسىلاردىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۆسۈملۈك مەنبەلىك ئوزۇقلۇقلار بولغاندىن سىرت يەنە ئاز مىقداردا ھايۋاناتنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، مەسىلەن: يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، سۇ ھاشاراتلىرى ۋە باشقا سۇدا ياشايدىغان ئۇمۇرتقىسىز ھايۋانلارنى يەيدۇ. ئاساسلىقى سەھەردە ۋە قاش قارايغاندا ئوزۇق ئىزدەيدۇ. ئوزۇقلۇق ۋە ياشاش ماكانى يىراق ئەمەس. ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ بىرەر كاشىلىسى بولمىسلا ئۇلار ئادەتتە باشقا يەرگە كەتمەيدىغان بۇلۇپ، تۇرۋاتقان ئورنى بىر قەدەر مۇقىم ماكانى ھېسابلىنىدۇ.

چوڭ ئاققۇتوپلىشىپ خاراكتېرلىك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدىن سىرتقى باشقا ۋاقىتلاردا ئادەتتە توپ بولۇپ ياشايدۇ، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە دائىم ئائىلە توپى پائالىيىتى، بەزىدە ھەتتا نەچچە ئون ئارتۇقى چوڭ توپ بولۇپ بىللە ياشايدۇ.  قورقۇنچاق خاراكتېرلىك بۇلۇپ، سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى، سۇ ئۈزۈش جەھەتتە كۆپرەك يىراق بولغان كەڭ سۇ دائىرىسىدە سۇدا ياشايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى، بەك يىراق يەنى خەتەرلىك ھەم ھەرىكەتچان ھالەتنى ئاسان بايقىيالايدۇ. ئادەتتە سۇ يۈزىدە ھەرىكەت قىلىش، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر.

دۇنيادىكى تاارقىلىشى 

چوڭ ئاققۇئەسلىي ماكانلاشقان جاي: ئەرمىنىيە، ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بېلگىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، بۇلغارىيە، جۇڭگو، كرودىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، ئېستونىيە، فائېرو تاقىم ئاراللىرى، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، گرېنلاندىيە، ئىسلاندىيە، ھىندىستان، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، ئىېرلەن، ئىتالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، كورېيە، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، قىرغىزىستان، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، ماكېدونىيە، موڭغۇلىيە، مونتېنېگرو، نىپال، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پاكىستان، بولان، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، ۋاسۋاربا ئارىلى، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، تاجىكىستان، رۇم (تۈركىيەتۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان.

كۆچمەن قۇشلار: ئالجىرىيە، سىپرۇس، مىسىر، ۋېنگرىيە، ئىسرائىلىيە، لىچتېنشتېين، ليۇكسېمبۇرگ، پورتۇگالىيە، قاتار، ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتى، تۇنىس، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

جوڭگودىكى تارقىلىشى 

بېيجىڭ، خېبېي، شەنشى، ئىچكى مۇڭغۇل، لىياۋ نىڭ، جىلىن، خېيلوڭجياڭ، شاڭخەي، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، سىچۈەن، يۈننەن، سەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تەيۋەن ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. 

چوڭ ئاققۇچوڭ ئاققۇ بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان «ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تۈزۈمى» نى ساقلاپ كەلگەن قۇش بۇلۇپ،  جەنۇبتا قىشنى ئۆتكۈزگەن ۋاقتى، ئوزۇقلىنىش ۋاقتى ۋە ياكى ئارام ئالغان ۋاقتى بولسۇن جۈپ-جۈپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. چىشى ئاققۇ تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتىدا، ئەركەك ئاق قۇ يېنىدا قوغداپ تۇرغان بولۇپ دۈشمەنگە يولۇقسا قانىتىنى لەپىلدىتىپ ئالدىغا كەلگەن دۈشمەنگە باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇپ ئېلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار كۆپىيىش مەزگىلىدە ئۆزئارا ياردەم بېرىشكەندىن سىرت ئادەتتىمۇ جۈپ-جۈپ بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. 

ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 5-ئاينىڭ باشلىرى كۆپىيىش مەزگىلى بۇلۇپ، ئۇۋىلىرىنى چوڭ كۆل، كۆلچەك ۋە كىچىك ئارال قاتارلىق سۇ رايونىنىڭ قىرغىقىغا قۇرغاق يەر ياكى سۇ بويىدىكى تېيىز يەرگە نۇرغۇن چىملىقنىڭ يېنىدىكى غالدىراڭ قومۇشلۇققا ئۇۋا سالىدۇ. ئۇۋىسى ئىنتايىن زور بۇلۇپ، ئاساسلىقى غالدىراڭ قومۇش، ئۈچ قىرلىق ئوت-چۆپ ۋە مۇخلاردىن تەركىب تاپىدۇ، ئىچىگە يۇمشاق قۇرۇق ئوت-چۆپ غولى، مۇخ، پەي (چىشى قۇش ئۆزىنى كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىنىڭ تارتىپ چىقىرىۋالغان مامۇق پەيلەر بىلەن) بۇلۇپ، ئۇۋىسى يۇمىلاق قالپاق شەكىللىك، ئاستىنىڭ دىيامېتىرى بىر مېتىر ئەتراپىدا؛ ئېگىزلىكى 0.6-0.8 مېتىر. چىشى قۇش ئۇۋا ياسايدۇ. 

چوڭ ئاققۇتۇخۇم تۇغۇش ۋاقتى كۆپىنچە 5-ئاينىڭ بېشىدىن ئوتتۇرلىرىغىچە بۇلۇپ، ھەربىر ئۇۋىغا 4-7 دانە، ئادەتتە 4-5 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى ئاق ياكى سەل سارغۇچ كۈل رەڭ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 113 ×73 مىللىمېتىر، ئېغىر 330 گرام. چىشى قۇش تۇخۇم باسىدۇ، ئەركەك قۇش ئۇۋا ئەتراپىدا قوغداپ تۇرىدۇ. خەۋپىگە ئۇچرىغاندا ئەركەك قۇش مىياڭلىغاندەك يۇقىرى ئاۋازدا سايرايدۇ، چىشى قۇش دەرھال پەيلىرى بىلەن تۇخۇمىنى ئىتىۋالىدۇ. چىشى قۇش تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدە ئادەتتە پەقەت ھەر كۈنى ئەڭ ئىسسىق بولغان چاغدا ئاندىن ئۇۋىسىدىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىت سرتقا بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 31 كۈن ياكى 35 ~ 40 كۈن باسۇرىدۇ. چۆجىسى بالدۇر يېتىلىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#