كاشكاپ دورىلار – بىر ياكى بىر قانچە خىل دورىلارنى چالا سوقۇپ ياكى پۈتۈن چۆپى بىلەن چەينەك ياكى ئېغىزلىق قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ دەملەپ، دورىنىڭ تەمى چىققاندا ئىسسىق ياكى سوغۇق ھالەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق دورا ياسالمىسىدۇر.
كاشكاپ (دەملىمە) دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. دورىلارنى دەملەپ ئىشلەتكەندە بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن …
شەربەت دورىلار- نۇسخا تەركىبىدىكى دورا ئەشيالارنى بەلگىلىك ۋاقىت قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ (مېۋىلەرنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ)، دورا سۇيۇقلۇقىغا تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان سۇيۇق ھالەتتىكى دورا ياسالمىسى.
شەربەت دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
شەربەت دورىلار سۇيۇق دورا ياسالما تۈرىگە تەۋە بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1.شەربەت دورىلارنىڭ بەدەنگە ئۆزلىشىش ۋە تەسىر قىلىشى تېز بولۇپ، ئۈنۈمىنى تېز كۆرسىتەلەيدۇ.
2. شەربەت دورىلارنىڭ …
تومۇر سوقۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نۇرغۇن بولۇپ ئۇنىڭ تومۇر تۇتۇپ دىئاگنوز قويۇشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم . بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىچە :
جىنسى ئايرىمىسىنىڭ تومۇرغا تەسىرى :
ئىنسانلارنىڭ جىنسى ئايرىمىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ تومۇر سوقۇشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن : ئەرلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ئاياللارغا قارىغاندا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، ئىسسىقراق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك جىسمانىي …
يۈرەك-كۆكرەك قەپىزى ئىچىگە جايلاشقان قۇۋۋىتى ھايۋاننىڭ مەركىزى بولغان،رەئس ئەزا،مىزاجى ھۆل ئىسسق،يۈرەك ئىچى كاۋاك،يۈرەك مۇسكۇلىدىن تۈزۈلگەن مۇسكۇلسىمان ئەزاا بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچكى يۈزىنى يۈرەك ئىچكى پەردىسى،سىرتقى يۈزىنى ئورىغوچى پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ. يۈرەك قىپى بوشلوقى ئىچىدە ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق بولۇپ،يۈرەك سوققاندا توقۇلمىلار بىلەن بولغان پاسسىپ سۈركىلىشى ئازىيدۇ.
يۈرەك ئىچىدە تۆت بوشلۇق بولۇپ،يۇقىرىقى ئىككى بوشلۇق ئايرىم-ئايرىم …
جىگەرـــ خىلىت ئىشلەپچىقىرىدىغان،شۇنداقلا روھىي،تەبىئي ۋە قۇۋۋىتى تەبىئينىڭ مەركىزى بولغان رەئىس ئەزا بولۇپ،مىزاجى ھۆل ئىسىسىق. ئۇنىڭ 3\2قىسمى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىغا،3\1قىسمى سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىغا جايلاشقان،دىئافراگمىنىڭ تۆۋەنكى يۈزى بىلەن مەھكەم تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
سول تەرەپكە ئۇزۇنىسىغا كەتكەن ئېرىقچىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىگە ئۆت خالتىسى جايلاشقان،جىگەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر قەۋەت ئورىغۇچى پەردە قاپلاپ تۇرغان …
مىزاج سۆزى بىرىكمە، ئارىلاشما، قوشۇلما دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلۈك سان بويىچە ئېيتىلىشىى مىزاجلار، ئەرھبپە ئەمزىجە مېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز. يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى، قۇرۇق سوغۇق …
قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى
تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇغراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدەنلىرى قىزىق، سوغاق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سوغاق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى …
سۆزنەك – تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن، يۇقۇش سۈرئىتى تېز يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ بىر تۈرلۈك ئىستاستىكىدا ئېيتىلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى سۆزنەك باكتىريىسى بىلەن يۇقۇملانغان كېشىلەرنىڭ سانى 1999-يىلى 62 مىليون بولغان. 2005-يىللىق يەنە بىر ئىستاستىكىدا 270 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.بۇنىڭدا يەنە سۆزنەك بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ يېشى ئىستاستىكا قىلىنغان بولۇپ 15 …
مۇناسىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەرگە، رېتسىپتا كۆرۈسىتلگەن دورىلارنى، يەرلىك ئورۇننى مەركەز قىلىپ،تەگلىك مايلار بىلەن مايلاپ، دورىلارنى تېڭش ئارقىلق، يەرلىك ئورۇن ماددا ئالمىشىشنى ياخىشلاپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەخسىتىگە يېتىدىغان سىرتتىن داۋالاش ئۇسۇلى(دورا تېڭىپ داۋالاش) زىماد بىلەن داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ.
بىلوگ قۇرۇشتىكى مەخسىتىمىز ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنى تەرەققىق قىلىغان دەۋىرگە ماسلاشتۇرۇش، مەزمۇنىنى بىيىتىش، ھازىرقى زامان تىبابىتىدىكى كۆپ خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ تولۇق چۈشەندۈرۈش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىرىنى ئورتاق تەرەققىق قىلىدۇرۇش. مەن ئۇشبۇ تۇنجى يازمامدا توربىتمنىڭ داۋاملىق يىڭىلىنىپ تەرەقىياتقا ماسلىشىپ مىڭىشى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا، نۇخسانلىرىمنى كۆرسىتىپ بىرشىگە ئالاھىدە مۇھتاجدۇرمەن. بىرلىشىش ئىستىكىم، …