- تىزىملاتقان
- 2012-12-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2366
- نادىر
- 0
- يازما
- 161
ئۆسۈش
12.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kungun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-6 23:15
lkjh يوللىغان ۋاقتى 2015-8-6 22:05
سىزنىڭچە قانداق غەرزى باردۇ؟
تەپەكۆرڭىزنى كۆڭلى قارا ...
سىز ئۇ غەرەزنىنىڭ كۈچىنىڭ تەسىرىنى ھازىر ئەمەس، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ھېس قىلىپ قالىسىز.سىزدىن سوراپ باقاي ئامېرىكا شۇنداق ياخشى بولسا نېمىشقا ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟ نېمىشقا گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى جىنايەتچىلەرنى خورلايدۇ، نېمىشقا يەنە لىۋىيە ۋە سۈريىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدۇ؟نېمە ئۈچۈن ۋېيتنامغا ئۇرۇش قوزغايدۇ؟ نېمىشقا ئۆزىدىن باشقا بىر دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشىغا يول قويمايدۇ؟نېمىشقا ھازىرغا قەدەر ئېرقىي كەمسىتىشنى تەل تۆكۈس تۈگەتمەيدۇ؟ بۇنداق نېمىشقىلاردىن بەلكىم سانسىزنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولۇشى مۇمكىن، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز پەقەت ئامېرىكىنىڭ بىر تەرىپى خالاس، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ قانداق نەتىجە قازىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنىڭ بارلىق نەتىجىلىرى ئامېرىكىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ھەمدە دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا رېژىسسورلۇق قىلىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت، باشقا دۆلەتنىڭ ئالىملىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپلەپ جەلب قىلىشتىكى مەقسىتىمۇ پەقەتلا ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۈر. سىز سىياسىينى ئۇنداق بوش چاغلىماڭ، بۇنىڭ تەسىرى ھەتتا بىر نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئارقا كۆرۈنىشنى ئوبدان ئەسلەپ بېقىڭ، ئوباماغا دەپ بېقىڭە ب د ت نى بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياكى ئېلىمزنىڭ باشبالىقى بېيجىڭغا يۆتكەيلى دېسىڭىز قوشۇلامدىكىن.
سىزگە بىر كىتاب ئىككى كىتاب تەشەببۇس قىلاي ناۋادا ۋاقتىڭىز چىقسا ئوقۇپ قويارسىز:
1. سامويىل خانتىڭتون:«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»
2. لوئىس. پىروۋېل:« سىياسىينىڭ رەزىللكى»
ئىككىلىسى قانۇنلۇق نەشردىن چىققان كىتاب.
يەنە بىر گەپ قايسى كۈنى مۇنداق بىر گەپنى كۆرگەنتىم« سىياسىينى چۈشەنمەيدىغان مۇسۇلماننى، مۇسۇلماننى چۈشەنمەيدىغان سىياسىئون باشقۇرىدۇ»دەپ، ئالدىڭىزدا ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم ئەپۇ قىلارسىز. |
|