يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۈركىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلار كۆزىڭىزنى ئېچىۋېلىڭ

تۈركىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلار كۆزىڭىزنى ئېچىۋېلىڭ

ۋاقتى: 2015-12-16 ئاۋاتلىقى: 1700 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۈركىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلار كۆزىڭىزنى ئېچىۋېلىڭ

مېنىڭ ئىسىمىم تۈركىيە، مەن بەزىدە ئاسىيا قىتئەسىدە، بەزىدە ياۋروپا قىتئەسىدە، ئاسماندا ئىسسىق گاز شارى بار، يەر ئاستىدا يەر ئاستى شەھىرى بار. ترويا، ئوسمانلى، ۋىزانتىيىچە، رىم ئېمپىرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن ئازراق مۇناسىۋىتى بار. چوڭ ئىبادەتخانا، پاختا قەلئە، ئىنتايىن سىرلىق بولغان يەر شەكلىم بىلەن ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر دۆلەتمەن. بولدىلا، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئانچە مۇھىم ئەمەس، مەن راستىنلا سىزنى غالجىرلاشتۇرۋېتىدىغان دەرىجىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت.


ئۆتكەن ھەپتە بىر توپ گۈل چىراي كىشىلەر مېنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرىم بولغان ئىستانبۇلغا كەلدى. ئىستانبۇل مېنىڭ پايتەختىم ئەمەس جۇمۇ، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا ئىستانبۇلنى مېنىڭ پايتەختىم دەپ قاراپ كەلگەن. مېنىڭ پايتەختىم ئەنقەرە.


شۇنداق، سىلەر ئۇلارنى «نەيرەڭۋاز ئاچىلار» دەپ چاقىرساڭلار بولىدۇ. ئۇلار مېڭىپ ئۆتكەن جايلار كىشىنى ھەيران قالدۇرامدىكەن؟ بۇ ئىستانبۇلدىكى داڭلىق بولغان ئۈچ چوڭ ئوردا-ئاياسوفىيە چېركاۋى، يەر ئاستى سۇ ئوردىسى ۋە كۆك مەسچىت قاتارلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن.


ئىستانبۇل ئاياسوفىيە چېركاۋى
بۇ زادى قانداق جاي؟ ئالدى بىلەن بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ يېشى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر فېئوداللىق سۇلالىدىن ئۇزۇن. بۇ جاي مىلادىدىن ئىلگىرىكى 325-يىلىلا قۇرۇلغانكەن. بۇ چوڭ چېركاۋ ئاللىقاچان 1600 يىلدىن كۆپرەك ياشقا كىرگەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا بىر قىسىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە قايتا قۇرۇشلاردىن خالىي بولالمىغان.


ئاياسوفىيە چېركاۋىنىڭ ئىچىدىكى موزايكا تام رەسىمى ۋىزانتىيەنىڭ سەنئەت گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەنىدى. بۇ تام رەسىملىرى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سەنئەت ئەسىرى بولۇپ، ئەينى چاغدىكى تارىخنى جانلىق ئىپادىلەپ ئاللىقاچان دۇنيادىكى مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى.


ۋىزانتىيە مەدەنىيىتىنىڭ نۇرى


غايەت زور گۈمبەزنىڭ دىئامېتىرى 31 مېتىرغا، ئېگىزلىكى 55 مېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاستى قىسمىدا تۆت دانە ئەگمە ئىشىك بار بولۇپ، 40 دانە چوڭ ئەينەك دېرىزە بار ئىكەن. بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز چوڭ يۇمىلاق گۈمبەزنى كۆرىسىز، خۇددى دۇنيادا ئىككىنچىسى يوقتەكلا. ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ھەم جەلپ قىلارلىق. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىدىغان كۆرۈنۈشلەر ھە!


ھەرقانداق دەۋردە سەل قاراش قىيىن بولغىنى يەنىلا سىياسىي مەدەنىيەت سەنئەت ۋەكىلى. يېقىنقى 500 يىلدىن بۇيانقى ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياسوفىيە چېركاۋى نۇرغۇنلىغان ئوسمان ئېمپىرىيىسى دەۋرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئاساسىي نۇسخىسى قىلىنغان. مەسىلەن سۇلتان ئەھمەد مەسچىتى «يەنى كۆك مەسچىت»


ئەڭ دەسلەپكى ئىبادەتخانىدىن ئوسمان ئېمپىرىيىسى دەۋرىدىكى مەسچىتكىچە يەنە ھازىرقى مۇزېيغا قەدەر بۇ تۇپراقنىڭ ھەر بىر ھۆكۈمرانى ئۇنىڭ ئولجىسى بولغان. ئۇ بولسا پۈتكۈل ئىستانبۇلنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى، يەنە كېلىپ بۇ خىل سېھرىي كۈچ ئوخشاش بولمىغان دىننىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت، ھەتتا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتتىكى كىشىلەرگە ئىزچىل تۈردە تەسىر كۆرسەتمەكتە.


ئىستانبۇلدىكى يەر ئاستى سۇ ئوردىسى
ئاياسوفىيە چېركاۋىنىڭ يېنىدىلا بىر قۇرۇلۇش بار بولۇپ، بۇمۇ بىر ئىبادەتخانىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق سۈرۈشتۈرۈپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرگە كېتىپ قالىدىكەنمىز.


بۇ قۇرۇلۇشنى ۋىزانتىيە پادىشاھى Justinianus قۇرغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە يېنىدىكى پادىشاھ ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن سۇ ساقلاشقا ئىشلەتكەن. كېيىن سۇ ئوردىسى ئېتىۋېتىلگەن. 16-ئەسىرگىچە يەنى مۇھەممەد كونستانتىنوپولنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قايتا بايقالغان.


بۇ ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىر كەڭلىكى 70 مېتىر كېلىدىغان يەر ئاستى سۇ كۆلچىكىگە 10 مىڭ توننىدەك سۇ سىغىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ كۆلچەكنى ھەربىي ئىشلاردا قورال ياراغ ساقلاشقىمۇ ئىشلەتكەن. ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمايدۇ دەپ كىم ئېيتقان، چىقىشىپتىغۇ مانا.


سىرلىق ھەم رومانتىك
لېكىن بۇ يەر ئاللىقاچان مۇھەببەتلىشىدىغان ئەڭ ياخشى جايغا ئايلىنىپ قالغان. ئىستانبۇلدەك بۇنداق گۈزەل ھەم ئۆزگىچە شەھەردە بۇ جاي ھەم سىرلىق ھەم رومانتىك ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ قالغان.
336 دانە غايەت زور چوڭ بولغان تۈۋرۈكسىمان تاشتىن ياسالغان بۇ چوڭ ئوردا ھەقىقەتەن ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. ھەر بىر تۈۋرۈكسىمان تاشنىڭ ئۈستىگە رەسىملەر ئويۇلغانىدى.


يەر ئاستى سۇ ئوردىسى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە ياغاچ، تاشتىن ياسالغان. قايسى پادىشاھ يازدا سالقىنداشنى خالىمايدۇ؟ تۈركىيەنىڭ ئىسسىق بولغان ياز پەسلىدە سۇ ئوردىسىدا تۇرۇش ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاقىلانە بولغان تاللاش ئىدى. سۇ ئوردىسىنىڭ ئىچى ئەمەلىيەتتە چوڭ ئەمەس، بىر ئاز ماڭسىڭىزلا تۈگەپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ جايغا ئۇنچە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ ئورنى يوق.


كىرىش بېلىتى: 20 لىرا، ئوقۇغۇچىلار بېلىتى يوق.
بېرىش ئۇسۇلى: يولدىكى ترامۋايغا ئولتۇرۇپ كونا شەھەر رايونىدىكى سۇلتان ئەھمەد بېكىتىدە چۈشۈپ قېلىپ ئاياسوفىيە چېركاۋىنىڭ چىقىش ئىشىكىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا كېلىسىز.


ئىستانبۇلدىكى كۆك مەسچىت
مۇسۇلمانلارنىڭ جايى، ئەگەر كۆك مەسچىتنى كۆرمەي كەتسىڭىز تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش ئوسمان ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ئۆزگىچە ئىكەن.


كۆك مەسچىت دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب بولسا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىگە ئىشلىتىلگەن بىر خىل كۆك رەڭلىك ئېماللىق خىشتىن كەلگەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ناھايىتى ئۇزۇن، يەنى سۇلتان ئەھمەد مەسچىتى.


بۇ جاي ئىلگىرى ئىستانبۇلنىڭ كونا شەھەر بازىرىنىڭ مەركىزى بولغان.


كىرىش بېلىتى: ھەقسىز، لېكىن ئىشىك ئالدىدا بىر ئىئانە ساندۇقى بار بولۇپ، خالىغانچە ئىئانە قىلىشقا بولىدىكەن.
ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~18:00
ھەر يىلدىكى بەش قېتىملىق تاۋاب قىلىش ۋاقتىدا بۇ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىشكە بولمايدىكەن. جۈمە كۈنى ئادەتتە چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 تىن كېيىن ئاچىدىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ بۆلەك ساياھەت قىلىش ۋاقتى بار بولۇپ، شۇ كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

ئىستانبۇل
كىچىك شەھەردە ھېكايە كۆپ بولىدۇ، چوڭ شەھەرنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ. مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم بولغان ئىستانبۇل، ياۋروپا ھەم ئاسىيا قىتئەسىگە سوزۇلغان، تارىخى ئىنتايىن كۆپ ئامىللار بىلەن يۇغۇرۇلغان. خۇددى مىڭ بىر كېچىدىكى ھېكايىنى كىچىكلىتىپ قويغاندەكلا.


سىز «نەيرەڭۋاز ئاچا» نىڭ ئېكرانىدىن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانچە ياسانغان قىز-يىگىتلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ بۇ جايدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ 98% ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، لېكىن مەن دىن بىلەن سىياسىينى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىپ باشقۇرىمەن. شۇڭا سىز ئەنسىرگەن ئىشلار بۇ جايدا يۈز بەرمەيدۇ. مەيلى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ياكى غەربنىڭ مەدەنىيىتى يەنە مۇسۇلمان مەدەنىيىتى بولسۇن بۇ جايدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.


ئەگەر سىز دېرىزىدىن قارىسىڭىز ھەر خىل مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى كۆرەلەيسىز. مەسچىت، چېركاۋلارنى كۆرىسىز، ئەزان ئاۋازى ئاڭلايسىز دېگەندەك.


ئۇنداقتا مەن زادى قانداق بىر دۆلەت؟ قىزغىن ھەم گۈزەل. مۇسۇلمانلار ياشىسىمۇ بولىدىغان، بىكىنى كىيگىلىمۇ بولىدىغان جاي. ئاسمانغا چىقسىڭىز ئىسسىق گاز شارى بار، يەرگە كىرسىڭىز يەر ئاستى شەھىرى بار.


ئۇنداقتا سىزنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە ئېتىقاد ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باققۇڭىز كەلدىمۇ؟ بىز بىرلىكتە دىننىي ئېتىقاد بىلەن دىندىن خالىي دۇنيانىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.


كاپادوكيا ئىسسىق گاز شارى يۇرتى
بۇ يەردە ئەلۋەتتە پەقەت ئىسسىق گاز شارىلا بار ئەمەس، لېكىن ئىسسىق گاز شارىغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش يەنىلا بىر خىل ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان ساياھەت ئۇسۇلى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ جاي دەل ئىسسىق گاز شارى بىلەن ساياھەت قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان جايلارنىڭ بىرى.


ئامال بار كەسپىي، قانۇنلۇق بولغان ئىسسىق گاز شارى بىلەن ساياھەت قىلدۇرۇش شىركەتلىرىنى تاللاش كېرەك. چۈنكى بۇ يەردە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت.


ھەر خىل گۈزەل مەنزىرىلەر ھەمدە ناھايىتى ياخشى بولغان ئۇچۇش شارائىتى ھەقىقەتەن ناھايىتى ماسلاشقان. ئىسسىق گاز شارى رەڭگى، ئالاھىلىكى ھەر خىل بولغان تاغلارنى، مېۋىزارلىقلارنى، ئۈزۈمزارلىقلارنى ئاستا-ئاستا بېسىپ ئۆتىدىكەن.


كاپادوكيا ئۆزگىچە بولغان يەر شەكلىگە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ چۈشىدىكى جەننىتى ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت جۇغراپىيىسى ژۇرنىلى» دا «دۇنيادىكى ئون چوڭ يەر شارى گۈزەل مەنزىرىلىك جايى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.


يەر ئاستى قىسمى
ھەر خىل ھەر ياڭزا بولغان تاشلار ۋە يەر ئاستى ئۆڭكۈرلىرى
ئۈستى ئوچۇق مۇزېي


غايىبانە جىلغا


مۇھەببەت جىلغىسى


ئاتالمىش پاختا قەلئە، يەنى چەتئەلنىڭ پەلەمپەي ئېتىزى


مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولغان ئاق رەڭلىك پەلەمپەي ئېتىز. بۇ جاي قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى قومانداننىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان جايى ئىكەن. بۇ يەردىكى تەبىئىي ئارشاڭ سۈيىنىڭ داۋالاش ئىقتىدارى بار ئىكەن.


ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈن ئولتۇرغاندىكى كەچكى شەپەق بۇ جايغا چۈشكەن چاغدا، بۇ يەردىكى ئاق رەڭ ئاللىقاچان بىردىن بىر رەڭ بولمايدۇ.


ئەگەر سىز مېنى كۆرگىلى كەلمەكچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ۋىزا بېجىرىشىڭىز كېرەك، ۋىزىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئالتە ئاي


Tags:
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى