- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31052
- نادىر
- 18
- يازما
- 983
ئۆسۈش
52.63%
|
2012-يىلى يازدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گاڭلەن ناھىيەسىدىكى ۋەيران بولغان كارخانا پەرزەنىتلەر مەكتىپىدىن ئىشتىن قالدۇرۇلغان چېن پىڭفۇ ئىسىملىك بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى كېسىلىنى داۋالىتىش ۋە بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆپ قىينالغاچقا كوچىغا چىقىپ ئىسكىرىپكا چېلىپ پۇل تاپماقچى ۋە يايما ئېچىپ پۇل تاپماقچى بولغاندا شەھەر مەمۇرىيىتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قىسمەن چەكلىشىگە ئۇچرىغاندىن باشقا بالا ئوقۇتۇش ۋە كېسەل كۆرسىتىشنىڭ تەسلىكىدىن ئىبارەت بىۋاستە كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەن. ئامالسىز قالغان چېن پىڭفۇ مۇئەللىم جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئجتىمائىي مەسىلىلەرنى پاش قىلىپ ئىنتېرنېت تورلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ،كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ ئەمما يەرلىك دائىرىلەر چېن پىڭفۇ مۇئەللىم ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇشنىڭ ئەكسىچە ئۇنى « ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئورۇنغان» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغان . بۇ ئىش « تىيەنيا تورى» دا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مىليونلىغان تورداشلار بەس- بەستە ئىنكاس يېزىپ كۈچلۈك قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن . ھەتتا قىسقىغىنە ۋاقىتتا تورداشلار ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق چېن پۇفىڭ مۇئەللىمگە نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلغان .ئەشۇ ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە « قولىدا نە ھوقۇق، نە ئىقتىساد يوق ، ئاغرىپ نىمجان بولۇپ قالغان بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنچە قۇدرەتلىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتەلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟» دەپ يېزىلغان.
ئەمەلىيەتتە ، نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناسلارمۇ بۇ ھەقتە كۆزقارىشىنى بايان قىلىپ ، چېن پىڭفۇ مۇئەللىمنىڭ يازغانلىرى قانداقتۇر دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئورۇنغانلىق بولماستىن بەلكى ، نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان داۋالىنىش قىيىن بولۇش ، بالا ئوقۇتۇش قىيىن بولۇش ، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش قىيىن بولۇش ۋە ئۆي سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىۋاستە تەسىراتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنداق پىكىرلەرنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشى مەلۇم جەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئەشۇنداق مەسىلىلەرگە نەزەر ئاغدۇرىشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەرەپدارى بولۇشىغا پايدىلىقتۇر ، دەپ باھا بەرگەن.
بۇ خىل كۈچلۈك بولغان جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ۋە چېن پىڭفۇنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ قانۇنلۇق دەلىل ئىسپات كۆرسىتىشى بىلەن لەنجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى لەنجۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ گۇمانىي ئەيىپلەشنامىسىنى بىكار قىلىپ ، دېلو تۇرغۇزۇلۇپ سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان چېن پىڭفۇ مۇئەللىمنى قويۇپ بەرگەن .
|
|