يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئەنئەنىلىرى

نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئەنئەنىلىرى

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 863 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە نەۋرۇز — يېڭى يىل بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئەسلىدىن ھۇن (ئۇنغۇر)، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايرىمى ئىكەنلىكى، تۈركىي قوۋملار ئارقىلىق ياۋرو–ئاسىياغا تارقالغانلىقى، نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر–تۈرك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ، نەۋرۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيەتلىك تەرەپلىرى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر–تۈركلەر، نەۋرۇز — يېڭى يىل بايرىمى، ئەنئەنە

1. نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى
مىللەتلەرنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان مەنىۋى ئامىللار ئادەت–ئەنئەنىلىرى، مىراسلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىدۇر، بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرغان، ئۇنى ياشناتقان، داۋاملاشتۇرۇشقا مۇمكىن قىلغان تۈرك مەدەنىيەت ئۈلگىلىرىدىن بىرى نەۋرۇز (يېڭى يىل) بايرىمىدۇر. تۈرك خەلقلىرى تارىختىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھاياتتىكى بەزى ئۈنۈملۈك ۋاقىت، ۋەقەلەرنى بايرام دەپ قۇتلۇقلاپ كەلگەن. بۇلارنىڭ بىرى نەۋرۇز (يېڭى يىل) بايرام كۈنىدۇر.
«نەۋرۇز» ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، نەۋ — يېڭى، رۇز — كۈن، يەنى يېڭى كۈن، «تۇنجى باھار كۈنى»، «يېڭى يىل كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز بايرىمى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاش ھەر يىلى 3– ئاينىڭ 21– كۈنى قۇتلۇقلىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بۇ بايرام يېڭى يىل بايرىمى دەپ قۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز مىلادىيە كالىندارى بويىچە كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلىشىدىغان مەزگىل مارت ئېيىنىڭ 21– كۈنىدىن 23– كۈنىگىچە بولىدۇ.
نەۋرۇز — يېڭى يىل بايرىمى 2009– يىلى دۇنيا مەدەنىيىتى مىراسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، 2010– يىلدىن باشلاپ خەلقئارا نەۋرۇز بايرىمى قىلىپ بەلگىلەندى.
نەۋرۇز پائالىيىتى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا، مىللەتلەردە ھەر خىل ئىسىم–ئاتاشلار بىلەن قۇتلۇقلانغان. تۈركىي خەلقلەردە بۇ دىنىي بايرام بولۇشتىن كۆپرەك، بىر تەبىئەت بايرىمى، بىر قۇتۇلۇش بايرىمى، باھار بايرىمى بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن.
ئەڭ قەدىمكى تۈركىي خەلق بايرىمى بولغان نەۋرۇز تۈركىي خەلقلەردە ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن.
نەۋرۇز بىرقانچە مىڭ يىللاردىن بېرى تۈرك قوۋملىرى ئارىسىدا قۇتلۇقلىنىپ كەلگەن. بۇ بايرام مىلادىدىن بۇرۇنقى 8– ئەسىردە ھۇنلار (ئۇنغۇر) تەرىپىدىنمۇ قۇتلۇقلانغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا پۈتۈن تۈرك قوۋملىرى تەرىپىدىن ئەڭ بۈيۈك بايرام دەپ ئالقىشلىنىپ كەلگەن. (تۈرك بايرىمى نەۋرۇز: http://www.turksolu.com.tr/78/adiguzel78.htm)
تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، نەۋرۇز نامى بىلەن قۇتلۇقلىنىپ كەلگەن بۇ بايرام يەنىسەي (ئاناساي)، ئورقۇن ئەتراپلىرىدىن، ئالتاي تاغلىرى ئەتراپلىرىدىن ھۇن (ئۇنغۇر)لارنىڭ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشى بىلەن ماجارىستان (ۋېنگىرىيە–ھۇنگىرىيە)، بالقان ۋە ياۋرو–ئاسىياغا تارقالغان. مىلادى 8– ئەسىردىن باشلاپ، ھازارلارنىڭ جەنۇبىدىن ئانادولۇغا ۋە مىسسىپوتامىيەگە تارقالغان. مىسىر نەۋرۇزنى يىلبېشى دەپ مۇقىملاشتۇرغان. تۈركلەرنىڭ بۇ يېڭى يىل بايرىمى ئىرانلىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، نەۋرۇز دەپ تەرجىمە قىلىپ قوللىنىلغان. ئىران ئارقىلىق ئەرەبلەرگىمۇ تارقالغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئابباسىيلار دەۋرىدە نەۋرۇز بايرىمى دەپ قۇتلۇقلاش داۋام قىلغان، سالجۇقىلاردا، ئوسمانىي (ئوسمان تۈركلىرى)لاردا بۇ ئەنئەنە داۋاملاشتۇرۇلغان. ھەرقايسى جايلاردا نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن ئورتاق تەرەپلەرمۇ بولماقتا. ئورتاق تەرەپلەرنىڭ بىرى نەۋرۇز ئوتىدۇر، قەدىمكى تۈركلەردە ئوت بەخت دەپ قارىلىدۇ.
تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان نەۋرۇز ئاتىلىرىمىز بولغان ھۇنلاردىن باشلىنىپ، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، تۈركمەن، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، قازاق قاتارلىق تۈرك قوۋملار ئارىسىدا تارىختىن بۇيان يېڭى يىلنىڭ باشلانغىنى بولۇپ قۇتلۇقلانغان ھەم بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخ ماتېرىياللىرى بولغان «تارىخىي خاتىرىلەر» ۋە «خەننامە. ھۇنلار تەزكىرسى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلاردا مىلادىدىن بۇرۇنقى 3– ئەسىردە مودۇن (مەتە–باتۇر) تەڭرىقۇت زامانىسىدىن بېرى تۈركلەردە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ھۇنلار 21– مارتتا تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى ھازىرلاپ، يايلاقلاردا يىغىلىپ، ئاتا–ئەجدادلىرىنى ئەسلىشىپ، مال–چارۋا ۋە نوپۇس سانىنى ئېنىقلاپ، تەبىئەت، زېمىنغا، تەڭرىگە ئاتاپ مال–چارۋىلارنى سويۇپ، داش قازانلارنى ئېسىپ، مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە نەغمە–ناۋا، تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. «نەۋرۇز ئوتى» يېقىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، سۇدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، چۈنكى تۈرك مەدەنىيىتىدە «ئوت» ۋە «سۇ»دا مول ھوسۇل، بەرىكەت، ھاياتلىق، تىرىلىش جەم بولىدۇ دەپ قارالغان. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى «يېڭى كۈن»نىڭ باشلىنىشىغا باغلىنىشلىق ئىشلار ھازىرمۇ ئۇچرايدۇ.
1) تۈركلەرنىڭ ئەرگىنەقۇندىن چىقىش كۈنى 3– ئاينىڭ 21– كۈنى بولۇپ، تۈرك خەلقلەرى بۇ كۈننى «قۇتۇلۇش بايرىمى» دەپ قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە.
2) ئون ئىككى ھايۋانلىق قەدىمكى تۈرك تەقۋىمى (كالېندارى)دا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن كۈنى دەل 3– ئاينىڭ 21– كۈنى بولۇپ، «يىلبېشى» دەپ ئېتىراپ قىلىنماقتا، بۇ كۈندە يېڭى يىل قۇتلۇقلانماقتا.
3) قىش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىپ باھارنىڭ باشلىنىشى، تەبىئەتنىڭ جانلىنىشى 21– مارتتا بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر قىشلاقلاردىن يايلاقلارغا كۆچۈشكە باشلايدۇ، بۇ كۈن «باھار بايرىمى» بولۇپ چوڭ ۋە كەڭ كۆلەمدە قۇتلۇقلىنىدۇ.
بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (3– ئاينىڭ 21– كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەۋرۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن، ‹نەۋرۇز› بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە–رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ‹نەۋرۇز› بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.» («ئۇيغۇر ئۆرپ–ئادەتلىرى» ناملىق كىتابتىن)
بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ، «نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى) دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.
«نەۋرۇز نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا ۋە يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زارا ئاسترىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە ۋە زارا ئاسترىزمدىن كېيىنكى ئاخرۇمازداغا سېغىنىش، دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ «نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى). نەۋرۇزنىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئاسترونوملار، جۈملىدىن ئەبۇر رەيھان بىرونى، ئۆمەر ھەييام… قاتارلىقلار «قوزى (ھەمەل)» بۇرجىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەتتا، زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋېتسا»دىمۇ نەۋرۇزنى قوزى بۇرجى بىلەن باشلىنىدۇ، دەپ يېزىلغان. زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئاۋېتسا» مىلادىدىن بۇرۇنقى 10– ئەسىردە يېزىلغان.
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قويۇپ، «ئاق قوزا» ئاتلىق يۇلتۇزغا ئىنسانلارغا قۇت–بەخت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە «ئاق قوزا» ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنىنى يېڭى كۈن (نەۋرۇز) دەپ قۇتلۇقلاشقان، بۇ ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3– ئاينىڭ 21– كۈنىدۇر).
ھازىرغا قەدەر، تۈركىي خەلقلەردە بۇ خىل ئادەت–ئەنئەنە، قائىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقانغا، ھەتتاكى ئامېرىكىدىكى قىزىل دەرلىلەر ئارىسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە. ھەر يىلى، يەنى 3– ئاينىڭ 21– كۈنىدىن
23– كۈنىگىچە بۇ كۈن قۇتلۇقلىنىدۇ. بۇ كۈندە «كۆجە» دېگەن ئالاھىدە تاماق تەييارلىنىدۇ. مازارلىق زىياپىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، زىياپەتتە ھالۋا، پولۇ ۋە تۈرلۈك تاماقلار تارتىلىدۇ، ناغرا–سۇناي چېلىنىپ، تۈرلۈك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى، ئەلنەغمە ئويۇنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۈگۈنگە قەدەر، تۈرك قوۋملىرى ئارىسىدا خىرىستىيان بولغان چۇۋاشلار، بۇددىست بولغان تۇۋالار ۋە مۇسۇلمان بولغان قىرغىز، ئازەرىيلەرمۇ بۇ بايرامنى قۇتلۇقلايدۇ. ئەگەر ئۇ شىئە–ئالەۋى بايرىمى بولسا ئىدى، خىرىستىيان دىنىغا ئېىقاد قىلىدىغان تۈرك قوۋملىرى قۇتلۇقلىماس ئىدى، بۇددىست تۈركلەرنىڭ بۇ بايرامنى بىللە قۇتلۇقلىغىنى بۇ بايرامنىڭ دىنىي سەۋەبتىن بولمىغانلىقىنى ئوچۇقلاشتۇرىدۇ.
ئىسلامدىن ئىلگىرى، تۈرك دۇنياسىدا 12 ھايۋان نامىدىكى مۆچەل تەقۋىمى قوللىنىلاتتى، تۈركلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ بۇ دىن ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ھىجىرىيە تەقۋىمىنى(كالېندارىنى) قوللىنىشقا باشلىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەۋرۇز — يېڭى يىل بايرىمىنى بەزى ئېتنىك گۇرۇپپىلار سىياسىي ئۆلچەم سۈپىتىدە سىناق قىلىپ قوللىنىشنى ئستىمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە–رىۋايەتلەرگە، مەسەللەرگە باغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلماقتا.
نەۋرۇز — يېڭى يىل (باھار) بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، نەۋرۇز بايرىمىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە، مەسىلەن:
* نەۋرۇز تۈركلەرنىڭ ئەرگىنەقۇندىن چىققان كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز ئاتەشپەرەسلەردىن قالغان بىر بايرامدۇر.
* نەۋرۇز تەڭرىنىڭ دۇنيانى ياراتقان كۈنىدۇر (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتىدا).
* ئىنسان نەۋرۇز كۈنى (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتىدا) يارىتىلغان.
* نەۋرۇز قۇتلۇق خەلقنىڭ بايرام كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز تۈركلەردە باھار بايرىمى كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز ئىران ۋە ئافغانىستان تەقۋىمىگە كۆرە رەسمىي يىل بېشىدۇر.
* نەۋرۇز تۈركلەردە تۆمۈر تاۋلاش بايرام كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز ۋە نۇھ پەيغەمبەر. نۇھ توپان بالاسىدىن كېيىن، يەنى نەۋرۇز كۈنى يەرگە قەدەم باسقان.
* نەۋرۇز ئەركىنلىكنى، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بايرام كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز باھارنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ توي قىلغان كۈنىدۇر.
* نەۋرۇز ياھۇت ھەزرەتنىڭ نۇھنىڭ كېمىسىنى زىيارەت قىلغان كۈنىدۇر.
بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، نەۋرۇز تۈرك قوۋملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن قۇتلۇقلاپ كەلگەن، مىللىي تىرىلىش، دۆلەت قۇرغان كۈنىدۇر. (تۈركلەردە يېڭى يىل: www.igdirli.com)
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئەنئەنە داۋاملاشقان. 11– ئەسىردە ئۇيغۇر قاراخانىيلار قاغانلىقى (مىلادى 850 — 1212)دا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە: «يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئاينى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دېيىلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئايدا ئوغلاقلار چوڭىيىدۇ، ئىنسانلار ۋە جانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ. نەۋرۇز — جاھان بەخت–سائادىتىنىڭ ئانىسى، بەرىكەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، كىشىلەر بىر–بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ سېخىيلارچە خۇشاللىقىنى نامايان قىلىدۇ» دېگەن. (مەھمۇد كاشغەرى: «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە، 1– توم 452– بەت)
ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن بېرى «نەۋرۇز» سۆزىنىڭ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»تە خاتىرىلەنگەن «يېڭى كۈن» سۆزىنىڭ ئورنىغا قوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى 15 كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر يەتتە كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە قىلىپ خاتىرىلىنىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا نەۋرۇزنىڭ باشلىنىش كۈنى ھەققىدە:
قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا،
بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا.
دېگەن بېيىت ئارقىلىق يىل ئاخىرلىشىپ، يەنى 12– مۆچەل (بېلىق) ئۆتۈپ، 1– مۆچەل (قوزى بۇرنى)نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، زىمىستان قىش ئۆتۈپ كېتىپ، ئىللىق باھار پەسلىنىڭ ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى (نەۋرۇزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى) بايان قىلغان.
نەۋرۇز زىمىستان قىش تۈگەپ، پۈتۈن تەبىئەت ئويغانغان، قار–مۇز ۋە توڭلار ئېرىپ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق–ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان، دەل–دەرەخ، گۈل–گىياھلارغا سۇ يۈگۈرۈپ، كۆكىرىپ چېچەكلەشكە يۈز تۇتقان، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىدا ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.
2. ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىسى پائالىيىتى تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ.
نەۋرۇز بايرىمى توققۇز رەسىمىيەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ:
1) كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن نەۋرۇز ناغرىسى، ناغرا–سۇنايلار چېلىنىپ، يۇرت–يۇرتلارغا نەۋرۇز بايرىمىنىڭ — يېڭى باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى جاكارلىنىدۇ. نەۋرۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇئۆي ئارىلاپ «نەۋرۇز ئەشرەپ، نەۋرۇز بەگ، نەۋرۇز سالام، نەۋرۇز كەل» قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ.
2) نەۋرۇز — يېڭى يىل تازىلىقى قىلىش. نەۋرۇز ناغرىسى ئاڭلىغان جامائەت كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى، يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش يۈزىسىدىن بارلىق بۇلۇڭ–پۇشقاقلارنى ئالا قويماي تازىلايدۇ، يەرلەرگە سۈپسۈزۈك باھار سۇلىرى سېپىلىپ، ئۆيلەردىكى ئىدىشلار باھار سۈيىگە لىق تولدۇرۇلىدۇ.
3) سوغۇق قوغلاش. بۇ ئاساسەن بايرامىنڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، ياشلار سوغۇقنى ھەجۋىي قىلپ، ئوت يېقىپ، قاپاق كۆيدۈرۈپ، جۇتنى قوغلاپ، باھارنى كۈتۈۋالىدۇ، كېچىچە ئۇخلىماي يۇرت–يۇرت، مەھەللىلەردە قوشاق قېتىپ، سوغۇقنى قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. يول بويىدا سوغۇق تاماق يېيىلىدۇ.
4) «نەۋرۇزغا چىقىش»، «نەۋرۇز ئېشى» يېيىش ۋە «نەۋرۇز دۇئاسى» قىلىش. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدە چوڭ قازانلار ئېسىلىپ «كۆجە» تاماق پىشۇرۇلىدۇ. ھەممە كىشى بۇ تاماقتىن ئېغىزلىنىدۇ، ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ، ئاندىن قول سىقىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر–بىرى بىلەن مۇبارەك بولسۇن دېيىشىپ قىزغىن ئالقىشلىشىدۇ. بۇ بىرلىكتە يەپ–ئىچمەك، دۇئا قىلماق بولۇپ، بىرلىك، باراۋەرلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن يىلدىكى ئىشلار ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىلىپ، يېڭى يىل ئىشلىرى پىلانى تۈزۈلىدۇ، نەۋرۇز پائالىيىتىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئېلان قىلىنىپ، تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ھازىرلاش ئۇقتۇرۇلىدۇ.
«نەۋرۇز ئېشى» يېيىش. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھەر كىشى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە، مەھەللىدىكى بۇ پائالىيەتكە ئاتاپ، ئۇن، ياغ، شېكەر، قۇرۇق يېمىش، نان ۋە باشقا خىلمۇخىل يېمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، تاپقان–تەرگىنى بويىچە چوڭ داشقازاندا يەتتە خىل دان ياكى توققۇز خىل يېمەكلىكتىن نەۋرۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان چوڭ–كىچىك، قېرى–ياش ھەممىسى ئېغىز تېگىشىدۇ.
«نەۋرۇز دۇئاسى» قىلىش. كىشىلەر پاكىز، يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مازار–تۇپراق بېشىنى يوقلاپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، دۇئا قىلىشىدۇ. بۇ «نەۋرۇز دۇئاسى» دېيىلىدۇ.
5) كىشىلەر بىر–بىرىنى يوقلىشىدۇ، ياردەمگە موھتاجلارغا ياردەم قىلىشىدۇ، كېسەللەرنى، ئاجىز، مېيىپلارنى يوقلايدۇ. يامان ئىش–ھەرىكەتتە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئارازلىشىپ قالغانلار، قولۇم–قوشنىلار ياراشتۇرۇلىدۇ. ئۆيلىنىش يېشىغا توشقانلارغا ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.
6) نەۋرۇز سەيلىسى. بۇ پائالىيەت ساپ ھاۋالىق، چېچەك بىلەن پۈركەنگەن باغدا سۇنىڭ بويلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر يەردە ئات سەيلىسى، بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى، يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلۈك سەيلە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ جايدا ھۈنەر–كاسىپلار، مەدداھلار، ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار، ئەلنەغمىچىلەر، يازغۇچى، شائىرلار نەزمە ئوقۇشۇپ ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە جامائەت ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھەر خىل ئۇستازلارغا شاگىرتلىققا بېرىشىدۇ. ھېكايە، داستان ئېيتىش، جەڭ قىسسەلىرىنى، مەشھۇر زاتلارنى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەدداھلار داستان ۋە قىسسەلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەلنەغمىچىلەر «نەۋرۇزنامە» ئوقۇشىدۇ. مەسىلەن:
كەلدى نەۋرۇز — يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،
نەۋرۇز دىبانكەلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى،
گۈللەر قىسۇر قىز–ئوغۇل، ئەگرى قويار بۆكىنى،
مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،
قايغۇ–مېھنەتلەر كېتىپ، يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن.
7) نەۋرۇز يارىشى. بۇ پائالىيەت مۇسابىقە تۈرىنى ئالغان بولۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى خەلق تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئەلنەغمە، نەۋرۇز مۇقام مەشرەپلىرى، ساما ئويۇنلىرى، مەدداھلىق، سەرۋازلىق، دارۋازلىق، ئاتلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئوغلاق تارتىش، چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، چەۋگەن توپ تەنھەرىكىتى، بۇقا سوقۇشتۇرۇش (خەتىرى كۆپ بولغاچقا، ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولدى)، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، تۈرلۈك قىزىقچىلىقلار، چاقپەلەك، گۈلەڭگە ئويۇنلىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەچتە ئوغلاق ئالغان كىشى يۇرت ئىچىدە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ.
8) نەۋرۇز مەشرىپى. بۇ مەشرەپكە يىگىت بېشى (يۇرت ئاقساقىلى ياكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن كىشى) سايلىنىدۇ، پاششاپ، مىرشاپلار سايلىنپ مەشرەپ تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز مەشرەپكە باش بولۇپ، پوتا ئويناش، بېيىت ئېيتىش، ھەر خىل جازا تۈرلىرى (يەنى كىشىلەرنى ئەدەپ–ئەخلاققا ئۈندەيدىغان) ئېلىپ بېرىلىپ مەشرەپ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
9) نەۋرۇزلۇق تىلەك. بايرامنىڭ 3– كۈنى يۇرتتىكى ھەربىر ئائىلە تاپقىنى بويىچە قازان ئېسىپ، بۇ يىل تىنچ–ئامانلىق بولۇشىنى، زىرائەتلەرنىڭ بالايىئاپەتتىن ساق–سالامەت ئۆتۈشىنى، ئىشلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى، جان–جانىۋارلارغا كۆپ تۆل ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ نەزىر بېرىدۇ، يولدىن ئۆتكەن–كەچكەنلەر ھەم بارلىق يۇرت ئەھلى تاماققا ئېغىز تېگىپ، دۇئا بېرىدۇ، ئاخىرىدا جامائەت، يېقىن ئۇرۇق–تۇغقانلار، دوستلار ئۆزئارا بىر–بىرىگە ئامان–ئېسەنلىك، ياخشى تىلەك تىلىشىپ بايرام ئاخىرلىشىدۇ.
قىسقىسى، نەۋرۇز پائالىيىتى ئارقىلىق قىش–زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكېلىشىنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم–مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۇ تەبىئەت بايرىمى، مول ھوسۇل بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق–ئۇيۇشۇش بايرىمى، ھۈنەر–كەسىپ بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى، شادلىق بايرىمى، كۆرەك قىلىش بايرىمى، ئەدەبىيات–سەنئەت بايرىمى، مىللىي خاسلىقنى كۆرسىتىش بايرىمى، قىسقىسى، ئەلنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر–كەسىپ، تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىدىغان، ئۆگىتىدىغان، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، خەلق مەكتىپىدۇر.

ئىزاھاتلار:
1) ئەرگىنەقۇندىن چىقىش كۈنى. تۈركلەرنىڭ ئەرگىنەقۇندىن قوزغىلىپ چىققان كۈنى باھار كەلگەن كۈن بولۇپ، بۇ كۈننى قۇتۇلۇش كۈنى دەپ، ھەر يىلى يىل بېشىدا چوڭ كۆلەمدىكى قۇتلۇقلاش، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 8– ئەسىردىن بۈگۈنگە قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىدىن بالقانغا قەدەر پۈتۈن تۈرك قوۋملىرى ۋە قەبىلىلىرى ھەر يىلى 3– ئاينىڭ 21– كۈنى قۇتلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ.
ئەپسانىلەرگە كۆرە، تۈركلەرنىڭ پۈتۈن قوۋملىرى بىرلىشىپ، تۈركلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولغان تەرەپكە ئاتلانغان ۋە 10 كۈن ئۇرۇش قىلغان، ئۇرۇشتا تۈركلەرنى يېڭىشكە كۆزى يەتمىگەن قارشى تەرەپ ھىيلە ئىشلىتىپ تۈركلەرنى يەڭگەن. تۈركلەرنىڭ پۈتۈن چاتىرلىرىنى، ماللىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقاندىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. كىچىكلىرىنى قۇل قىلىپ ئېلىپ كەتكەن. كۆك تۈرك خانى ئېلخاننىڭ كىچىك ئوغلى قىيىن بىلەن يېقىنى توكۇز خوتۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قېچىشتىن باشقا يولى قالمىغاچقا، قېچىپ، بىر يەرگە كېلىپ قالغان. ئۇلار بۇ يەرنى ئەرگىنەقۇن دەپ ئاتىغان. بۇ يەر بەك مۇنبەت بولغاچقا، ئۇلار بۇ يەردە 400 يىل تۇرغان. ئۇلار كۆپىيىپ، بۇيەرگە سىغمىغان، كىشىلەر ئەرگىنەقۇندىن چىقىش كېرەكلىكىنى دېيىشىپ، بۇ تاغنى تۆمۈر بىلەن تېشىپ، تاشقىرىغا چىققان. دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ، ئۆچىنى ئالغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ باشلىقى (ھۆكۈمرانى) بۆرتەچىنە بوزقۇرت ئىدى، بۇ كۈن يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى بولۇپ، كۆك تۈركلەر بايرام دەپ قۇتلۇقلاشقا باشلىغان. (http://blog.Millet.Com.tr)
2) 12 ھايۋانلىق تۈرك تەقۋىمىدە، بىر كۈن 12 بۆلۈمگە ئايرىلغان، ھەربىر بۆلۈمگە ۋاقىت–چاغ ئېتى بېرىلگەن. بىر چاغ ئىككى سائەت، بىر كۈن 24 سائەتكە ئايرىلغان، يىل بېشى كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلەشكەن 3– ئاينىڭ 21– كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن نەۋرۇز، يەنى يېڭى يىل باشلانغان كۈن دېيىلىپ قۇتلۇقلىنىدۇ.
2014.3.6
—————
ئاپتور: خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى دوتسېنتى) | مۇھەررىر: ئەلپىدا تور تەھرىراتىدىن تۇرغان ئەلپىدا (كيۇكيۇ/ئۈندىدار: 335031) | تور مەنزىلى: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى — www.uchur.com
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى