يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-02-08 ئاۋاتلىقى: 1365 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
ئورخان پامۇك
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ھامىت

رومانلار ئىككىنچى ھاياتلاردۇر. فرانسۇز شائىر گېراد دې نېرۋالنىڭ چۈشلىرىگە ئوخشاش، رومانلارمۇ ھاياتىمىزنىڭ رەڭلىرىنى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە بىزگە تونۇش بولغان كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندا بولغانغا ئوخشاش، بىزگە يولۇققان نەرسىلەرنىڭ ئاجايىپلىقى بەزىدە بىزگە شۇنداق تەسىر قىلىدۇكى، نەدە ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزنى بىز شاھىد بولۇۋاتقان خىيالىي ۋەقەلەرنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. مۇشۇنداق چاغلاردا، بىز روماندا ئۇچراتقان ۋە پەيزىنى سۈرگەن خىيالىي دۇنيانىڭ رېئال دۇنيادىنمۇ بەكرەك رېئال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ ئىككىنچى ھاياتلارنىڭ بىزگە رېئاللىقتىنمۇ بەكرەك رېئال تۇيۇلىشى، بىزنىڭ ھەمىشە رومانلارنى رېئاللىقنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىشىمىزغا، ھېچبولمىغاندىمۇ رېئاللىق بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىشىمىزگە سەۋەب بولىدۇ. لېكىن بۇ يېڭىلىشىش، بۇ ساددىلىقتىن ھېچقاچان نارازى بولمايمىز. دەل ئەكسىچە، خۇددى بەزى چۈشلەردە بولغىنىدەك، ئوقۇۋاتقان رومانىمىزنىڭ داۋام قىلىشىنى ۋە بۇ ئىككىنچى ھاياتنىڭ بىزدە مۇۋاپىق بىر شەكىلدە رېئاللىق ۋە ھەقىقىيلىق تۇيغۇسى ئويغاتقاچ داۋام قىلىپ كېتىشىنى ئىستەيمىز. خىيالىي ھېكايىلەر ۋە توقۇلما ھەققىدىكى بىلىملىرىمىزگە قارىماي، بىر رومان بىزگە ھەقىقىي ھاياتتەك تۇيۇلمىسا، بىزنى داۋاملىق يېڭىلىشتۇرمىسا كەيپىمىز ئۇچۇپ، ھۇزۇرىمىز بۇزۇلىدۇ.

چۈشلەرنى رېئاللىق دەپ قاراپ كۆرىمىز، چۈنكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىدە بار. رومانلارنىمۇ رېئاللىق دەپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز، لېكىن ئەقلىمىزنىڭ باشقا بىر تەرىپى بىلەن بۇنداق ئەمەسلىكىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىپ تۇرىمىز. بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋال رومانلارنىڭ تەبىئىيىتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالدى بىلەن، رومان سەنئىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىددىيەتلىشىدىغان شەيئىلەرگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئىشىنىدىغان ئىقتىدارىمىزغا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ گېپىمىزنى داۋام قىلايلى.
قىرىق يىلدىن بېرى رومان ئوقۇۋاتىمەن. خۇددى رومانغا مۇئامىلە قىلىشىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا روھىمىزنى، ئەقلىمىزنى بېرىشىمىزنىڭ، پەرۋاسىز ياكى ئەستايىدىل بولۇشىمىزنىڭ بەك كۆپ تۈرى بولغىنىنى بىلگىنىمگە ئوخشاش، رومان ئوقۇشنىڭمۇ بەك كۆپ شەكلى بولىدىغانلىقىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ بىلىپ يەتتىم. بەزىدە مەنتىقىمىز بىلەن، بەزىدە كۆزلىرىمىز بىلەن، بەزىدە تەسەۋۋۇر كۈچىمىز بىلەن، بەزىدە ئەقلىمىزنىڭ كىچىك بىر قىسمى بىلەن، بەزىدە ئۆز ئىستىكىمىزگە كۆرە، بەزىدە كىتابنىڭ ئىستىكىگە كۆرە، يەنە بەزىدە بولسا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوقۇيمىز. ياشلىقىمدا بىر مەزگىل ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي رومانلارغا بېغىشلاپ، ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا بېسىپ ئوقۇدۇم. ئۇ يىللاردا(1970 بىلەن 1982 ئارىسىدا)، يەنى 18 دىن 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا رومان ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كاللامدا، روھىمدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى خۇددى بىر رەسسامنىڭ تاغلار، ئويمانلىقلار، ئورمانلار، دەريالار ۋە قىيالىقلار بىلەن قاپلانغان رەڭگارەڭ، مۇرەككەپ ۋە ھەرىكەتچان بىر مەنزىرىنى ئېنىق قىلىپ سىزغىنىغا ئوخشاش ئاڭلىتالىسامكەن، دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.
رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ ئىچىدە، روھىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟ يۈز بەرگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر فىلىمنى كۆرۈۋاتقاندا، بىر رەسىمگە قاراۋاتقاندا ياكى بىر شېئىرنى (ھەتتا بىر ئېپىك شېئىرنى، بىر داستاننى) ئاڭلاۋاتقاندا ھېس قىلىدىغانلىرىمىزدىن پەرقى نېمە؟... بىيوگىرافىيە، كىنو، شېئىر، رەسىم ياكى چۆچەكلەر بېرىدىغان ھۇزۇرنى رومانمۇ بەزىدە بېرەلەيدۇ. لېكىن بۇ سەنئەتنىڭ بىزگە بېرىدىغان ئەسلى ئۆزىگە خاس تەسىرىنى كۆرسىتىش، روماننىڭ باشقا ئەدەبىي شەكىللەردىن، فىلىملەردىن ۋە رەسىملەردىن تېخىمۇ بەك پەرقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلەش ئۈچۈن، ئىشنى ياشلىقىمدا چۆكۈپ رومان ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا قىلغان ئىشلارنى، ئىچىمدە ئويغانغان مۇرەككەپ رەسىم-كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ بەرگەچ باشلىشىم كېرەك.
خۇددى ئۆزى كۆرۈۋاتقان رەسىمنىڭ ئاۋۋال كۆزلىرىنى بىردەم ھايال قىلىشىنى ئىستىگەن مۇزېيى زىيارەتچىسىگە ئوخشاش، ياشلىقىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھەرىكەتلەردىن، توقۇنۇشلاردىن، مەنزىرىلەرنىڭ موللىقىدىن ھۇزۇرلىناتتىم. ھەم باشقىلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنى خۇپىيانە تاماشا قىلغانلىق تۇيغۇسى، ھەمدە كەڭ مەنزىرىنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ماڭا يېقىپ كېتەتتى. ئىچىمدىكى رەسىم-كۆرۈنۈشلەر ھەر زامان بوران-چاپقۇنلۇق دەپ قېلىنمىسۇن. ياشلىقىمدا رومان ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئىچىمدە بەزىدە كەڭرى، تېرەن، ھۇزۇرلۇق بىر مەنزىرە جانلىناتتى. بەزىدە بولسا چىراقلار ئۆچۈپ، ئاق بىلەن قارا تېرەنلىشىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ، كۆلەڭگىلەر قىمىرلايتتى. بەزىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھاڭ-تاڭ قالاتتىم. بەزىدە بولسا سۈبھى ۋە گۇگۇم قاراڭغۇلىقى ھەممە نەرسىگە سىڭىپ، ھەممە يەرنى قاپلاپ، پۈتۈن ئالەم بىرلا تۇيغۇغا، بىرلا ئۇسلۇپقا ئايلىنىپ قالاتتى. بۇنىڭ ئۆزۈمگە ياققانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، كىتابنى مۇشۇ ئاتموسفېرا(كەيپىيات) ئۈچۈن ئوقۇغانلىقىمنى سېزەتتىم. روماننىڭ ئىچىدىكى دۇنياغا ئاستا-ئاستا چۆكۈۋېتىپ، ئىستانبۇلدا بەشىكتاشتىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ روماننىڭ بەتلىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن قىلغان ئىشلارنىڭ، ئىچكەن بىر ئىستاكان سۇنىڭ، ئانام بىلەن سېلىشقان پاراڭلىرىمنىڭ، كاللامدىن كەچكەن خىيال، پىكىرلەرنىڭ، كىچىك قورساق كۆپۈكلىرىمنىڭ كۆلەڭگىلىرىنىڭ كاللامدىن ئاستا ئۆچۈرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقايتتىم.
مەن ئۈستىدە ئولتۇرىۋاتقان كاۋا چېچىكى رەڭگىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنىڭ، يان تەرىپىمدە تۇرغان سېسىق پۇراقلىق كۈلداننىڭ، گېلەم سېلىنغان ئۆينىڭ، كوچىدا قىيا-چىيا كۆتۈرىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ، يىراقلاردىن ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان كېمە گۈدۈكلىرىنىڭ خىيالىمدىن ئۇزاقلاشقانلىقىنى ۋە كۆز ئالدىمدا يېڭى بىر دۇنيانىڭ سۆزمۇ-سۆز، جۈملىمۇ-جۈملە پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بىر بەت، بىر بەتتىن ئوقۇغانچە، بۇ يېڭى دۇنيا، خۇددى ئۈستىگە دورا تۆكۈلگەنسېرى ئاستا-ئاستا كۆرۈنۈشكە باشلايدىغان مەخپىي بىر رەسىمدەك گەۋدىلىنەتتى، سۈزۈلەتتى؛ سىزىقلار، كۆلەڭگىلەر، ۋەقەلەر، قەھرىمانلار روشەنلىشەتتى. بۇ باشلانغۇچ پەيتلەردە روماندىكى دۇنياغا كىرىشىمنى كېچىكتۈرىدىغان ۋە كىشىلەرنى، ۋەقەلەرنى، شەيئىلەرنى ئېسىمگە ئېلىپ كاللامنىڭ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە جانلاندۇرۇشىمنى تەسلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق نەرسە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ نېرۋامنى قوداڭشىتاتتى. مەسىلەن، ئاساسلىق قەھرىمان بىلەن يېقىنلىق دەرىجىسىنى ئېسىمگە ئالالمىغان يىراق بىر تۇغقان، بىر قورال تۇرغان تارتمىنىڭ ئورنى ياكى قوش مەنىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئىككىنچى مەنىسىنى تېپىپ چىقالمىغان بىر پاراڭ مېنى ھەددىدىن زىيادە پاراكەندە قىلاتتى؛ كۆزلىرىم سۆزلەرنىڭ ئۈستىدە تىنىمسىز، ھەم جىددىيچىلىك ھەمدە ھۇزۇر ئىچىدە دېگۈدەك كېزىۋاتقاندا، ھەممە نەرسىنىڭ ئامال بار چاپسانراق جاي-جايىنى تېپىشىنى سەبىرسىزلىك بىلەن ئارزۇ قىلىپ كېتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا، خۇددى پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر مۇھىتقا تاشلاپ قويۇلغان ئۈركىگەك جانىۋارغا ئوخشاش، بارلىق تۇيغۇ ئىشىكلىرىم داغدام ئېچىلىپ كېتىپ، كاللام تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە، جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىشلەپ كېتىشكە باشلايتتى. مەن ئۆزۈم ئىچىگە كىرىۋاتقان دۇنياغا ماسلىشىش ئۈچۈن قولۇمدىكى روماننىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دىققەت قىلغاچ، سۆزلەرنى تەسەۋۇرۇمدا رەسىمگە ئايلاندۇرۇش، ھەممە نەرسىنى كۆز ئالدىمدا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىپىرلاپ كېتەتتىم..
بىر ئازدىن كېيىن جاپالىق ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىق نەتىجە بېرىپ، مەن كۆرۈشنى ئىستىگەن چوڭ مەنزىرە تۇماندىن كېيىن بارلىق رەڭگارەڭلىكلىرى بىلەن نامايەن بولىدىغان چوپچوڭ بىر قىتئەگە ئوخشاش كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى. بۇ چاغدا روماندا ئاڭلىتىلغان شەيئىلەرنى ئانچە بەك كۈچىمەيلا، دەرىزىدىن سىرتنى تاماشا قىلىۋاتقان بىرسىگە ئوخشاش بەھۇزۇر تاماشا قىلاتتىم. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» دا بورودىنو ئۇرۇشىنى پىئېررېنىڭ بىر دۆڭدە تۇرۇپ كۆرگەنلىكىنى ئوقۇش، مەن ئۈچۈن رومان ئوقۇشنىڭ بىر خىل شەكلى ئىدى. روماندا ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىزنى تەييارلاندۇرغان ۋە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا بىز دائىم ئەقلىمىزدە تۇتۇۋېلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلغان نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلار، گويا بۇ سەھنىدە بىرلا ۋاقىتتا، بىر رەسىمدە بولغىنىغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان بولاتتى. ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنى بىر روماندىكى سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى بىر پارچە مەنزىرە رەسىمىنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك ئويلاپ قالاتتى. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يازغۇچىنىڭ كۆرۈنۈشلەرنى ۋاستە قىلغان تەپسىلاتلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە دىققىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆزلەرنى رەسىم-كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرالىشىدۇر. چوڭ بىر مەنزىرەدە، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ياكى تەبىئەتتە ئەمەس، ھەتتا ھوجرىلاردا، ئۆي ئىچىنىڭ يېپىق ۋە بوغقۇچى مۇھىتىدا راۋاجلاندۇرۇلغان بىر روماننىمۇ، مەسىلەن كافكانىڭ «ئۆزگۈرۈش» رومانىنىمۇ خۇددى بىر مەنزىرەگە قارىغاندەك، كاللىمىزدا رەسىم-كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرغاچ، بۇ ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ ئاتموسفېراسىغا كۆنگەچ، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچ ۋە ھەمىشە ئۇنى ئىزدىگەچ ئوقۇيمىز.
بىر دەرىزىدىن مەنزىرىگە قاراش ۋە رومان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىسالدىن بىرنى يەنە تولىستويدىن ئالاي، يەنى، مۇشۇ كۈنگىچە يېزىلغان رومانلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان «ئاننا كارېنىنا» دىن:
ئاننا موسكوۋادا ۋرونسكى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. كېچىدە پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە، سانت پېتېرسبۇرگقا قايتاشىدا، ئەتىسى ئەتىگەندە بالىسىنى، ئېرىنى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال ئىدى. ئەرگىن ئالتاينىڭ تەرجىمىسىدىن ئوقۇيلى:
«[ئاننا]... سومكىسىدىن كىتاب ئاچقۇچ بىلەن ئىنگلىزچە بىر روماننى ئالدى. دەسلىۋىدە ئوقۇيالمىدى. كېلىپ كېتىۋاتقانلار، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار كىتاب ئوقۇشىغا دەخلى قىلىۋاتاتتى. پويىز قوزغالغاندىن كېيىن بولسا ئىختىيارسىز ھالدا چىقىۋاتقان ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدى. سەل كېيىنرەك، سول تەرەپتىكى دەرىزىنىڭ ئەينىكىگە كېلىپ تېگىۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرى كىتاب ئوقۇتقىلى قويمىدى. يېنىدىن ئۆتكەن، بىر تەرىپىنى بېشىدىن ئايىغىغىچە ئاپئاق قار بېسىپ كەتكەن، تازا قېلىن كىيىنىۋالغان بىلەت تەكشۈرگۈچىنىڭ سىياقى؛ سىرتتا دەھشەتلىك بىر جۇدۇن-چاپقۇن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلار دىققىتىنى يىغىشىغا دەخلى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش ئىشلار يەنە تەكرارلىنىشقا باشلىدى: ئوخشاش سىلكىنىشلەر، دەرىزە ئەينىكىدىكى ئوخشاش قار ئۇچقۇنلىرى، پار ئىسسىقىدىن سوغۇققا، ئاندىن سوغۇقتىن يەنە ئىسسىققا ئوخشاش تېزلىكتە ئۆتۈشلەر، غۇۋا چىراق نۇرىدا كۆرۈنگەن يەنە شۇ ئوخشاش چىرايلار، ئاڭلانغان ئاۋازلار... ئاننا ئوقۇغانلىرىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىغانىدى. ئاننۇشكا، پەلەي كېيىۋالغان، كەڭرى قوللىرى بىلەن _ پەلەيلىرىدىن بىرى يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى _ قۇچىقىدىكى قىزىل سومكىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغانىدى. ئاننا ئاركاديېۋنا ئوقۇۋاتاتتى، ئوقۇغانلىرىنى بولسا چۈشىنىۋاتاتتى. لېكىن ئوقۇش، يەنى كىتابتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تاماشا قىلىش بىلەن خوشى يوق ئىدى. ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ياشىغۇسى بار ئىدى. روماندىكى ئايال قەھرىماننىڭ كېسەل ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەرلىرىنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ كېسەلنىڭ ھوجرىسىدا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭغۇسى كېلەتتى. بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ نۇتۇقىنى ئوقۇغان چېغىدا، شۇ نۇتۇقنى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى. مارى خانىمنىڭ ئاتقا مىنىپ پادىلارنىڭ كەينىدىن كەتكىنىنى، كېلىنى بىلەن قېرىشقىنىنى، جاسارىتى بىلەن ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئوقۇغان چېغىدا شۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى بولۇپ قېلىشىنى ئىستەپ قالاتتى. لېكىن ھازىر ئامال يوق ئىدى. كىتاب ئاچقۇچنى قولىدا ئوينىغاچ ئوقۇشقا تىرىشىۋاتاتتى.
ئاننانىڭ كاللىسىغا ۋرونىسكى كىرىۋالغاچقا، ھاياتىنى ياشىغۇسى بولغاچقا كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيالمايدۇ. ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالىغان بولسا ئىدى، دەرىزىدىن بىر مەنزىرەنى تاماشا قىلغانغا ئوخشاش، مارى خانىمنىڭ ئاتقا مىنىپ پادىلارنىڭ كەينىدىن كەتكىنىنى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرالايتتى ۋە سىرتتا تۇرۇپ كۆرۈۋاتقان بۇ مەنزىرىنىڭ ئىچىگە ئاستا –ئاستا كىرىپ كەتكىنىنى ھېس قىلغان بولاتتى.
بىر روماننى ئوقۇشقا باشلاشنىڭ، بىر مەنزىرە رەسىمىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشكە ئوخشاش بىر ئىش ئىكەنلىكىنى يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇپىيانە ياكى ئوچۇق ھېس قىلىدۇ. ستېندخالنىڭ «قىزىل ۋە قارا» ناملىق رومانىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالايلى: ئاۋۋال ۋېريېر شەھىرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشىنى، ئۈست تەرەپتىكى تۆپىلىكنى، قىزىل كاھىش ئۆگزىلىك ئاق ئۆيلەرنى، مۇنار شەكىللىك ئۆگزىلەرنى، بۈك-باراقسان كاشتان دەرەخلىرىنى، خارابىگە ئايلانغان ئىستىھكاملارنى كۆرىمىز. تۆۋەن تەرەپتە دوبس دەرياسى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ياغاچ ھەرىلىرىنى، رەڭلىك توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى بايقايمىز.
لېكىن بىر بەتتىن كېيىنلا ئاساسلىق قەھرىمانلاردىن شەھەر باشلىقىنى ئۇچرىتىمىز، ئۇنىڭ روھى ھالىتى بىلەن دەرھاللا تونۇشۇپ چىققان بولىمىز. رومان ئوقۇشنىڭ ئەسلى ھۇزۇرى دۇنيانى سىرتتىن ئەمەس، ئىچىدىن، ئۇ دۇنيادا ياشىغان قەھرىمانلارنىڭ كۆزىدىن كۆرەلەش بىلەن باشلىنىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقاندا باشقا ھېچقانداق بىر ئەدەبىي شەكىل تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان تېزلىك بىلەن، ئومۇمىي مەنزىرە بىلەن ئۆتكۈنچى پەيتلەر ئارىسىدا، ئومۇمىي چۈشەنچىلەر بىلەن ئالاھىدە ئەھۋاللار ئارىسىدا كېلىپ – كېتەلەيمىز. ئومۇمىي مەنزىرەنىڭ رەسىمىگە يىراقتىن قاراۋېتىپ، بىردىنلا ئۆزىمىزنى مەنزىرەدىكى ئىنسان چۈشەنچىلىرىنىڭ ئىچىدە، روھىي ھالەتلىرىنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئارىسىدا كۆرىمىز. بارغانسېرى كېڭىيىپ ماڭىدىغان جۇڭگوچە مەنزىرە رەسىملىرىدىكى قىيالىق تاغلار، دەريالار، ئون مىڭلارچە يوپۇرماقلىرى بولغان دەرەخلەر ئارىسىدا، كىچىك قىلىپ سىزىلغان ئادەمنى كۆرۈپ، دىققىتىمىز ئۇنىڭغا يىغىلىپ، سەل كېيىنرەك چوڭ مەنزىرىنى تەسەۋۇرىمىزدا ئۇنىڭ كۆزى بىلەن جانلاندۇرغانغا ئوخشايدۇ بۇ. (جۇڭگو رەسىملىرى مۇشۇنداق كۆرۈلسۇن دەپ سىزىلىدۇ) شۇ چاغدا مەنزىرەنىڭ، ئىچىدە راۋاجلىنىۋاتقان قەھرىماننىڭ چۈشەنچىلىرىگە، تۇيغۇلىرىغا، كۆز قاراشلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا سىزىلغانلىقىنىمۇ چۈشىنىپ يېتىمىز. روماندىكى مەنزىرەنىڭ روماندىكى قەھرىمانلارنىڭ روھىي ھالەتلىرىنىڭ بىر داۋامى، بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى سېزىپ، ئۆزلۈكىمىزنىڭ يېنىك بىر ئۆتۈش بىلەن بۇ قەھرىمانلار بىلەن ئۆزلەشكەنلىكىنى بايقايمىز. رومان ئوقۇش، بىر ياندىن بۇ ئومۇمىي مەنزىرىنى ئەقلىمىزدە تۇتۇپ، يەنە بىر ياندىن قەھرىمانلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم چۈشەنچىلىرىنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تاماشا قىلىش، ئۇلارنى ئومۇمىي مەنزىرىنىڭ ئىچىدە مەنىگە ئىگە قىلىش دېمەكتۇر. بىز سەل ئاۋۋال سىرتتىن كۆرگەن مەنزىرەلەرنىڭ ئەمدى ئىچىدە بولغان بولىمىز ۋە تاغلارنىڭ كۆرۈنۈشىدىن باشقا، دەريانىڭ سالقىنلىقىنى، ئورماننىڭ ھېدىنى ھېس قىلىپ، باشقا قەھرىمانلار بىلەن مۇڭدىشىپ، روماننىڭ ئىچىدىكى ئالەمگە قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەيمىز. روماننىڭ تىلى بىر-بىرىدىن ئۇزاق ۋە ئايرىم تۇرغان پۈتۈن بۇ نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرىشىمىزگە ۋە قەھرىمانلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئىچىنى ۋە تېشىنى بىر قاراپلا كۆرگىلى بولىدىغان كۆرۈنۈشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ.
بىز بىر روماننىڭ ئىچىدىكى چېغىمىزدا كاللىمىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن قارلىق، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان سانت پېتېرسبۇرگ پويىزىدىكى ئاننانىڭ كاللىسىدەك چىڭقىلىپ كەتمەيدۇ. مەنزىرەدىن دەرەخلەرگە، قەھرىمانلارغا، قەھرىمانلارنىڭ چۈشەنچىلىرىگە، كېيىن ئۇلار تۇتقان نەرسە-كېرەكلەرگە، نەرسە-كېرەكلەردىن خاتىرەلەرگە، باشقا قەھرىمانلارغا، ئومۇمىي چۈشەنچىلەرگە توختىماستىن بېرىپ –كېلىپ تۇرىمىز. كاللىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، يات بىر مۇھىتقا تاشلاپ قويۇلغان ئۈركىگەك ۋە ئەنسىز بىر جانىۋارغا ئوخشاش جىددىي ھالەتتە ئىشلەۋاتقان، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولىدۇ. لېكىن كۆپىنچىمىز بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ پەرق ئېتەلمەيمىز. رومان ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ماشىنا ھەيداۋاتقاندا كونۇپكىلارنى باسقانلىقى، تورمۇز ياكى ماي پېداللىرىغا دەسسىگەنلىكى، خوت ئالماشتۇرغانلىقى، رولنى ئوڭ-سولغا نۇرغۇن قائىدىلەرگە بويسۇنۇپ دىققەت بىلەن بۇرىغانلىقى، يولدىكى قاتناش بەلگىلىرى ۋە ئىشارەتلىرىگە دىققەت قىلغانلىقى ۋە يولدىكى قاتناش ۋەزىيىتىنى كۈزىتىپ ماڭغانلىقى ئۆزىگىمۇ بەك بىلىنىپ كەتمىگەن بىر شوپۇرغا ئوخشاپ قالىمىز.
بۇ يەردىكى شوپۇرغا ئوخشىتىش، پەقەت ئوقۇرمەنلەرگىلا ئەمەس رومان يازغۇچىغىمۇ ماس كېلىدۇ: بەزى يازغۇچىلار رومانلىرىنى يېزىۋاتقاندا، قوللانغان تېخنىكىلارنى، كاللىسىدا قىلغان ئىش ۋە ھېساب-كىتابلارنى، رومان سەنئىتى ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان خوتلار، قول تورمۇز ۋە كونۇپكىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ھەتتا بۇلارنىڭ يېڭىلىرىنى ئىجات قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ پەرق ئەتمەي قېلىپ، ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىش قىلىۋاتقاندەك گويا ئۆزلىكىدىن يېزىپ كېتىدۇ. رومان يېزىشنىڭ (ۋە ئوقۇشنىڭ) سۈنئىي بىر تەرىپىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بۇ خىل ئىلھامنى، بۇ خىل رومان ئوقۇرمىنىنى ۋە يازغۇچىنى بىز «ساددا» دەپ ئاتايلى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان ئىلھامنى، يەنى رومان ئوقۇۋاتقاندا ياكى يېزىۋاتقاندا تېكىستنىڭ سۈنئىيلىكى ۋە رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇش-بولماسلىقىغا كىرىشىۋالىدىغان، رومان يېزىلىۋاتقاندا قوللىنىلغان چارە-تەدبىرلەرگە ۋە ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر ۋە يازغۇچىلارنى «ئويچان» دەيلى. رومانچىلىق، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم ساددا ھەم ئويچان بولۇش ئىشىدۇر.
ياكى بولمىسا ھەم «naive» ھەمدە «sentimentalisch» بولۇش ئىشىدۇر. مەن گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ خىل ئايرىشنى تۇنجى قېتىم نېمىس شائىرى فرىئېدرىخ شىللېر 1795- يىلى ئۆزىنىڭ « سەبىي ۋە چۈشكۈن شېئىرلار ھەققىدە» ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شىللېر بالىلارچە سەبىيلىكىدىن مەھرۇم قالغان، دەرتلىك، زامانىۋى شائىرلار ئۈچۈن قوللانغان نېمىسچە سۆز « sentimentalisch » ئەسلىدە تۈركچىگە (بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرچىغا) «چۈشكۈن» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. شىللېر ئەسلىدە بۇ سۆزنى ئىنگلىزچىدىن، لاۋرېنس ستېرننىڭ «تۇيغۇ سەپىرى» ناملىق رومانىنىڭ تەسىرىدە ئالغانىدى ۋە «تەبىئىي بولمىغان ۋە ئويچان» دېگەن مەنىدە قوللانغانىدى.(شىللېر بۇ ماقالىسىدە سەبىي، بالىلارچە بولغانلارنىڭ ئۈلگىلىرىنى تىزىپ كېلىپ، دانتې، شېكېسپېر، سېرۋانتېس، گۆتې ھەتتا دۈرېر قاتارلىقلار بىلەن بىللە ستېرننىمۇ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ) لېكىن بىز بۇ يەردە بۇ سۆز ھەققىدە جىق توختالمايلى. لېكىن شىللېرنىڭ « sentimentalisch » دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ ئاددىيلىقى ۋە كۈچىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋە ئۆز تۇيغۇلىرى بىلەن چۈشەنچىلىرىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەن بىر روھى ھالەتنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساقلا يېتەرلىك. شىللېرنىڭ مەن ياشلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا بەك ياخشى كۆرگەن بۇ ماقالىسىنى توغرا چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئارقىلىق ( ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم داۋاملىق قىلغىنىمدەك) رومان سەنئىتى ھەققىدىكى ئۆز چۈشەنچىلىرىمنى خىيال قىلىش ۋە (ھازىرقىغا ئوخشاش) ئۇلارنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىش مېنىڭ مەقسىدىمدۇر.
توماس مان «نېمىسچە يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى» دېگەن بۇ مەشھۇر ماقالىسىدە، شىللېر شائىرلارنى ئىككىگە ئايرىيدۇ. سەبىي شائىرلار تەبىئەت بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولىدۇ، ھەتتا تەبىئەتكە ئوخشاش بولىدۇ( تەبىئەتتەك تىپتىنچ، رەھىمسىز ۋە دانا) ۋە شېئىرنى ئۆزلىكىدىن، زادىلا ئويلانماستىن دېگۈدەك، سۆزلىرىنىڭ ئىددىيىۋىي، ئەخلاقىي نەتىجىلىرىگە كاللا قاتۇرماستىن شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نېمە دەپ قېلىشىنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماستىن يېزىۋېرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن شېئىر – زامانىۋىي ئىنسانلار ۋە شائىرلارنىڭ ئەكسىچە _ ئۆزلىرى دائىم بىللە تۇرىدىغان تەبىئەتنىڭ ئۇلاردا ئۆزلىكىدىن قالدۇرغان تەسىرىدەك بىر نەرسىدۇر. سەبىي شائىرلارغا شېئىر، ئۆزلىرى تەۋە بولغان تەبىئىي ئالەمدىن ئۆزلىكىدىنلا كېلىدۇ. شېئىرنىڭ، شائىرلار راۋۇرۇس ئويلىنىپ، ئۆلچەم-قېلىپلارغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى داۋاملىق تۈردە كۈزىتىپ، تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ يېزىپ چىققان بىر نەرسىدىن بەكرەك، ئۆزىمۇ بىلمەستىنلا يېزىۋەتكەن، ھەتتا تەبىئەت _ خۇدا_ بىر باشقا كۈچ تەرىپىدىن يازدۇرۇلغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، بۇ رومانتىك چۈشەنچە، نېمىس رومانتىزىمچىلىرىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان كولېرىجنىڭ «قۇبىلەي خان» ناملىق شېئىرىگە يازغان ئىزاھاتىدىمۇ بار ئىدى.(«قار» ناملىق رومانىمدىكى شائىر قەھرىمان Ka مۇ، شېئىرلىرىنى كولېرىج-شىللېر تەسىرىنى بويلاپ ۋە ئوخشاش سەبىي روھىي ھالەتتە يازاتتى) شىللېرنىڭ ھەر ئوقۇغىنىمدا مەندە ئاجايىپ بىر ھەيرانلىق قوزغايدىغان بۇ ماقالىسىدە، سەبىي شائىرلارنىڭ بەلگىلەش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىرسى باردۇركى، بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكۈم بار: سەبىي شائىرلار سۆز-كەلىمىلىرىنىڭ، شېئىرلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرە-كۆرۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن، ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن، دۇنيانى يېتەرلىك ۋە ھەقىقىي تەسۋىرلەپ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىدىن _ دېمىسىمۇ بۇ مەنا ئۇنىڭدىن ئۇزاقتا ۋە مەخپىي ئەمەستۇر _ پەقەت گۇمانلانمايدۇ.
شىللېرغا كۆرە چۈشكۈن ياكى ئويچان شائىرلار بولسا، ھەممىدىن بۇرۇن بۇ تېمىدا خاتىرجەم بولالمايدۇ: سۆزلىرىنىڭ رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن، ئۇنىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقىدىن، سۆزلىرىنىڭ خالىغان مەنانى يەتكۈزىدىغانلىقىدىن... بۇ سەۋەپتىن ئۇلار يازغان شېئىرلىرىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ، قوللانغان ئۇسۇللارنىڭ، تېخنىكىلارنىڭ سۈنئىيلىكىنى پەرق ئېتىپ تۇرىدۇ. سەبىي شائىرلار، ئۆزلىرى تونۇپ يەتكەن دۇنيا بىلەن ھەقىقىي دۇنيانىڭ ئارىسىدا كۆپ پەرق بار، دەپ قارىمايدۇ. ھالبۇكى، ئويچان زامانىۋىي شائىرلار، ئۆزلىرى تونۇپ يەتكەن ھەممە نەرسىدىن ۋە ئۆز تونۇشلىرىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇپ يەتكەن نەرسىلەرنى شېئىرلاشتۇرغاندا تەربىيىۋىي، ئەخلاقى، ئىددىيىۋىي پىرىنسىپلار بىلەن ئاۋارە بولىدۇ.
شىللېرنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك، كۈشكۈرتكۈچى مەشھۇر ماقالىسى، سەنئەت-ئەدەبىيات-ھايات ھەققىدە پىكىر قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈنمۇ جەلىپكار بىر مەنبەدۇر. ياش چېغىمدا ئۇنى پات-پات ئېچىپ ئوقۇغىنىمدا، كۆرسەتكەن ئۆرنەكلەرنى، شائىرلارنىڭ تۈرلىرىنى، ئۆزلىكىدىن شېئىر يېزىش بىلەن، ئەقىل بىلەن پىلانلىق ۋە ئويلىشىپ شېئىر يېزىش ئارىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە ئويلىغان چېغىمدا، ئەلۋەتتە ئۆز رومانچىلىقىمنى، رومان يېزىۋاتقاندىكى خىلمۇ-خىل روھى ھالەتلىرىمنىمۇ خىيال قىلاتتىم. ئەقلىمدە ھەتتا بىر قانچە يىل بۇرۇن رەسىم سىزىۋاتقان چاغدا ھېس قىلغانلىرىممۇ بار ئىدى. يەتتە ياشتىن يىگىرمە ئىككى ياشقىچە كەلگۈسىدە رەسسام بولىدىغانلىقىمنى خىيال قىلىپ رەسىم سىزغان ئىدىم، لېكىن ھەمىشە سەبىي بىر رەسسام ھالىتىدە قېلىۋەرگەن ۋە بەلكىم بۇنى چۈشىنىپ يېتىپ رەسىم سىزىشنى تاشلىغان ئىدىم. شۇ چاغلاردىمۇ، شىللېر شېئىر دېگەن نەرسىنى، ئومۇملاشتۇرۇپلا سەنئەت ۋە ئەدەبىيات دەپ چۈشەنگەنىدىم. بۇ دەرسلەردىمۇ ئەنئەنە بويىچە شۇنداق قىلىمەن. شىللېرنىڭ بۇ مول مەزمۇنلۇق ۋە كۈشكۈرتكۈچى ماقالىسى، رومان سەنئىتى ھەققىدە پىكىر قىلغاندا، سەبىي بولۇش بىلەن ئويچان بولۇش ئارىسىدا كېلىپ-كېتىپ ئۆتكەن ياشلىقىمنى ئېسىمگە سالغاچ ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.
دېمىسىمۇ شىللېرنىڭ ماقالىسى مەلۇم نۇقتىدىن كېيىن يالغۇز شېئىر ھەققىدە ۋە ئومۇمىي مەنىسى جەھەتتىن ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە بولۇشتىن ئۆتۈپ، ئىنسان تۈرلىرى ھەققىدىكى بىر پەلسەپىۋى يازمىغا ئايلىنىدۇ. يازما ھەم پەلسەپىۋى، ھەم پىسخىلوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئېرىشكەن بۇ نۇقتىدا، بۇنىڭ ئارقىسىدا ياتقان سۇبيېكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن: شىللېر «ئىنسانلار ئىككى خىل بولىدۇ» دېگەندە، گېرمان تارىخچىلىرىغا كۆرە، «گۆتې كەبى سەبى بولغانلار ۋە ماڭا ئوخشاش ئويچان بولغانلار!» دېمەكچىدەكمۇ قىلاتتى. شىللېر، گۆتېنىڭ پەقەت شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئۇنىڭ خاتىرجەملىكىگە، تەبىئىيلىكىگە، شەخسىيەتچىلىكىگە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىگە، ئېسىلزادىلەرچە روھىغا، ئۇلۇغ، نۇرانە پىكىرلىرىنى دىشۋارچىلىق تارتماستىنلا تېپىپ چىقىپ بايان قىلىشلىرىغا، ئۆزى بولالىشىغا، ئاددىيلىقىغا، كەمتەرلىكىگە ۋە تالانتىغا شۇنداقلا پۈتۈن بۇلارنى خۇددى بىر كىچىك بالىدەك بىلمەي يۈرۈشىگە ھەسەت قىلاتتى. ھالبۇكى ئۆزى، گۆتېگە قارىغاندا تېخىمۇ ئويچان، ئاقىل، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە غەمكىن، ئۆزى قوللانغان ئەدەبىي شەكىللەرنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ تۇرىدىغان ۋە كاللىسى بۇ تېمىلاردىكى سۇئاللار، دىلغۇللىقلار ۋە گۇمانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ روھىي ھالەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك «زامانىۋى» ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ تۇراتتى.
بۇندىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن، «سەبىي ۋە چۈشكۈن شېئىرلار ھەققىدە» نى ئوقۇغىنىمدا، خۇددى گۆتېگە ئاچچىقلانغان شىللېرگە ئوخشاش، مەندىن بۇرۇنقى بىر ئەۋلات تۈرك يازغۇچىلارنىڭ ساددىلىقىغا، بالىلارچە ھالەتلىرىگە، رومانلىرىنى ئاسانلا يېزىپ ئۇسلۇپ ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ دەردىنى تارتمايلا يۈرۈشلىرىگە قورسىقىم كۆپەتتى. لېكىن مەن «ساددا» دەپ قارىغان(بارغانسېرى بۇ سۆزنى سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىشكە باشلىغانىدىم) پەقەت ئۇلارلا ئەمەس، 19- ئەسىر بالزاك رومانلىرىنى تەبىئىي بىر نەرسە سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇنى ھېچقانداق سۇئال-سوراقسىز قوبۇل قىلغان دۇنيانىڭ بارلىق يازغۇچىلىرى ئىدى. ئەمدى، ئوتتۇز بەش يىللىق رومان يېزىش سەرگۈزەشتلىرىمدىن كېيىن، ئىچىمدىكى ساددا يازغۇچى بىلەن ئويچان يازغۇچى ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق تېپىپ چىققانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، بۇ تېمىنى، قايسى يازغۇچىنىڭ بەكرەك «ساددا» ۋە قايسى يازغۇچىنىڭ بەكرەك «ئويچان» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھېلىھەم جەلىپكار ھېس قىلماقتىمەن.
مەن تۇنجى رومانىمنى يېزىشقا باشلىغان 1970- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاھمەت ھامدى تانپىنار ۋە ئوغۇز ئاتاي قاتارلىق يازغۇچىلارنى «ئويچان» بولغانلىقلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بۇ يازغۇچىلارنىڭ رومانىدا يازغان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەنلا ئەمەس، يېزىش شەكلى ۋە يوللىرى ئۈستىدىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئىزدەنگەنلىكلىرىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولاتتىم. بۇ يەردىكى تېما، زامانىۋى تۈركىيە ياكى ئىستانبۇلدىكى ھايات بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھاياتنى قانداق قىلىپ ئەڭ مۇۋاپىق بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىش، يېزىش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن يېزا-قىشلاق تېمىسىدا يازغان يازغۇچىلارنىڭ، ئۆزلىرى يېزىپ چىققان ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەردىن ئالغان مەدەت ۋە كۈچلىرى بار ئىدى. يېزا-قىشلاق تېمىسىدا يازىدىغان يازغۇچىلار سۆز-جۈملىلىرىنىڭ، ئۇسلۇپلىرىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە باش قاتۇرمايتتى، بۇ خىل خاتىرجەملىك ئۇلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشاتتى. لېكىن ساددا ۋە ئۈمىدۋار يازغۇچىلار بىلەن ئويچان يازغۇچىلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان نەرسە، 1970- يىللاردا تۈركىيەدە ئىزچىل تەكىتلەنگەن يېزا-شەھەر پەرقىمۇ ئەمەس ئىدى. ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى مانىسادا ئۆتكەن يۇسۇف ئاتىلگان، «ئانا يۇرت مېھمانخانىسى» ناملىق رومانىدا، ئىنتايىن «ئويچان» بىر پوزىتسىيەدە ھېكايىسىنى ئاڭلاتقان بولسا، يېزا-قىشلاق تېمىسىدىكى رومانلارنىڭ تۇنجى ئۆرنەكلىرىدىن بولغان «ياۋايى» رومانىنىڭ يازغۇچىسى ياقۇپ قەدرى قارائوسمانئوغلۇنىڭ ئىستانبۇل ھاياتى يېزىلغان پۈتۈن رومانلىرى «ساددا» بىر يازغۇچىنىڭ دۇنياسىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ.
رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن دۇنيانى بىر مەنزىرىگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ تىلغا ئالدىم. رومان ئوقۇۋاتقاندا بولسا، خۇددى ماشىنا ھەيدەۋېتىپ قىلغان مەشغۇلاتلىرى ئۆزىگە تۇيۇلمىغان شوپۇرلارغا ئوخشاش، بەزىلىرىمىزنىڭ كاللىمىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىزنى دەپ ئۆتتۈم. ساددا يازغۇچى ۋە ساددا ئوقۇرمەن، ماشىنا مەنزىرىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، دەرىزىدىن كۆرۈنگەن جايلارنى تونۇيدىغانلىقىغا، كىشىلەرنى چۈشىنىدىغانلىقىغا يۈرىكىدىن ئىشىنىدىغان بىرىگە ئوخشايدۇ. ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرىنىڭ كۈچىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بولسا، مەنزىرە ھەققىدە، كىشىلەر ھەققىدە گەپ قىلىشقا ۋە ئويچان يازغۇچىلارنىڭ ئىچى تارلىقىنى كەلتۈرگۈدەك كۈچلۈك نەرسىلەرنى سۆزلەشكە باشلاپ كېتەلەيدۇ. ئويچان يازغۇچى بولسا، ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرەنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئالدى ئەينەكنىڭ بولسا لاي-پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆپرەك تىلغا ئالىدۇ ياكى بېكېت (Beckett) كە ئوخشاش سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالىدۇ ياكى بولمىسا ماڭا ۋە باشقا كۆپلىگەن بۈگۈنكى زامان يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش، ماشىنىنىڭ رولى، كونۇپكىلىرى، لاي چاچراپ كەتكەن ئالدى ئەينىكى ۋە خوتلىرىنىمۇ مەنزىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، كۆرگەنلىرىمىزنىڭ، روماننىڭ كۆرۈش نۇقتىسى ئىتىبارى بىلەن چەكلىك بولىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.
ئوخشىتىشنىڭ جەزبىدارلىقىغا بەك پېتىپ كېتىشتىن ئاۋۋال، ھەممىمىزنىڭ رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى دىققەت بىلەن تىزىپ چىقايلى. رومان ئوقۇش بۇ ئىشلارنى قىلىشتۇر، لېكىن پەقەت ئويچان يازغۇچىلارلا بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. بۇ ئىشلار، روماننىڭ ئەسلىدە نېمە ئىكەنلىكىنى(بىز بىلىپ تۇرۇپ ئۇنتۇپ قالغان بىر نەرسىنى) بىزنىڭ يادىمىزغا سالىدۇ. بىر روماننى ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بولسا:
1. ئومۇمىي مەنزىرەنى تاماشا قىلىپ، ھېكايىگە ئىز بېسىپ ئەگىشىمىز. ئىسپانىيە مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپ ئورتېگا. ي. گاسسېت، «دونكىخوت» ھەققىدە يازغان بىر كىتابتا تەۋەككۈلچىلىك رومانلىرىنى، قەھرىمانلىق رومانلىرىنى، ئەرزان رومانلارنى(بۇ تىزىملىككە رازۋېتكا رومانلىرى، ھالرەڭ ئىشقى-مۇھەببەت رومانلىرى، جاسۇسلۇق رومانلىرى...ۋاھاكازالارنى قوشۇپ قويساق بولىدۇ) ئەمدى نېمە ئىش يۈز بېرەركىن، دەپ؛ زامانىۋىي روماننى بولسا، (بۈگۈن بىز ئەدەبىي رومان دەپ ئاتىغان نەرسىنى دېمەكچى) ئاتموسفېراسى(كەيپىيات)نى دەپ ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ. گاسسېتقا كۆرە ئاتموسفېرا رومانلىرى خۇددى «مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش» ئىچىدە ھېكايە تېخىمۇ ئاز بولغان، تېخىمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىدۇر.
لېكىن مەيلى ھېكايىسى ياكى ۋەقەلىكى كۆپ بولسۇن، مەيلى مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش پەقەتلا ھېكايىسى بولمىسۇن، بىز بىر روماننى ئاساسەن ئوخشاش شەكىلدە، ھېكايىسىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇش ئادىتىمىز بىلەن ۋە ئۇچراتقان نەرسىلەرنىڭ نېمە مەنانى، قايسى ئاساسلىق چۈشەنچىنى ئىما ئەتكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز. خۇددى بىر مەنزىرە رەسىمىگە ئوخشاش، رومان بىزگە ھېچقانداق بىر ۋەقەلىكنى ئاڭلاتماي، ئايرىم-ئايرىم ھالدىكى نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلارنى تەسۋىرلەپ بەرسىمۇ ( مەسىلەن، فرانسۇز يېڭى رومانچىلىقىدا، ئالايىن روببې گرىللېت ياكى مايكۇل بۇتورنىڭ رومانلىرىدىكىگە ئوخشاش)، ئاڭلاتقۇچىنىڭ بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى، بۇ يوپۇرماقلارنىڭ قانداق بىر ھېكايىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى خىيال قىلىشقا باشلايمىز. كاللىمىز ھەمىشە ئارقا تەرەپتە بىر يەرلەردىن بىر مۇددىئا، بىر پىكىر، بىر نىيەت، خۇپىيانە بىر مەركەز ئىزلەيدۇ.
2. كاللىمىزدا سۆزلەرنى رەسىمگە ئايلاندۇرىمىز. رومان بىر ھېكايە ئاڭلىتىدۇ، لېكىن بىر رومان پەقەت بىر ھېكايىدىن ئىبارەت ئەمەستۇر. ھېكايە بەك جىق نەرسىلەرنىڭ، ئاۋاز-سادالارنىڭ، پاراڭ-سۆھبەتلەرنىڭ، خىياللارنىڭ، ئەسلىمىلەرنىڭ، بىلىمنىڭ، پىكىرلەرنىڭ، ۋەقەلىكلەرنىڭ، سەھنىلەرنىڭ تەسۋىرلىرى ئارىسىدىن ئاستا-ئاستا ئالدىمىزغا چىقىدۇ. بىر روماندىن ھۇزۇر ئېلىش، بۇ نەرسىلەرنى سۆزلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ كاللىمىزدا رەسىم-كۆرۈنۈشلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن زوق ئېلىشتۇر. سۆزلەر ئاڭلاتقان(ئاڭلاتماقچى بولغان) نەرسىلەرنى خىيالىمىزدا جانلاندۇرغاندا، ھېكايىنى بىز ئوقۇرمەنلەر تاماملايمىز. مۇشۇنداق قىلغاندا، يەنە كىتابتا دېيىلگەن ياكى ئاڭلاتقۇچى دېمەكچى بولغان، دېيىشنى نىيەت قىلغان، دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىز قىياس قىلغان نەرسىنى، يەنى كاللىمىزدا بىر مەركەزنى ئىزدىگەچ تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرىمىز.
3. كاللىمىزنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدە، يازغۇچى يازغانلىرىنىڭ قايسىلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندۇ، قايسىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققاندۇ، دەپ ئويلاپ بىلگۈمىز كېلىدۇ. بولۇپمۇ روماننىڭ بىزنى ھەيران قالدۇرغان، چۆچۈتكەن يەرلىرىدە بۇ سۇئالنى ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ سوراپ كېتىمىز. رومان ئوقۇش ئۆزىمىز رومان ئىچىدە ئەڭ بەك ئېزىپ قالغان چاغلاردىمۇ، «قايسىلىرى تەسەۋۇر، قايسىلىرى ئەمەلىيەتتۇ؟» دېگەن بۇ سۇئالنى، داۋاملىق سوراشتۇر. روماننى ساددىلىق بىلەن ھەقىقەت دەپ قېلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئوقۇش بىلەن، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكىنى ئويچان بىر شەكىلدە بىلىپ باققۇسى كېلىش، مەنتىقە جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ. لېكىن رومان سەنئىتىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇدرىتى ۋە جانلىقلىقى مۇشۇ خىل زىتلىقلاردىن تەركىپ تېپىشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنتىقىسىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ. رومان ئوقۇش دۇنيانى دېكارتچە مەنتىقىدىن باشقا بىر مەنتىقىدە چۈشىنىش دېمەكتۇر. بۇ، بىر-بىرى بىلەن زىت كېلىدىغان بىردىن كۆپ پىكىرلەرگە داۋاملىق ۋە بىئارام بولمىغان ھالدا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشىنىش دېمەكتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىچىمىزدە ئاستا-ئاستا ئۈچىنچى بىر رېئاللىق سەھنىسى، روماننىڭ مۇرەككەپ دۇنياسىنىڭ سەھنىسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ھەممە نەرسە بىر-بىرى بىلەن ھەم زىتلىشىدۇ ھەمدە قوبۇل قىلىنىپ تەسۋىرلىنىدۇ.
4. كاللىمىزنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدىن بۇلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ: رېئاللىق مۇشۇنداق بولامدۇ؟ روماندا ئاڭلىتىلغان، كۆرۈلگەن، تەسۋىرلەنگەن نەرسىلەر ئۆز ھاياتىمىزدا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن رېئاللىققا ئۇيغۇنمىدۇ؟ مەسىلەن، 1870- يىللاردا، موسكوۋادىن سانت پېتېرسبۇرگقا ماڭغان كېچىلىك پويىزدا رومان ئوقۇشقا ماس كەلگۈدەك بىر خاتىرجەم مۇھىت، جىمجىتلىق بار بولغىيمىدى، ياكى تولستوي «ئاننا كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال» دېمەكچى بولغىيمىدى-يا؟ دەپ ئۆزىمىزدىن سورايمىز. رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىدە، كۈندىلىك ھايات كەچۈرمىشلىرىمىزدىن ئېرىشكەن بىلىملىرىمىزنى ئەگەر مۇۋاپىق شەكىلدە ئىپادىلىسەك، رېئاللىققا دائىر قىممەتلىك بىر بىلىمگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئائىت بىر ئۈمىدۋارلىق ياتقان بولىدۇ.
5. بۇ خىل ئۈمىدۋارلىق بىلەن سۆز تاللاش ۋە ئوخشىتىشلارنىڭ توغرىلىقىنى، تەسەۋۋۇر ۋە بايان كۈچىنى، جۈملىلەرنىڭ يىغىلىشىنى، پروزىنىڭ مەخپىي ۋە ئوچۇق شېئىرچانلىقىنى ۋە ئاھاڭدارلىقنى ھەم دەڭسەيمىز ھەم بۇلاردىن زوق ئالىمىز. ئۇسلۇپ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە زوق ئېلىشلار رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىدە ئەمەس، لېكىن مەركىزىگە بەك يېقىن بىر يەردە بولىدۇ.(ئەپسۇسكى بۇ جەلىپكار تېمىغا مىڭلىغان مېساللارنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ كىرگىلى بولمايدۇ).
6. ھەم قەھرىمانلارنىڭ تاللىنىشى ۋە ھەرىكەت-قىلىقلىرىغا ئەخلاقىي جەھەتتىن باھا بېرىمىز، ھەمدە يازغۇچىغا قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى تۈپەيلىدىن باھا بېرىمىز. روماندا ئەخلاقىي باھالاش ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر پاتقاقلىقتۇر. رومان سەنئىتىنىڭ ئىنسانلارغا باھا بەرگەندە ئەمەس، ئۇلارنى چۈشەنگەندە ئەڭ زور، ئەڭ پارلاق نەتىجىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايلى ۋە بۇ پاتقاققا بەك پېتىپ كەتمەيلى. رومان ئوقۇۋاتقاندا، ئەخلاق ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ۋە رومان قەھرىمانلىرىغا قارىتىلغان بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى روماندىكى مەنزىرەنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك.
7. كاللىمىز پۈتۈن بۇ ئىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىۋاتقاندا، بىر تەرەپتىن بىز ئېرىشكەن ئۇچۇر، تېرەنلىك ۋە چۈشەنچىلەر ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەبرىكلەيمىز. بولۇپمۇ ئەدەبىي قىممىتى يۇقىرى رومانلاردا، تېكىست بىلەن ئارىمىزدا قۇرۇلغان قويۇق مۇناسىۋەت، بىز ئوقۇرمەنلەرگە خۇددى ئۆزىمىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. روماننىڭ پەقەت بىز ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك تۇيۇلىشى، بۇ تاتلىق يېڭىلىشىش ئىچىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا يۈكسېلىدۇ. يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا شەكىللەنگەن بۇ خىل سىرداشلىق كىتابنىڭ بىز تولۇق چۈشىنەلمىگەن، قارشى چىققان ياكى قوبۇل قىلالمىغان غەلىتە نۇقتىلىرىنى بەك چوڭ مەسىلە قاتارىدا كۆرۈۋالماستىن ئۆتۈپ كېتىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر روماندا، يازغۇچى بىلەن ئارىمىزدا قولچوماقچىلىق مۇناسىۋىتى قۇرغان بولىمىز. رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ بىر يەرلىرى بۇ قولچوماقچىلىقنىڭ بەدىلىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە مۇمكىن قىلىدىغان قانات يېپىشلار، كۆرمەسلىككە سېلىۋېلىشلار، يوققا چىقىرىشلار ۋە ياخشى تەرەپكە بۇراشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بايانچىغا ئىشىنىش ئۈچۈن، يازغۇچى دېگەن ھەممە نەرسىگە ئۇ ئارزۇ قىلغاندەك ئىشىنىپ كەتمەيمىز. چۈنكى يازغۇچىنىڭ بەزى تەلەپلىرى، جاھىللىقلىرى، ئەندىشىلىرى بىزگە خاتا كۆرۈنسىمۇ، كىتابقا بولغان ئىشەنچىمىزدىن مەھرۇم قالمىغان ھالدا داۋاملىق ئوقۇشنى ئىستەيمىز.
8. ئەس-خاتىرىمىز بىر تەرەپتىن توختىماي جىددى ئىشلەپ تۇرىدۇ. يازغۇچى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ئالەمدە بىر مەنا ۋە ئوقۇش زوقى تېپىش ئۈچۈن روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى ئىزدىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بولسا روماننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقىقىنى، خۇددى بىر دەرەخنىڭ بارلىق يوپۇرماقلىرىنى ئەسلىگەنگە ئوخشاش ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەك. يازغۇچى ئەگەر بىپەرۋا ئوقۇرمەنگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، دۇنياسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ يېنىكلەشتۈرۈپ بەرمىگەن بولسا، ھەممە نەرسىنى ئەستە تۇتۇش بەك قىيىن بىر ئىشتۇر. بۇ قىينچىلىق رومان شەكلىنىڭ چەك-چىگرالىرىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. رومانلار ئوقۇۋاتقاندا بارلىق تەپسىلاتلىرى ئەستە قالغۇدەك ئۇزۇنلۇقتا بولۇشى كېرەك. چۈنكى چوڭ مەنزىرىنىڭ ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقاندا بىزگە ئۇچرايدىغان «ھەممە نەرسە»نىڭ مەنىسى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇچراتقان «ھەممە نەرسە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. رومانلاردا «ھەممە نەرسە»، «ھەممە نەرسە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ۋە پۈتۈن بۇ مۇناسىۋەت تورى كىتابنىڭ ھەم ئاتموسفېرا(كەيپىيات)سىنى يارىتىدۇ ھەمدە ئوقۇۋاتقاندا پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئىزدىگەن، ئىزدىشىمىز كېرەك بولغان روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى ئىشارەت قىلىدۇ.
9. روماننىڭ مەخپىي مەركىزىنى ئىزدەيمىز. رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزنىڭ ساددىلارچە(بىلمەستىن) ياكى ئويلىشىپ مەقسەتلىك ھالدا ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشى دەل بۇدۇر. رومانلارنى باشقا ئەدەبىي شەكىللەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نەرسە مەخپىي بىر مەركىزىنىڭ بولۇشىدۇر. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ دېسەك، رومانلارنىڭ بىز ئوقۇۋاتقاندا بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئىزدەيدىغان بىر مەخپىي مەركىزى بولىدۇ.
روماننىڭ مەركىزى نېمىدىن تۈزۈلىدۇ، ماتېرىياللىرى نېمە؟ روماننى رومان قىلغان ھەممە نەرسىدىن، دەپ جاۋاپ بېرەلەيمەن بۇ سۇئالغا. لېكىن بۇ مەركەز، روماننىڭ بىز سۆزمۇ-سۆز ئىز بېسىپ ئوقۇغان سىرتقى كۆرۈنىشىدىن ئۇزاقتا، ئارقا تەرەپتە بىر يەرلەردە، كۆرۈنمەس، ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان، ئاساسەن دېگۈدەك ھەرىكەتچان ۋە قولغا چىقمايدىغان بىر نەرسىدۇر. ئالامەتلىرى ھەممە يەردە بولىدىغان بۇ مەركەزنىڭ ياردىمىدە، بىر روماننىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرى، بىز چوڭ مەنزىرەنىڭ ئۈستىدە ئۇچرىشىدىغان ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ.
رومانلارنىڭ مەركەزلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنى ئوقۇۋاتقان چاغدا خۇددى ئورمانلىقتا كېتىۋېتىپ ھەر بىر يوپۇرماققا، سۇنغان شاخلارغا ئۇلار بىر بىشارەتتەك گۇمان بىلەن قاراپ كېتىدىغان ئوۋچىغا ئوخشاش ئىش قىلىمىز. بىز ئۇچراتقان ھەر يېڭى سۆزنىڭ، نەرسە-كېرەكنىڭ، كىشىنىڭ، قەھرىماننىڭ، پارڭ-سۆھبەتنىڭ، تەسۋىرنىڭ، تەپسىلاتلارنىڭ، روماننىڭ تىل، ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ۋە ئەگرى-توقاي ۋەقەلىكلىرىنىڭ باشقا بىر نەرسىنى ئىما ۋە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاچ ئىلگىرىلەيمىز. روماننىڭ بىر مەركىزىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىش، بىز كېرەكسىز دەپ قارىغان تەپسىلاتلارنىڭ مۇھىم بولالايدىغانلىقىنى، روماندىكى يۈزەكى نەرسە-كېرەكلەرنىڭ مەنىسىنىڭ باشقىچە بولالايدىغانلىقىنى بىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ. رومانلار گۇناھ تۇيغۇسىغا، گۇمانخورلۇققا ۋە ئەندىشىلەرگە ئىشىكى داغدام ئوچۇق بولغان بىر بايان شەكلىدۇر. بىز رومان ئوقۇۋاتقاندا ھېس قىلىدىغان تېرەنلىك تۇيغۇسى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك بىر دۇنيادا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان يېڭىلىشىش تۇيغۇسىمۇ بۇ مەخپىي مەركەزنىڭ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
روماننى داستانلاردىن، ئوتتۇرا ئەسىر مەسنەۋىلىرىدىن، ئېپىك شېئىرلاردىن ۋە ئەنئەنىۋى تەۋەككۈلچىلىك ھېكايىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان تۇنجى نەرسە، دەل مۇشۇ مەركەزدۇر. ئەلۋەتتە رومانلار، قەھرىمانلىرىنىڭ روھى ھالەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مۇرەككەپ ۋە زامانىۋى بولۇشى، ئادەتتىكى كىشىلەر ھەققىدە كۈچلۈك شەكىلدە توختىلالىشى، كۈندىلىك ھاياتنىڭ تەپسىلاتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كىرەلىشى بىلەنمۇ باشقا ئېپىك ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدۇ؛ لېكىن بۇ ئالاھىدىلىكلەر ۋە كۈچ-قۇدرەتكە، ئارقا تەرەپلەردە بىر يەردە بىر مەركەزلىرى بولغانلىقى ۋە رومان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ ئۈمىت بىلەن ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىگە بولالايدۇ. رومانلار بىزگە ھاياتنىڭ ئادەتتىكى تەپسىلاتلىرىنى، كىچىك ئارزۇ-خىياللىرىمىزنى، كۈندىلىك ئادەتلىرىمىزنى ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەنچە، بۇ نەرسىلەرنىڭ تېخىمۇ ئارقىدا بىر يەرلەردىكى تېرەن بىر مەنانى، بىر نىيەتنى ئىشارەت قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن قىزىقىپ، ھەتتا ھەيران قېلىپ تۇرۇپ ئوقۇيمىز. چوڭ، كەڭرى مەنزىرەنىڭ ھەر بىر تەپسىلاتى، ھەر بىر يوپۇرمىقى ۋە چېچىكى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ، قىزىقىشىمىزنى قوزغايدۇ، چۈنكى ئارقىدا بىر يەرلەردە يوشۇرۇن بىر مەنا بولغان بولىدۇ.
ئۈچ ئۆلچەملىك توقۇلما بولغانلىقى، يەنى ھايات ھەققىدە ھەم يۈزەكى كۆرۈنۈشى ئارقىلىق، تۇيغۇلىرىمىز بىزگە بىلدۈرگەن شەخسىي سەرگۈزەشتلىرىمىز ۋە ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ سۆز ئاچالىغانلىقى، ھەمدە ئەڭ ئارقا تەرەپتىكى نەرسىگە، يەنى مەركەزگە، ھاياتنىڭ نەق ئۆزىگە، تولستوي «ھاياتنىڭ مەنىسى» دېگەن نەرسىگە – نېمە دېسەك دەيلى-، ئۇ يېتىپ بېرىش تەس يەرگە ئائىت بىر ئۇچۇر، بىر سەزگۈ، بىر يىپ ئۇچى بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن رومانلار بىز زامانىۋى دەۋرنىڭ ئىنسانلىرىغا، ھەتتان پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بۇ قەدەر كۈچلۈك خىتاپ قىلالايدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى ئۆزىگە ئالاقىدار ئەڭ تېرەن، ئەڭ قىممەتلىك بىلىمگە پەلسەپىنىڭ مۇشەققەتلىرىگە، دىننىڭ ئىجتىمائىي بېسىملىرىغا باش ئەگمەستىن، ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىزدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، ئۆز ئەقلىمىز بىلەن ئېرىشەلەيدىغان خىيالىي، ئىنتايىن ئادىل، ئىنتايىن دېموكراتىك بىر ئۈمىتتۇر.
ئون سەككىز يېشىمدىن ئوتتۇز يېشىمغىچە، رومانلارنى تازا بېسىپ تۇرۇپ ۋە دەل مۇشۇ ئۈمىد بىلەن ئوقۇدۇم. ئىستانبۇلدىكى ئۆيۈمدە گويا سېھىرلىنىپ قالغاندەك ئوقۇپ چىققان ھەر بىر رومان ماڭا ھاياتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس تەپسىلاتلىرى ھەققىدە پەقەت ئېنسىكلوپېدىيەلەر، مۇزېيخانىلاردىلا ئۇچرىتالىغۇدەك دەرىجىدە باي، ئۆز ھاياتىم بىلەن سېلىشتۇرالىغۇدەك دەرىجىدە ئىنسانىي، پەقەت پەلسەپە ۋە دىندىن تاپالىغۇدەك دەرىجىدە تېرەن ۋە ئومۇمىيۈزلۈك تەلەپلەر، تەسەللىلەر، ۋەدىلەر بىلەن تولغان بىر ئالەمنى سۇنۇۋاتاتتى. رومانلارنى دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، ئۆزۈمنى ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈش، روھىمنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ، چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ ئوقۇيتتۇم.
بۇ دەرسلەردە، بىز ئارىدا پات-پات ئەسلەپ تۇرىدىغان ئې. م. فورستېر، «رومان سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا، بىزنىڭ ھېسداشلىقىمىزنىڭ بىر روماننىڭ قىممىتىنى بىزگە بەلگىلەپ بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. مېنىڭچە بولسا، بىر روماننىڭ قىممىتى شۇ رومان مەركىزىنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزىنى، مەناسىنى ئىما قىلىپ بىرىش كۈچىگە باغلىق بولىدۇ. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتساق، بىر روماننىڭ ھەقىقىي قىممىتى بىزدە ھاياتنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر نەرسە ئىكەنلىكى تۇيغۇسىنى قوزغىيالىشى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك. رومانلار ھايات ھەققىدىكى ئاساسلىق چۈشەنچىلىرىمىزگە خىتاپ قىلىشى ۋە بۇ خىل تاما بىلەن ئوقۇلىشى كېرەك.
ھاياتنىڭ مەخپىي مەناسىنى، غايىپ بولغان بىر قىممەتنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشقا، تېپىپ چىقىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلمىلىرى تۈپەيلىدىن، رومان سەنئىتىنىڭ روھىغا ۋە پىچىمىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەرىز بولسا نېمىسلارنىڭ Bildungsroman دېيىلگەن، ياش قەھرىمانلارنىڭ دۇنيانى تونۇغاچ چوڭ بولۇشى بايان قىلىنىدىغان يېتىلىش، تەربىيەلىنىش، چوڭ بولۇش تېمىسىدىكى رومانلىرىدۇر. ياش چېغىمدا بۇنداق رومانلارنى(فلائۇبېرتنىڭ «رومانتىك تەربىيە» رومانىنى، توماس ماننىڭ « سېھىرلەنگەن تاغ» رومانىنى) ئوقۇپ ئۆزۈمنى يېتىشتۈردۈم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، روماننىڭ مەركىزى بېرىدىغان ئاساسلىق بىلىم-ئۇچۇرلارنى، يەنى دۇنيانىڭ قانداق بىر جاي، ھاياتنىڭ قانداق بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئائىت بىلىم-ئۇچۇرنى پەقەت روماننىڭ مەركىزىدىلا ئەمەس، بىر روماننىڭ ھەممە يېرىدە كۆرۈشكە باشلىدىم. ياخشى بىر روماننىڭ ھەر بىر جۈملىسى بىزگە ئەسلىدىكى قالتىس بىلىم-ئۇچۇرنى (بۇ دۇنيادا ياشاش قانداق بىر ئىش، بۇ قانداق بىر تۇيغۇ) ھېس قىلدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر بەلكىم... بۇ دۇنيادىكى سەپىرىمىزنىڭ، يەنى شەھەرلەردە، كوچىلاردا، ئۆيلەردە ۋە تەبىئەتتە ئۆتكەن ھاياتىمىزنىڭمۇ، مەۋجۇتلۇقى گۇمانلىق بىر مەخپىي مەنانى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنىمۇ رومانلاردىن ئۆگەندىم.
بۇ دەرسلىرىمىزدە روماننىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى قانداق ئېلىپ يۈرىيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى رومان ئوقۇۋاتقاندا روماننىڭ مەركىزىنى ئىزدەيدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشاش ياكى ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزدەۋاتقان رومان قەھرىمانلىرىغا ئوخشاش، بىزمۇ قىزىقىش ۋە سەمىمىيەت بىلەن، دۇرۇست ھالدا رومان سەنئىتىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە تىرىشىمىز.
بىز ئىچىدە كېزىۋاتقان چوڭ مەنزىرە، بىزنى، يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە، روماندىكى كىشىلەرگە، ھېكايە توقۇلمىسىغا، توقۇلما چۈشەنچىلىرىگە، زامان مەسىلىلىرىگە، نەرسە-كېرەكلەرگە، كۈزىتىشكە، مۇزىيخانىلارغا ۋە بەلكىم خۇددى ھەقىقىي بىر رومانغا ئوخشاش بىز بۇرۇن سېزەلمىگەن، ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغۇچى يەرلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.

تۈركىيە «ئىلەتىشىم» نەشىرىياتى 2011- يىلى نەشىر قىلغان «ساددا ۋە ئويچان يازغۇچى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى