دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دورا ئىشلەتمەي قاندىكى ياغنى ئازايتىش ئۇسۇلى

دورا ئىشلەتمەي قاندىكى ياغنى ئازايتىش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 2547 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى خولېستېرىنلىق قان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ يىلدىن-يىلغا ئۆرلەپ، يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قالدى، شۇڭا ئۇ ئىنسانلار ساغلاملىقنىڭ بىر چوڭ قاتىلى دەپ ئاتالدى. ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارىساق، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا، دورا يەپ، ئوكۇل سېلىشتىن سىرت، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە بولىدىغنا باشقا ئاددىي ئۇسۇل بارمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. نۆۋەتتە تېببىي تەتقىقاتچى خادىملار ئەمەلىيەتتىن نۇرغۇن خولېستېرىننى بويسۇندۇرىدىغان ئۈنۈملۈك رېتسېپلارنى يەكۈنلەپ چىقتى، ئەگەر قائىدە بويىچە ئىش كۆرگەندە، خولېستېرىن تەبىئىي ھالدا ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.

1. «پايدىلىق»ياغنى كۆپ ئىستېمال قىلىش.

 

يەككە تويۇنمىغنا ياغ ئاساسلىقى پېرسېيە مېۋىسى، قاتتىق پوستلىق مېۋە ۋە زەيتۇن يېغىدا مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇ «زىيانلىق» خولېستېرىن LDL نىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتسىمۇ، ئەمما HDL «پايدىلىق» خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ. LDL ئارتېرىيىنىڭ قان نۆكچىسىدىن توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى 3.3 mmol دىن ئېشىپ كەتكەن ھامان، كىشلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك.HDL بولسا LDL نى تومۇر دىۋارىدىن يۆتكەپ كېتەلەيدۇ، ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى. ئەگەز 1.3 mmol دىن تۆۋەن بولسا، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى تازىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، ئەگەر كاربون سۇ بىرىكمىسىنى ئاياللار يېمەكلىكلىكىدىن يېرىمىغا يەتمىگەن تويۇنغان ياغنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %15 ئازىيىدىكەن، ئەگەر يەككە تويۇنمىغان ياغنى تويۇنغان ياغنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرساق، بۇ خىل خەۋپ ھەتتا %35 ئەتراپىدا ئازىيىدىكەن.

لوس-ئانژېلېس شەھىرى كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ھەم ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى، دوكتور رېتالېد بېرگ تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بەرگەن. بىرىنچى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ياخشىسى سېرىق ماينىڭ ئورنىغا زەيتۇن يېغىنى ئىشلىتىش: ئىككىنچى:ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ئىچىش: بۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى مېيى ئاز ئورۇق گۆش ئىستېمال قىلىش كېرەك.

2. تۇخۇم ئىستېمال قىلىش.
ئەمەلىيەتتە، تەركىبىدە خولېستېرىن بولغنا يېمەكلىكلەرنىڭ قاندىكى خولېستېرىنغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك، پەقەت تويۇنغان ياغنى ئىستېمال قىلغاندا خولېستېرىننى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. گەرچە تۇخۇم سېرىقى ئىچىدىكى مىقدارىدا خولېستېرىن بولسىمۇ، ئەمما تۇخۇم سېرىقى ئىچىدىكى فوسفاتىدىل خولىن قان تومۇرنى يۇمشىتىپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدىكى بوتقىسىمان قېتىشىشنى داۋالاشتەك رولغا ئىگە. شۇڭا بىز تۇخۇمغا كونا كۆز قاراشتا قارىساق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم تەركىبىدە يەنە ئادەم بەدىنىگە لازىملىق كۆپلىگەن مىكرو ئېلېمېنتلار (مەسىلەن: كالتىسىي، فوسفور، ماگېنىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلار) بىلەن مول ۋىتامىنلار يەنى ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن ب، ۋىتامىن ې ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇخۇم ئىستېمال قىلىشنى رەت قىلىش ئۆزىنىڭ ساغلاملىق ئىشىكىنى ئېتىۋالغانلىق بولىدۇ.
3. «زىيانلىق» ياغنى تىزگىنلەش.
خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشتىكى بىردىنبىر مۇھىم يول تويۇنغان ياغنى ئاز ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت. تويۇنغان ياغ يەنە «زىيانلىق» ياغ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن گۆش ۋە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇپ، باشقا يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ جىگەرنى غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنى توسۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە LDL نى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىر خىل زىيانلىق ياغ-يۆتكىگۈچى ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ تويۇنمىغان ياغنىڭ ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسى ياكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىدىن ھاسىل بولغان بىر خىل قاتتىق ھالەتتىكى مايدىن ئىبارەت. يۆتكىگۈچى ياغ كىسلاتاسى LDL بىلەن ئومۇمىي خولېستېرىن مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىپلا قالماي، يەنە HDL نىڭ سانلىق قىممىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئاساسەن ھەر خىل سۈنئىي سېرىق ياغ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر بىلەن تۈرلۈك تورتلار تەركىبىدە مەۋجۇت بولىدۇ.
4. قالقانسىمانبەزنى تەكشۈرۈش.
نۆۋەتتە قالقانسىمانبەز فۇنكىسىيىسى ئاجىزلىشىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە، ئاياللاردا تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا قاندىكى خولېستېرىنغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ مىقدارىنى تېزدىن كۆپەيتىۋېتىدۇ. قالقانسىمانبەز فۇنكىسىيىسى ئاجىزلىشىشى كېسەللىكىنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل: يەنى ماغۇرسىزلىنىش، چاچ چۈشۈش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، بوغۇملار قېتىپ قېلىش، روھسىزلىق بىلەن سوغۇقتىن قورقۇش قاتارلىقلار.
قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەرھال ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.كۈندە ۋاقتىدا دورا يەپ بەرسىلا، كېسەللىك ئالامىتى تېزدىن يوقاپ، خولېستېرىنىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەسلىگە قايتىدۇ.
5. ئورۇقلاش ئەڭ مۇھىم.
ئامېىركا تېكساس شىتاتى غەربىي جەنۇب داۋالاش مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي دوتسېنتى دوكتور موگ دېك HDL نى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر قانداق بىر گۇرۇپپا تەتقىقات ئوبېيكتى ئىچىدە، ئەڭ سېمىزلەر بىلەن ئەڭ ئورۇقلارنى سېلىشتۇرغاندا سېمىزلەرنىڭ HDL سانى ھامان تۆۋەنرەك بولغان، ھەمدە ئادەتتە %10-%51 تۆۋەن بولغنا. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر «پايدىلىق» خولېستېرىن HDL نى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغاندا، ھەر خىل ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىنى سىناق قىلىپ، ئارتۇقچى گۆشلەرنى يوقاتقاندا، HDL ئۆزلۈكىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
6. ئۈزۈم ھارىقىنى دائىم ئىچىپ بېرىش.
قىزىل ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولغا ئىگە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، ئۇلار LDL نىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، شۇ ئارقىلىق قان تومۇر كەپلىشىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. فرانسىيىنىڭ بىر قېتىملىق تەتقىقاتىدا كۆرستىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ئۈزۈم ھارىقى ئىستېمال قىلغان ئادەملەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ھاراق ئىچىمىگەنلەرگە قارىغاندا%48-%45 چۈشكەن. شۇڭا، ھەر كۈنى 1-3 رومكا قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچكەندە، قان بېسىم ۋە خولېستېرىننى چۈشۈرۈپلا قالماستىن، ئىچكەندە، قان بېسىم ۋە خولېستېرىننى چۈشۈرۈپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايىتىدۇ.
7. تاماكىدىن ئالاقىنى ئۈزۈش.
ئامېرىكا قان تەتقىقات جەمئىيىتى تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماكا چېكىشHDL نى %6 ئەتراپىدا ئازايتىدىكەن، ھەمدە تاماكىنى قانچە كۆپ چەكسە، بۇ سانلىق قىممەتنىڭ چۈشۈش دائىرىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پاسسىپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭمۇ HDL قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. شۇڭا AHAنىڭ قارىشىچە، تاماكا پاسسىپ تاماكا چەككۈچىلەردىمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يىلدا مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشلەر مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
8.كۆكسى-قارنى كەڭ بولۇش.
كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتلىشىچە، روھىي بېسىم يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىدىكەن. ئامېرىكا ئوخىئو شتاتلىق ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچى ئوبيېكتلار ئىچىدە، ھە دېسىلا ئاچچىقلىنىدىغان ياكى خاپا بولۇپ يۈرىدىغانلارنىڭ قېنىدىكى LDL كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن. ئەكسىچە، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەشنى بىلگەن ھەمدە مەلۇم ئەھۋاللاردا كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتىدىغانلارنىڭ قېنىدىكى LDL ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن %10 تۆۋەن بولغان.
9.بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش.
AHAنىڭ باياناتچىسى دوكتور لېد بېرگىرنىڭ ئېيتىشىچە، يالغۇز يېمەك-ئىچمەككە تايىنىپ HDL نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى قىيىن بولۇپ، ئەمما بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى بىرلەشتۇرگەندە، مەسىلىنى بىردىنلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەن چېنىقتۇرغاندا ترى گلىتسېرىد باشقا بىر خىل قان يېغى بولۇپ،، ئۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ترى گلىتسېرىد ھەيز توختىغاندىن كېينكى ئاياللارنىڭ قېنىدا ياش ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا %85 يۇقىرى بولىدىكەن، بىراق چېنىققاندىن كېيىن، قاندىكى ياغ كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىكەن.
10. ۋىتامىندىن پايدىلىنىش.
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، LDL ئوكسىدلانغاندىن كېيىن، ئارتېرىيىنىڭ قان نۆكچىسىدىن توسۇلۇشىنى تېخىمۇ ئاسان پەيدا قىلىدىكەن. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولغا ئىگە ۋىتامىن، يەنى ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ھەقىقەتەن تۆۋەنلىتەلەيدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ قارىشىچە، كۈندە ۋىتامىن س، ۋىتامىن ې ۋە كاروتىن قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بەرەندە، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا زور پايدىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا HDL بەك تۆۋەن ياكى ترى گلىتسېرىد بەك يۇقىرى بولغاندا، نىكوتىن كىسلاتاسىنى ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ بەلگىلىك ئەكىس تەسىرى بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.
نۆۋەتتە دادۇر تۈرىدىكى يېمەكلىلەر ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناۋاتقاچقا،«21 -ئەسىردىكى ۋىتامىن» دەپ ئاتىلىپ، كىشلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئامېرىكا «يېڭى ئېنگلاند تېببىي ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۈندە ئۈچ-تۆت قوشۇق دادۇر ئاقسىلىنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، HDL نى %13، ترى گلىتسېرىدنى %10 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئامال بار مۇشۇ خىل ئەرزان باھالىق «ۋىتامىن» يېمەكلىكىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: ياخشى دوختۇر-يەنىلا ئۆزىڭىز(كىتاپ)
Tags:
بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى