دورىلار خەزىنىسى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاسپىرىن ۋە "بىمارغا خاس" مېدىتسىنا

ئاسپىرىن ۋە "بىمارغا خاس" مېدىتسىنا

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 1725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاسپىرىن ۋە "بىمارغا خاس" مېدىتسىنا

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە


ئاسپىرىنغا ئوخشاش كونا دورىلارنىڭ يېڭى ئىشلىتىشلىرىنىڭ بايقىلىۋاتقانلىقى مېنى خىلىلا ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاسپىرىننىڭ ئاكتىپ مېتابولىتى بولغان سالىتسىلىك كىسلاتاسى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، قەدىمى مسىرلىقلار ۋە گىرىكلار قىزىتما، باش ئاغرىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش ئۈچۈن سالىتسىلىك كىسلاتاسى مول بولغان سۆگەت دەرىخىنىڭ قوۋزىخى ياكى باشقا قىسىملىرىنى چاي سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپىنچىڭلار بىلگىنىدەك تۆۋەن مىقداردىكى ئاسپىرىن يۈرەك تىقىلمىسى ۋە مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئاسپىرىن ھازىر يۈرەك تىقىلمىسى بولغان ياكى يۇقىرى خەتەر ئىچىدە تۇرۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن كۈندىلىك داۋالاش سۈپىتىدە رىتسىپ يېزىپ بېرىلىدىغان دورا. ئەمما ئۇنىڭ رولى شۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ. ئالىملار نۆۋەتتە بۇ كۆپ مەسىلىنى ھەل قىلغۇچى دورىنىڭ راكنى كونتىرول قىلىشتا رولى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە.

يېقىنقى كىلىنىكىلىق سىناقلاردا، تەتقىقاتچىلار ئاسپىرىننى ئامېرىكىدىكى 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ ئۆلۈم تەھدىتى ئېغىر راك بولغان چوڭ ئۈچەي راكىنى داۋالاشتا سىناق قىلماقتا. يېقىندا، NIH (دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى) تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشكەن بوستوندىكى تەتقىقاتچىلار ئاسپىرىننىڭ چوڭ ئۈچەي راكى بىلەن دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ھايات قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بېراق، 21-ئەسىردە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نۇقتا بۇ يەردە: ئاسپىرىن 15-20% PIK3CA توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنىنى ئېلىپ يۈرىدىغان راك بىمارلىرىدا ئۈنۈم كۆرسەتكەن.

"يېڭى ئىنگلاند مېدىتسىنا ئىلمىي ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان بىر يېڭى تەتقىقات چوڭ ئۈچەي راكى بىلەن دىئاگنوز قويۇلغان 964 نەپەر بىمار ئۈستىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسمە DNA سى ئانالىز قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار يەنە قايسى بىمارلارنىڭ ئاسپىرىن ئىچىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. راك كېسىلى بىلەن دىئاگنوز قويۇلۇپ بەش يىلدىن كېيىن،  PIK3CA توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنىنى ئېلىپ يۈرىدىغان راك بىمارلىرى ئىچىدىكى ئاسپىرىن ئىچكەنلەرنىڭ ھايات قىلىش نېسبىتى 97% بولۇپ، ئاسپىرىن ئىچمىگەن ئوخشاش تۈردىكى بىمارلارنىڭ ھايات قىلىش نېسبىتى ئاران 74% بولغان.

كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئاسپىرىن  PIK3CA گېنىنىڭ نورمال نۇسخىسىنى ئېلىپ يۈرىدىغان راك بىمارلىرىدا ھېچقانداق ئۈنۈم كۆرسەتمىگەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ تەتقىقاتچىلار  PIK3CA گېنىنىڭ توساتتىن ئۆزگەرگەن نۇسخىسى ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ پروگراممىلىق ئۆلۈشتىن ساقلاپ ۋە زىيادە بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ تىزدىن ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ پەرەز قىلىدۇ. ئۇلار ئاسپىرىن قانداقتۇر يوللار بىلەن بۇ خىل تەسىرنى توسۇپ قالىدۇ ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ.

ئەگەر بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى تەكرارلانسا، دوختۇرلار  PIK3CA توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنىنى ئېلىپ يۈرىدىغان راك بىمارلىرىنى تاللاپ ياكى شۇ خىل گېن ئۆزگىرىشىنى بىئولوگىيىلىك بەلگە قاتارىدا ئىشلىتىپ ئاسپىرىن ئىچىشتىن مەنپەئەتلىنىدىغان چوڭ ئۈچەي راكى بىمارلىرىنى ئايرىپ چىقالايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن كۆرە، ئاسپىرىننى ھەممە بىمارلارغا تەۋسىيە قىلسىلا تۈگىمىدىمۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنداق قىلغاندا ئاسپىرىن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى بولغاچقا، ئۇنداق قىلغاندا ئاسپىرىننىڭ خەتىرى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

بىر كىشىنىڭ گېنىتىكىلىق ئارخىپىغا ئاساسەن شۇ كىشىگە نەق ماس كىلىدىغان دورىلارنى تاللاپ چىقىش ياكى شەخسىيىلەشتۈرۈش دورا گېنومىكىسى دەپ ئاتىلىد. بۇ يېڭى ساھە ئېنىقلا تىز راۋاجلانماقتا ھەم ھازىرقى ئاسپىرىن ياكى باشقا دورىلارنى "ھەممىگە ماس" دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ خىل ئۇسۇل يەنە "بىمارغا خاس" داۋالاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، چوڭ ئۈچەي راكى ۋە باشقا كۆپ خىل كېسەللىكلەر ئۈچۈن، بۇ يېڭى ساھە پەقەت سىز ئۈچۈن ئەڭ ماس كىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئىلگىرىكى پادىشاھلارمۇ بەھرىمان بولالمايدىغان ئالاھىدە ئىمتىياز دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ!

مەنبەلەر:

[1] Aspirin use, tumor PIK3CA mutation, and colorectal-cancer survival. Liao X, et al. N Engl J Med. 2012 Oct 25;367(17):1596-606.

بايانات

دورىلار يانبىلوگىغا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلار ئەڭ ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى قىلىشقا بولمايدۇ! كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك! دورىلار ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋېلىشنى ئونۇتماڭ، ئىزدەش نامى: dorilar

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى