- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31032
- نادىر
- 18
- يازما
- 981
ئۆسۈش
52.58%
|
ئەسلىدە سېياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ ساھەدە نۇرغۇن چىرىك ئۇنسۇرلار بار :
« 600 مىڭ يۇەن بەرسىڭىز سىزنى جىنايىتى يوق دەپ ھۆكۈم قىلىپ بېرىمەن »
مۇخبىر جاڭ شۇجوۋنىڭ يېقىندا جىن يوۋتاڭ ئىسىملىك تورداشنىڭ ھەقىقى ئىسمى بىلەن تورغا چاپلىغان بىر پاش قىلىش ماتېرىيالىدىن خەۋەر قىلىشىچە ، خۇنەن ئۆلكىسى جۇجوۋ شەھرىنىڭ تىيەنيۇەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى يىن فېڭۋىن ئۆزىگە 600 مىڭ يۇەن بەرسە « ئىككىنچى سوتتا جىنايەتسىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ بېرىدىغان » لىقىنى ئېيىتقان. ئوغۇرلۇقچە تارتىلغان بۇ ھەقتىكى كۆرۈنمە چاستوتىدا يىن فېڭۋېننىڭ قانداق ھۆكۈم قىلىش ھەققىدە سۆزلەۋاتقان ۋە كېرەكلىك پۇللار ھەققىدە چوت سوقۇۋاتقان كۆرۈنۈش بار ئىكەن.
پاش قىلغۇچى جىن يوۋتاڭنىڭ تۈنۈگۈن جەنۇب گېزىتى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە ، يىن فېڭۋېن جۇ جوۋ شەھرى تىيەنيۇن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتنىڭ سودىيىسى بولۇپ ، مۇبادا ئۇنىڭغا 150 مىڭ يۇەن بەرسە « مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىپ ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىپ بېرىدىغان» لىقىنى ئېيىتقان . ئارقىدىن يەنە 600 مىڭ يۇەن بەرسە جىنايەتسىز بېكىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ؛ ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سوتچى ئالمىشىدىغان بولغاچقا شۇنچىلىك پۇل خەجلىمەي بولمايدىغانلىقىنى پۇراتقان.
تۈنۈگۈن تىيەنيۇەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ، دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقىنى ھەم يىن فېڭۋىننى ۋەزىپىسىدىن توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان .
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى :
http://news.sohu.com/20140113/n393389385.shtml |
|