Windows 10 يانفون نۇسخىسى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى

يەنە شۇ يانفوننىڭ پارىڭى دەپ قالدىڭىز ھەقىچان! ئامال يوق! ئىككى يىل بۇرۇن ئالغان يانفونۇم كونىراپ قالدى، يېڭىدىن بىرنى ئېلىشىم كېرەك-تە! شۇنداق قىلىپ خېلىدىن بېرى يانفونغا قىزىقىپ كېلىۋاتىمەن. Android, Windows يانفونىدىن بىرنى تاللىشىم كېرەك، ئالمىنىڭ گېپىنى قىلماڭ، ئۇنى ئىشلەتمەيمەن.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى يېڭىلىق نېمە؟ شۇ يانفون سىستېمىسىنىڭ پارىڭى! Windows 10 يانفون نۇسخىسى تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى چىقتى! بۇ يانفون سىستېمىسىغا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئەلۋەتتە! ناۋادا يېقىپ قالسا، پايلاپ تۇرۇپ يېڭى يانفوندىن بىرسى چىقسا گۈپلا قىلىپ سېتىۋالىمەن.(سەت ھېجايغان چىراي ئىپادىسى)

ئاڭلاشلارغا قارىغان مۇنداق يېڭىلىقلار بار ئىكەن:
1، ئېكران ۋە تەگلىكتە زور يېڭىلىق بارمىش.
2، ئۇقتۇرۇش مەركىزى دەھشەت نوچىمىش.
3، ھۆججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى نوچىمىش.
4، MKV ۋە FLAC فورماتىنى قوللايدىكەن.
5، كومپيۇتېر بىلەن ئوخشاش ئۈنۈمدىكى ئەپلەرمۇ يېڭىلىق.
چۈشەندۈرۈش قىسقا فىلىمى:
سوخۇ تورىغا كىرىپ كۆرۈڭ

خەتكۈش: none

جەمئىي 12 دانە باھا بار

  1. كۈيسۆيەر

    مەن يەنىلا ئالمىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمەن .

    1. مېنىڭ نېمكەش نەرسە بىلەن خۇشۇم يوق، يېپيېڭىسىنى ئالاي دېسەم ئىسراپچىلىق بولىدۇ. ماڭا نىسبەتەن 3000دىن ئاشقان يانفون ئىسراپچىلىق ھېسابلىنىدۇ.

      1. راس دەيسىز ، مەنمۇ ئەمدى يانفۇن ئالسام ئاندىروئىد ياكى ۋېندوۋسنى ئويلىشىمەن.

      2. يەنە بىرگەپ ، نۇرقۇتكا ، نۇرقۇتقا تېما ئىنكاس يازسام ئاۋۇ ئىملاچى"لازىملىقلار"دىگەننى"لازىمەتلىكلەر"دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇۋاتىدۇ.

        1. شۇنداق بولسا توغرا بولار؟

  2. ۋىندوۋىسنىڭ تېلفۇنلىرىغا بەك قىزىققان ئىدىم، ئامالنىڭ يوقىدىن بۇرۇن سىلاپمۇ باقمىغان ئالـما، يەنى ئالـما ئالتە پلوس ئىشلىتىپ قالدىم. لىكىن بۇ كاساپەتتە يانفۇن بەتلەر بەك ئىسىل چىقىدىكەن، بۇلۇپمۇ بۇ بلوگ،
    سۈرەتمۇ ئاندرويىدتىن كۆپ پەرىقلىنىدىكەن، ئىلگىرى نۇرغۇن ئاندرويىد تېلفۇنلارنى ئىشلىتىپ باققان ئىدىم.

    1. ئامال يوق-تە! مەن يانفوننى جىق ئىشلىتىپ كەتمەيمەن ئادەتتە

  3. يازمىغا مۇناسىۋەتىسز ئىنكاس يوللاپ سالدىغان بولدۇم، مۇشۇ بلوگنىڭ ئۈستىدىكى « نۇرقۇت بلوگى » دىگەننى باشبەتكە ئۇلاپ قويساق.
    يازمىنى كۆرۈپ بۇلۇپ باشبەتكە قايتىش سەل ئاۋارچىلىق.

    1. باش بەت دەپ بىر كۇنۇپكا بارغۇ، شۇ يەتمىدىما؟

      1. يانفۇندا يەتمەي قالدىكەن...

  4. Halil Abdulla

    Lumia 630 بارئىدى، Windows 10 غا كۆتۈرۈپ سىناپ باقسام بولامدۇ نېمە؟ قولۇمدىن 200قىتىمدىن ئارتۇق چۈشۈپ بولغاندۇ كەم دېگەندە؟ بەك پىششىق چىقىدىكەن

    1. ھازىرغىچە سىناق قىلىپ باققانلارنىڭ سىنلىرى توردا ئېلان قىلىندى، بەزىبىر Bugلارمۇ بار ئىكەن. بولسا مۇناسىۋەتلىك سىنلارنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن يېڭىلىغايسىز.

باھا يېزىشقا بولمايدۇ

باھا يېزىشقا بولمايدۇ