كونا ئىدىيە يىڭى ئىدىيەنىڭ ئادىل باھالىغۇچىسى بولالمايدۇ
قاسىم سىدىق
ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق ،بۇتارىخ كۇنا ئىدىيەلەرنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ياكى ئىسلاھ قىلىنىشى،يىڭى ئىدىيەلەرنىڭ تىكلىنىشى ئارقىلىق بۈگۈنگە يىتىپ كەلگەن.كونىسى ئاغدۇرۇلمىسا ياكى ئىسلاھ قىلىنمىسا يىڭىسى مەيدانغا كەلمەيدۇ.
يىڭى ئىدىيە ھامان كۇنا ئىدىيەدە مەۋجۇت بولمىغان ھەتتا كۇنا ئىدىيەگە زىت بولغان تەركىپلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.بۇ ھالدا ئۇمۇمەن ئىككى خىل مە سىلە كىلىپ چىقىدۇ:
1.كۇنا نەزەريەدە ئۈزىدە مەۋجۇت بولمىغان ئىدىيە-ئۇقۇملارنى باھالاش ئىقتىدارى ۋە ھۇقۇقى بولمىغان بولىدۇ.چۈنكى كونا نەزەريەدە يىڭى نەزەريەنى چۈشىنىش شەرىتلىرى ھازىرلانمىغان بولىدۇ.مەسىلەن نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرى ئىدىيىسنى ئادىل باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.
2.كۇنانەزەريە بىلەن يىڭى نەزەريەنىڭ ئىدىيىلىرى ئۈز ئارا زىت،سىغىشمىغان بولىدۇ.مەسىلەن ئارىستوتىلنىڭ «ئىغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە ئىلگىرى چۈشۇدۇ »ئىدىيىسى بىلەن ،گالىلىنىڭ «ئېغىر جىسىم بىلەن يەڭگىل جىسىمنىڭ ھەرئىككىسى يەگە تەڭ چۈشىدۇ»ئىدىيىسى.
بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ئەقەللى،ئەڭ توغرا باھالاش ئۈلچىمى ۋە ئۇسۇلى نىمە؟
ئەلۋەتتە ئوبىكتىپ ئەمىليەت،ئىلمى تەجىربە،ھەر ئىككى نەزەريىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى.يىڭى ئىدىيەنىڭ ئۇقۇم،ئىدىيەئاساسلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغىنى تەكشۈرۈش.
بۇ نۇقتا ھەممە ئادەمگە مەلۈم بولسىمۇ ،لىكىن كونكىرىت ئىشلاردا بىز داۋاملىق كونا ئىدىيە،نەزەريە ئارقىلىق يىڭى ئىدىيەنى باھالاش ،تەقدىرىگە ھۈكۈم قىلىش خاتالىغىنى تەكرالاپ كىلىۋاتىمىز.
بۇ ئىدىيەياكى نەزەريە«پالانى ئىدىيە ياكى نەزەريىگە خىلاپ ئىكەن،شۇڭا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ»دىگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلايمىز.يىڭى ئىدىيە ۋە نەزەريەدىن تەجىرىبە ئىسپاتى ،ئۇقۇم-ئىدىيە ئاساسلىرى ۋە ياكى ھادىسلەرنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشلا ئەڭ توغرا ئۇسۇل.«پالانى ئىدىيە ياكى نەزەريىگە خىلاپ ياكى ئۇيغۇن»بولغانلىق يىڭى نەزەريىنىڭ توغرا -خاتالىغىنىڭ ئۈلچىمى بولالمايدۇ.
|