- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10776
- نادىر
- 13
- يازما
- 472
ئۆسۈش
100%
|
ئاچقۇچلۇق پاكىتلار
››› HIV ھېلىھەم دۇنياۋى جامائەت ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. 2013-يىلى يەر شارىدا 1.5 مىليون ئىنسان HIV غا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
››› 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 35 مىليون ئىنسان HIV بىلەن يۇقۇملانغان ھالەتتە ياشىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2.1 مىليون كىشى شۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغان.
››› سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافىرىقا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ، 2013-يىلى مۇشۇ رايونلارنىڭ ئۆزىدىلا 24.7 مىليون كىشى HIV نى ئىلىپ يۈرگۈچىلەردىن. ئۇنىڭدىن باشقا سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافرىقا دۇنيادىكى يېڭىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 70% نى تەشكىل قىلىدۇ.
››› HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئادەتتە قاندا HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللارنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
››› HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ داۋاسى يوق. ئەمما ئۈنۈملۈك بولغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىغاندا يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا ساغلام ۋە ئۈنۈملۈك ھاياتتىن بەھرىمان بولالايدۇ.
››› 2013-يىلى، 12.9 مىليون كىشى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 11.7 مىليونى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەردىن بولۇپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولغان 32.6 مىليون كىشىنىڭ 36% نى تەشكىل قىلىدۇ.
››› بالىلارنىڭ داۋالىنىشى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە يەنىلا ئارقىدا. 2013-يىلى، دۇنيادىكى ھەر 4 نەپەر يۇقۇملانغان بالا ئىچىدىكى 1 بالا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولۇپ، بۇ چوڭلاردىكى ھەر 3 كىشى ئىچىدىكى 1 نىسبەتكە روشەن سېلىشتۇرما.
ئاساسىي چۈشەنچىلەر
ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى ۋىرۇسى (HIV) ئىممۇنىت سىستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە بەزى راك كېسەللىرىگە قارشى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش سىستىمىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە پالەچ قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغانلار تەدرىجىي ئىممۇنىتى-كەمتۈك (ئىممۇنىت ئىقتىدارى يوق) كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىممۇنىت ئىقتىدارى كۆپىنچە CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئادەتتە ساغلام ئادەملەر بەدىنى قارشى تۇرالايدىغان كەڭ دائىرىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
HIV بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئەيدىز (AIDS) (يەنى ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلىكى كېسەللىكى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەمدە يۇقۇملىنىشتىن ئەيدىزغا تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن يەككە شەخىسكە قاراپ 2 يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەيدىز مەلۇم راك كېسەللىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى، يۇقۇملىنىش ياكى باشقا ئېغىر كىلىنىكىلىق مەسىلىلەر ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
كېسەللىك بىشارەت ۋە ئالامەتلىرى
HIV نىڭ ئالامەتلىرى كېسەلنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما HIV ئىلىپ يۈرگۈچىلەر دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش خەۋىپى ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېسىلىنى ئاخىرقى باسقۇچلارغىچە بايقىماسلىقى مۇمكىن. دەسلەپتە يۇقۇملانغان بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، يۇقۇملانغۇچىدا بەلكىم ھېچقانداك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى ياكى يۇقۇملۇق زۇكامغا ئوخشاش قىززىش، باش ئاغرىش، قىزىل نەرسىلەر چىقىش ۋە گال ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
يۇقۇملىنىش كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنى بارا-بارا ئاجىزلىتىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغۇچىدا لىمغا تۈگۈنىنىڭ ئىشىشىپ قېلىشى، ئورۇقلاش، قىزىتما، ئىچى سۈرۈش ۋە ھۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر داۋالانمىسا، ئۇلار تۇبىركوليۇز، مېڭە پەردە ياللۇغى، لىمغا راكى قاتارلىق بىر قاتار كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
يۇقۇش
ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك (بۇ مەزمۇنلار ئىشەنچلىك مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ توغرىلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قەدەر تەپسىلىيلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى. ئۈستىدىكى باشقا مەزمۇنلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئورگان تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى) :
1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.
2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن:
1. ساتراچخانىدا چاچ – ساقال ياسىتىش)
ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ – ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق – دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام – شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ – ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.
2. چىش تارتقۇزۇش – سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت – رەسىم چەكتۈرۈش-
ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق – دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت – رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت – رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە – ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.
3. ساقال ئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش
مەكتەپلەردە ، ھەربىي – ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ.
4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 – %0.3 بولىدۇ..
5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش
قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش
تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.
ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش – قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.
7. داۋالاش ئەسلىھە – ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق
دوختۇرخانىلاردا داۋالاش – داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.
8 . جىنسىي ئالاقە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ – جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 – %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.
9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
خەۋىپ ئامىللىرى
كىشىلەرنىڭ HIV بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەۋىپ ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:
››› گاندۇم ئىشلەتمەي ئالدى ياكى كەينىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش
››› سىفلىس، پېچەك كېسىلى، خلامىدىيە، سۆزنەك، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق باشقا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغا كېسەللەرنىڭ بىرەرىگە گېرىپتار بولۇش
››› زەھەر ئۇرغاندا يۇقۇملانغان شىپىرىش، يېڭنە ۋە باشقا ئوكۇل ئۇرىدىغان ئەسۋابلارنى ۋە دورا سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق ئىشلىتىش
››› بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل سېلىنىش، قان يۆتكەش، تېشىپ ئۆتۈش ياكى كېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باكتىرىيەسىزلەنمىگەن مېدىتسىنا مەشغۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە تەساددىپىي يېڭنە سانچىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلار
دىئاگنوز
HIV تەكشۈرۈشى تەكشۈرۈلگۈچى قېنىدا HIV ئانتىبودىلىرى(HIV ئاقسىللىرىغا قارشى ئاقسىللار) نىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق HIV بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بېكىتىدۇ. ئانتىبودىلار بولسا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى يات كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، ئادەتتە 3 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولىدۇ، ھەم مۇشۇ ۋاقىتتا HIV قارشى ئانتىبودىلار ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولىدۇ ياكى تېخى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولغۇدەك مىقدارغا يەتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى باشقىلارنى ئەڭ يۇقۇملاندۇرىدىغان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق يۇقۇملىنىش بارلىق باسقۇچلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بىراۋ يېقىندا HIV بىلەن ئۇچراشقان ئېھتىمالى بار بولۇپ قالسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن 6 ھەپتىدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش زۆرۈر. بۇنداق بولغاندا شۇ كىشىنىڭ بەدىنىدا ئانتىبودىلار يېتەرلىك مىقدارغا يېتىشىگە ۋاقىت بېرىلگەن بولىدۇ.
تەكشۈرتۈش
HIV تەكشۈرۈشى ئىختىيارى بولۇشى كېرەك ھەم كىشىلەرنى تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنىشى لازىم. ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ۋە مەمۇرى تارماقلارنىڭ ياكى جۆرە ۋە ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرى ياكى زورلاپ تەكشۈرتۈشكە قىستىشى خاتا چۈنكى بۇ ياخشى ئاممىۋى ساغلاملىق مەشغۇلاتىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش
كىشىلەر HIV خەۋىپ ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋىپىى كىچىلىتەلەيدۇ. HIV دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپىنچە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:
1. ئەر ۋە ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندۇم ئىشلىتىش
ئىچىگە كىرىدىغان جىنسىي يول ياكى مەقئەت ئارقىلىق قىلىنغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە توغرا ئۇسۇلدا ئىزچىل ھالدا ئەر ۋە ئاياللىق گاندۇم ئىشلىتىش HIV نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەرلىك گاندۇم 85% تىن ئارتۇق ئەھۋاللاردا HIV ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملىنشلاردىن ساقلايدۇ.
2.HIV ۋە جىنسىي يول بىلەن يۇقىدىغان كېسەللەرگە قارىتا تەكشۈرتۈش
3. ئىختىيارى ھالدا ئەرلىك خەتنىسىنى قىلدۇرۇش
4. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش
5. ئوكۇل ئۇرىدىغان زەھەر چەككۈچىلەردىكى خەۋىپنى ئازايتىش (ئەسۋاب ۋە دورىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك)
6. HIV نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش
داۋالاش
ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق HIV نى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار HIV نى داۋالاپ ساقايتمايدۇ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملانغۇچى بەدىنىدە كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئىممۇنىت سىسىتمىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ ۋە باشقا يۇقۇملىنىشلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىزچىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرمۇ ساغلام ۋە مول-ھوسۇللۇق ھايات كەچۈرەلەيدۇ.
|
|