قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: attila

[ئاتتىلا] «باي ناھىيىسىدە مەجبۇرىي مائارىپ قانداق يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ» غا رەددىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

3027

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 615
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 11:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نوقۇل باي ناھىيىسىنىڭلا ئىشى ئەمەس. بۇنى پارتىيە 17- قورۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. شىنجاڭدىمۇ ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلەرگە نىسبەت چۈشۈرۈپ بىرىرىپ يىلمۇ- يىل ئۆستۈرۈپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەلبەتتە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى يامان تەرىپى بار. بەزى گەپلەرنى مەنمۇ قىلماي.

man  dinar

11

تېما

7

دوست

8017

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10889
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1382
تۆھپە : 1509
توردىكى ۋاقتى: 1023
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 11:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 37قەۋەتتىكى birikamdunyaدە2012-11-16 09:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

پىكىرلىرىڭىز تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق.ئەلۋەتتە كۆزى ئۇچۇق، ئەقلى ئويغاق ئادەملەر  مېنىڭچە مائارىپنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتلىرىنى ۋىجدانى بىلەن ھىس قىلالايدۇ. ئەمدى شۇ مائارىپنىڭ "تۇزى"نى يەپ تۇرۇپ، "چوڭ" بۇلىۋېلىپلا ، بۇ يەردە ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەسىدە بىلجىرلاۋاتقانلارنىڭ مەقسىدىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. پەرزەنتلىرىمىز ئۆزلىكسىز ئۆگۈنىشكە مۇھتاج. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھۆكۈمەت ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ شارائىتلارنى قەدىرلەپ ، ياخشى ئۆگۈنىشكە تەشەببۇس قىلماقتا يوق، ئەكسىچە بۇ يەردە تۇترۇقسىز باھانە -سەۋەپلەر بىلەن كاللا قايمۇقتۇرۇش، بالىلىرىمىزغا قىلىنغان زىيانكەشلىك. مەن سىزدەك ۋە سىزگە ئوخشىغان بالىلىرىمىزنى ئىلىم-ئېرپانغا ، توختىماي بىلىم ئېلىشقا ئۈندەيدىغان ،تەقدىرىمىزگە ھەقىقىي كۆيۈنگۈچىلەر بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە.  

دېگەنلىرىڭىزنى مەنمۇ قوللايمەن  بىر مىللەتنىڭ   ساپاسىنىڭ يۇقۇرى تۇۋەن بولۇشى  شۇ مارىپقا باغلىق  مارىپ تەرەقى قىلىدىكەن  شۇ مىللەت تەرەقى قىلىدۇ  مارىپنىڭ تەرەقى قىلغان مەزگىلىرىدە  بىزدىمۇ ئاجايىپ  ئۇلۇق ئالىملار چىقان  بىزنىڭ ئۇ ئالىملىرىمىز دۇنيا مەدىنىيىتىگە ناھايىتىمۇ زۇر توھپىلەرنى  قوشقان دۇنيانىڭ ھازىرقىدەك تەرەقى قىلىشىدا ئۇيغۇر مارىپىنىڭمۇ توھپىسى بار شۇڭا   مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلار  2008 يىلىنى  ئۇيغۇر مارىپىنىڭ تەربىيەسىدە يېتىشىپ چىقان  ئۇلۇق ئالىم  مەخمۇت قەشقىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى ئەمەسمۇ  2008 يىلى  دۇلىتىمىز ئۇچۇن  2 چوڭ خوشالىق بۇلدى بىرسى  ئولىمپىك  مۇسابىقىنى  مۇاپىقىيەتلىك  ئۇتكۇزدۇق يەنە بىرسى   خەلقارا دىكى مۇناسىۋەتلىك   ئورۇنلار   دۇلىتىمىز تۇپرىغىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان  ئۇيغۇر مارىپىدا تەربىيلىنىپ  يېتىشىپ چىقان  ئۇلۇق  ئالىم  مەخمۇت قەشقىرىنىڭ نامى بىلەن  ئاتاپ 2008 يىلنى  مەخمۇت قەشقىريىلى دەپ  ئاتىدى ، مارىپ تەرەقى قىلمىسا مىلەت تەرەقى قىلمايدۇ  ھازىر ئۇيغۇر مارىپىنىڭ قانچىلىك دەرجىدە تەرەقى قىلغانلىغىنى ھەمىمىز بىلىمىز  ھازىر قىسمەن ياشلىرىمىز دا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان  غورۇر  ۋىجدان ، ئېتىقات قالمىدى  كېيىنىشىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدۇ  يېمەك ئىشمەكتە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان يېمەكلىكلەرنى ئايرىمايدۇ ، تۇلۇقسىزنى پۇتۇرۇپمۇ   بىرتال ھۇجەت يازالمايدىغان ياشلىرىمىز بار، مارىپىمىز تەرەقى قىلىپ ياشلىرىمىز  قايدا يۇسۇنلۇق ،مىللى ئۇرپى ئادەتنى بىلىدىغان كېيىنىشىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى  بىلگىلى بولىدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقسا نىم دېگەن ياخشى بولاتى  ئۇرۇش يىللىرى   ئارمىيەدىكى  ئەڭ  قەلىمى كۇشلۇك يازغۇچى   نىم شېھىتمۇ   دەل  دەسلەپكى  بىلىمنى بايدا ئالغان   باي قەدىمدىن تارتىپ  بىلىملىك  كىشىلەر كوپ چىقىدىغان  يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان  ئىسمى جىسمىغا لايىق  باي يۇرت  ،  بايدىن  ئۇيغۇردەك ئۇيغۇرلار  كۇپ  چىقىدىغان  يۇرت
پەرۋايىم  پەلەك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

5615

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1794
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 917
تۆھپە : 1105
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 12:46:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 39قەۋەتتىكى birikamdunyaدە2012-11-16 10:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ مۇنبەردىكى بەزەنلەرنىڭ كۆپ يازمىلىرىغا قاراپ چىقتىم.قىزىقارلىق ئەمما ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس يېرى شۇكى، بۇلارنىڭ  كۆزىگە ھېچقانداق ئىش  سىغمايدىكەن. ھەممەدىن ، ھەتتا كوچىدا بىر چىرايلىق ئېچىلىپ تۇرغان گۈلدىنمۇ ،قىزىل ئېچىلىپ قاپتۇ ، نېمىشقا يېشىل ئېچىلمىغاندۇ، كەيپىياتىمنى بۇزۇپ، دەپ بىزار بولىدىكەن دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. توۋا دەيمەن،«ئوقۇت دېدى.»دەپمۇ قاقشاپ، مۇنبەردە بىر پاتمان دەتالاشلارغا سەۋەپ بولساق، بۇنىڭغا نېمە دىگۈلۈك؟! جېنىم  تۇغقانلىرىم، بىرەر كىچە بالدۇرراق يېتىپ،بىر  قېنىپ ئۇخلاپ بېقىڭلارا، (ئۇخلىيالمىساڭلار بىر ئىستاكان سۈت ئىچىۋېتىپ، كارۋىتىڭلارنىڭ بېشىغا بىرەر تال ئالما قۇيۇپ قويساڭلار بىر دەمدىلا تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىسىلەر)ئەتىسى ئەتتىگەن تۇرساڭلار،ساپ ھاۋاداسىرىتنى بىر چۆرگىلەپ كىرسەڭلار،ئۆزىڭلارنى يىنىك ھېس قىلىسىلەر، بىر كىرىلېۋېتىپ كۈن چىقىشقا قارىسىاڭلار، دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل،ھاياتنىڭ نەقەدەر شىرىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىلەر. ئەتراپقا مۇھەببەت بىلەن قارىغىنىڭلاردا بۇ يەردە دۇتلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ تۇلىمۇ بىمەنە ئىش ئىكەنلىكىنى ، ھاياتنى قەدىرلەپ، پايدىلىنىشقا تىگىشلىك شارائىتلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى مەندىنمۇ ياخشى ھېس قىلالىشىڭلار مۇمكىن.  


ماۋۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم.

0

تېما

0

دوست

2047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10609
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 496
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 13:11:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانداشما خىياللار:
مەنغۇ باي ناھىيسىگە بېرىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى.ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا بايلىق ساۋاقداشلىرىم بولىدىغان .ئاجايىپ تىرىشچان، تولىمۇ ئەخلاقلىق بالىلار ئىدى. شۇ سەل يۇۋاش، گۆل تەسىر بېرەتتى. خارەكتىرىدىكى بەزى ئاجىزلىقلار ئۇلارنى جامائەتكە كۆپ ئارىلاشمايدىغان قىلىپ قويغان بولسا كېرەك.بەلكىم بۇ قىسمەنلىك بولىشى مۇمكىن، مېنىڭ بايلىقلارغا بولغان ئومۇمى كۆز قارىشىم ئىنتايىن ياخشى. بولۇپمۇ ئۇلاردىكى تىرىشچانلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ماڭا ئىنتايىن ياخشى تەسىرات قالدۇرغان. مېنىڭچە باي ناھىيەسىدە بۇ ئىشنى قوللايدىغانلار كۆپ.

مائارىپتا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلەلەر يالغۇز باي ناھىيەسىدىلا ئەمەس. بۇ مەسىلەلەر بىز ئوقۇغان ۋاقتىدىمۇ بار ئىدى. 80-يىللاردىمۇ تۇلۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مۇھەببەتلىشىدىغان ،ھەتتا قېچىپ كېتىپ توي قىلىۋالىدىغان ،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىشلار بار ئىدى.باشقا «ئەخلاقسىزلىق» دەپ قارىلىدىغان ئىشلارمۇ بۇلۇپ تۇراتتى.لېكىن شۇ ،سىكۇنتقا قالماي يېيىۋىتىدىغان تور يوق ئىدى ئۇ چاغلاردا.

مەسىلە بولمىسا ئۇ مائارىپ بولمايدۇ. تەرەققىيات يۇلى داغدام بۇلىۋەرمەيدۇ. ھەر دەۋردە ئۆزىگە تۇشلۇق يېڭى مەسىلەلەر چىقىپ تۇرىدۇ. لېكىن تەرەققىيات يۈلىنىشى، مەۋقەسى ،مەقسىدى بۇ مەسىلەلەرنىڭ چىقىشى بىلەن تەۋرىنىپ قالمايدۇ.قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەلگىچە ، ئېتىقادلىقدىن ئېتىقادسىزغىچە ئەزەلدىن بىلىم ئۆگۈنىشنى توختۇتۇپ قويغان ئەمەس. چۈنكى ئۆگىنىش-ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك تەبىئىتىدىن بېرى.ئىنسانلار ئىجتىمائىلىققا ئىگە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمىئيەتتە بىر كىشلىك ئۇرۇن تۇتۇشنى ،جەمىيەتكە ماسلىشىپ ياشاشنى ئۆزىنىڭ ياشاش قانۇنىيىتى دەپ بىلىدۇ. بولمىسا ئۇ جەمىئيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.شۇڭا توختىماي ئۆگىنىش، ئۇ تەشۋىقات ياكى مەجبۇرىيەت ئەمەس،بەلكى  ئىنسانلارنىڭ تەببىي تاللىشىدۇر. مەكتەپ-ئىنساننى مۇشۇ شارائىتقا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم ئۇرۇن.بۇ گەرچە ئەزۋەيلەش زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئاددىي ساۋات بولسىمۇ، يەنە سۆزلەپ سالدىم،ئەپۇچان بولۇرسىلەر.

ھازىر 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش جەمىئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالماي قالدى. چۈنكى ھازىرقى دەۋر90-يىللارغا ئوخشىمايدۇ.شۇڭا مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەنە شۇ دەۋرگە ماس ئىلگىرلەشنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بىر ئىپادىسى خالاس. بۇرۇنقى تۈزۈلمە بۇيىچە ئىقتىسادى سەۋەپ تۈپەيلىدىن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش پۈرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلار مانا ئەمدى ھەقسىز ئوقۇيالايدىغان بوپتۇ. مۇشۇ نوقتىدىن، بۇنى پارتىيىمىزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن  ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق ئەمەلىي ھەرىكىتى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

ياخشى پۈرسەتنى قەدىرلەيلى، ئۇكىلار، سىڭىللار، بىلىم ھامان ئەسقاتىدۇ.

5

تېما

2

دوست

7028

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9709
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1803
تۆھپە : 941
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 17:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغان بالىلار كۆپكەن بۇيەردە ،
مەن ئىچكىمنىڭ ئىنكاسىدىن ئوقۇمىسۇن ياكى ئوقۇمىسا بولمايدۇ دىگەن مەزمۇننى كۆرمىدىمغۇ ،

7

تېما

0

دوست

2960

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 581
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىزنىڭ ‹‹سۇنى سەپ سىڭار يەرگە،گەپنى قىل سىغار يەرگە››دېگەن ھىكمىتى بار.ئاتىللا سىز گەرچە بىر مەسئۇلىيەتچان كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن باي ناھيىسىنىڭ مائارىپى ھەققىدە توختالغان بولسىڭىزمۇ،ئەمما بۇ نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپتۇ.ئەمىليەتتە ھازىرقى شارائىتتا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرغۇچى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ زادى بىزنىڭ قەۋمىمىزگە تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىگى ھەققىدە گۇمانلىنىپ قىلىۋاتىمەن.بىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا نىسبەتەن كىشىلەردىكى قىزىقىشنى سۇسلاشتۇرساق بۇ ئەلبەتتە بالىلىرىمىزنى ئاپئاق غوجا دەۋرىگە باشلاپ بىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ھەتتا بىر قىسىملار تولۇق ئوتتۇرىنى 3 يىل ئوقۇغاننىڭ ئورنىدا دىھقانچىلىقنى ئۈگەنسە بولدىغۇ دەپسىلەر ئەجىبا ئەجداتلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىل دىھقانچىلىقنى ئۆگەنگىنى يەتمەمدۇ؟مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇتامدۇق ئوقۇتمامدۇق دەپ تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟بىز جەميەتنىڭ بالىلىرىمىزنى ئىجابى جەھەتتىن تەربىيىلەش رولىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە دەۋىردە ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ تەربىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.شۇڭا بىرقىسىم تەتۈر قۇيۇن چىقارغۇچىلارغا ئەگىشىپ قىلىشىمىزدىن ساقلىنىش كېرەك.ئاتىللا مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن.

0

تېما

0

دوست

4104

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10898
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 1063
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 18:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى abduxkurدە2012-11-16 17:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغان بالىلار كۆپكەن بۇيەردە ،
مەن ئىچكىمنىڭ ئىنكاسىدىن ئوقۇمىسۇن ياكى ئوقۇمىسا بولمايدۇ دىگەن مەزمۇننى كۆرمىدىمغۇ ،  

   راسلا، بەزىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەم بىمەنە، ئەمىلى رىئاللىقنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرمەي نەزىرىيۋى، كىتاۋى سۆزلەرنى مارجاندەك تىزىپ قويۇشلىرى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. مۇشۇنداق كاللا دىسە پاچاق دەيدىغان قىلىپ تەربىيلىگىنىمۇ، ھەقنى تونۇمايدىغان قىلىپ تەربىيلىگىنىمۇ يەنە شۇ ھازىرقى قاتمال مائارىپ!
   مائارىپنى سوراققا، ھەتتا سوتقا تارتىدىغان ۋاقىت كەلدى! ئەگەر ھەممەيلەن بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان بۇ زەئىپ مائارىپىمىزنى قۇتقۇزۇپ، ئوڭشاپ قالمىساق خەلقىمىزنىڭ يەنە نەچچە ئون يىللاپ تارتىدىغان دەرت-ھەسرىتىگە، ھەتتا ئۈزۈل-كېسىل زاۋاللىققا سەۋەب بۇلىدۇ!
   چاپىقىمىزنى تاتلىۋېتىپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ھازىرقى مائارىپ رىئاللىقىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز، ھەر بىرىمىز بىر ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مائارىپقا، مەكتەپلەرگە يوللۇق تەلەپلەرنى قويۇشىمىز، ئەگەر ھېلىقىدەك 9 يىل ئوقۇتۇپ يەنىلا ساۋادسىز قىلىپ قويسا، مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشىمىز كېرەك! باللىرىمىزنى مەكتەپلەرگە ئىتتىرىپ قويۇپلا، مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇپ كەتسەك، ئاخىرىدا تارتىدىغان خاپىچىلىقىمىز نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ. قايسى بىر كىشىنىڭ ئېيتقىنىدەك، دۇنيادا پەقەت ئادەملا ئۆز بالىلىرىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئومۇمى خەلق ساپاسى تولىمۇ تۆۋەن بولىۋاتقان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا ئەسلى مائارىپىمىز نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بېرەلمەيدىغان قىممەتلىك تەربىيىلەرنى بالىلارغا بېرەلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! ......
   ھوقۇق گالۋاڭغا چۈشسە، مائارىپ ئالۋاڭغا چۈشىدۇ. دىگەن بىر جۈملە سۆزنى شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدا نەچچە يىل ئىلگىرى كۆرگەن ئىدىم. نۇرغۇن مائارىپ كەسپىىدە ئوقۇمىغان ھەتتا مائارىپ قانۇنىيتىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئەمەلدارلار بۇيرۇقۋازلىق بىلەن مائارىپ، مەكتەپلەرنى ئوينىتىپ كېلىۋاتىدۇ. مائارىپمۇ نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە ئوخشاشلا پۇل، ھوقۇق سەھنىسىگە، باشقىلارنىڭ خاتىرجەم ھالدا پۇل، مەنپەئەت تاپىدىغان قورۇقلىرىغا ئوخشاپ قالدى. مائارىپ چوقۇم ھەقىقى مائارىپچى، پىداگوگلارنىڭ ، ئىلمى، كەسپى خادىملارنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى كېرەك!

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 20:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى abduxkurدە2012-11-16 17:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كاللا دىسە پاقالچاق دەيدىغان بالىلار كۆپكەن بۇيەردە ،
مەن ئىچكىمنىڭ ئىنكاسىدىن ئوقۇمىسۇن ياكى ئوقۇمىسا بولمايدۇ دىگەن مەزمۇننى كۆرمىدىمغۇ ،  

   توغرا ، بۇيەردە ھىچكىم ئۇقۇمىسۇن دىگىنى يوق ، لېكىن يۇقىرىدىكى نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭغا قىلچە دىققەت قىلغىنى يوق ،شۇڭا بىھۇدە كۈپۈپ سۆزلەپ كىتىۋاتىدۇ . مەن ، بوز قىر ۋە باشقىلار قانۇنى ھوقۇقنى ، مائارىپنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئۇنداق بولماسلىقى كىرەكلىكى ، ھازىرقى مائارىپنىڭ ئېلىپ كىلىۋاتقان ماددى ۋە مەنىۋى زىيانلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ پىكىر قىلدۇق . لېكىن يۇقىرىقى تورداشلار بۇ ئىنكاسلارنى توغرا ھەزىم قىلالمىدىمۇ ياكى نەزەر دائىرىمىز ، تەپەككۇرىمىز ، چىقىش نوقتىمىز ..................ئوخشىمامدۇ بىلمىدىم ، ئاشكارا ، يۇشۇرۇن ئەيىبلەپلا كىتىپتىغۇ تاڭ ؟!


  ئوخشاشلا ناۋادا مەن ھەسەل يىيىشنى ياخشى كۆرمىسەم ياكى يىگۈم بولمىسا مەجبۇر يىگۈزىمەن دىسە مىنىڭ يىمەسلىكىم توغرا ..........! ھەسەل كۆزگە پايدا قىلاتتى ، تېرىنى ياخشىلايتتى ، ئىشتىھانى ئاچاتتى ..................دىگىنى ھەممىسى بىكار ! ھەسەلنىڭ شۇنچىۋالا پايدىسىنى بىلمەيدىغانغا مەن دۆت ئەمەس ، سەۋەپ ____________ يىمەسلىك مىنىڭ ھوقوقۇم ،ماڭا بۇ ھوقۇقنى قانۇن بەرگەن ،ياكى بەلكەم بۇ ھەسەلنىڭ تەركىۋى ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن ،ۋە ياكى بۇھەسەل ماڭا زىيان قىلىشى مۇمكىن ........................................... سەۋەپ جىقمىكەن ؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )