خەينەندە تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا زەھەرلىك بولكا تارقىتىپ بېرىلگەن
شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا قارىغاندا ، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەينەن ئۆلكىسى ۋېنچاڭ شەھرى ۋېڭتىيەن بازىرىدىكى ئامما خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تارقاتقان زەھەرلىك يىمەكلىكلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان . خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى مىياۋ جىيەنجوڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئىشنىڭ راسىتلىقىنى دەلىللىگەن ھەم ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتۈرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى " گاڭ فېڭ'' ئىسىملىك تورداشنىڭ بىلوگىدا يازغان ماقالىسىدا بىلدۈرىشىچە ، 20-چىسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلغان كارخانىلارنىڭ ھال سوراش بويۇملىرىنى ئېلىپ خەينەن ئۆلكىسى ۋېنچاڭ شەھرى ۋېڭتىيەن بازىرىدىكى ماۋشىەن كەنىت كومىتېتىنىڭ باۋ شىياۋ كەنىتىدىكى تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ئۈچۈن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن . شۇ كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، چۈش سائەت بىرلەردە ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن 200 دىن ئارتۇق كەنىت ئاھالىسى ۋېڭتىيەن بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ 7 يەشىكتىن مېنرال سۇ ۋە ئىككى يەشىكتىن بولكا تاپشۇرۇپ ئالغان . گەرچە يىمەكلىك يېشىكىنىڭ ئۈستىگە زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتىنىڭ " 2014-يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى'' دەپ يېزىلغان بولسىمۇ ئەمما ، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ بۇزۇلغان يىمەكلىك ئىكەنلىكى ئايان بولغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 290 يېشىك يىمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ ، سۈپىتى بۇزۇلغان يىمەكلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ ، ھەممىسى پېچەتلەنگەن.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى :
http://www.bjnews.com.cn/news/2014/07/22/326526.html
http://www.bjnews.com.cn/opinion/2014/07/22/326459.html |