نېمە ئۈچۈن ئازراقلا قىزىپ قالسا قىزىتما ياندۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىشكە بولمايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 1746 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن ئازراقلا قىزىپ قالسا قىزىتما ياندۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىشكە بولمايدۇ؟
قىزىش يەنە قىزىتمىسى ئۆرلەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كېسەللىك ئەمەس، بەلكى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. بەدەندە مەلۇم خىل رېئاكسىيە يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن ياكى باكتېرىيە، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئازراقلا قىزىپ قالسا، دەرھال قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىچكەندە، كېسەللىك ئەھۋالى يوشۇرۇنۇپ قېلىپ، دىياگنوز قويۇش تەسكە توختايدۇ. يەنە بىر سەۋەب، قىزىش ئادەم بەدىنىنىڭ قوغدىنىش خاراكتېرلىك ئىنكاسى بولۇپ، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا زىيانلىق. چۈنكى ئورگانىزم قىزىغاندا بەدەندىكى ئانتىتېلانىڭ مىقدارى ئاشىدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش رولى ۋە جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى يوقىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئازراقلا قىزىپ قالسا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئاۋۋال ئۆزى ئەھۋالغا قاراش ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا دېئاگنوزغا ئاساسەن، ئاندىن دورا ئىشلىتىش لازىم. ئەگەر قىزىتمىسى يۇقىرى بولمىسا، مەسىلەن: بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃38 تىن تۆۋەن بولسا، پەقەت قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىنسا ۋە ئوزۇقلىنىش كۈچەيتىلسە، قىزىتما ياندۇرىدىغان دورا ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئەمما قىزىتمىسى ℃39 تىن يۇقىرى بولسا ياكى قىزىش ۋاقىتى بەك ئۇزۇن بولسا، قىزىتما ياندۇرىدىغان دورا ئىشلىتىش لازىم.
مەنبە: «بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.