ئالكساندېر كاشىلىنىسكى
解答专家:亚历山大·卡什林斯基(Alexander Kashlinsky), 美国国家航天航空局戈达德空间飞行中心天体物理学家
بۇ سوئالغا تۆت ئۆلچەملىك كەڭ مەنىلىك نىسپىلىك نەزەريىسى جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. چۇنكى بۇ سوئال
زامان ماكاننىڭ سىرتىدا يەنە بىر كوردىنات بار دېگەن پەرەزگە ئىلىپ كىلىدۇ. زامان-ماكان بىلەن ماددا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن «گاز شارى» يۈزىنىڭ سىرتى مەۋجۇت ئەمەس.زامان- ماكاننىڭ ئۆزى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جاۋاپ بەرگۇچى مۇتەخەسىس: ئالكساندىر كالشىنىسكىي، ئامرىكا ئالەم ئىدارىسى گىراد بوشلۇق قاتناش مەركىزى ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ئالىمى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېنىشتېيىن كەڭ مەنلىك نىسبىيلىك نەزەريىسىنى ئوتتورىغا قويوپ، ئالەمنىڭ تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىش تارىخىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ بۇ نەزەرىيە سىستىمىسىدا زامان بىلەن ماكان ئۈزلۈكسىز بىرلىككە كەلگەن گەۋدە بولۇپ قالغان. بىراق، ئالەم تۆت ئۆلچەملىك زامان –ماكان ھالىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالەمنىڭ كېڭىيىشى پەقەتلا ئالەمنىڭ ئۆزىنىڭ شەكلى ئىچىدىلا كېڭىيىۋاتىدۇ دىگەنلىك ئەمەس بەلكى، زامان-ماكان تورىنىڭ ئۆزى كېڭىيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەتتى. نىسبىيلىك نەزەريىسى مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرىكى نىيوتۇن فىزىكىسىدا (ئاسمان جىسىملىرى نىيوتۇن ھەركەت قانۇنىغا بويسۇنىدۇ دىگەن فىزىكا نوقتىنەزىرى) زامان ۋە ماكان مۇتلەق دەپ قارىلاتتى. نىيۇتۇن ھەركەت تەڭلىمىسىدە بولسا زامان پەقەت بىر پارامىتىردىنلا ئىبارەت ئىدى، خالاس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارتىش كۇچى غايەت زور ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى كۇچ دەپ قارالغان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا تارتىش كۇچى بىر سىر بولۇپ قالىدۇ؟
ئەمەليەتتە كەڭ مەنىلىك نىسپيىلىك نەزەريىسىنىڭ ھەركەت
تەڭلىمىسى نىيوتوننىڭ ھەركەت تەڭلىمىسى تەرىپىدىن ئاددىيلىشىدۇ. بىراق، ئىككىسىنىڭ فىزىكىلىق
ئۇقۇملىرى ئوخشىمايدۇ. كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەريىسىدە ئاسمان جىسىملىرى تارتىش كۇچىدىن كەلگەن زامان –ماكان تورىدىكى بەزى خاس خۇسۇسيەتلەردىن پايدىلانغان. تارتىش كۇچى زامان-ماكان ئۇزلۇكسىزلىكىنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسىنى ئەگرى قىلىدۇ. كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەريىسى تارتىش كۇچىنىڭ رولىنى زامان-ماكان ئەگرىلىكىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دەپ قارايدۇ. تارتىش كۇچىنىڭ رولى ئاسىتدا بەزى ئاسمان جىسىملىرى ئانچە ئەگرى بولمىغان زامان –ماكاندىن تېخىمۇ ئەگرى بولغان زامان-ماكانغا چۇشىدۇ.
ئېنىشتېيىننىڭ كەڭ مەنلىك نىسبىيلىك نەزەريىسى تەڭلىمىسگە ئاساسەن ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامان-ماكان تىنىچ ھالەتنى ساقلىيالمايدۇ. چوقۇم ئۇزلۇكسىز كېڭىيىدۇ ياكى تارىيىدۇ. يۇلتۇزلار سىستىمىسى ھەقىقىي مەنىدە ئۆزئارا يىراق ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ ھەربىرى مەلۇم بىرخىل مۇقىم، ئۇزلۇكسىز كىڭىيىدىغان زامان-ماكان تورىدا تۇرغانلىقى ئۇچۇن كىشىلەرگە ئۆزئارا يىراق تۇردىغان خاتا سەزگۇنى كەلتۈرۇپ چىقارغان. مىسال ئالساق، بىر گاز شارىنىڭ ئۇستىگە بىر كىچىك قارا چىكىت سىزىپ شارنى پۇۋلەپ چوڭايتىمىز، بۇنۇڭدىكى قاراچىكىت (يۇلتۇزلار سىستىمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ) ئوتتورىسىدىكى ئارىلىق چوڭىيىدۇ. ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك قارا نوقىتدا تۇرسىڭىز، سىز باشقا كىچىك قارا نوقتىلارنى سىزدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ دەپ قارايسىز. ئەمەليەتتە، شار يۇزىدىكى ئىككى كوردىناتقا (مىردىئان ۋە پارالېل) غا نسىبەتەن ئېيتقاندا، كىچىك قارا نوقتا يەنىلا ئەسلىدىكى ئورنىدا يۆتكەلمەي تۇرغان بولىدۇ. گاز شارنىڭ توختىماي كېڭىيىشى مۇشۇنداق خاتا تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سوئالغا تۆت ئۆلچەملىك كەڭ مەنىلىك نىسپىلىك نەزەريىسى جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. چۇنكى بۇ سوئال
زامان ماكاننىڭ سىرتىدا يەنە بىر كوردىنات بار دېگەن پەرەزگە ئىلىپ كىلىدۇ. زامان-ماكان بىلەن ماددا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن «گاز شارى» يۈزىنىڭ سىرتى مەۋجۇت ئەمەس. زامان- ماكاننىڭ ئۆزى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمە قىلىغۇچى: زەررە ئەسلى مەنبە: «ئىلمى ئامرىكىلىقلار»环球科学)ژورنىلى 2007-يىل 6-سان. |