يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەتراپىمىزدىكى «سەللىلىك» قىزلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ئەتراپىمىزدىكى «سەللىلىك» قىزلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 3107 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسلى تېما: ھىندىستان شىك دىنى مۇرتلىرىنىڭ سەللىسى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

بۇ قىسقا ماقالىدە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قىزلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرىدىن بىرى بولغان ياغلىق چىگىشىدىكى قىسمەن ۋە غەلىتە ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىمىز.


بىزنىڭ ئانىلىرىمىز، خانىم-قىزلىرىمىز ئىلگىرىكى زامانلاردا بېشىغا ياغلىق چىگىشنى، مومايلار رومال ئارتىش (بۇ ھەرگىزمۇ ھىجاپلىنىشنى كۆرسەتمەيدۇ)نى ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ياغلىق چىگىشلىرىمۇ ئاددىي ۋە قولايلىق ئىدى. مەيلى نامرات ئائىلىلەر بولسۇن، مەيلى دۆلەتمەن ئائىلىلەردىكى ئاياللار بولسۇن، ياغلىق چىگىش شەكلى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك دەرىجىدە پەرقلىق ئەمەس ئىدى. ياغلىق چىگىۋالغان قىز-ئاياللىرىمىز تولىمۇ ئىللىق ۋە يېقىملىق كۆرۈنەتتى.

ئەپسۇسكى، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ شەھەرلەردە ياغلىق چىگىشتىكى شەكىللەردىمۇ ئاجايىپ-غارايىپ تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. بۇ ھال كۆپىنچە ھاللاردا ياش قىزلىرىمىزدا كۆپرەك ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. مەن كۆزەتكەن بەزى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ھازىر كۆرۈلگەن ياغلىق چىگىش ھالەتلىرى ھەرخىل ئۈنچە-مارجانلىق ياغلىقسىمان نەرسىلەرنى ياغلىقنىڭ ئورنىدا ئارتىۋېلىش، بېشىغا يا چۈمبەلگە، يا رومالغا ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنى ئارتىۋېلىش، ئىككى ئىڭەكتىن قوشۇپ چىڭڭىدە چىگىۋېلىش، ئۇرۇش دەۋرىدىكى پارتىزانلارنىڭ بېشىغا ياغلىق چىگىۋېلىش شەكلىدىكى ياغلىق چىگىش، شۇنداقلا سەللىسىمان شەكىلدە چىگىۋېلىش ياكى تەييار سەللىدەك شەكىلدە ئورالغان نەرسىلەرنى كىيىۋېلىش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت بولماقتا. بۇنداق كىيىنىۋېلىش قانۇنغا ياكى ئەخلاق سىستېمىمىزغا خىلاپ ئەمەس، لېكىن ھەر نەرسە لايىقىدا، ئۆز يولىدا بولغىنى ياخشىمىكىن دەيمەن.


بۇ يەردە سەللىسىمان ياغلىق چىگىش ۋە ئەرلىرىنىڭ سەللىلىك يۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان ھىندىستاندىكى شىك دىنى ھەققىدە توختىلىمەن:
يېقىندىن بۇيان، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا سەللىسىمان شەكىلدە ياغلىق چىگىۋالغان قىزلارنى ئۇچراتماقتىمىز. ئاشۇ شەكىلدە ياغلىق چىگىۋالغان بىر قىزدىن سورىشىمچە، ياغلىقنى سەللىسىمان شەكىلدە چىگىش ئۇلارنىڭ «مودىسىمىش». قاراڭلار بۇ گەپكە، نېمىدېگەن نادانلىق بۇ؟ كېيىن ئۇ قىزنى مەن بىر نەچچە قېتىم شۇ «سەللىلىك» ھالدا ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن شۇ تەرىقىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا شۇنداق «سەللىلىك» قىزلاردىن خېلى كۆپ ئۇچراتتىم. قىزلىرىمىزنىڭ بۇ خىل «سەللىسى» ماڭا ھىندىستاندىكى شىك دىنى مۇرتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى، يەنى سەللىسىنى ئەسلىتىپ قويدى.

بۇ خىل سەللە ھىندىستاندىكى شىك دىنى مۇرتلىرىغا مەنسۇپ. شىك دىنى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ناناك ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن بىر خىل دىن بولۇپ، ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە تارقالغان، پاكىستان، مالايسىيا ۋە ئامېرىكىدىمۇ ئاز ساندا مۇرتلىرى بار. بۇ دىن موغۇل خانىدانلىقى دەۋرىدىكى ھىندى دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ سىڭىشىشى نەتىجىسىدە بىخلانغان بولۇپ، كېيىن مۇستەقىل دىن بولۇپ شەكىللەنگەن. «شىك» دېگەن سۆز سانسىكرىتچە سۆز بولۇپ، «مۇرت بولۇشنى خالاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شىك دىنىدىكىلەر كالىنى ئۆزىگە ئىلاھ قىلغان بولۇپ، كالا گۆشىنى يېمەيدۇ. شىك دىنىدىكىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ ئەرلىرى بېشىغا كىيىۋالغان ئاجايىپ رەڭگارەڭ ۋە ھەشەمەتلىك سەللىسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل سەللىلىك شىك دىنى مۇرتلىرىنى ھىندىستان فىلىملىرىدىنمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىز.

شىك دىنىدىكى ئۇ خىل سەللىنى ئۇلار «تۇربان» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە، شىكلارنىڭ ئەرلىرى كىچىكتىن چوڭغا ھەممىسى قويۇق ساقال، بۇرۇت قويۇشى ھەمدە بېشىغا سەللە ئورىشى كېرەك. كىچىك بالىلارنىڭ سەللىسى نىسبەتەن ئاددىي بولۇپ، پەقەت قارا رەختتىنلا ئورىلىدۇ. چوڭلارنىڭ سەللىسىنىڭ ئورىلىش شەكلى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، ئالدى بىلەن قارا رېزىنكە بوغقۇچ بىلەن يالغان چاچ تۈگۈنى چىقىرىلىدۇ، ئاندىن يەنە ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رەخت بىلەن سەللە ئورىلىدۇ، شەكلى ھەرخىل، ھەرياڭزا بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا كىيىمىنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ ئورىۋالىدۇ.


شىك دىنىدىكىلەرنىڭ بۇ سەللىسى ئەرەبلەرنىڭ «كەفاي» دېيىلىدىغان سەللىسى بىلەن پەرقلىنىدۇ. بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇلارنىڭ قىز-ئاياللىرىنىڭ سەللە ئورىشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن.

ھازىر بىزنىڭ بىر قىسىم گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ياغلىق چىگىش شەكلى ئەنە شۇ شىك دىنىدىكىلەرنىڭ سەللە ئوراش شەكلىگە تامامەن ئوخشاپ قالماقتا. مەن ھەر قېتىم كوچىلاردا ئاشۇنداق غەلىتە «سەللىلىك» قىزلارنى ئۇچراتقىنىمدا ئۇلارنى شىك دىنى مۇرتلىرىمىكىن دەپ قالىمەن. بېشىغا نېمە ئارتىش قىزلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە نەرسە لايىقىدا بولۇشى كېرەك.


ھەتتا ھىندى، ئەرەب قىزلىرىمۇ ئۇنداق سەللە ئوراشقا يۈزلەنمىگەن يەردە قىزلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا نەدىن كەپ قالغانكىن دەيمەن!؟ ئۇيغۇرلاردا قىز-ئاياللارنىڭ سەللە ئورىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئۇچراتمىغانىدىم. بەلكىم دۇنيادىكى باشقا ئەللەردىمۇ قىز-ئاياللار سەللە ئورايدىغان ئادەت بولمىسا كېرەك.


مەنچە تەرەققىيات ھەرگىزمۇ غەيرىي شەكىللىك ئۆزگىرىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى دەۋر تەلىپىگە ماس كەلگەن ھەرقانداق ئەنئەنىنىڭ ئۆزگەرمەي ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلىشىنىڭ ئۆزىمۇ تەرەققىياتنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر. شۇڭا، تەرەققىي قىلىش ۋە زامانغا ماسلىشىش ئۈچۈن چوقۇم غەيرىي شەكىللىك ئۆزگىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
مەنبە: نۇر تورى

Tags:
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى