- تىزىملاتقان
- 2014-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7673
- نادىر
- 0
- يازما
- 280
ئۆسۈش
53.46%
|
hasritim يوللىغان ۋاقتى 2015-8-6 00:11
سالام بىلگەجان:
ماقالىڭىزنى ۋە ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوق ...
يۈز پىرسەتنت قوللايمەن. كەچكىچە ئامىركىدا ئۇنداق مۇنداق دەپ ئولتۇرغانغا بىر ئىش ھەل بولامدۇ؟ ئامرىكىدا بىرە دورا چىققۇچە ئۇ دۇنيانىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ-دە. ئادەم بولغاندىن كېيىن بىرەر سەۋەبىنى قىلىش كىرەكتە.
ئۇيغۇر تىبابەتنى ئۇنداق مۇنداق دىگەنلەر بىلەن قان چىچىشىپ كىتىمەن جۇما زادى.
قايسى كۈنى بىر ئۇيغۇر باشلىقىمنىڭ قىشىغا كىرسەم ئىككى قولىنى قاشلاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىرنىمە دىيەلمەي چىقىپ كەتتىم.يىڭىدىن باشلىق بولغان بىرسىنىڭ قىشىغا كىرسەم ۋاي توۋۋا ئەرلەرنىڭ چىرايىغا قاىماي قولىغا قاراپ گەپ قىلامدىم مەن ساراڭمۇ ؟ ئاق پەيدا بولۇپ قولىنىڭ دۈمبىسىگىچە يامرىغىلى تۇرۇپتۇ.
ئىشخانىگە چىقىپ يەنە بىرەيلەنگە دەپ كىىپتىمەن. ۋاي نىمانداق بىز خەققە مەنسەپ ياراشمايدۇ. ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ قوللىرى نىمە بولغان -دىسەم - شۇ باشلىق بولغاندىن كېيىن ئىچىدۇ شۇڭا شۇنداق بولغان گەپ -دەپ قاراپ ئولتۇرىدۇ.
كېيىنكى قىتىم ئاۋۇ ياشقا چوڭراق ئادەمگە -كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ سوراپ باقي. ماۋۇ نىمە تىرە كىسىلى -دىسەم ،ئاران تۇرۇپتىكەن بىچارە -ۋاي نىمە بولاتتى. كالا تەمرەتكە بولمامدۇ؟ بۇ ھىچقانچە ئەمەس. منا قاراڭ ماۋۇ بىلىكىمنى، ماۋۇ پۇتۇمنى ، ماۋۇ كۈنىڭ ئىسسىقىدا ئۇزۇن نەرسە كىيىپ ئۆلگىلىۋاتىمەن - دەپ پۇشقاقلىرىنى قايرىپ كۆرسىتىپ قويغانتى ھەيران قالدىم. خاتىرە دەپتەرچىلىك يەرنىڭ تىرىسىنى ئىت تالىۋەتكەندەك قۇتۇر بولۇپ كىتىپتۇ.
-قىچىشامدۇ، ھاراق ئىچكەنمۇ -دىسەم
-ۋاي قىچىشقانننى گىپىنى قىلماڭ. كىچىچە ئۇيقۇ يوق، ھاراق دىگەننى ئۆز ۋاقتىدا 20يىل ئىچكەنغۇ - دەيدۇ.
بۇ ئادەمدە دىئابىتمۇ بارئىكەن. شۇڭا تىرىلەر قايتا ئۆسەلمەي ، غەرپ تىبابەتنىڭ ئوكۇل دورىنى كىنىشكىغا بەردى دەپ ئىشلىتىۋەرگەن گەپ.
ھەي نىمىسىنى دەي. يەل باسار دورامىن بىر بوتۇلكا ئەكىرىپ بەردىم. قارىغاندا بىرەر بوتۇلكا يىگەنگە ساقىيىدىغاندەك ئەمەس. كېيىنچە رىتسىپىنى بىرەي ئۆزىڭىز سوقتۇرۇپ يەڭ دەپ قويدۇم.
بۈگۈن يىغىندا مەن تەرەپكە قاراپ قويىۋاتىدۇ. بەلكىم ئازراق مەنپەئەت قىلغاندۇ. |
|