- تىزىملاتقان
- 2015-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-9-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 443
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
71.5%
|
سالام ھۆرمەتلىك بىلگە ئەپەندىم،قىممەتلەك ۋاقتىڭىزنى ئاجرىىتپ ئەيدىز ۋىروسى ۋە دۇنيادىكى داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇنى داۋالاش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە تەرەققىيات،بۇسۇشلىرى توغرىسىدا قىسقا ھەم چۇشۇنىشلىك قىلىپ مەلۇمات بىرىپ ئۆتۇپسىز. تەشەككۇرلەر،كۆپ مەمنۇن بولدۇق.
ماقالىڭىزدا سىز:بۇ ۋىرۇس ئۆتكۈر يۇقۇملۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بېرى بولۇپ قالدى.» دەپسىز،بۇ سۆزىڭىز قارىماققا توغرىدەك كۇرۇنسىمۇ ،لىكىن خاتا يەكۇن دەپ قارايمەن.
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئىلىپ كەلگەن باش جىنايەتچى ھەرگىزمۇ ئەيدىز ۋىروسى بولماستىن،بەلكى ئاشۇ ۋىروسنىڭ كىلىپ چىىقىشى ۋە يامرىشىغا سەۋەبچى بولغىنى دەل «ئەركىنلك،باراۋەرلىك»قالپىقى كىيىگۇزۇلۇپ بازارغا سىلىنىۋاتقان ۋە قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان «ھىجىقززىم»،«ھەزىلەكزىم»،شۇنداقلام ئاتالمىش ئاياللارنى ئازاد قىلىمز دەپ ،ئەكىسچە ئۇلارنىڭ تاۋارغا ، جىنسى قۇلغا ئايلىنىشىغا سەۋەبچى بۇلىۋاتقان «فىمەنىزىم»،ۋە ئائىلىنى« ئىنسانىيەت ئەركىنلىكنىڭ،ئەر-ئايللارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشنىڭ
پۇتلى كاشىلى» دەپ توي قىلماي بىر ئۆيدە تۇرۇشقا ئۇندىگۇچى ۋە ياكى قوللىغۇچى ھەممە «...ئىزىملار» سەۋەبچى دەپ قارايمەن.
ئىنساننىڭ قىلىدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ ،ئاخىرىدا جاجىسنى يىسە گۇناھنى بىچارە مايمۇن،ئات-ئشەكلەرگە ئارتىپ قۇيۇشلىرى ئادەمنىڭ غىدىغىنى كەلتۇردۇ.
ئەيدىزنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاشنىڭ ھەقىقى ئاددى ۋە ئەڭ ئۈنۇملۇك رىستىپى
دەل ئىنسانىىيەتنىڭ دۇنياغا،ھايات-ماماتقا بولغان چۇشەنچىسىنى توغرىلاش،شۇنداقلا دۇنياغا يارىلتىشىدىكى سەۋەپنى ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت روھىيتىنى توغرا
يولدا بىيىتىش.ئۇندىن باشقىسى ئەپسانىلەردىكى پالۋاللارنىڭ ئىنسانلارنىڭ دۇشمىنى بولغان يەتتە كۆزلۇك يالماۋۇزنى ئۆلتۇرمەن دوپ ئېلىشىپ،يالماۋۇزنىڭ بىر قۇلىنى كەسسەئورنىغا قايتىدىن يەنە 40 دانە ۋەھشى قۇلى ئۆسۇپ چىققاندەك بىر ئىش خالاس.
ئىنسان ياراتقۇچىنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقىدىن چىقىپ،ياراتقۇچىغا داۋاملىق ئاسى بولىدىكەنHIVنى داۋالىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئورنىغا قايتىدىنIIV,JIV,KIV,LIV لار پەيدا بۇلۇشى مۇقەررەر. |
|