يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جاھاندىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار_ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ

جاھاندىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار_ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ

ۋاقتى: 2015-12-11 ئاۋاتلىقى: 2212 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جاھاندىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار_ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ
كامبودژا كىمخېر پادىشاھلىقىنىڭ يوقىلىشى
كىمخېر پادىشاھلىقى ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپىرىيە
بولۇپ، زېمىنى ھازىرقى كامبودژادىن تارتىپ لائوس، تايلاند، ۋېيتنام، بېرما ۋە
مالايسىياغىچە سوزۇلغان. كىمخېر پادىشاھلىقىنىڭ ۋاقتىنى مىلادى 802- يىلىغىچە
سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. كىمخېر پادىشاھلىقىدىن ھېچقانداق يازما خاتىرە قالمىغاچقا، بۇ
پادىشاھلىققا ئائىت ئىگىلەنگەن مەزمۇنلار ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقات ئارقىلىق ئاز-
ئازدىن توپلانغان. زادى قايسى ئىش بۇ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنى ھالاكەت يولىغا دۇچار
قىلدى؟
شېننۇڭجيا ياۋا ئادىمى
ئېيتىلىشچە شېننۇڭجيا ياۋا ئادىمى شېننۇڭجيا (خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر يەرنىڭ
نامى) ئەتراپىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا بۇ توغرىسىدا تەكشۈرۈش
ئېلىپ بېرىلغان، تېپىلغان نەرسىلەر پەقەت بىر قىسىم ئاتالمىش ئاياغ ئىزى ۋە باشقا
ئىزلاردۇر. ئەمما ھازىرغا قەدەر شېننۇڭجيا ياۋا ئادىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى
ئىسپاتلايدىغان قايىل قىلارلىق دەلىل- ئىسپات يوق. سىرلىق شىمالىي كەڭلىك 30 گرادۇس
سىزىقىغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قىسىم تەبىئيەت سىرلىرى تۇتاشقان،
شېننۇڭجيا ياۋا ئادىمىنىڭ سىرىمۇ مۇشۇ سىرلىق كەڭلىك سىزىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
بولۇشى مۇمكىن.
قەدىمىي قەبرىدىكى ئۆچمەس چىراغنىڭ سىرى
قەدىمىي قەبرىدىكى ئۆچمەس چىراغ ھادىسىسى جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا
بايقالغان، مەسىلەن ھىندىستان، جۇڭگو، مىسىر، گرېتسىيە، شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق
قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت ۋە رايونلاردا. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كۆيىدىغان بۇنداق
سىرلىق چىراغ نېمىشقا ھازىرغىچە يېتىپ كەلمىدى؟ غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ چىراغلار
بايقالغان ھامان مەلۇم بىر خىل شەكىلدە ناھايىتى تېزلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئەجىبا
قەدىمكى كىشىلەر مەلۇم بىر خىل ئەپسۇن ئارقىلىق بۇ مەخپىيەتلىكنى قوغدىماقچىمۇ؟
چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسىدىكى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى
چىن شىخۇاڭنىڭ مەقبەرىسى شىئەن شەھىرىگە 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان لىنتۇڭ
رايونىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى لىشەن تېغى قاپتىلىغا جايلاشقان. «تارىخنامە» دە
خاتىرىلىنىشچە، چىن شىخۇاڭ 13 ياش چېغىدىلا بۇ مەقبەرىنى ياساشقا باشلىغان بولۇپ،
مەقبەرىنى لايىھەلەشكە باش ۋەزىر لى سى يېتەكچىلىك قىلغان، بۆيۈك سانغۇن جاڭ خەن
قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغان، بۇ قۇرۇلۇش 38 يىلدا پۈتكەن.
جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ تونىلىدىكى گۆھەر
مورىس شۇ جايدىكى ھەر خىل قەبىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 1965- يىلى
ئېكۋاتورغا بارغان، ئەمما ئۇ ئويلىمىغان يەردىن تارىخى ئېنىق بولمىغان بىر چوڭ
تونىلنى بايقىغان. 1972- يىلى ئارخېئولوگلار مورىسنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بۇ چوڭ
تونىلنى تەكشۈرگەن. بۇ تونىلنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان گۆھەرلەر بار
بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان تاش ھەيكەلنىڭ ئۈچ بېشى بار ئىدى،
بەزىلىرىنىڭ ھەتتا يەتتە بېشى بار ئىدى؛ ئۈچ بۇرجەك تاختىغا كىشىلەر بىلمەيدىغان
يېزىق ئويۇلغانىدى.
13 دانە خروستال باش سۆڭىكى
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر قەدىمىي
رىۋايەت بار: قەدىمكى زاماندا 13 دانە خروستال باش سۆڭىكى بار بولۇپ، بۇ خروستال
باش سۆڭەكلىرىگە ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ھالاك بولۇشىغا ئائىت ماتېرىياللار
يۇشۇرۇنغان، بۇلار ئىنسانلارنىڭ ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرەلەيدىكەن.
كىشىلەر چوقۇم 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن ئىلگىرى بۇ خروستال باش
سۆڭەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئېيتىلىشچە، 2011- يىلى 3-
ئايدا، گېرمانىيەدە 13- خروستال باش سۆڭىكى بايقالغان.
شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تاش
دۇڭشەندىكى شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تاش فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ دۇڭشەن
ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، «جاھاندىكى بىرىنچى ئاجايىب تاش» دەپ تەرىپلەنمەكتە،
تاشنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 200 توننا كېلىدۇ. بۇ تاشنىڭ ئاجايىبلىقى ئۇنىڭ
تەڭپۇڭلۇقىنى ئالدى- كەينى، ئوڭ- سول تەرەپتىن ئىنتايىن ياخشى ساقلىغانلىقىدا،
شامال ئۇرۇلغاندا بۇ تاش ئوڭ- سولغا پۇلاڭلايدۇ. بۇ تاشنى ئادەم كۈچى ئارقىلىقمۇ
ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، مۇۋاپىق جايىنى تاپالىسا، بىر ئادەملا بۇ غايەت زور
تاشنى ئاستا مىدىرلىتالايدۇ. بۇ تاش زادى قانداق شەكىللەنگەن، بۇ ھازىرغا قەدەر بىر

سىر بولۇپ تۇرماقتا.


جۇڭگودىكى بېرمۇدا
تۆرەم ئىبادەتخانىسى سۇ بۆلىكى جياڭشى ئۆلكىسىدىكى دۇچاڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان
بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى پوياڭ كۆلىنىڭ گەنجياڭ دەرياسىغا
تۇتىشىدىغان بۆلىكىدۇر، بۇ سۇ بۆلىكى پۇياڭ كۆلىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى بولۇپ، سۇ
ئېقىمى تېز، قاينام كۈچلۈك بولغاچقا، دائىم دېگۈدەك كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز
بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈزۈپ چىققىلى بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن جۇڭگودىكى بېرمۇدا دەپ
نام ئالغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن 80 يىللىرىغىچە بولغان 30 يىلغا
يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مەزكۇر سۇ بۆلىكىدە 200 دىن ئارتۇق كېمە چۆكۈپ كەتتى، 1600
دىن ئارتۇق ئادەم يوقاپ كەتتى.
لېمۇرىيە مەدەنىيىتىنىڭ سىرى
رىۋايەتلەردىكى لېمۇرىيە مەدەنىيىتى ئاتلانتىس مەدەنىيىتى بىلەن تەڭ تۇرىدىغان،
ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن
قەدىمىي مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا،
لېمۇرىيە جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان بولۇپ، لېمۇرىيە مەدەنىيىتى يۈكسەك
تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت ئىكەن. بۇ قۇرۇقلۇقنىڭ كونكرېت قالدۇقىنى تاپماق
ئىنتايىن قىيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوڭقۇر
باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر تېخى بىرەر ئادەم بۇ مەدەنىيەتنىڭ
مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگىنى يوق.
51- رايون
51- رايون ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى لىنكولن ۋىلايىتىگە
جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى لاسۋىگاس شەھەر مەركىزىگە 130 كىلومېتىر
كېلىدۇ. 51- رايون ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئۇچقۇنى مەخپىي تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان ۋە
سىناق قىلىدىغان جايى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جاينىڭ
نۇرغۇنلىغان نامەلۇم ئۇچار جىسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
2002- يىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نېۋادا شىتاتلىق ھۆكۈمەتتىن
51- رايوننى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى، 51- رايون ھازىر بەش بۇرجەكلىك بىنا
ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا تەۋە.
جۇڭخۇا يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى غەلىتە ۋەقە
تەيۋەن «جۇڭخۇا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نىڭ بىر ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانى 2002-
يىلى 5- ئايدا پېڭخۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 200 دىن ئارتۇق
ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، كېيىن توردا «جۇڭخۇا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ CI611
نومۇرلۇق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىدا قازا قىلغۇچىنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى» تارقىلىپ
كەتتى. بۇ ئاۋازلىق ئۇچۇر بوش يىغلىغان ئاۋاز ۋە ئۈزۈلۈپ ئاڭلىنىۋاتقان دېڭىز
دولقۇنىنىڭ ئاۋازى بار ئىدى. بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ
ئەينى چاغدا بۇ ئۇچۇرنى ئىككىلا ئادەمگە ئەۋەتىپ بەرگەنىكەن، ئويلىمىغان يەردىن
پۈتۈن تەيۋەنگە تارقىلىپ كەتكەن. بۇ ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر
«ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» دېيىشكەن.
پىكت تاش ئابىدىسىنىڭ سىرى
ئالىملار تاش قوراللار دەۋرىدىكى كېلتىكلار (مىلادى 300- يىلىدىن مىلادى 843-
يىلىغىچە ياشىغان پىكتلار) ياسىغان پىكت تاش ئابىدىسىنىڭ سىرىنى يېشىشكە ئىزچىل
ئۇرۇنۇپ كەلدى. تاشقا ئۇيۇلغان بەلگىلەر يازغىلى بولىدىغان بىر مۇرەككەپ تىلغا
ۋەكىللىك قىلامدۇ ياكى پەقەتلا بىر مۇقەددەس ھەيكەلمۇ؟
قەدىمىي خەنجەرنىڭ سىرى
1994- يىلى چىن شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىدىن بىر تۈركۈم برونزا
خەنجەرلەر بايقالدى، بۇ خەنجەرلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى سىپتا بولۇپ، سېرىق توپا
ئاستىدا 2000 يىل كۈمۈلگەن بولسىمۇ، قېزىپ چىقىلغاندا پارقىراپ يېپيېڭى ھالەتتە
تۇرغان، بىسى ئىنتايىن ئۆتكۈر ئىكەن. بۇ خەنجەرلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سىرتقى
يۈزىدە 10 مىكرومېتىر قېلىنلىقتا بىر قەۋەت خروم تۇزى بېرىكمىسى بايقالغان. بۇ
بايقاش شۇ زامان پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى، چۈنكى خروم تۇزىنى ئوكسىدلاندۇرۇپ
بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى يېقىنقى زاماندا بايقالغان بولۇپ، گېرمانىيە 1937- يىلى،
ئامېرىكا 1950- يىلى بايقىغانىدى.
بابىلون پەلەك مۇنارىنىڭ سىرى
كىشىلەر بابىلون پەلەك مۇنارىنىڭ قانداق بىنا بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، پەقەت
ئۇنىڭ يىراق قەدىمكى دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بابىلون پەلەك مۇنارى
يەھۇدىلارنىڭ «تەۋرات» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. ئارخېئولوگلارنىڭ ئەمەلىي
ئۆلچىشى ۋە مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بابىلون پەلەك مۇنارىنىڭ ئۇلىنىڭ تەرەپ
ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 96 مېتىر، مۇنار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكىمۇ
تەخمىنەن 96 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن پەرق يوق
ئىكەن، بابىلون پەلەك مۇنارى ئەينى چاغدا بابىلون دۆلىتىدىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت

ئىدى


Tags:
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى