دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان "دورا زىيىنى" قايسى ئىلمىي بولمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىي بولمىغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان "دورا زىيىنى" قايسى ئىلمىي بولمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىي بولمىغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

ۋاقتى: 2016-10-22 ئاۋاتلىقى: 1035 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان "دورا زىيىنى" قايسى ئىلمىي بولمىغان ئىدىيە ۋە ئىلمىي بولمىغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
شۇنچە ئېغىر بولغان دورا زىيىنى قانداق كېلىپ چىققان؟ تۆۋەندىكى توغرا بولمىغان ئىدىيە ۋە ئۇسۇللارغا ئوبدان قاراڭ، ئاساس جەھەتتىن ئىلمىي بولمىغان "ئۆزۈم خان، ئۆزۈم بەگ"ئۇسۇللىرى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق دوختۇرلارنىڭ دورا ئىشلىتىش مەسلىھەتىنى ئاڭلىماي قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتۇر. 

(1) دورا بىلەن كېسەل بىردەك بولماسلىق
داۋاملىق خالىغانچە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئاساسلىقى ئانتىبىيوتىك دورىلار، مەسىلەن، ئادەتتىكى زۇكاملارغا ئانتىبىيوتىك دورىلارنى خالىغانچە ئىشلىتىش، نەتىجىدە بۇ دورىلار پايدا قىلمايلا قالماستىن بەلكى يەنە ئانتىبىيوتىكنىڭ ئاشقازان ئۈچەيگە زىيان قىلىشى، بۆرەكنى زەھەرلەش، قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىش، جىگەرگە زىيان يەتكۈزۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا بەلكىم زىيادە سېزىمچانلىق شوكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 
(2) ئەسلىدە دورا ئىشلەتسە بولمايدىغانلار بىلمەيلا دورا يەپ قىلىش 
گىلاۋكوما بىمارلىرى ئاشقازان ئاغرىغانلىقتىن گۈڭگۈرت ئاتروپىن ئىشلەتسە كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىپ ئېغىر بولغاندا كۆرمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
(3) "ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان ئىككى خىل دورىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پايدىسى نېمە؟ بىللە ئىشلەتسە قانداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؟" قاتارلىقلارنى چۈشەنمەسلىك 
 تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئاغرىقنى پەسەيتىدىغان ئىككى خىل دورىنى تەڭ ئىشلىتىۋالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى كۈچىيىپ، قان بېسىم تۇيۇقسىز تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 
(4) بۇرۇنقى دورا زىيان قىلىش تارىخىنى ئۇنتۇپ قىلىپ شۇ تۈردىكى دورىنى تۇيۇقسىز ئىچىپ قىلىش 
مەسىلەن سۇلفانىلامىد، سىلىكچىن (复方新诺明)لارنى ئىستېمال قىلغاندا ئېغىزدا يارا پەيدا بولۇش تەسىرى كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇنتۇپ قېلىپ يەنە ئوخشاشلا شۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ، يەنە شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلۈش. 
(5) بەزى دورىلارنى ئىشلىتىشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەنمەسلىك 
ماتورلوق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى تېرە كېسەللىكى ئۈچۈن 2 تال خىلورفېنىرامىن(扑尔敏) نى ئىچىپ، داۋاملىق ماشىنا ھەيدىگەندە بۇ خىل دورىنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش تەسىرىدىن قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. 
(6) كىچىك بالىلار چوڭلارنىڭ دورىسىنى خاتا ئىچىپ قىلىش 
بەزى دورىلارنى پەقەت چوڭلارلا ئىچىشقا مۇۋاپىق، كىچىك بالىلارنىڭ ئەزالىرى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، زەھەرنى قايتۇرۇش، ھەيدەپ چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەن بولغانلىقتىن، دورا ئىشلىتىشتە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.
(7) جۇڭيى دورىلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش 
بەزى ياشانغان دوستلىرىمىز ئۆزىنىڭ دورا ئىشلىتىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن جۇڭيى دورىلىرىنى مۇتلەق بىخەتەر دەپ قارايدۇ، مەيلى قانداق چوڭ-كىچىك كېسەل بولسۇن ھەممىسىگە قارىغۇلارچە شۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆز قاراش بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشتۇر. 
(8) ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى ئىشلىتىش 
"ئائىلە دورا ساندۇقى"دىكى دورىلارنى شۇنداقلا ئېلىپ ئىشلەتكەندە، بەزى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى ئۇقماي ئىستېمال قىلىپ قىلىش مۇمكىن، بۇ خىل دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. 
(9) دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوبدان ئوقۇماي ياكى ئوقۇپ چۈشىنەلمەي تۇرۇپ دورا ئىشلىتىش 
ياللۇغقا قارشى دورا يېڭى پېنىتسىللىننى ئىشلىتىشتە دورا چۈشەندۈرۈلىشىدىكى پېنىتسىللىن G بىلەن تېرە سەزگۈرلۈكنى تەكشۈرۈشكە سەل قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق سەزگۈرلۈكنى قوزغاش تارىخى يوق دەپ قاراپ، دورىنى ئىشلىتىۋېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال سەزگۈرلۈك شوكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
(10) ئاغرىققا ئۆچ بولۇپ دورا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىش 
دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماي تۇرۇپ، دورا خىلى ۋە مىقدارى ۋە ياكى دورا ئىچىش قېتىم سانىنى خالىغانچە كۆپەيتىش. 
(11) دورا ئىچىشنى تۇيۇقسىز توختىتىش 
  تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئازوت كىسلاتالىق كىلىتسېرىن دورىسىنى ئىشلىتىپ، ئازراق ياخشى بولۇپ قالغاندا دورىنى ئىشلىتىشنى توختىتىدۇ. لېكىن دورىنى توختاتقاندىن كېيىن تاجسىمان ئارتېرىيە تارتىشىپ قېلىش يەنە كۆرۈلۈپ يۈرەك تىقىلىپ ئاغرىيدۇ. يەنە مەسىلەن، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى قان بېسىمغا قارشى دورىنى ئىشلىتىۋاتقان  بىمارلار، دورىنى تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغاندا، قان بېسىمى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېزلىكتە ئۆرلەپ، باش ئاغرىش، دىر-دىر تىترەش، ئۇيقۇسىزلىق ئېغىر بولغاندا كۆزى غۇۋالىشىش، مېڭە تومۇرى يېرىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 
(12) تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماقتىن كېيىن دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلماسلىق 
دورىنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ پەقەت دورىنىڭ ئۈنۈمى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن يەنە ئەكس تەسىر كۆرۈلەمدۇ يوق دېگەن بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. مەسىلەن ئاشقازان 12بارماق ئۈچەي يارىسى بىمارلىرى زۇكام بولغاندا تاماقتىن بۇرۇن  APC نى ئىشلەتكەندە يارا قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. 
(13) دوختۇرغا كۆرۈنگەندە ئۆزىنىڭ دورا ئىشلىتىش تارىخىنى ئېنىق چۈشەندۈرمەستىن يېيىشكە بولمايدىغان دورىلارنى يەپ قىلىش 
دىيابېت كېسەللىكى بىمارلىرىدىن گىلىكلازىد( 达美康)، گىلايبۇرىد (优降糖)  قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلار 12 بارماق ئۈچەي يارىسى سەۋەبىدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئۆزىنىڭ ئاغرىق تارىخىنى تولۇق چۈشەندۈرمەي، دوختۇر يېزىپ بەرگەن سىمىتىدىن (西咪替丁) نى ئىستېمال قىلغانلىقتىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش. 
(14) دورا ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن "ھەممە ئىش جايىدا" دەپ ئويلاپ، دورىنىڭ كېيىنكى تەسىرلىرىنى ئىنچىكە كۆزەتمەسلىك
پىرىنسىپ بويىچە ئېيتقاندا، قانداقلا دورا ئىشلەتمىسۇن دورىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئەكس تەسىرلىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، توغرا دورا يېگەنلىكىنى بىلگىلى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئەكس تەسىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، ئەڭ چوڭ چەكتە زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ. 
 ئوقۇرمەن دوستلار يۇقىرىدىكى ھەر بىر كۆرسەتمە بويىچە ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇرۇندىن دورا ئىشلىتىشتىكى ئەھۋاللىرىغا دىققەت قىلىپ، توغرا بولغان دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. 

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى