- تىزىملاتقان
- 2014-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-11-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1547
- نادىر
- 0
- يازما
- 119
ئۆسۈش
54.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasritim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-6 14:11
bilgejan يوللىغان ۋاقتى 2015-8-5 12:30
ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورا چىقتىمۇ؟
يىقىندىن بىرى ئۇ ...
سالام بىلگەجان:
ماقالىڭىزنى ۋە ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزگىرىش ھالىتى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە يازغانلىرىڭىزدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، بۇ جەھەتتە سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
ئەمما، كېيىنكى ئىنكاسىڭىزدا، بۇرۇنمۇ نەچچە تەكرارلانغان، بۈگۈنمۇ قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر سۆزىڭىزنى شەخسەن مەن، جۈملىدىن بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن پىشقەدەملەر قوبۇل قىلالمايدۇ.
سىزچە بارلىق تىببى تەتقىقات نەتىجىسى سىز تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا جەمىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئاپاراتىنىڭ ۋە ياكى سىز تونۇيدىغان بىزلەرگە تامامەن ناتۇنۇش بولغان ئاشۇ بىر نەچچە تىببى ئالىملارنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتۈشى كېرەكمۇ؟
سىز بۇ ئىنكاستىكى «يىقىندىن بىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن تارقالغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان بىر دورىنىڭ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. » دېگەن گەپنى زادى نەدىن تاپتىڭىز.؟ گەرچە بىز تېخى ئىپتىدائىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھالىتىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ ئۈندىدار ۋە مۇنبەرلەردىكى ئەڭ قىزىق مۇنازىرە تېمىسىدىن خەۋەرسىز قالغىنىمىز يوق. بۇنداق خەۋەر يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ۋە ئۈندىدارلىرىدىمۇ تارقالغىنىمۇ يالغان .
يۇقارقى گەپنى بەلكىم ئىككى يىل ئىلگىرى ئەرەپ دۇنياسىدىكى زىدانى(تولۇق ئىسمى يادىمدا يوق) ئىسىملىك بىرەيلەنگە يازغان ماقالىڭىزدىن ھاياجانلىنىپ قايتا يېزىپ قالغان بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.
ھە دېسىلا نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى پەش قىلىپ ، نام- ئابروي قازىنىشنى مەقسەت قىلىش بىر ئىلىم ئەھلىگە خاس پەزىلەت ئەمەس.
ئۇيغۇر مىللى تىبابەت تارىخىنىڭ قايسى دەۋىرگىچە ئۇلىنىدىغانلىقىدىن مەن خەۋەرسىز. ئەمما مىدىستىنا ئىلمىنىڭ يېقىنقى بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پەن تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىگە ۋە ئىنسانلار تېنىدىكى ھەرخىل كېسەللەرگە ھەر خىل نامنى قويۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئەسلا كۆز يۇممايمەن.
ئەمدى گېپىمگە تەپسىلى قۇلاق سېلىڭ!
«مەيدىسىگە سوغۇق ئۆتۈپ قاپتۇ»، «يۈرىكىگە دەرت تېگىپتۇ»، بۇ دەل بىزنىڭ تىبابەت ئىلمى بىلەن شوغۇللىنىدىغان پىشقەدەم ئولىمالىلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق زامانىۋى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولمىغان شارائىتتا يۈرەك كېسىلى بولغان بىمارلارغا دىئاگنوزى ئىدى. ئۇلار مۇشۇ دىئاگنوز بىلەن نۇرغۇن بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتقان. كېيىن مىدىستىنانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئالىملار تەرىپىدىن بۇ كېسەلگە«يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئاستا خارەكتىرلىك..............» دەيدىغان نۇرغۇن كونكىرىت كېسەل ناملىرى بېرىلدى ۋە شۇ بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى. ئۇلارنىڭ ئىلمى ئۈنۋانى، مۇناسىۋەت چەمبىرىكى بولغاچقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى مەلۇم قىلدى. ماقالە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نوپۇزى تىكلىنىپ «دېگىنى دېگەن،» بولۇۋەردى. لېكىن ئەل ئىچىدىكى تىۋىپلىرىمىزنىڭ نەچچە ئەسىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان داۋالاش رېتسىپلىرى ئۆينىڭ تەكچىلىرىدە، ئۇلارنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈگدەپ قالدى. چۈنكى ئۇلاردا نوپۇزلۇق ئورگانغا تەۋىسسىيە قىلغۇدەك يول يوق، پۇل يوق.
ھازىرمۇ يۈرەك كېسىلىنى داۋالاۋاتقان نۇرغۇن مىراس خارەكتىرلىق رېتسىپلار ئەل ئىچىدە ساقلانماقتا. ئېشەنمىسىڭىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىلۋەت يېزىسىدا ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىڭىزدىن مۇشۇلارنى سوراپ بېقىڭ! ئۇلار نېمە دەيدىكىن؟ شۇلارنىڭ لىللا گېپىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا يۈرىكىڭىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سىلكىنمىگىنىنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي. ئەجەبا ئۇلار سىز دەۋاتقان نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالمايلا نۇرغۇن بىمارلارنى كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلغان. بۇنىڭغىمۇ جاۋاب كېرەكمۇ ئەمدى.
ئېسىڭىزىدە بولسۇن: سىز ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرىمۇ ئەجداتلىرىمىز ھەرخىل كېسەللەرنى ئۆز تەجربىسى بىلەن داۋالاپ كەلگەن. بۇ تەجرىبە سىز ۋە سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى بىر نەچچە ئالىم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بىلەن، شىنجاڭ، تىبەت، پاكىستان، ھىندىستان ، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلىنغان. شۇڭا ھەر بىر سۆزىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ نوقتىلىق تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋەتقانلىقىڭىزنى پەش قىلىشىڭىزنىڭ ۋە جەمئىيىتىمىزدىكى بەزىبىر ئەل ئىچى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رەت قىلىشىڭىزنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق. سىزنىڭ دېپلومىڭىز پەقەت سىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىڭىزگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تىبابەت ئىلمىدە قازانغان نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ھەممىدە ئالىم ئاتالغانلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇۋەرمەيدۇ. ھەقىقىي باھانى پەقەت خەلقلا بېرەلەيدۇ.
ئەيدىزنى داۋالاش دورىسىنى بەلكىم سىز، ياكى مەن، ۋە ياكى كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بىر ساياق بايقىۋېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىلىم-پەندە ئېچىلمىغان سىرلار ۋە بىز بايقىيالمىغان نۇرغۇن تەبىئەت مەھسۇلاتلىرى(تەبىئى ئۆسۈملۈكلەر) بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئوتكۈزۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ۋە ياكى باشقا تەرەپلەردىكى شارائىتلىرىمىز يار بەرمەسلىكى مۇمكىن.
خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلغان ئالىملىق پەقەتلا بىر ئۈنۋان، ئۇ پەقەت مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئىچىدىلا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. بولمايدىكەن ئۇ بىر ئەخلەت نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
بىر ئەمەلىي مىسال:
بىر كۈنى 70 ياشلىق قوشنىمىز ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىرىپتۇ. 5-6 قوشنا بىللە كىردۇق. قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتچى چاي قۇيۇش جەريانىدا بىرەيلەننىڭ قولىغا قايناقسۇ تۆكۈۋەتتى. بىز باشقىلار ئەنسىرەپ يارىلانغۇچىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتتۇق. لېكىن 70 ياشلىق قوشنىمىز نەۋرىسىنى ئاشخانا ئۆيىدىكى ئۇننى خالتىسى بىلەن ئاچىقىشنى بۇيرۇدى. نەۋرىسى ئۇننى ئەچىققاندىن كېيىن قايناقسۇدا كۆيۈپ قالغۇچىغا بىلىكىنى ئۇنغا پاتتۇرۇشنى ئېيتتى. يارىلانغۇچىمۇ يۇۋاشلىق بىلەن ئۇنغا قولىنى پاتتۇردى. تەخمىنەن 10 مىنۇتلاردىن كېيىن يارىلانغۇچى قولىنى ئۇندىن چىقاردى. قارىساق ئۇنىڭ قولىدا نە قايناقسۇدا كۆيگەندىكى قاپارتما ئىزى، نە قىزارغان ئىز يوق.
ھەيرانلا قالدۇق. چۈنكى تاساددىبى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالساق دەرھال دوختۇرخانىغا چاپىمىز ئەمەسمۇ. 70 ياشلىق تاغىمىز بۇنىڭ پەقەت ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات داۋاملىشىۋاتقان بىر رېتسىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.....................
نەچچە كۈندىن كېيىن قارىساق قايناقسۇدا كۆيۈپ قالغۇچىنىڭ قولىدا ھېچقانداق تارتۇق ئىزى يوق. بىز يەۋاتقان بۇغداي ئۇنىنىڭ تەركىبىدە ئاشۇنداق بىر كېسەلگە داۋا تەركىپ بولۇشى مۇمكىن دەپلا ئويلاپ قالدۇق پەقەتلا.
بۇ مىسالنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم سىزگە شۇنداق بىر نەرسىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش. يەنى ئەل ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاددى ، ئەمما كېسەلگە ھەقىقىي داۋا قىلىدىغان نۇرغۇن رېتسىپلار بار. بۇ خىل رېتسىپلار سىز پەش قىلىۋاتقان نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ بىراق ئەل-ئاۋامنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. بەلكىم تەلىيىڭىز بولسا مۇشۇ مىسالدىكى ئۇننىڭ تەركىبىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ كەلگۈسىدە داڭلىق بىر تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ چىقىشىڭىز مۇمكىن.
سىز ھازىر ئامېرىكىدا نوپۇزلۇق بىر تەتقىقات ئورنىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىسىز. سىز ئاشۇلارنىڭ ئۈنۋان دەرىجىسى بىلەن دەرىجىدە ئالىم ھېسابلانغان بىلەن، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە تېخى بىر ئىزدەنگۈچىسىز. شۇڭلاشقا بۇندىن كېيىن ھەر بىر تېما يازغاندا كەمتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىڭىزنى ، نوپۇزلۇق ئورگان ۋە ئالىم تونۇشلىرىڭىزنى پەش قىلىپ ئۆز ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلەشتۇرۇۋالماسلىقىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. سىزنى كەلگۈسىدە باغرىنى كەڭ ئېچىپ قۇچاقلايدىغىنى تور بېكىتىنىڭ ئاۋات بولۇشىنى مەقسەت قىلىدىغان بىر نەچچە تور بېكەت مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئەمەس، بەلكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ يادىڭىزدىن چىقارمىغايسىز. |
|