- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51474
- نادىر
- 0
- يازما
- 5399
ئۆسۈش
0%
|
تەرمە:
YasinEhmet يازمىسى.61-قەۋەت:
‹‹تېما دەبدەبىلىك، لىكىن مەزمۇن قۇپقۇرۇق››- بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىت ناملىق تورداش، چۈشەنچىڭىز دەل توغرا. تېمىدا ئىشلىتىلگەن تېرمىن دەبدەبىلىك ئەمما مەزمۇنى قۇپقۇرۇق بولغاچ ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالدى. تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ دىگەن بۇ ھۆكۈملۈك ئىنسانلار تالاي يىللار مابەينىدە يەكۈنلىگەن مېخانىكا ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى نۆلگە ئايلاندۇرىدۇ شۇنداقلا ئىنسانلار ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. قاسىمكام بۇ ھۆكۈمى بىلەن ئاۋال مىخانىكىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن يەنە توختىماي شۇ ئۆلتۈرۈلگەن مىخانىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ گىپىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. قاسىمكامنىڭ نەزىرىدە بۇ مىخانىكا ئۆلگەن، پۈتۈن دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئالىم ئۆلگەن مىخانىكا بىلەن ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ توغرا خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ناۋادا مىخانىكا ھايات بولسا ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ پىكىر يولى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئىسپات بىھاجەت. مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، خۇددى تىرىك موردىدەك، مەيلى قانچە رەددىيە بىرەيلى، ئوقلارنى ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتەيلى ئۇ يەنىلا دەلدەڭشىپ كىتىۋىرىدۇ.
بەلكىم قاسىمكامنىڭ توغرا، باشقا ئىنسانلارنىڭ خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن بۇ تېمىنى ئۆزۈم توغرا دەپ ئىشىنىپ كەلگەن، ماڭا خوشاللىق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ئىدىيە سىستېمىسىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يازدىم، قاسىمكاممۇ ئۆز ئېتىقادىنى قوغداۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىلىمىز ئوخشاش. قوغدىغۇدەك ئىدىيە بولۇشمۇ بىر بەخىت. كۆڭۈللەرگە تېگىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.
ھارماڭ قاسىمكا، ياشلار سىزنىڭ روھىڭىزدىن ئۈلگە ئالسۇن، ئەمما خاتاغا يول قۇيۇشنىڭ ئۆمۈرلۈك خىيىم خەتىرىنى تەكىتلەشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.
ئاخىرقى رەددىيە دىگەننىڭ مەنىسىنى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ قالساڭلار بولدى.
./thread-27334-8-1.html
_________________
ziyaنىڭ يازمىسى.62-63-قەۋەتلەر:
رەھمەت.
ئەپەندىم،29-تىئورمىچە ئېغىش پاكىت بولغان تەقدىردىمۇ، بىز بۇ ئېغىشنى ئىتراپ قىلساق مېخانىكا ئۆلۈپ كېتىدۇ،شۇڭا 29-تىئورمىچە ئېغىشنى كۇرسەكمۇ كۇرمەسكە سېلىپ ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىمىز دىمەكچىما؟.
قىززىق گەپ ،29-تىئورمىچە ئېغىش مېخانىكىنى ئۇلتۈرمەيدۇ،ئەكسىچە بېيىتىدۇ.ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز بۇنداق ئېغىشنى تەييار بىلىملەر ئارقىلىق چۈشەندۆرۆپ بېقىڭ.ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق ئېغىش مەۋجۈت ئەمەس،دەپ تۇرىۋالمايدىغانسىز؟!.
مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ
مانا ماۋۇ گېپىڭىز بولىدۇ،بۆگۆنكى مېخانىكىدا چەكلىمىلىك بار.شۇڭا ئۇنى تولۇقلاش كېرەك!.
شۇنداق قىلىپ ھازىرقى مېخانىكىنىڭ 29-تىئورمىنىڭ ياشىشىغىمۇ يول قويالمايدىغان،ئۇنى ئۇلتۆرىۋىتىشكىمۇ قوربى يەتمەيدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بۇ راسىت گەپ.لىكىن،29-تىئورمىچە ئېغىش بىر پاكىت بولغانلىغى ئۈچۈن مېخانىكىنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىنى بېيىتىش لازىملىغىمۇ زۇرۇرىيەت بولۇپ قالدى.بۇمۇ راسىت گەپ.
نۇقسان 29-تىئورمىدا ئەمەس،بەلكى بۆگۆنكى مېخانىكىدا بولۇپ قالدى.بۇ تېخىمۇ راسىت گەپ!.
مەن ئاخىر بىر كەسپ ئېگىسىنىڭ سەمىمى گېپىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن!.
|
|